查看完整版本: [-- ئۆزقانغا ياردەم كېرەك ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ئۆزقانغا ياردەم كېرەك ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2012-06-04 13:06

ئۆزقانغا ياردەم كېرەك ...

دائىم مۇنداق بىر ئەندىشىدىلا يۈرۈيمەن ، ناھايىتى كۆپ ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى بالىلارنى تەربىيەلەش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بولسا ، ياخشى تەربيەلىيەلمەي قالىدۇ ... بۇنىڭدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش بولماس ، شۇنچە بالىنى تەربىيەلەپ ، ئۆز بالىىسنى تەربىيەلىيەلمەسلىك يەنىلا ، مەغلۇپ بولۇش جۈملىسىگە كىرىدۇ . +]aD^N9['  
  ھەر كۈنى كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمدا يەنە شۇنداق ئويلايمەن ، بالام ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈردۈم ؟ V}3~7(   
ئەمما ، ھەممىلا ئىشتىن  مەھرۇم بولغۇم يوق ، مەنچە بىر ئەقىللىق ئاپا ، بىر تەدبىرلىك دادا خىزمەتنىمۇ ، بالا تەربىيەسىنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭالايدۇ . مېنىڭ شۇنداق ئەقىللىق ئاپا بولغۇم بار ... }W Bm%f  
  مۇنبەردە مەندەك ئويلايدىغان دادىلار ، ئاپىلار چوقۇم خېلى بار . شۇ مۇناسۋەت بىلەن تەۋپىق ئىنىمگە پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت بىر مەخسۇس سەھىپە ئاچايلى ، دەپ مەسلىھەت سالدىم . ئۇ قوللايدىغان بولدى . D*<8e?F  
كۆپچىلىكمۇ قوللىسىكەن دەيمەن . . . ,cl"1>lp  
  شۇڭا ، مېنىڭ ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقان تەرىپىم شۇكى ،  پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ياخشى تەجىربە - ساۋاقلىرىڭلارنى ئايىماي ، يوللىساڭلار . . K~9 jin  
قىزىم  2 ياشقا كىردى ، ھازىر تەربىيەنىڭ تازا ھالقىلىق پەيتى . P^o"PKA  
« ئۆگىنىش ئىنقىلابى » ناملىق كتابتا بالىلارغا ئالتە ياش ئىچىدە بېرىلگەن تەربىيە ئۇلار ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك تەربىيەگە ئاساس بولىدۇ . بۇ مەزگىل ھەر قانداق مەزگىلدىن مۇھىم دېيىلگەن ... tL|L"t_5x  
  مەن بۇ ئالتۇندەك مەزگىلدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك ؟ d3\l9R{}  
مۇنبەرداشلاردىن ئەقىل، تەجىربە سورايمەن ... oG U.U9~!  
ek_i{'hFd  
مەن تۈنۈگۈن بىر بالىلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە كىردىم ، ئۇلار ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ تەربىيەلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغان يەسلىدىن بۇرۇنقى تەربىيە مەكتىپى ئاچقانكەن . سەكسەن مىنۇتلۇق تەربىيە ئۈچۈن 90 يۈئەن پۇل ئالدىكەن . تەربىيەدە ئاتا -ئانا بالا بىلەن بىرگە بولىدىكەن . ھەر بىر ئۆيىنى كۆرۈپ نېمە ئشىلانى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆرۈپ چىقتىم . $4fjSSB~  
ئۇلار خىلمۇ-خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىىنى ئاچىدىغان ، مۇستەقىلىققىنى يېتىلدۈرۈىدىغان ، سەۋىرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈىدىغان ، قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىدىغان ، مۇزىكا ، قول سېلىپ ئىشلەش ، تىل مەشىقى ، مۇستەقىللىق مەشىقلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچۈن بالىلغا يول ئاچىدىغان خىلمۇ-خىل پىلانلارنى قۇرغانكەن . ئەمما ، بۇ جايدا پۈتۈنلەي خەنزۇ مۇئەللىملەر دەرس ئۆتۈدىكەن ، قىزىمنىڭ تىلىنىڭ خەنزۇچە چىقىپ قېلىشىىدىن ، ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ جايدا تەربىيەلەشكە جۈرئەت قىلالمىدىم ... )l/C_WEK  
  تەۋپىق تەربىيەلەش مەزكىزىمىزدە تەجىربىلىك مۇئەللىملەرنىڭ بارلىقىغا ئشىىنىمەن . . . }9fV[zO  
Yc( )'6  
مەن ھازىرچە تۆۋەندىكىدەك پىلان تۈزۈپ چىقتىم : |Z +E( F  
}F9?*2\/  
1. ھەر كۈنى ۋاقىت بەلگىلەپ مۇزىكا ئاڭلىتىش .   .<|4PG  
-O,O 
2. ئېلىپبە پىلاستىنكىسىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم قويۇپ بېرىش . ھەرپلەرنى كارتىلاشتۇرۇپ ، كارتا ئويناتقۇزۇش . Y3F.hk}O  
97@?Q I}  
3. ھەر كۈنى بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىش . Ab|NjY:  
)^a#Xn3z  
4. قايچىدا شەكىللەرنى كەستۈرۈش . 7=[O6<+o  
Gt * 
5. رەسىم سىزدۇرۇشقا ئاساس سېلىش . i /U{dzZ  
74N\G1  
6. ياغاچ ئويۇچۇقلارنى تىزدۇرۇش . h]z|OhG  
%3B>1h9N  
7. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆگىتىش . ( چوكا ، قوشۇقلارنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىش ، ئايىقىن سۈرتكۈزۈش ، شىرە سۈرۈتكۈزۈش ..) RJm8K,3#  
?26[%%  
8 . شېئىر ئوقۇپ بېرىش . ju 6_L<  
xqZ%c/I3q  
9 . ئۆمىلتىش ، جايىدا پىرقىلىتىش ، سەكرىتىش ، ئۇسۇل ئوينىتىش . X-WvKH(=w  
+Rd{ ?)2~  
10 . سۈنئىي لايدىن شەكىللەرنى ياستىش 7!r`DZ"yF  
FCAu%lvZT  
11 . پۇرچاق تەرگۈزۈش ، قولىنى كۆپ ئىشلىتىشكە يېتەكلەش . '0?E|B]Cp%  
=jHy6)6w  
بۇلار مېنىڭ دەسلەپكى لايىھەم ، بەلكىم مۇۋاپىق بولمىغانلىرى باردۇر . بەلكىم مەن يەنە ئويلىىيالمىغان ، قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار باردۇر ... \OB3gnR  
t)+dW~g  
كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .. <:o><f+  
9_$Odc%]  
IA!Kp g W  
- d6>  
تۆۋەندىكىلەر كارىل ۋىرتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت  قاراشلىرىكەن ، كىتابنى قايتا ئوقۇغاچ ، يوللاپ قويدۇم . }(6k7{,Gw,  
%m`QnRX?D  
Uk4">]oct  
v8[1E>&vx  
ھەر بىر بالا ئوخشاشلا بىر تالانت ئىگىسىدۇر . `Ea3z~<7M  
1g+<`1=KT  
مۇستەقىللىق تەربىيىسى بارلىق تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى . Tc :`TE=2  
he #iWD'  
ماختاش _ تالانتلىقلارنىڭ تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى . xh$[E&2u  
4(]k=c1<  
قىزغىنلىق ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈش بىر بالا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . ewY X\  
)C[8#Q-:  
ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنى ئەتراپلىق يېتىلگەن بىر بالا قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ .  ar yr  
R\^t r  
تەلىم - تەربىيەنىڭ يۈكسەك نىشانى __ ئىقتىدار ، قابىليەت يېتىلدۈرۈشتۇر . 5ym =2U  
Ty m!7H2  
پۇل تەربىيىسى ئىجتىمائىي تەربىيىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى . Yi:+,-Fso  
3HD=)k  
ئوڭۇشسىلىق ئارقىلىق بالىلارنى تەربىيەلەش بالا تەربىيەسىدىكى ھالقىلىق ۋاقىت . uAP|ASH9T  
OP@PB|  
ئاتا- ئانىنىڭ پوزۇتسىيەسى بالىنىڭ ئىستىقبالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . u}$?r\H'(  
^U52 *6  
مۇككەممەل كىشىلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈش بالا تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا . WVV qH_  
u+*CpKR}  
ئاتا-ئانىنىڭ ئىشەنچى بالىلارنىڭ ئىشەنچىنى يېتىلدۈرىدۇ . بۇلار بىرىككەن ۋاقىتتا بىر تالانت ئىگىسىى ئۆسۈپ يېتىلشكە باشلايدۇ . [mhY_ Hmz]  
b3Do{1BV  
bz@4obRqf  
ئۇيغۇرچە مۇھىتتىكى بالا تەربىيەسىدە چوقۇم ئۈلگىلىك ئۇسۇللار بار ، كۆپچىلىك بىرلىكتە مۇشۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى توپلاپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن  . TO QvZ?_  
"UE'd Wz  
كۆپچىلىك ئاددىي دەپ قارىماي ، ئىنچىكە ، كونكىرت بولغان ئۇسۇللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار ... )UWE.o BI  
سىلەردىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم .  پىكرىڭلارنى كۈتىمەن .

akida228 2012-06-04 19:07
ئۆزقان، سىز ئۇزۇندىن بۇيان مېنى تىت-تىت قىلىۋاتقان مەسلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپسىز ، ھەقىقەتەن ئۆز بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلىمىسەك يەنىلا ئۆز قولىمىز بىلەن جەمئىيەتكە بىر ساپاسىز ، كېرەكسىز داشقالنى سوۋغا قىلىمىز .بۇ بىر مائارىپچى ئۈچۈن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق .... شۇڭا بالىلارنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز بالىلىرىمىزنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك . بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر ، سىزنى قوللايمىز ، بارلىق مۇنبەرداشلار سىزنى قوللايدۇ

uzqak 2012-06-04 20:01
ئالدى بىلەن كىچىك مەلىكىڭىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولىشىغا تىلەكداشمەن، ياخشى پىلان تۈزۈپسىز .ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن لاياقەتلىك ئانا بولۇشنى تەڭلا ئورۇنلاش ۋەزىپىسى بەك تەس شۇنداقتىمۇ تىرىشمىساق بولمايدۇ .سىزنىڭ پىلانىڭىزدىن بەكلا سۈيۈندۈم . ئانا بولۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن ھېچقانداق تەييارلىقسىز ئانا بولۇشنىڭ پەرقى چوڭ . ئىسىمدە قىلىشىچە ئوغلۇم سۇباتجانغا ئۈچ ياشتىن باشلاپ كۈندە خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە بالىلار قوشىقى ياتلاتقان ئىدىم . سەۋەبى بۇ مەكتەپكە كېلىپ خەنزۇچىدا بەك قىيلانغىنىمدىن بولغان . ئوغلۇمنىڭ ئويغۇرچە سىنىپتا ئوقۇسىمۇ كىيىنچە ناھىيە بويىچە ئۆتكىزىلگەن پائالىيەتلەرگە خەنزۇ تىلىدا راۋان رىياسەتچىلىك قىلالىشىنى، ۋە يىقىندا يازغان قوشاق ۋە مەسەللىرىنىڭ باللار پىراگگىراممىسىدا (رادىيولدا ) ئاڭلىتىلىشىنى مۇشۇ يېتەكلىنمىنىڭ رولىمىكىن دىدىم. ئۇندىن باشقا  ئۇنى داۋاملىق كىتابخانىغا ئېلىپ باراتتىم . قايسى شەھەرگە بارسام ئالدى بىلەن كىتابخانىغا ئېلىپ بارىمەن. ئاندىن ئۆيىگە بىر ئۆگىنىش باغچىسى ياساپ (تامغا ) كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەرنى چاپلاپ قايسى ئىشنى ياخشى قىلسا شۇ تۈرگە ئۆزىگە يۈلتۇز چاپلىتاتتتىم . بۇنىڭدا ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋىلىشنىڭ ئورنى يوق .ئاكتىپلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە پايدىسى بار. .. ئەڭ مۇھىمى ئىزچىللىقنى ساقلاشكەن. 9 ياشتىن باشلاپ بۇ ئىشلار ئادىتىگە ئايلانغاندىن كېيىن ھازىر بىر ھەپتىدە بىر قىتىم ھەپتىلىك پائالىيىتىدىن خۇلاسە چىقىرىمەن. ئەڭ مۇھىمى يازلىق تەتىلدە چوڭلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئىتىزدا ئانچە -مۇنچە  ئىشلەش بىلەن بىرگە زۆرۈر بولغان « روھ » تەربىيىسىنى چوڭلاردىن ئالىدۇ....  ماڭا دارۋىن توغۇرسىدا يېزىلغان بىر ئەسەر قاتتىق تەسىر قىلغان . ئۇ ئۈمۈرىنىڭ ئاخىرىدا قاتتىق ئۆكۈنىش ئىچىدە ؛« مەن 6 كالۋانى بۇ دۇنياغا تاشلاپ قويدۇم » دېگەن. بالىنىڭ تەغدىرىنى بىز بەلگىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىمىز ئىنىق لېكىن چۇقۇم بالا تەربىيلەشكە كۈچ چىقارمىساق بولمايدۇ .باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساق. ..ياخشى بىر تېمىغا يول ئاچقانلىقىڭىزغا رەخمەت!

akkax 2012-06-04 22:42
ئۆزقان مۇئەللىم بىر كۆيۈمچان ئانا ھەم بىر ئەستايىدىل، سەۋرچان ، تەلەپچان ئوقۇتقۇچى ئىكەن . ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. yt$V<8a  
  مەن پەقەت تەربىيىنى ياشقا قاراپ بېرىشڭىزنى، ھەمدە پەرزەنتىڭىزگە چوقۇم مېھىر - مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلدۇرغان ئاساستا تەربىيە بېرىشىڭىزنىڭ  دېققەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك تەرەپ ئىكەنلىنى ئيتسام چوقۇم كۈلىدىغانلار چىقىدۇ. بىراق بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس . oMcX{v^"  
ئاققاشلىق ئەمەس، ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم.

koksangun 2012-06-04 23:15
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ئۆزقان . كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى كۈڭۈلدىكىدەك تەربىيىلەنمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ . شۇڭا سىزنىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ ، تەۋپىق مۇنبىرىدە بۇنداق بىر پائالىيەت خاراكتېرىدىكى تېمىنى يوللاپ بىزنى بۇ ئىشقا ئىختىيارسىز جەلپ قىلىشىڭىز سىزنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ . سىزدىن ھەممە ئاتا - ئانا بولغۇچى مىننەتدار بولغۇسى . J7$5<  
ئىشىنىمىزكى تەۋپىق ئەھلى بۇ تېمىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ پىسخىكىمىزغا ، مۇھىتىمىزغا ماس كېلىدىغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى بۇ تېما ئاستىغا يوللايدۇ . ھەممەيلەننىڭ بۇ تېمىدىن بەھىرلىنىدىغىنىمىز ئېنىق ...

تۆتتاش 2012-06-04 23:31
تۈزۈپ چىققان پىلانلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ،بىراق...........سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ جىچلىقى،بالىنىڭ كىچىكلىگى سەۋەبىدىن 11 تۈرلۈك پىلانىڭىزنى ئىككىگە بۈلۈپ ھەر بىر پىلاننى 15 كۈن داۋاملاشتۇرۇڭ،تەخمىنەن 2 ئايدىن كىيىن يەنە باشقىچە ئىلگىركىدىن بىر قەدەر قىيىنراق ھەركەت لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىڭ،ئىشىنىمەنكى چۇقۇم بەلگىلىك ئىجابى ئۈنۈم يارىتالايسىز.

tursun 2012-06-05 10:00
ئائىلە تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول 0 ; M+8  
تەلىم–تەربىيە : D\bW' k]!  
1. ھەركۈنى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ، بالىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. Xq 1n1_Z  
2. ئائىلدە بالىڭىزغا مەدەنىي سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ. O\-cLI

 
3. بالىڭىزدا تازلىققا رىئايە قىلدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. /k l0(='  
4. بالىڭىزنىڭ پىكىرىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ. 8J7 xs6@  
5. بالىڭىزغا نەسىھەت قىلغاندا، ئۇنىڭ ئەيىۋىنى ئاچماڭ. z 
6. خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. YR= 
7. بالىڭىزئالدىدا چىرايىڭىزنى تۈرۈۋالماڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈلۈڭ. 1}}.e^Tsfr  
8. بالىڭىزغا سەۋرچانلىق بىلەن ھىكايە سۆزلەپ بېرىڭ. k^:$ETW2 D  
9. ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان غايىسىنى بالىڭىزغا تاڭماڭ. C7[_#1Oz  
10. بالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئەمما مۇۋاپىق ۋاقىتتاجازالاشنى، كەمچىللىكىگە يول قويماسلىقنى بىلىڭ. k9vr6We'  
11. تەربىيە بەرگەندە داۋلى سۆزلەشنىلا ئاساس قىلىۋالماي، مۇۋاپىق ھالدا قاتتىق ۋاستە قوللىنىشنىمۇ بىلىڭ. 4L85~l  
12. بالىنىڭ ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت ئاز دىگەندە بىردىن مەسلىنى ئويلىنىڭ. . p^='Kz?  
13. بالىلارغا گۈزەل-سەنئەت تەربىيىسى بېرىش، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى، قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش، ھېس-تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ناھايىتى پايدىلىق. v7&e,:r2E@  
14. بالىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇش تەربىيلەشكە پايدىسىز. [=z1~dXKb  
15.بالىنى ئاق كۆڭۈل قىلىپ تەربىلەش مۇھىم. ID & Iz  
16.بالىغا تۇرمۇشقا ، ھاياتقا كۈلۈمسىرەپ قاراشنى ئۆگىتىش كېرەك. R]VY PNns  
17.بالىڭىزغاخالىغانچە ۋەدە بەرمەڭ، ۋەدە قىلغان ئىشىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ. QZ$94XLI  
18.بالىڭىزنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئويلىرىغا قارىتا، بالىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىڭ. p+ SFeUp  
19.بالىڭىزغاچوقۇم مۇۋاپىق بوشلۇق ۋە ئەركىنلىك بېرىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسولىيەتچان قىلىپ تەربىلەڭ. c9/w-u~j  
20.بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئوماق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. GM U.Kt  
21.بالىڭىزنى ھەرگىز باشقا بالىلاردىن ناچار دىمەڭ. :{pvA;f  
22.بالىڭىزنى سەۋەپسىز تىللىماڭ ۋە جازالىماڭ. y:WRpCZoa  
23.بالىڭىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئىمكانقەدەر ئۇنى مەدھىلەشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى ئىزدەڭ. _6Wz1.]n  
24.بالىڭىزنى قورقۇتماڭ ، بالىڭىزنىڭ قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. $6}siU7s4  
25.باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى تەنقىدلىمەڭ ، مەسخىرە قىلماڭ. 2 hdi)C,7Y  
26.بالىڭىزغا زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماڭ. BoYWx^VHx^  
27.بالىڭىزنى زىيادە ماختىماڭ. $%ZEP> ]  
28.بالىڭىزغا ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا يامان ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. uNZJNrV%  
29.بالىڭىزنىڭ قەلبىدىكى چوقۇنغۇچىسىنى توغرا تاللاتقۇزۇڭ. 8.HqQ:?&2t  
ئۆسۈپ–يىتىلىش باسقۇچى |VbF&*v`  
1. بالىڭىزغاشەخسىي بوشلۇق بېرىڭ. Zm& X $U  
2. بالىڭىزغا تاللاش پۇرسىتى ۋە مۇۋاپىق ھوقۇق بېرىڭ. "gjy+eosY  
3 . بالىڭىزنىڭ دوست تاللاش ئەركىنلىكى بېرىڭ. دوستلىرىنى ئىختىيارى تاللىشىغا يول قويۇڭ. ]n1@!qa48  
4. بالىڭىزنىڭ ئۆزى خالىغان مەلۇم ئىشلىرىنى قىلىشىغا يول قويۇڭ. ))V)]+  
5. بالىڭىزنىڭ قولىدىن كېلدىغان ئىشلارنى مۇۋاپىق قىلدۇرۇڭ، ئۇلارغا ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. w^EAk(77  
6. بالىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. \E1[ /  
7. بالىڭىزغاچوڭلارغا ئوخشاش دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ. 4 
8. بالىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئىلگىرلىشىنىمۇ بايقاڭ ۋە ھوزۇرلۇنۇڭ.  +LeZjA[  
9. بالىڭىزغا دائىم ‹‹سىز بەك ئوماق، مەن سىزگە بەك ئامراق›› دىگەندەك سۆزلەرنى دەپ تۇرۇڭ. |1C=Ow*"  
10. بالىڭىزنى دائىم ئەركىلىتىڭ ، ئۇنىڭغابولغان مۇھەببىتىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ. nylrF"'e  
11. بالىڭىز ھەر ۋاقىت ئۆزىدىكى ئىلگىرلەشنى ھېس قىلسۇن. INqD(EG   
12. بالىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىڭ ، ئۇنى چۈشىنىشكەتىرىشىڭ . b$\3Y'":  
13. بالىڭىزنى ھەرگىز دۆت دىمەڭ. 0m k-o  
14. بالىڭىزنىڭ كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ . >KX Sb@  
15. بالىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ماختاڭ. 60p*$Vqy  
16. بالىڭىزغا تەڭ قۇرداشلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىڭ. S_?{ <{  
17. بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ . zMlW)NB'  
18. ئاۋال ياخشى ئادەم بولۇش، ئاندىن ئىقتىساس ئىگىسى بولۇش دىگەننى ئۇنتۇپ قالماڭ. {]Tb  
19. تۇرمۇشتىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنى بالىڭىزبىلەن بىرگە ھەل قىلىڭ. S%J$.ge  
20. بالىڭىزنى چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇڭ. USBU?WDt  
21. بالىڭىزنىڭ دوستلىرىنى چۈشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم.   
تۇرمۇش ^APPWQUl  
1.بالىڭىزغاپۇل بېرىپ ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئۆگىتىڭ. ^yLiyRe\  
2.بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز كۈندىلىك خاتىرسى ۋە باشقا خەت چەكلىرىنى كۆرمەڭ. O#[+= ^  
3.دائىم بالىڭىز بىلەن شەھەر سىرتلىرىغا چىقىڭ. |ci1P[y  
4.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا ھىكايە ئېيتىپ بېرىڭ. j;%RV)e  
5.بالىڭىزغا مەخسۇس ئايرىمخانا قىلىپ بېرىڭ. WGy3SV )  
6.شارائىت يار بەرسە ئاخشىمى تاماقتىن كېيىن بالىڭىز بىلەن بىرگە سەيلە قىلىڭ. Wk3R6 V  
7.بالىڭىز بىلەن بىرگە خوشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇڭ. h$\+r<  
8.بالىڭىزغا كۈلۈپ بېقىڭ. H|V q  
9.بالىڭىزنىڭ ئوخشىمىغان مەدىنيەت قاتلىمىدىكى بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ. NR98I7  
10.بالىڭىزنىڭھەر خىل ياش قورامىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ. e* 2ay1c  
11.بالىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىڭ. XLG6f(B=F  
12.ھەر كۈنى سەھەردە بالىڭىز بىلەن سالاملىشىڭ، ئۇنىڭغا گۈزەل بىر كۈننىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. 1rhEk|pGZ  
13.بالىڭىزغاسۇ ئۈزۈش ، ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۈگىتىڭ. =^nb-9.  
14.ئەر-ئاياللارنىڭ تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى بالىلار كۆرۈپ قالمىسۇن. *^h$% 
15.ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ بالىڭىزنى كۆرگەندە ئاۋال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : « سىز بۈگۈن خوشالمۇ؟ »دەڭ. ]J`yh$a  
16.بالىڭىزغاماددىي مىراس قالدۇرماستىن ، ئۇنىڭغا ساغلام بەدەن، ساغلام پىسخىكا، خوشال ھايات تەقدىم ئېتىڭ. FrPpRe%!  
17.بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى ۋە ھەركەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۈڭ.  G{4~{{tI  
18.پەقەت ئىجادچانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۇلارنىڭ ئۆينى قالايمىقان قىلغىنىنى ئەيىپلىمەڭ. >pS @;t'  
19.ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئائىلە مىھرىبانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى ،ئۇلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم. SL( WE=H  
20.ئاتا-ئانىلارئۆز-ئارا بىر بىرىنى كەچۈرۈش ۋە يول قويۇشنى بىلىشى كېرەك. Py}`k1t*f  
21.بالىڭىزغا« ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ قىل » دەپ تۇرۇۋالماڭ. بالىڭىزدا ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئادىتى يېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ. >n`!S`)9{  
22.بالىڭىزغاھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلماڭ، تەڭ قۇرداشلىرى بىلەن ئارلىشىشىغا يول قويۇڭ، جىمخورلۇق، يالغۇزلۇقنى خالاش خاراكتىرنىڭ يېتىلىشىدىن ساقلىنىڭ. !a(#G7zA  
23 . بالىڭىز نىمىنى دىسە شۇنى قىلىپ بەرمەڭ . ئۇنىڭغا ئەمگەك بىلەن نەتىجە ، ھوقوق بىلەن مەجبورىيەت مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈڭ. >Ei-Spy>Xl  
24.بالىغا بولغان مۇھەببىتىڭىز تۇراقلىق بولسۇن. بىردەئۇچۇق بىردە تۇتۇق مۇئامىلە قىلماڭ. \|OW`7Q)k  
ئۆگىنىش قىسمى %Pz'D6 /  
1. بالىڭىز بىلەن بىرگە كىتاپ ئوقۇڭ . ئائىلە باشلىقى گېزىت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. Sk'S`vH  
2. بالىڭىز ئۆگىنىش قىلغاندا ئۆيدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلماڭ. بالىڭىزغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ. <G5d{rKZ  
3. بالىڭىز ئۆگىنىشنى خالىمىغان نەرسىنى ئۆگىنىشكە مەجبورلىماڭ. z x7fRd$  
4. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى دەپ بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ. {x $h K98  
5. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولسا ، بالىڭىزنى « كارغا كەلمەس » دىمەڭ. +m> %(?=A  
6. بالىڭىزغا ئۇتۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىڭ. Zcaec#  
7.بالىڭىزغا ياخشى كىتاپلارنى ئوقۇش تەربىيىسى بېرىڭ. :RJ=f  
8.بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىزنى ئىپادىلەپ قويماڭ. ews4qP  
9. بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ، تۈۋەن بولۇش سەۋەبىنى ئانالىز قىلىڭ. ئۆزىڭىزدە مەسئۇلىيەت بارمۇ - يوق، ئويلىنىڭ. EF7Y4lp  
10. بالىڭىزنىڭ ھوجرىسىدا كىتاپ ئۈستىلى بولسۇن، ئۈستەل ئۈستىدە بالىڭىز ياقتۇردىغان كىتاپلار بولسۇن. g;bfi{8s _  
11. بالىڭىز بىلەن بىرگە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كارتۇن فىلىملەرنى كۆرۈڭ. ls(lL\  
12. بالىڭىز بىلەن بىرگە ئويناڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇڭ. `iX~cUQ  
13. بالىڭىزنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقتىنى تىزگىنلەڭ. ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچەبولسۇن. Us4ijR d  
14. بالىڭىزغا كۆپرەك بالىلار پىروگىراممىسىنى كۆرسىتىڭ.  
15. بالىلار تېلېۋىزور كۆرگەندە ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇڭ. كۆرگەن فىلىملەرگە قارىتا چۈشەندۈرۈش ۋەمۇزاكىرە ئېلىپ بېرىڭ. Gw"H#9J} T  
16. ئەتىيازدا بالىڭىز بىلەن بىرگە ۋېلىسپىتلىك شەھەر ئەتراپىغا سەيلىگە چىقىڭ، يازدا سۇ چۆمۈلگىلى بېرىڭ. dS7?[[pg9  
17. كۈزدە بالىڭىز بىلەن بىرگە دالا تامىقى يەڭ. قىش كۈنلىرى بىرگە قار ئويناڭ. mk)F3[ ke  
18. بالىڭىزنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىشىغا يول قويۇڭ. F_m[EB  
19. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى مېھمان بولۇپ كەلگەندە قارشى ئېلىڭ. VEolyPcsg&  
20. بالىڭىز بىلەن بىرگە شاھمات ئويناڭ، بەزىدە بالىڭىزغا ئۇتتۇرۇپ بېرىڭ.


tursun 2012-06-05 10:01
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 12 پىرىنسىپ gO0X- fN8  
1. تەۋەلىك پىرىنسىپى : بالىلارنىڭ ساغلام ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم . 7*bUy)UZ  
3},0b8};  
y.$/niQ%  
2. ئۈمىدۋارلىق پىرىنسىپى : بالىلارغا مەڭگۈ ئۈمىد بىلەن قاراش كىرەك . OK{_WTCe>  
Wb*A};wE  
3. كۈچ پىرىنسىپى : بالىلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالاشماسلىق كىرەك . 3)jFv7LAU  
@dl{ .,J  
4. باشقۇرۇش پىرىنسىپى : بالىلار قورامىغا يىتىشتىن ئىلگىرى بالىلارنى باشقۇرۇش ئاتا - ئانىنىڭ مەسئولىيىتى . i%jti6z$Hr  
4Wz@^7|V5  
5. ئاڭلاش پىرىنسىپى : بالىلارنىڭ پىكىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سىلىش كىرەك . DnbT 
]L/h,bVI1  
6. ئۈلگە پىرىنسىپى : سۆز - ھەركەتتە ئۈلگە بولۇش بالىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . -+^E5  
"E4;M/  
7. ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كىلىپ ، پەرقلەرنى ساقلاش پىرىنسىپى: بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ھۆرمەت قىلىش ، ئىمكانقەدەر ئۇلارنى چۈشىنىش كىرەك . ~p9nAACU  
a[ Pyxx_K  
8. جازالاش پىرىنسىپى : بۇ پىرىنسىپ ئاسانلا بىزارلىق ، ئۆچ ئىلىش پىسخىكىسنى پەيدا قىلىدۇ ، ئىشلىتىشتە ئىھتىياتجان بولۇش كىرەك .  T 06BrX  
p.(8ekh  
9. ئاقىۋەت پىرىنسىپى : بالىلارغا ئۆز قىلىمشى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئاقىۋەتنى چۈشەندۇرۈش كىرەك . Q\WH2CK  
:bJT2o[  
10. قۇرۇلما پىرىنسىپى : بالىلارنى قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ پەرقىنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش كىرەك . r_8[}|7;  
>Lv Q&fAo  
11. 20 يارد پىرىنسىپى : بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش ، بالىلاردىن ئەڭ ئاز بولغاندا 20 يارد(1 يارد =0.914 مېتىر) ئارلىق ساقلاش كىرەك . L>4!@L5)  
l~|x*JTq  
12. تۆت نۇقتا پىرىنسىپى : ھەر قانداق ۋاقىتتا بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىللە تۇرۋاتقانلىقىنى ، قەيەردىلىكىنى ، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ، ئۆيگە قاچان قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلىش كىرەك .

ablat0997 2012-06-05 11:31
ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتقان ياش ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن كۆپ پايدىسى بولغۇدەك.

danix 2012-06-05 11:36
      ئۆزقان سىزگە ئوخشاش ئەخلاقى - پەزىلەت ، ئىلمۇ - ھېكمەت ئىگىسى بولغان ، بارلىقىنى ئەۋلاد ۋە پەرزەنت تەربىيىسىگە بېغىشلىغان 9$]I3k  
ئانىلارنىڭ ئىللىق باغرى كەسپدىشىم ھەم ئەڭ يېقىن سۆھبەتدىشىم 3>Ne_kY  
گۈلخاننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ،  بالا ئۈچۈن مەڭگۈ ئادرىسى ئۆزگەرمەيدىغان جەننەت ! X\\c=[#8-  
   ئۆزقان سىزنىڭ بۇ يوللانمىڭىزدىن ئىككى ياشلىق ئوماق پەرىشتىڭىزنىڭ lCyBdY9n  
نەقەدەر بەختلىك ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئاجايىپ پارلاق كەلگۈسىسىنى Y~FN` =O  
كۆرگەندەك بولدۇم !

koksangun 2012-06-05 11:51
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ يوللىغان ھېكەتلىك تەربىيە ئۇسۇللىرى تولىمۇ ياخشىكەن، ساقلىۋالدىم ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە .

koksangun 2012-06-05 11:53
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەنلىك `~~.0QC  
  ئاتا- ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ، بالىنىڭ   تەغدىرىگە ئەڭ ئاۋال كۆڭۈل بۆلگۈچى ، ھەر قانداق  ئاتا- ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى     ئۈمۈت قىلىدۇ ، شۇ سەۋەپ بالىلىرىغا قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ . ئەگەر ئاتا – ئانىلار باللىرىنى تەربىيلەپ  قاتارغا قۇشۇش جەريانىدا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت  قىلمىغاندا ، تەربىيە ئەكس تەسىر كۆرسۈتۈپ ، ئۇلارنىڭ باللىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى يوققا چىقىپ قالىدۇ . تۆۋەندە ئۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن   ئورتاقلاشماقچى . 2q 4dCbJ!  
1. ھەددىدىن زىيادە ماختاش. بەك كۆپ ماختاش بالىنى چۈشەپ قۇيۇش بىلەن بىرگە ، بالىغا روھىي جەھەتتىن يۈك بولۇپ قالىدۇ . ئاتا- ئانىسىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالمىغاندا بالىدا   ناھايىتى ئوڭايلا ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ ، روھىي جەھەتتىن ئازاپلىنىدۇ . بالىلار بىرەر ئىشنى   قىلماقچى بولغاندا“ مەن ساڭا ئىشىنىمەن سەن چوقۇم  قىلالايسەن دىيىش “ نەتىجىسى چىقىپ بولغاندا “ قارا بۇ ئىشنى شۇنداق ياخشى قىلدىڭ “ دىيىش . لېكىن   مۇئەييەنلەشتۈرگەندە ياكى ئىلھام بەرگەندە  ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماختاشلاردىن ساقلىنىش . (x+C =1,  
   2 .كۆپ سوئال سوراش h'QEwW  
نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ، بالا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراپ ئۇنى زىرىكتۈرۋېتىدۇ ، مەسىلەن ؛«بۈگۈن مۇئەللىم سەندىن سوئال سورىدىمۇ ؟ ماتېماتىكا   دەرسىدە سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلىدىڭمۇ؟ كىملەر بىلەن بىللە ئوينىدىڭ ؟…» دېگەندەك . بۇنداق  سۇئاللار بالىدا بەزىدە بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ ،  مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىنىڭ ئۆز   ئەركىنلىكىگە قۇيۇپ بىر ئاز ئارام ئېلىش ۋە  ئوينىۋېلىشىغا يول قۇيۇش كېرەك . شۇنداق قىلغاندا  بالىنىڭ جىسمانىي كۈچى ئەسلىگە كېلىپ ئۈگىنىش قىزغىنلىغىنى ، ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . P#gY-k&Nr  
3. كۆپ بۇيرۇق قىلىش 8w 2$H  
«تاپشۇرىقىڭنى ئىشلە ، تېلېۋىزورنى ئۆچۈر،كىيمىڭنى پاسكىنا قىلىۋەتمە …» گە ئوخشاش بۇيرۇقلار بالىدا ئاسانلا ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالىدىغان قاشاڭلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بالىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ، ئۈگىنىش ئىقتىدارىغا  بولغان ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ ، ئۆزىنى مەڭگۈ چوڭ  بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ . ئاتا- ئانىلار  بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىش قىلىشىغا يول  قويۇشى كېرەك . mVSaC  
4 .زىيادە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش @bkZ< Gq  
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقدىدارى چەكلىك بولغاچقا ، يا ئۇنداق ، يا مۇنداق يىتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىپ تۇرىدۇ . ئاتا- ئانىلار بالىلارغا بەك قاتتىق تەلەپ قۇيۇۋالسا ، بالىنىڭ ئىززەت- نەپسىگە تېگىپ قۇيىدۇ ، بالىغا بىرەر نەرسىنى ئۈگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغاندا ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى سەۋىيىسى بىلەن ئۈگەنمەكچى بولغان نەرسىنىڭ پەرقىنى بەك چوڭ  قىلىۋەتمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئۈگىنىشنى خالىمايدىغان ، شۇنداقلا ئۇلاردا زىرىكىش، قارشىلىشىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ . بالا  بىرەر نەرسىنى قىلالماي مەغلۇپ بولغاندا ، دادىللىق بىلەن قايتا سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بالىنى   مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىلى ھەر خىل يوللارنى ،  ئىمكانىيەتلەرنى ئويلىشىشقا تەدرىجى ئادەتلەندۈرىشى  كېرەك . بالىلارنى خاتالىق ئۆتكۈزىشىگە يول   قۇيىشىمىز ، تەسەۋۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ، شۇنداقلا مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە بەل قۇيىۋەتمەيدىغان ، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھنى يىتىلدۈرىشىمىز لازىم :J 7p=sX  
    5. كۆپ ئەيىپلەش( ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىرش ، تىللاش ۋە مەسخىرە قىلىش ) بىرەر ئىشنى خاتا قىلغاندا ياكى نەتىجىسى تۆۋەن  بولغاندا :«ئىمتىھاننى قانداق بەرگىنىڭ بۇ ؟ دۆت ،  قاپاقباش ! مۇشۇنچىلىق ئىشنىمۇ قىلالمامسەن كالۋا !…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئەيىپلەش بالىدا ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ، قورقۇش پىسخىكىسى  پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ . بالىلار ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا ئاتا- ئانىلارنىڭ تەسەللىي بىرىشىگە   تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ ،شۇڭا ئاتا- ئانىلار  بالىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان  چاغدىكى تەجىربە ساۋاقلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ،ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلىپ قەيەردە يىقىلغان بولسا شۇ  يەردە ئورنىدىن تۇرىشىغا مەدەت بېرىشى، نامۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشى كېرەك . بالىلارنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ئاۋال ئاچچىقلىماستىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ مۇلايىملىق بىلەن تەربىيە بېىرش، يەنى بالىلارغا ، ئۇلارنىڭ  قىلغان ئىشىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرىنى  سوغاققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل .  ئاتا- ئانىلار بالىلىرىغا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن   قورقماسلىق ، خاتالىقىنى تۇنۇشقا جۈرئەت قىلىش ، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خاتالىقىنى تۈزىتىش تەربىيىسى  بېرىش ، شۇ ئاساستا يېتەكلەش . شۇنداق بولغاندا ئاتا- ئانا بولغۇچىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ ، بالىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىغىنى  تۇنۇپ يېتىدۇ . a>_Cxsb&`  
   6. ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن باشقا بالىلارنى سېلىشتۇرۇش  ھەممە بالىلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاجىزلىقى بولىدۇ ، لېكىن كۆپۈنچە ئاتا- ئانىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ ، باشقىلارنىڭ باللىرى قىلالىغاننى مىنىڭ بالاممۇ قىلالىشى كېرەك دەپ قاراپ ، بالىسىغا ئوخشاش ئۆلچەمدە تەلەپ قۇيۇپ بېسىم ئىشلىتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا نارازىلىق ،ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ . ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ  جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىدا پەرق بولىدۇ . ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكىنى كۈزىتىپ بايقاشقا ماھىر بولۇپ،بالىغا پايدىلىق بولغان ئۇسۇل چارىلەرنى قوللىنىپ ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ ،  يىتەرسىزلىكىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم . بالىلارنى باشقىلارنىڭ باللىرى بىلەن سېلىشتۇرماي ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇرۇنقىدىن ئىلگىرلىگەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشكە ماھىر بولۇش كېرەك . TB oN8cB}  
     7. بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق ،ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بالىنىڭ گېپىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىماسلىق ئۇلارنىڭ  تەپەككۇرىنى بۇغۇپ قويغانلىق بىلەن باراۋەر . ئەگەر بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بۇغۇلسا كىيىن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ، ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى چوڭ خاتالىق . غەربلىكلەردە << ھەيران قېلىش تەتقىقاتنىڭ ئاتىسى ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئانىسى >> دەيدىغان گەپ  بار بالىلارنىڭ قىزىقىشى ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ . قىزىقىش بالىلارنىڭ ئىلىم – پەننىڭ   سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بالىلار مۇستەقىللىقىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە يۇلۇقىدۇ ھەم كۈچلۈك ھەيرانلىق ھېسسىياتى بىلەن ئۆزلىرى بايقىغان ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ، ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ بىخ سۈرگەنلىكىدۇر . بالىلارنىڭ دەۋاتقىنى بىر خام خىيال بولسىمۇ ئاتا- ئانىلار دىققەت قىلىپ سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلىشى ھەم بالىنىڭ   ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا  ئاتا- ئانىلار بالىلىرى بىلەن سىردىشىشقا ، ئۇلارنىڭ ئايرىم پىسخىكىلىق  ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك . بالىلارنىڭ مۇستەقىل تەسەۋۋۇر قىلىشى ، تەپەككۇر قىلىشىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشى ،  ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى ، رەسىم سىزىشقا يېتەكلىشى كېرەك . *5Mg^}ZC5  
8 . بالا بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقارماسلىق بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار خىزمەت ، تىجارەت جەھەتتىكى ئالدىراشلىقى ، تۇرمۇشتىكى خاتىرجەمسىزلىكى تۈپەيلىدىن بالىلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ ،  پەرزەنتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئەھۋالىنى   ئىگىلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . بالىلىرىنىڭ نېمىنى   ئويلاپ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئاتا- ئانىلار ئىمكان بار ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن  پايدىلىنىپ بالىلىرىنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ سەيلە    قىلدۇرۇپ ، بالىلارنىڭ تۇغرا ئەقلىي تالانتىنى قېزىشى ، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قىزىقىش  پەيدا قىلىشى كېرەك . JA")L0a_  
9 . بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئاسراش ھەر قانداق ئاتا – ئانا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆز   پەرزەنتىدىن «تاتلىق» نەرسە بولمايدۇ ، ئەمما،بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئىلمىي   ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىغا بولغان ئامراقلىقىنى  ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىدۇ ، زىيادە ئامراقلىق ، ئورۇنسىز   ئاسراش بالىلارنىڭ پىسخىك جەھەتتە ساغلام  يېتىلەلمەسلىكىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ ، ئۇلارنى چېنىقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . جەمئىيەتتە يالغۇز پەرزەنت بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ، يالغۇز بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى ،  چوڭلارنىڭ ئاسرىشى ، قەدىرلىشى بىلەن چوڭ بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقدىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىنىڭ  ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىشى بالىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ، سىناپ بېقىش ئارزۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشى ئۆزى قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ قويماقتا . بالىنى ئاسراش ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە بالىلار ئۆزىنى  يارامسىز ھېساپلاپ قالىدۇ ، ئاتا- ئانىلار دائىم بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرسا ياكى توغرا–خاتانى ئايرىماي ئۆز قاياشى بويىچە ئىش قىلىپ بالىنىڭ قارارىنى ئىنكار قىلسا ، بالىنىڭ  پەزىلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ . بالىلار ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشلارنى ئۆزلىرىگە قىلغۇزۇپ « بالىلارنىڭ كاللىسىدىكى مۈمكىن ئەمەس» دېگەن ئىدىيىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى كېرەك . vX9B^W||x  
  10 . بالىنىڭ دوستلىشىشىنى توسۇش ئۇزۇن مۇددەت تەنھا يۈرۈش بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي   جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز . بىر  قىسىم ئاتا – ئانىلار باللىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن  ئويناپ ئازارلىشىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ، ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالىدىغان ، ئارىلىشىشىنى چەكلەيدىغان  ئەھۋاللار كۆپەيگەنسېرى ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .  بالىلارنىڭ ياشاش قابىلىيىتىنىڭ دەل ئەمەلىي تۇرمۇش  جەريانىدا توپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا يېتەكلەپ ، ئۇلارغا باشقىلار   بىلەن دوستلىشىش ، ئۆز- ئارا ياردەملىشىشنى ئۈگىتىپ  ، شات- خورام كەيپىياتنى ساقلايدىغان قىلىپ  تەربىيىلىشى كېرەك . | e&v;48  
بالىلىق دەۋرىدىكى ئەقىل –پاراسەتنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى   تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىي  ئىقدىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بالىلىق دەۋرىدىن    ئوبدان پايدىلىنىپ ، ئەڭ كىچىك ئىشتىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسى ، غەلبە قىلىش  تۇيغۇسى ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى ، ئەقىل – پاراسەت جەھەتتىكى ئىقدىدارىنى ئۆز ۋاقتىدا   ئېچىشى ، ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلىشى  ، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى  ئۈگىتىشى كېرەك . $@ VQ{S  
مەنبە: «بىلىم-كۈچ» تورى

koksangun 2012-06-05 11:54
چەتئەل ئائىلە تەربىيىسىدىكى 40 ماددا KRL9dD,&  
ئامېرىكا ئالىمى داۋىي يەكۈنلىگەن بالا تەربىيىسىدىكى 40 ماددىدا غەربنىڭ ئائىلە تەربىيىسى مەركەزلەشتۈرۈپ  ئەكس ئەتتۈرۈلگەن: 7yp}*b{s  
1.بالىلار سورىغان سۇئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىش؛ *irYSTA$  
2.بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە كۆزقاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە  قىلىش؛ t9Sog~:'  
3.بالىلار ئۆز ئەسەرلىرىنى تىزىپ تولۇق نامايەن قىلىدىغان ئىشكاب ئورنىتىب بېرىش؛ L_k'r\L  
4.بالىلارنىڭ ھوجرىسى ،شۇنداقلا ئۈستەللەرنىڭ ئۈستى ناھايىتى قالايمىقان بولسىمۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ،ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىك؛ GadZ!_.f  
5.بالىلارنىڭ ئوينىشىغا بىرەر ئۆي  ياكى ئۆينىڭ بىر قىسمىنى بېرىش؛ C}7 c:4c  
6.بالىلارغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوماق ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنى قايتا  كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش؛ B\tP{}P8{  
7.بالىلارغا ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشنى ئۆزىگە قىلدۇرۇش؛ 0U d.u  
9.بالىلارنى ئۆزى قىزىقىدىغان جايغا ئاپىرىپ  ئوينىتىش؛ RKt#2%FFO  
10.بالىلارنىڭ تاپشۇرۇغىنى  تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش؛ aYmC LLj  
11.بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىجتىمائى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال بېرىپ-كېلىش قىلىشىغا ياردەم بېرىش ؛   NI1jJfH|l  
12.ئائىلە باشلىقلىرى يېتىلدۈرگەن مۇۋاپىق ھەرىكەت ئادىتىنى بالىلارغا كۆڭۈل قويۇپ دوراتقۇزۇش؛ 13.بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ باشقا بالىلاردىن ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتماسلىق؛ U|NVDuo{{x  
14.بالىلارنى ئائىلە  ئىشلىرى پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش ۋە سىرتقا  ساياھەتكە چىقىش ئىشىغا قاتناشتۇرۇش؛ a$~pAy5C  
15.بالىلارنىڭ   ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاربىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇش؛ C5 W} o:jE  
16.بالىلارغا چوڭ ئادەملەر بىلەن ئەركىن  ئالاقە قىلىشنى ئۆگىتىش؛ RT E zcJ>  
17.بالىلارغا قەرەللىك كىتاب ئوقۇپ بېرىش؛ C `>1x`n  
18.بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاب كىتاب  ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ Kc%GxD`  
19.بالىلارنى ھېكايە ئوقۇشقا ،خىيال قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ Q;'{~!=  
20.بالىلارنىڭ شەخسىي تەلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە  قىلىش؛ N N1(f  
21.ھەركۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ،بالىلاربىلەن بىللە بولۇش؛ l-} );zH74  
22.بالىلارنى تىل-ئاھانەت بىلەن ئەيىبلىمەسلىك؛ 7a<-}>sU  
23.بالىلارنى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى   سەۋەبىدىن مەسخىرە قىلماسلىق؛ (PM!{u=  
24.بالىلارنىڭ شېئىر يادلىيالايىدىغانلىقى ،ھېكايە ئېيتالايدىغانلىقى ۋە ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىنى دائىم ماختاش؛ (9_O ||e e  
25.بالىلارغا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇستەقىل پىكىر  قىلدۇرۇش؛ "SV#e4C.  
26.ئىنچىكە تەجرىبە پىلانى تۈزۈپ ،بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش؛ Rl%?c5U/$  
27.بالىلانىڭ ھەرخىل تاشلاندۇق نەرسىلەرنى ئوينىشىغا يول قويماسلىق؛ ';\v:dP  
28.بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش؛ ;ye5HlH}.  
29.بالىلار قىلغان ئىشلار ئىچىدىن ماختاشقا ئەرزىگۈچىلىگى بار جايلارنى ئۈزلۈكسىز ئىزدەپ تۇرۇش؛ ^`MGlI}   
30.بالىلارنى قۇرۇق  ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن تەقدىرلىمەسلىك؛ uxjx~+qFd  
  31.ئۆزىنىڭ بالىلارغا بولغان بولغان ھېسسىياتىغا  سەمىمى باھا بېرىش؛ '&O J hLE  
32.ئائىلە باشلىقىنىڭ بالىلاربىلەن مۇزاكىرە قىلسا بولمايدىغان گەپ تېمىسى بولماسلىق؛ 33.پۇرسەت بولسىلا ،بالىلارنىڭ ھەقىقىي قارارچىقىرىشىغا يول قويۇش؛ &.ilku/  
34.بالىلارنىڭ خاس خاراكتېرغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىش؛ J'=iEI  
35.بالىلارنىڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى  تېپىپ چىقىشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش؛ 65>1f  
36.بالىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى تونۇش ئىقتىدارىنى پائال جارى  قىلدۇرۇش؛ UrP jZ:K'  
37.بالىلار مەغلۇپ بولغاندا،كۆزگە ئىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتماسلىق ھەمدە بالىغا نىسبەتەن «مەنمۇ مەغلۇب بولۇشۇم  مۇمكىن» دېيىش؛ EJz?GM  
38.بالىلارنىڭ ئىمكانقەدەر چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىقىغا ئىلھام بېرىش؛ b":3J)Y6.  
39.بالىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىشىنىش؛ YIc|0[ ]*|  
40.بالىلارنىڭ ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتنىڭ ئاساسى قىسمىنى مۇستەقىل ئورۇندىشغا يول قويۇش،نەتىجىلىك ئاخىرىلاشتۇرالماسلىقىدىن ئەنسىرىمەسلىك.   W{v{sQg  
           مەنبە: «بىلىم-كۈچ» تورى

koksangun 2012-06-05 11:55
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ ؟ gjGKdTr'  
v RR(b!Lq  
بالىلارنىڭ ئۆ گىنىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىلىم ئېلىش، بىلىم ئېلىش ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ  زۆرۈرلۈكىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنىمۇ بىلىپ، ئۇنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا   ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ : ;L{#TC(]J]  
1. بالىلار مول، تىپىك ۋە  توغرا ھېسسىي  ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.بالىلارنىڭ بىلىم  ئېلىشى بىر مۇرەككەپ تەپەككۈر جەريانى.ئۇلار زور مىقدارىكى ھېسسىي بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا ،ئاندىن سېلىشتۇرۇش ، تەھلىل قىلىش، ئومۇمىلاشتۇرۇشقا ئوخشاش  تەپەككۈر جەريانى ئارقىلىق بىلىم ئالالايدۇ. ئەگەر   ھېسسىي ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىسا ، توغرا بىلىم  ئېلىش تەس. 8F;f&&L"y  
2.سېلىشتۇرۇشقا ئوخشاش ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، بالىلارنى توغرا بىلىم ئېلىشقا يېتەكلەش لازىم. l[ P VWM  
3.ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى تىل  شەكلى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.شۇڭا بالىلارنىڭ  بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر. A@o:mZ+XN(  
4.ئۆگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ  چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىلىمنى   ئىشلىتىش ئۇقۇم بىلەن قائىدىنى كونكىرىتلاشتۇرۇش جەريانىدۇر.بۇ جەريان ئارقىلىق ھەم بالىلارنىڭ ئۇقۇم بىلەن قائىدىنى چۈشىنىش دەرىجىسنى تەكشۈرگىلى ، ھەم  ئۇقۇم قائىدە جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ . بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىل  بولىدۇ. مەسىلەن، ئېغىزدا چۈشەندۈرۈش ، مىسال كەلتۈرۈش، يازما تاپشۇرۇق ئىشلەش  ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار. eM1=r:jgE  
5.ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ بىلىمنى  سىستېمىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.بىلىمنى سىستېمىلاشتۇرۇش دېگىنىمىز ، قىسمەن بىلىملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىپ كاللىسدا ئورگانىك سىستېما شەكىللەندۈرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىلىم سىستىېمىلاشسا ، بىلىمنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى ھەم ئۇنى  قوللىنىش ئاساسىدا يېڭى بىلىملەرنى ئىگلىگىلى بولىدۇ. f0h^ULd  
مەنبە: «بىلىم-كۈچ» تورى

koksangun 2012-06-05 11:56
ئائىلە باشلىقى بالىلارغا دېسە بولمايدىغان 10 جۈملە سۆز ?vd_8C2B  
تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارىدى : بالىلارنىڭ قەلبى نازۇك ھەم ئاجىز بولىدۇ ، ئۇلار باشقىلارنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . رېغبەت تۈسىنى ئالغان ھەر بىر ئېغىز سۆز ئۇلارغا ئشەنچ ئاتا قىلىدۇ . ئەمما قوپال سۆزلەر ئۇلارنىڭ ئىززىتىگە تېگىپلا قالماستىن ، يەنە ئۇلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپ ، ئۇلاردا تىزلا پاسسىپ كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ . ينىكلىك بىلەن ئۆز بالىمىزنى ئىنكار قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغاند ا، ئەڭ مۇھىمى « ئەخمەق ، دۆت ، كالۋا ، ناچار ... »  قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا قوپال تەگگەندە ، رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلارنى ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى « غەيرى » لەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغاندا ، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا ئۇلارغا ماس كەلگۈدەك بىرەر مۇۋاپىق ئورۇن بەرمىگىنىمىزدە ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى بىر پارچە قارا بۇلۇت ئىگىلەپ ، ئۇلارغا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى ئازاب – ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن بولىمىز . شۇڭلاشقا ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكىدەك 10 جۈملە سۆزنى بالىلىرىغا دېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك : dm+}nQI \  
1. « ئەخمەق ، ھېچنىمىگە يارىمايدىغان » ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا بۇ خىلدىكى گەپلەرنى قىلغاندا ، بالىلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ، ئۇلارغا يەنىمۇ ئېغىر بولغان بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ . بالىلار خاتالىق سادىر قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا سەت گەپلەر بىلەن بالىلارنى ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش بولسا ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىدا ئاسانلا چۈشكۈنلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ . بالىلار كۆپىنچە ئىشلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەقلىي قابلىيىتى تۆۋەن باسقۇچتا تۇرىۋاتقان بالىلار بۇنداق غايەت زور روھىي بېسىمگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ھەم قەلبى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئازابقا تولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلاردا ئۇمۇمەن ئۆزىنى كەمسىتىش ياكى ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن كۆرۈشتەك خاھىشلار مەۋجۇت . بۇنداق كەيپىيات چەمبىرىكى ئىچىدە تۇرىۋاتقان بالىلارغا يەنە تەھدىد خاراكتىرلىك سۆزلەر بىلەن زەربە بەرمەستىن بەلكى ئۇلارغا مەدەت بىېرىدىغان ، ئۇلارنىڭ روھىي قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتىدىغان سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك . ئۇلارغا ئەڭ ئالدى بىلەن قانداق قىلىش توغىرسىدا يول كۆرسىتىشىمىز كېرەك . بالىنىڭ بىر ئىشقا  قانداق قارىشىدىن ، ئىشىنى مەيلى بىز كۈتكەن دەرىجىدە قىلالماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارغا ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك . بالىلار ئالدى بىلەن ئۆزى بىلگىنچە بىر ئىشىنى قىلىپ بېقىشى  ، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئەڭ ئالدى بىلەن مەلۇم دەرىجدىكى تەجىربە جۇغلىنىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا ، بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان تەقدىردىمۇ ، كېيىن يەنە ئېلگىرىكى خاتالىقنى سادىر قىلماسلىققا تىرىشىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ ، شەيئىلەرگە ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىچكىي قاتلىمىدكى ھادىسىلەرگە توغرا مۇئامىلە قلالايدىغان ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزى تىزگىنلىيەلەيدىغان توغرا ئاڭنى يېتىدۈرەلەيدۇ . | WN9&  
2. « سەن بەرىبىر كارغا كەلمەيسەن !» بۇ سۆزنىڭ زىيانلىق تەرىپى شۇكى ، بۇ بالىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيىتىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرىتىپ ، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئشەنچىنى يوقىتىدۇ . بالىلارغا دائىم بۇنداق گەپلەر بىلەن تەربىيە قىلغاندا ، بالىلار يۈرەكلىك ھالدا بىرەر ئىشىنى قىلالمايدىغان ، ھەتتا ئۆزى ياقتۇرغان ئىشنى قىلىشنى ئويلىيالمايدىغان دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ . بۇنداق سۆزلەر بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشەنچىنىمۇ يوقىتىۋىتىشكە  قادىر بولۇپ ، بۇنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى ناھايتى زور . ئەگەر بالىلارنىڭ ئىمتىھاندىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ « دۆت ، كالۋا » دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تىللماسلىق ، ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇرماسلىق كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ، ئۇنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى دەپسەندە - بولۇپلا قالماستىن ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخكىسىنىڭ يەنىمۇ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشىغا ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن بولىمىز . توغرا ئۇسۇل - بالىنى بۇنداق سۆزلەر بىلەن تىللماسلىق ، تەنقىد بىلەن تىللاش ۋە ھاقارەتلەشنى ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك . بالىنى تەنقىدلىگەندە ، ناھايىتى ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ، بالىنىڭ پېسخكىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، ئۇنىڭغا توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ، بالىدا توغرا پىسخىكا ۋە دۇنيا قاراش شەكىللىنىشىگە پايدىلىق. "4,Zox{^  
3. « سەن ئەڭ زور بولغاندىمۇ مۇشۇ ئىشنىلا قىلالايسەن !» بۇ گەپنىڭ ئۆزىدىن چىقىپلا تۇرۇپتىكى ، بۇ گەپتە بالىلارغا بولغان بىر خىل مەسخىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا چەك قويۇش ناھايتى گەۋدىلەنگەن . بالىلار بىر ئىشىنى قىلماقچى بولغاندا ، ئۇلارنى قوللىماقتا يوق ، بەلكى ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يەنە باشقا ئىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەۋېرىش ئۇلارنى گوياكى كىشەنلەپ قويغاندەكلا بىر ئىش . بۇنداق بولغاندا ، بالىلاردا ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش پېسخكىسى ئەۋج ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى بوغۇپ ، ئۇلارنى نېمە دېسە «لەببەي » دەيدىغان مەدەنىيەتلىك « ماقۇلجانلار »غا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . D |lm,  
4. « ئېغىزىڭنى يۇم ! سەن نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايسەن ؟!» ئائىلە باشلىقلىرى ئامال بار بالىلىرىغا بۇنداق قوپال تەگمەسلىكى ، ئائىلىدە ، ئۇلارغا بىر كىشىلىك دېمۇكراتىيە بېرىشى كېرەك . ئۇلارمۇ  ئۆينىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم پەيت ، مەلۇم سورۇندا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك پىكىرىنى بايان قىلالشى ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلالشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار گەپ قىلسىلا ، ئۇلارغا زەربە بېرىپ ، گېپىنىڭ ھىچقانچە ھۆرمىتى بولمىسلا ، بۇنداق ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىدا ناھايىتى تىزلا جىمغۇرلۇق ، خامۇشلۇق كىسىلى شەكىللىنىپ ، ئۇلارنىڭ نۇرمال تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ . 8!!iwmH{  
5. « مەن بولمايدۇ دېگەندىكىن بولمايدۇ !» بۇنداق بولغاندا ، بەزى يامان ئىشلاردا ئاز تولا پايدىسى بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېندىۋىدىئاللىقى ۋە قىززىقىشىغا ياتىدىغان مەسىلىلەر ئائلە باشلىقى يەنىلا مۇشۇ خىل پۇزىتسىيىدە چىڭ تۇرىدىغان بولسا ، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پۇرسەت قالمايدۇ ، دە ، بالىلار ئاسانلا ئۆزىنىڭ گۈزەل - ئارزۇ ئارمانلىرىدىن ۋاز كېچىدىغان ، ئېلگىرى ئۆزى ياقتۇردىغان ئىشلارنىمۇ ئەمدىلىكتە خۇشاللىق بىلەن قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئاقىۋەتتە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ۋە ئۆزىنىڭ غايۋىي گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدىنى توسۇپ تۇرغان تاغ بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئائىلە باشلىقى بولغان ئادەمىنىڭمۇ بەزى مەسىلىلەردە بالىلارغا يەتمەيدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ . شۇڭا دائىم ئۆزىنىڭ دېگىنىنى راس دەپ تۇرىۋالماي ، بالىلارنىڭ قەلب سۆزلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . -2\%?A6L  
6. « مەن ئەمدى يەنە سېنى باشقۇرالمىسام ، سېنىڭ بىلەن كارىم يوق ! » بۇنداق دېيىش بىر ئائىلە باشقىلىغا نېسبەتەن ئېلىپ ئيىتقاندا ئاقىلانىلىك ئەمەس . ئالدى بىلەن بالىغا ھەقىقىي گەپنى قىلىش كېرەك . بۇ كېچىك بالىغۇ دەپ سەل قاراپ ، ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا يالغان - ياۋداق سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قىلغاندا ، ئۇلارغا ۋەدە بېرىپ ئورۇندىمىغاندا ، ئاسانلا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىدىن قالىمىز . بۇنداق ئوسال شارائىتتا ئۇلاردىن ئاغرىنىپ ، ئۇلارنى ئۆز گېپىمىزگە كىرگۈزەلمەي ، مىڭ ۋايسىساقمۇ يەنە كۇپايە قىلمايدۇ . ئائىلە باشلىقى جەزمەن ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرۇشى ، ئۆزىنىڭ ھەركىتىگە ئىگە بولۇشى ، بالىنى كېچىك كۆرمەي ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئوبرازىنى ساقلىشى كېرەك . يەنە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ، ئامال بار كەڭ قورساق بولۇشى ، سوغۇققان بولۇشى كېرەك. بالىلارغا ئىش قىلغۇدەك ، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە مەلۇم ئىشىنى تاماملىغۇدەك بوشلۇق ھازىرلىشى ،ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ راۋاجىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتنى تەمىنلىشى كېرەك . @[vwqPOL  
7. « سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇندىن كېيىن بۇنداق قىلىمىساڭ ، بولامدۇ ؟ ! » ئائىلە باشلىقى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بالا ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇشى ، ئىش يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن ، بالىلاردىن ئەپۇ سورىغاندەك ، ئۆزىگە خاس بولمىغان تەلەپپۇزدا ، بالىلارغا نەسىھەت قىلماسلىق كېرەك . نەسىھەت قىلغاندا ياكى تەنقىد قىلغاندا ، پەقەت ئۇلارغا بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيتىنىڭ سەۋەبىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ، قايسى سەۋەپ تۈپەيلى ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ، ئەمدى قايسى يولدا ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ، قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى توسۇپ تۇرىۋاتقان مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب مۇھاسىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ، يەنە  نېمىلەرگە دېققەت قىلىپ ، نېمىلەردىن ئېھتىيات قىلىشىنى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . ئەگەر ئائىلە باشلىقى يەنىلا ناھايتى بىچارە ئورۇندا بالىلارغا يالۋۇرسا ياكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىچكىي قوزغاتقۇچ كۈچىنى ھەركەتلەندۈرەلمىسە ، ئۇ ھالدا بۇنداق ياغلىما گەپنىڭ ھچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ ، ئەھمىيىتى بولدى دېگەندىمۇ ، بالىلار چوڭراق توسالغۇغا ئۇچرىغاندا ، بىراقلا بەل قويىۋىتىدۇ . ئۇلار ئامال بار بالىلارنىڭ قىلىش زۈرۈر بولغان ئىشىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈش ، ئۇ ئىشنىڭ بىر ئۆزىگىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ، بالىلاردا ئۆزىگە بولغان ئشەنچ تۇۇغۇزۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ، ئاجايىپ قۇدرەتلىك باتۇرلۇق شەكىللىنىپ ، تۈرلۈك توسالغۇ ۋە ئوڭۇششىسىزلىقلارغا  دادىل يۈزلىنەلەيدۇ . 1I1Z),  
8. « سەن تىرىشىپ 100 نۇمۇر ئالساڭ ، خالىغىنىڭنى ئېلىپ بېرىمەن » ھازىر نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى كۆپ ھاللاردا بالىلىرىغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، يۇقرى نۇمۇر ئالغۇزماقچى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆز بالىلىرىدىن چوڭ ئارزۇنى ، يۇقرى نەتىجىنى كۈتۈشى توغرا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا قوللانغان ئۇسۇلى تۈپتىن خاتا . چۈنكى بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىپ ، ئاخىرىدا يۇقرى ئۈنۈم بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشى ماددىي نەرسە بىلەن خۇلاسىلانسا ، ئۇنداقتا بۇنداق بالىلار ئاخىرىدا يەنىلا ئويۇن قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ ياكى بۇنداق ئىزچىللىقنى ئاخىرغىچە ساقلىيالمايدۇ . ئۇلار بەلكىم ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىسىنىڭ غېمىدە بولسىمۇ ، تىرىشىپ ئۈگىنىپ ، ياخشى نەتىجە ئالغانمۇ بولسۇن ، ئەمما بىلىم ئېلىش ، ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى ھەقىقىي مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قانداقتۇر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ماددىي نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى ئۆزىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ، دېۋەيلەپ كېلىۋاتقان رەھسىز كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش ، ئىنسانىيەتىنىڭ بۈيۈك ھۆرلۈكى ۋە بەختىيار كۈنلەرگە ئېرىشىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشبىلەن خۇلاسىلانسا ، ئاندىن بۇنداق ئىلىم تەھسىل قىلىش ياكى ئۆگىنىش ھەقىقىي يۇسۇندا مەنىلىكبولغان بولىدۇ . شۇڭا ئائىلە باشلىقى بالىنىڭ نەتىجىسىنى ئائىلىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىكىنى بالىغا ئېيتىشى ۋە پەقەت ئەجىر قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەندىلا ، ئادەم ھەقىقىيئىززىتى بىلەن مەنىلىك ياشىغىلى بولدىغانلىقىنى بالا چۈشىنەلەيدىغان ئەڭ ئاددىي ئۇقۇملار بىلەن ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . GY[+HgT  
9. « سەن بۇنداق قىلىپ ، مېنى ئۆلسۇن دەمسەن ؟! » بالىلارغا دائىم بۇنداق سۆلەرنى ئىشلەتكەندە ، بالىلارنى مەلۇم دائىرە ئىچىگەقاپساپ قويۇپلا قالماستىن بەلكى ، ئۇلارنى ناھايىتى تىز گاڭگىرتىپ قويىمىز . بالا نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر بالا قىلغان ئىشىنى ئېنىق دېيىشىمىز ، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زېيىنى ۋە يامان تەسىرىنى كونكىرت قىلىپ چۈشەندۈرۈش ، بالىنى بۇنداق قىلماسلىققا چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلىش كېرەك . ئەگەر بالا بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن تونۇپ يەتمىسە ، ئۇنىڭ يەنە شۇ يولغا مېڭىشىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ . شۇڭا بالىلاردىن ئارتۇق ۋايسىماسلىق ، ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىق كېرەك . ئەگەر ئۇلار زادى ئاغرىنغۇدەك ئىشلارنى قىلغاندىمۇ  ، سوغۇققان بولۇپ ، ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ ، تەربىيەنى ئاساس قىلغاندا ھالدا ، ئۇلارغا يېڭى يول كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك . HfN:oww  
10. «سەن يەنە خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان بولساڭ ، پۇشايمان قىلىپ قالىسەن ! »  بالىلارغا تەربىيە قىلغاندا ، بۇنداق تەھدىد سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ، بالىلاردا قورقۇنچاقلىق ، جۈرئەتسىزلىك ۋە ئىككلىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇپلا قالماستىن بەلكى ، بالىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولى توسۇپ قويۇلىدۇ . بالىلارنى بىرەر ئىشقا ئۈندىگەندە ياكى ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرىغاندا ، ئامال بار ئۇلارغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىنى ئىشلەتمەسلىك ، ئۇلارنىڭ پىسخكىسىغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇل بويىچە ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك . بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ساغلام تەرەققىي قىلمىسا ، ئۇلاردا كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك ئشەنچ ۋە جاسارەت بولمىسا بولمايدۇ .   YdT-E  
مەنبە : سىنا تورى

koksangun 2012-06-05 11:56
ئائىلە باشلىقلىرىغا 13 تەكلىپ ] SErM#$*  
1.بالىڭىزغا يۇقىرى ئۆلچەمدە تەلەپ قۇيۇڭ ،بالىڭىزغا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش ئۇلارنىڭ بىرىجى ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېنىق ئېيتىڭ ؛ a33SY6.  
2.بالىڭىزنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە بالېڭىزنىڭ قانداق ياردەملىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق  ئوقۇتقۇچى بىلەن قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇرۇڭ؛ 2Y2J)5,  
3.بالىڭىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى،سىنىپ مۇدىرى بىلەن بالدۇرراق ئالاقىلشىپ،دەرىس تاللاش پىلاننى مۇزاكىرە قىلىڭ؛ vcsMU|GGh  
4.ھەر كۈنى 15مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ ،بىللە كىتاپ ،گېزىت ژورنال كۆرۈڭ ؛ n5yPUJK2L6  
5.بالىڭىزنى تىنىچ ئۇگنىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىڭ ؛ N-+`[8@(P<  
6.بالىڭىزنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقىغا يىتەكچىلىك قىلىڭ؛ S&rfMRP  
7.بالىڭىزنىڭ مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ؛ 6E e U iLd  
8.بالىڭىزنىڭ تېلىۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغا چەك قويۇڭ ھەمدە بالىڭىز بىلەن تېلىۋىزور پىراگىراممىلىرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە پاراڭلىشىڭ ؛ GsG9;6c+u  
9.بالىڭىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇن ئويناش ،ۋە تورغا چىقىش ۋاقتىنى نازارەت قىلىڭ. Hsoe?kUHF  
10.بالىڭىزنىڭ تولۇق ئۇزۇقلىنىشىغا ۋە تولۇق ناشتا قىلىشىغا ئىلھام بىرىڭ ؛ g[W`4  
11.مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشڭ؛ HKr6h?Si^  
12.بالىڭىزنىڭ قىينراق دەرسنى تاللاپ ئۇگنىشىگە ئىلھام بېرىڭ ؛ P]pVYX# m  
13.بالىڭىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان بولسا،ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇچرشىپ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ھەرخىل تاللاش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىڭ. j})6O!L.  
مەنبە  : بىلىم كۈچ تورى

koksangun 2012-06-05 11:57
ئائىلە تەربىيىسىدىكى خاتا ئۇسۇللار T]5JsrT  
گۈلقىز تەۋەككۈل 415 95x:  
ھازىرقى دەۋىردە پەرزەنت تەربىيەسى بارغانسېرى سىستېمىلىشىپ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەت ۋە پەن بولۇپ شەكىللەنمەكتە ، پەرزەنت تەربىيەسى ھەربىر ئاتا–ئانا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى . بالىلار تەربىيەسى توغرىسىدا ئۇلۇغ پەيلاسوپلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى . بالىلار تەربىيەسى توغرىسىدا قىممەتلىك تەجىرىبىلەرنى ، بۈيۈك نەزەرىيىلەرنى ياراتتى ، نۇرغۇن توم –توم كىتابلار يېزىلدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ، ئىنسانلار دۇنياسى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بالىلار تەربىيەسى بىر كۈن بىر سائەتمۇ توختاپ قالمىدى . ئۇنداقتا بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى ، ھەممە بالىلار ئەخلاقلىق ، گۈزەل ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتىمۇ ؟ بالىلار تەربىيەسىنىڭ ھەممىسى ياخشى ئۈنۈم بەردىمۇ ؟ بىزنىڭ تەربىيە شەكلىمىزنىڭ ھەممىسى توغرىمۇ ؟ بۇلارنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ . تارىختا ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان بىر قىسىم ۋەھشىي ئادەملەرنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى ، ھازىرقىشارائىتتىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ بولغانلىقى بالىلار تەربىيەسىىدىكى بىر قىسىم خاتا قاراشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . بالىلار تەربىيەسىدە ھىچكىم مېنىڭ ئۇسۇلۇم خاتا دېمەيدۇ ، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنىڭ بى قىسىمئۇسۇللىرىمىزنىڭ ئانچە مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . \mt0mv;c  
1. بالىلارنى دائىم ئۆز- ئارا سېلىشتۇرۇش. نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار ياخشى ئوقۇغان ، شان–شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ، ئاتا–ئانىسىغا كۆيۈنگەن ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بالىلارنى كۆرگەندە ، ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلاردەك ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، بۇ جەھەتتە ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ ، بۇنى ھەرگىزمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ ، بىراق بۇنداق ئۇسۇل دائىم  تەكرارلىنىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقنى كۆرەلمەيدىغان ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، تىرىشقۇسى كەلمەيدىغان خاراكتىرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. ئۆز بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، رىغبەتلەندۈرۈش ، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ،تەجىرىبىسىنى سۆزلەپ ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا مەدەت بېرىشى ، ھە دېسىلا يېتەرسىزلىكنى كۆپ سۆزلەپ روھىي بېسىمغا دۇچار قىلماسلىقى كېرەك . قىسقىسى بالىلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ . >,8DwNuq  
2. ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنى زىيادە بىلەرمەن چاغلاش. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىغا  تەربىيە بەرگەندە ‹‹مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداققىلاتتىم ، مۇنداق قىلاتتىم، سېنىڭ قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ›› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ بالىلىرىنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ ، تەلەپنى ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق قويىدۇ ، نەتىجىدە بالىلار نېمە قىلىشنى ، قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ. بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويغان توغرا ، لېكىن بېسىم ئاستىدا ياشىغان بالىلاردا كۆڭۈل ئازادىلىكى ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ، ئائىلىگە بولغان مېھرىبانلىق كەمچىل بولىدۇ ،شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئائىلە باشلىقلىق ئورنىدا قويۇپ بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلىدە بولماسلىقى ، قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى ، بالىلار بىلەن يېقىن دوستانە مۇئامىلىدە بولۇشى ، بالىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورونغا قويۇۋالماسلىقى  كېرەك . ئاتا-ئانىلار مەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ، مەن نېمە دېسەم بولىدۇ، بالىلار شۇ بويىچە ئىش قىلىش كېرەك دەپ قارىغان بىلەن ،بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىنى ياقتۇرمايدۇ . =9oN#4mWK  
3. بالىلارنىڭ بىرەر قېتىملىق خاتالىقىنى تۇتۇۋېلىپ توختىماي تاپا-تەنە قىلىش. بالىلار ئادەتتە شوخ، جۇشقۇن ، تېتىك ، ھېسىياتچان ، ھەممە ئىشقا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان مىجەزلىك بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق شوخلۇق تۈپەيلىدىن دائىم دېگۈدەك يا ئۇنداق يا بۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ ، ھەتتا بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى كۈندە سادىر قىلىپ تۇرىدىغان بالىلارمۇ بولىدۇ ،نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاربالىلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايدۇ ، توختىماي تاپا-تەنە قىلىدۇ، ئۆزىچە بۇنى تەربىيە قىلغانلىق دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە تاپا-تەنىنى ھەرگىزمۇ تەربىيە شەكلى دېگىلى بولمايدۇ ، بالىلار بىرەر سەۋەنلىك سادىرقىلسا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ سەمىمىيلىك بىلەن تەربىيە ئىشلىشى ، بالېلار شوخ ، جۇشقۇنلۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئالدىن بىشارەت بېرىپ بالېنى ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندىشى ، ھە دېگەندە ئۆتكەن ئىشلارنى تاپا-تەنە قىلماسلىق كېرەك . ~6nq$(#  
4. بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىنى چەكلەش خاھىشى. بالىلار ھېسىياتچان بولغاچقا ، ئۆزئارا ناھايىتى ئاسان چىقىشىپ كىتىدۇ . بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە بەردىم دەپ پالانىنىڭ بالىسى بىلەن دوست بولما ، ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ، پۇستانىنىڭ بالىسى بىلەن ئارىلاشما ، مەن ئۇ ئائىلىنى ياقتۇرمايمەن . . . دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ، يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلەيدۇ ، بۇنى بالدۇر مۇھەببەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكى دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇلارنى توغرا تەربىيە ئۇسۇلى دېگىلى بولمايدۇ ،ھىچ بولمىغاندا بۇنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۇسۇل دېيىش كېرەك ، بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بالىلارغا تاڭسا ياكى پەرزەنتلىرىگە ئىشەنمەي ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ تۇرىۋالسا بالىلاردا باشقىلارغا نىسبەتەن روھىي توسالغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ ، بالىلارنىڭ دوست تۇتۇش مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار  ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك . [hf#$Dl |  
5. بالىنىڭ ھەممە ئىشىغا چات كېرىۋېلىش . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە قىزىقىش دائىرىسى بەك كەڭ ، بىر قىسىم بالىلار ئادەم تەسەۋۋۇر  قىلمىغان ، ئويلاپ يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ . ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇنداق ئىشنى قىلما،بۇنداق ئىشقا ئارىلاشما،يولدا مۇنداق ئىشقادىققەت قىل ، ئۇنى يىمە، بۇنى قىلما دەپ جىكىلەپ تۇرىدۇ،بۇنى تەربىيىدىكى ئەستايىدىللىق دەپ قارايدۇ،لېكىن بۇنداق تەربىيە شەكلىنى كۆپىنچە بالىلار ياقتۇرمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش خاھىشى بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، بۇ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس،پەقەت بالىلارغا روھىي جەھەتتە ئەركىنلىك بېرىش دېگەنلىك . ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئەسكەرتىپ تۇرغىنى ياخشى ، ئەمما بۇنداق ئەسكەرتىش چەكلەش خاراكتېرىنى ئەمەس، يېتەكلەش خاراكتېرىنى ئېلىشى كېرەك.بالىلارنىڭ ھەممە ئىشقا چات كېرىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆز،ھەربىر قەدەم،ھەربىر ھەرىكىتىگە چەك بەلگىلەپ بەرسە بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى يوقايدۇ ، ئاكتىپچانلىقى بوغۇلىدۇ، ئىجادچانلىق خاراكتېرى يېتىلمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بارىلىق ئائىلىدە شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس ھالدا تەربىيە ئۇسۇلى ۋەشەكلى بولىدۇ ، بىر ئائىلىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر ئائىلىگە تامامەن ماس كېلىشى ناتايىن. بالىلار تەربىيەسىدە تەربىيەنىڭ سۈپىتىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە قوپال تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى ، ھازىرقى زامان پەرزەنتلىرىنىڭ ئېڭىنى ئۇنداق ئاددىي چاغلاشقابولمايدۇ . شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان توغرا، ئىلمىي بولغان بالىلار تەربىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىشى، قوپال، ناچار تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن ۋاز كېچىشى، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. h5bQ  
مەنبە: «بىلىم-كۈچ» تورى

koksangun 2012-06-05 11:57
ئاتا-ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار Hzs]\%"  
1. بالىڭىزغا چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەمسىز؟ SovK|b &  
بالىڭىزنى ھەمىشە كىچىك، كۆپ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، دەپ قارىماي، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇنى كاللىسىنى ئىشلىتىپ بېقىشقا ئۈندەڭ، شۇنداقلا قىلىپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، چېنىقىش ئارقىلىق بالىلار ئىشەنچكە ئىگە بولىدۇ، قەيسەر ئىرادە بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىلەيدۇ. رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار ھېچقانچە بىلىمى بولمىسىمۇ، بالىلىرىغا ئىلىم _ ھۈنەر ئۆگىتەلمىسىمۇ،ئەمما ئۇلاردا كىچىكىدىن قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. !>T.*8  
2. بالىڭىزنى ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كىتابخانىغا ئېلىپ بارامسىز؟ 8jW{0&ox)  
    مەقسەتلىك ھالدا بالىڭىزغا مۇۋاپىق كىتابلارنى تاللاپ بېرەمسىز؟بالىدا كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە،ئۇ كېيىن زور نەپكە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئويناپ،بالىلىرىغا دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە ئامراق كېلىدۇ،بىزچە بۇ يەنىلا بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ،پايدىلىقكىتابلارنى كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشتە. شۇڭا،ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب كۆرۈڭ. }:C4T*|  
3. بالىڭىزغا ئاتاپ گېزىت _ ژورناللارغا مۇشتەرى بولامسىز؟ ]Ln2|$R  
نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار دائىم بالىلىرىغا كىيىم _ كېچەك، ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئاتاپ گېزىت- ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇشنى ناھايىتى ئاز ئويلايدۇ. ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىقارلىق گېزىت _ ژورناللارنى ئوقۇش بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ بەخىتلىك ئىش ئىدى. كۆپرەك گېزىت _ ژورناللارغا مۇشتەرى بولغاندا،بالىلارنىڭ بىلىمى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارىدۇ. ucQ2/B#'4l  
4. بالىڭىزغا بەزى توسالغۇلارنى يېڭىشنى ئۆگىتەلەمسىز؟ _7>$'V{  
بالىلارغا ئۆزى قول سېلىپ بەزى كىچىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئۆگەتكەندە،بالىلاردا مۇستەقىل ئىش قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار چوقۇم پاراسەتلىك بولۇشى كېرەك. بالىلارنىڭ بۇنداق ئىقتىدار يېتىلدۈرىشىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا نىسبەتەن مەلۇم پايدىسى بولىدۇ. sJ)XoK syW  
5. بالىڭىزنى جاھاننىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەمسىز؟ ?1JVzZ4H  
ئۆيىڭىزدە بىرەر گلوبۇس، دۇنيا خەرىتىسى ياكى جۇڭگو خەرىتىسى بارمۇ؟ ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىن خەۋەر كۆرگەندە،بالىڭىز بىلەن بىللە خەۋەر ئېيتىلغان جاينى تېپىپ چىقالامسىز؟كونىلار :«كۆپ ئىزدىنىش جاھاننى كۆپرەك چۈشەنگەن بىلەن باراۋەر» دېگەن. بالىغا جاھاننى كۆپرەك تونۇتقاندا،ئۇ ئۆيدىن چىقمايمۇ جاھاننى «چۈشىنەلەيدىغان» بولىدۇ بالىڭىزنى ئۆي ئىشلىرىغا سالامسىز؟ _?&$@c  
نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار بالىلىرىنى ئاياپ ھەم ئۇلارنى ئوبدان قىلالمايدۇ، دەپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي، «كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇش » قىلا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارمۇ ھامان قېرىيدۇ، بالىلارنىڭمۇ كېيىن ئۆز ئائىلىسى بولىدۇ، سىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا  كاپالەتلىك قىلالمايسىز. شۇڭا، ھازىردىن باشلاپ بالىڭىزغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى، ئۆي تۇتۇشنى ئۆگىتىڭ. dABmK;  
8. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشامسىز؟ $},Y)"mI  
نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار بالام گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى،دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىغا كۆپ كۆيۈنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك سىرداشمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مىسكىنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن بولىدۇ. مەكتەپتىكى ئوخشاشمىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرىشىمىزچە، ئىنتىزامچان، ئەخلاق _ پەزىلەتتە، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېتىشتىن بۇرۇن ئاتا _ ئانىلىرى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، ئۇلارغا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى زوق _ شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرىدىكەن،ئاتا _ ئانىلىرىمۇ بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. مېنىڭچە، ئاتا _ ئانىلار بالىلىرى بىلەن قانچىكى سىرداشسا، بالىلار ئۇلارنىڭ گېپىنى شۇنچە ئاڭلايدىغان بولىدۇ، بولمىسا ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا، بالىڭىز بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ.                                                                            مەنبە:http://kabil.cn/

koksangun 2012-06-05 11:58
ئاتا-ئانىلار قانداق قىلغاندا دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ؟ ~F?s\kp6  
ئابلىز ىەمدۇل q  y73  
(تۇرپان پىچان ناھىيە لۈكچۇن 1- ئۇتتۇرا مەكتەپتىن) IFNs)*  
     تەلىم -تەربىيە ئىنسانيەت تەرەقىياتىدا مەڭگۈلۈك داۋاملىشىپ تۇردىغان ئىجتىمائىي پائاليەت بولۇپ،ئۇ ئائىلە تەربىيىسى،مەكتەپ  تەربىيىسى،جەمئىيەت تەربىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.بۇنۇڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ،پەرزەنىتلەرنىڭ ساغلام  ئۈسۈپ يېتىلىشى، ئەقلى قابىليىتنىڭ تۇلۇقلىنىشى،مىجەز خاراكتىرنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا-ئانلارنىڭ مەدەنيەت ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسنىڭ قانداق بولۇشى ناھايىتى زۆرۈر بىر ئامىل.بىز ئائىلە تەربىيىسىدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىمىز  دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار  ئۆزىمىزنى زامانغا لايىق بىلىملەر بىلەن قۇراللاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشمىز كېرەك. بۇنۇڭ ئۈچۈن مەن ئاتا-ئانىلار  تۈۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن: T X.YTU  
1.ئاتا-ئانىلار ئاز-تۇلا تىببىي ساۋاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك Xwy0dXko  
ئادەتتە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار  بالا تەربىيىلەش جەھەتتىكى مەسئولىيىتىنى پەرزەنتلەرگە تاماق يېگۈزۈش،كىيىم-كېچەك كىيگۈزۈش، ئادەتتىكى تۇرمۇش ساۋادى، ئېتىقاد چۈشەنچىسى، ئەدەپ-ئەخلاق  تەربىيىسى بېرىش دەپ ئاددى چۈشىنىدۇ.پەرزەنتلەرنىڭ  ئۈسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى يولۇقىدىغان فىزىئولوگىيىلىك، پىسخولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە قانونىيەتلەرگە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ . نەتىجىدە پەرزەنىتلەردىكى بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ، پىسخولوگىيىلىك ۋە  ساغلاملىق مەسىلىلىرى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىنماي پەرزەنتلەرنىڭ بېجىرىم، ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى تۇسقۇنلۇققا ئوچرايدۇ. YL \d2  
2.ئاتا-ئانىلار پىسخولوگىيە ئىلمىدىن ئاز-تۇلا خەۋاردار بولۇشى كېرەك @~% R%Vu  
پەرزەنتلەر يەسلى يېشىدىن 16 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا مىجەز-خاراكتېر شەكىللەندۈرۈپ، تۇراقلىشىش باسقۇچىغا قاراپ يۈزلىنىدۇ، بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېر  جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى جىددى ھەم تېز بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئاتا-ئانىلار ئىلمىي بولغان پەرزەنت تەربىيىلەش ساۋادىغا ئىگە بولمىسا بالىلارنىڭ غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ يېتىلىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. D+?/MrP  
3.ئاتا-ئانىلار ئۆزنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەننى بىلىم سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۈستۈرۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. )*@n G$i99  
بالىلىق مەزگىل پەرزەنتلەردە بىلىم تەشنالىقى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، بالىلار كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۈگەنسىمۇ، يەنە بىر قىسمىنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئۆزىدىن چوڭلاردىن ئۆگىنىشكە مەجبور بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرنىڭ سۇئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە بىلىم قۇرۇلمىسىنى تۇلوقلاپ تۇرۇشى، يېڭىلاپ تۇرۇشى تولىمۇ  زۆرۈر. ھېچ بولمىغاندا ، ئۇلار  بالىلارنىڭ شۇ خىلدىكى بىلىم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىلىم قۇرۇلمىسنى ھازىرلىشى كېرەك. "!()yjy  
4.ئاتا-ئانىلار ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ۋە كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. PjZsMHW%  
ئادەمنىڭ خاراكتېرى بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپ ئائىلە تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە مۇھىتىغا ماسلىشىش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ . بالىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسى مائارىپ بىلىملىرىنى  تولۇق ئۆگىنىش ئىمكانيىتىنى دەل ئازادە بولغان ئائىلە مۇھىتى تەمىنلەپ بېرىدۇ . شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئازادە ئۆگىنىش ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، دەم ئېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بۇ خىل بۇرچنى قانداقتۇ ئائىلە بۇرچى ياكى شەخسى بۇرچ دەپ قارىماي ، ئۇنى بىر خىل ئىجتىمائى بۇرچ دەپ قاراپ ، مەسئوليەتچانلىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشىشى كېرەك. Iko1%GJ1Z  
5.ئاتا-ئانىلار زامانغا لايىق ئاڭ يېتىلدۈرىشى كېرەك. 1'DD9d{ qN  
ئاتا-ئانىلار نۇۋەتتىكى سىياسى ئاڭغا، ئىقتىسادى ئاڭغا، رىقابەت ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى مەقسىتىمىز نۇقۇل ھالدا ئالى مەكتەپلىشىش ئەمەس، بەلكى بالىلارنى ئالىي مەلوماتقا ئىگە، كۆپ ئىقتىدارلىق، كۆپ قىرلىق، قۇش تىللىق، ھەر خىل ماھارەتلەرگە ئىگە  كەسىپلەشكەن ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت . بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار زامانغا لايىق تەربىيلىنىشى، زامانغا لايىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى، پەرزەنتلەرگە ئۆز قابىلىيىتى ، ماھارىتى ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ساپاغا ئىگە بولۇش  تولىمۇ زۆرۈر.

koksangun 2012-06-05 11:59
بالىلارنىڭ ئۈگىنىشتىن زېرىكىشىدىكى سەۋەبلەر Qgx9J J>  
jMv qKJ(<  
AyHhq8Y  
ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان تەلەپلىرى: d-/{@   
زىيادە يۇقىرى ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە بالىلاردا ئوڭايلا مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئالغا ئىلگىرلەش روھىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۈگىنىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشەلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالىلاردا ئۆزىنى مەغلۇبىيەتچى دەپ قاراشتەك ئەھۋال پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆيىنىشى ۋە ئەركىن ئازادە تۇرمۇشنى ئويلىسا ئۈگىنىشتىن بارغانسېرى زېرىكىپ قالىدۇ. 0#1hkJ"  
تەلەپ زىيادە تۆۋەن بولۇپ كېتىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويىۋىتىش: IoO tn  
    ئەگەردە ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۈنبويى ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىگە سەل قاراپ ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە ، بالىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا ئۈگىنىش بەك جاپالىق ئىكەن دەپ بىلىپ، ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنداقلا ئۈگىنىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئۈگىنىشتىن زېرىكىش پەيدا بولۇپ قالىدۇ. }j<:hD QP  
ئېغىر بولغان ئائىلە زىددىيتى: zq]I"0Bi.  
    دائىم جىدەل - ماجرا يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئائىلىدە ياشىغان بالىلاردا غەم - ئەندىشە كۆپ بولۇپ، ئۆگىنىشكە بېرىلىش ئېڭى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. 7A:k  
ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل بولۇش: L#U-d zy\  
دەسلەپتە بالىلارنىڭ ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى، ئىشەنچىسى تولۇق بولىدۇ. ئەمما بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى دائىم ئىددىيسى قالاق، تۇرمۇشى مەنىسىز، پەقەت نۇمۇرغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاتا - ئانىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. "^M/iv(  
مەكتەپتىكى مەسىلە: 6/{V#.(  
ئۈگىنىش يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىش، مەكتەپ ھاياتى زىيادە جىددىيلىكتە ئۆتۈش؛ مەكتەپ ئىنتىزامى زىيادە قاتتىق بولۇش؛ بالىلار مەكتەپتە بوزەك قىلىنىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش. ^a+W!  
ناچار ئۈگىنىش مۇھىتى: 25EuVj`zL  
    ئاتا - ئانىلار ئۈگىنىشكە قىزىقماسلىق، ئۈگىنىش موھىتى ناچار بولۇش قاتارلىقلار. Ot,_=PP  
مەنزىل: « ئائىلە تۇرمۇش گېزىتى» دىن

koksangun 2012-06-05 11:59
بىر قىزنىڭ ئاتا –ئانىلىرىغا ئېيتقانلىرى Cu2eMUGt  
]IF QD  
1.   بىزنى دائىم باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرمىساڭلار . {TmrWFo  
2.   بىزنىڭ قىزىقىشىمىزغا سوغۇق سۇ سەپمىسەڭلار . YJ6y]r K2,  
3.   بىزنى ئاغزىڭلارغا كەلگەن بېزەپ گەپلەر بىلەن تىللىمىساڭلار . " pZvV0'  
4.  يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن تىرىكمىسەڭلار . G 51l_  
5.   يېشىڭلارغا لايىق كىيىملەرنى كىيسەڭلار . d17RJW%A  
6.   بىرەر ئاجىزلىقىمىزنى تۇتىۋېلىپ دائىم يۈزىمىزگە سالمىساڭلار . K^z u{`S  
7.   ئارتۇقچىلىقىمىزغا كۆز يۇمۇۋالمىساڭلار . A'zXbp:%  
8.   ئالدىمىزدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلمىساڭلار . H\>0jr `  
9.   ئىمتىھان نومۇرىمىزغا قاراپلا بىزنى دوت قاتارغا چىقىرىۋەتمىسەڭلار . vk1E!T9X  
10.  بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزغا ئارلىشىۋېلىپ، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىسەڭلار . qj.>4d  
11.  بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولساڭلار . %&Fsk]T%:  
12.  خىزمەتتىكى ياكى باشقا ئىشلاردىكى ئاچچىققىڭلارنى بىزدىن ئالمىساڭلار . dvc= 
13. بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا قول تىقىۋالمىساڭلار . 5 LX'fL7zU  
14. ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار ئۆزئارا گەپ تالاشساق ئارىلىشىۋېلىپ ئىشنى تىخىمۇ يوغىنىتىۋەتمىسەڭلار . &i5MRw_]]  
15. بىزنىڭ كۆرۈشىمىزگە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى ئالدىمىزدا قىلمىساڭلار . E2nsBP=5C  
16. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىچ كىيىملەر بىلەن يۈرمىسەڭلار . ]?<=DHn  
17. دائىم ئۆزۈڭلارنىلا ياسىماي، ئۆيىمىزنى، بىزنىمۇ ئويلاپ قويساڭلار . Lu.C+zgQ  
18. بىز بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرساڭلار . W1!Nq`  
19.  بازارغا بىرگە چىققاندا ئادەم بار- يوق دېمەي بىزنى سىلكىمىسەڭلار . e h6\y7 9g  
20. دوستلىرىمىز ئالدىدا ھۆرمىتىمىزنى قىلساڭلار .

koksangun 2012-06-05 12:00
قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟ .QLjaEja  
بالىڭىزنىڭ بىلىمى مول ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلامسىز ؟ O?OG`{ k  
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ :   JBMJR  
   1) ھېكايە سۆزلەپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . n:P++^ j  
2) شېئىر ئوقۇپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرغىلى ، ئەخلاقىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ . I=c}6  
3) ئويۇن ئويناپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ، بىلىمىنى بېيىتقىلى بولىدۇ . (> VD#n  
  4) سوئال سوراش ۋە كۆپ سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، مول بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ . di|5|bn7  
5) بىۋاستە كۆزىتىش . ئەمەلىي بويۇملارنى بالىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قويۇپ بېرىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ . 1MYA/l$  
6) ئويۇن قويۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئوخشىمىغان روللارنى ئالدۇرۇپ ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلـتۈرگىلى بولىدۇ . %$ ^ eY'-'  
7) دوراش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقلىرىنى دوراشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ . p;P cD  
8) مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش . بۇ ئارقىلىق بالىلاردا توغرا - خاتانى ئايرىيالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .

koksangun 2012-06-05 12:00
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار D]* 
DEN (pA\  
بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق،زېرەك،چاققان،ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئىكەنلىكى بىلەن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ.يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ دۆت،قاشاڭ،ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ  ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن قايغۇرىدۇ.زادى قايسى ئامىللار بالىلارنىڭ ئەقىللىق ۋە دۆت بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ i$"M'BG  
1. ئۆزىدىكى ئامىللار:  ئىچكى ئامىل – ئۆزگىرشىنىڭ ئاساسى. ;Vlt4,s)  
1› تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال:مەسلەن،بالدۇر تۇغۇلۇش،تۇغۇتتىكى زەخمىلنىش ( بېشى زەخمىلىنىپ قانلىق ئىشىشىق پەيدا بولۇش )،بالىنىڭ بېشى كىچىك غەلىتە شەكىلدە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا بالىنىڭ ئەقلى تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن.لېكىن جەزمەن ئۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن.بەزى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچاراق بولسىمۇ لېكىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. .EdQ]c-E=  
2› ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن ئەھۋالى:ئوزۇقلىنىشى ناچار بولغان بالىلارنىڭ بەدىنى،ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناچارراق بولىدۇ.مىڭە ھۈجەيرىلىرىنى تەمىنلەيدىغان قۇۋۋەت مەنبەسى يېتەرلىك بولمىسا نەتىجىدە بالىنىڭ ئەقلى،ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.بۇلاردىن باشقا بالىنىڭ بەدىنى مۇكەممەل بولمىسا،مۇسكۇللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار بولسا بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. Z O\x|E!b  
3› بالىنىڭ كۆرۈش قۈۋۋىتى ناچار بولسا كىتاپ ئوقۇشى قىيىنلىشىدۇ.قۇلىقى ئېغىرراق بولسا دەرس ئاڭلىشى قىينلىشىدۇ.بولۇپمۇ تۇغما خاراكتىرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى،قۇلىقىنىڭ ئاڭلىشى ناچار بولسا ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. &p83X  
4› كىتاپ ئوقۇش ئىقتىدارى كېچىكىش:نورمال ئىككى ئايلىق بولغاندا بالا مېڭىۋاتقان ئادەمگە دىققەت قىلىپ قارىيالايدۇ.ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئۆزىنىڭ قوللىلىرىغا قارىيالايدۇ.ئۈچ ياشقا كىرگەندە رەسىملەرنى تونىيالايدۇ.يەتتە ياشقا كىرگەندە كىتاپ كۆرۈپ خەت يازالايدۇ.ئەگەر بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچاررراق بولسا،كىتاپ ئوقۇش ئىقتىدارى نورمال بالىلارغا نىسبەتەن كېچىكىدۇ.ئەلۋەتتە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار بولىدۇ. Q zq3{%^x_  
   5› ئۆگىنىش قالايمىقان بولۇپ ئىدىيىسىنى بىر يەرگە يىغالماسلىق:بەزى بالىلار ھېلى بۇنى ئويلىس،ھېلى ئۇنى ئويلاپ ئىدىيىسىنى بىر يەرگە يىغالمايدۇ.تەپەككۈر قىلىشى زىيادە تۇراقسىز بولىدۇ.ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ داۋاملىق خاتالىقلار تۈز بېرىپ تۇرىدۇ.خوشال بولغاندا تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدۇ.لېكىن ئادەتتە قەلەم تەۋرىتىشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋاللار بالا چوڭ بولغانسىرى تۈزۈلۇپ كېتىدۇ. E` gUNAKQ  
   6› مىجەزى: بالىلارنىڭ مىجەزى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى بەزى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقۇش بىلەن ئانچە خۇشى بولمايدۇ.مەكتەپتە ئوقۇش،تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشكە قىزىقمايدۇ.نەتىجىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولىدۇ. D{G~7P\.  
   7› بەزىبىر نېرۋا ۋە روھىي كېسەللىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولىدۇ. ,); -v4$  
   8› باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى:قان تەركىبىدە گلۇكوزا تۆۋەن بولسا،دائىم چۆچۆپ تارتىشىش،دۆۋلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،بۇنىڭ بىلەن ئەقلي ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىىنى پەيدا قىلىدۇ.نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كېسەللىكلىرى مەسىلەن،مىڭە ياللۇغى،مېنىنگىت بىلەن ئاغرىغان ياكى بېشى زەخمىلەنگەن بالىلار ئەسلىدە ناھايىتى سالامەت بولسىمۇ، لېكىن،كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.تۇتقاق كېسىلى ۋە باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تاتىشىپ دۆۋىلىنىش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىۋەرسە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى مىڭە زەخمىلىنىشىنى پەيدا قىلىپ،بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرستىدۇ. %Q y9X+N:  
2.ئائىلىدىكى ئامىللار ,;k`N`#'  
بالىلار كىچىگىدىن تارتىپلا ئائىلىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن،چوڭلارنىڭ كىچىككىنە بىرەر ھەرىكىتىمۇ بالىلارغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. .V.ga2+  
1› ئائىلىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بالىلارغا نىسبەتەن ئۈلگە بولىدۇ. مەسىلەن،گۈل ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،بىرەر نەرسىگە ئامراقلىقى... قاتارلىقلار بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. L6n 
2› ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلار ئۆگىنىشىگە بولغان پوزىتيىسىسى: rUWC=?Q  
بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە نىسبەتەن مۇكاپاتلاش،رىغبەتلەندۈرۈش پوزىتىيىسىنى تۇتىدۇ.بەزىلەرنىڭ ھېچقانداق كارى بولمايدۇ.بەزى ئائىلىكلەر بالىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان،تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئادەتكە كۆندۈرۈپ،تەربىيىلەيدۇ.بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ كارى بولمايدۇ.بەزىلەر بالىلىرىنىڭ كۆپرەك «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سوئال سورىشىغا رىغبەتلەندۈرىدۇ.ھەمدە سەۋرىچانلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ چۈشەندۈرىدۇ.بەزى ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ سوئال سورىشىدىن زېرىكىدۇ،ياخشى كۆرمەيدۇ.بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئۇلارنى يېتەكلىمەي،چۈشەندۈرمەيلا ھەممىسىگە ئارىلىشىۋالىدۇ،بالا ياخشى ئۆگىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ. Ot([5/K  
3› ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 141XnAb)I  
4› ئائىلە ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆگىنىشنىڭ تەسىرى: m(p0)X),_i  
يەكشەنبە،بايرام،دەم ئېلىش ۋاقىلىرىد بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلش،ئويناش،كىنو كۆرۈش،يېلېۋىزور نومۇرلىرى كۆرۈش،ھېكايە ئېيتىش قاتارلقلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئلگىرى سۈرىدۇ. .$N8cYu0  
5› ئائىلىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى: H:!pFj  
ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ تەسىرى مۇتلەق بولمايدۇ. -cs$E2 -  
3.مەكتەپتىكى ئامىللار: qJYEsI2M  
1› ئوقۇتۇش،تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى: [28Vf"#]  
بەزى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى تەقدىرلەش،توغرا رىغبەتلەندۈرۈش ئورنىغا ئەكىسچە قورقىتىش،سوغۇق كۈلۈش،جازالاش ۋە تەنە سۆز قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. se`^g ,]P  
2› دەرس سۆزلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى: C[Nh>V7=  
بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆتمەكچى بولغان دەرىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ،ياكى دەرىسى قوپال،چۈشنىكسىز سۆزلەيدۇ – دە بالىلار ياخشى ئۆگىنەلمەيدۇ. /\d@AB^5I  
3› ئۇزۇن ۋاقىت دەرىسكە قاتناشماسلىق: erdA ?  
مەكتەپكە كەلمەي ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن دەرىستىن قېلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېتىشەلمەي،نەتىجىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. f/UIpswrZ'  
4› كۆپ مەكتەپ ئالمىشىش: `!lQd}W  
مەكتەپنى كۆپ ئالماشسا بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ.شۇنداقلا ئوقۇتۇش سۈرئىتى،مەزمۇنى،ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.يۇقىرىقى نۇرغۇنلىغان ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى،كۆپىنچە سەۋەبلەرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكىلەر زىچ ماسلاشقاندىلا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقى ئامىللارنى تۈزەتكىلى ۋە كەمچىلىكلەرنى يەڭگىلى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

koksangun 2012-06-05 12:01
پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار JlhI3`X;/  
ئاتا – ئانىلار پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا پەرزەنت ساپاسىنى يېتىلدۈرگۈچى تۇنجى تەربىيىچىدۇر.  پەرزەنت تۇغۇلۇپ مەكتەپ يېشىغىچە ئاتا –  ئانىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. پەرزەنتتە دەسلەپكى شەرتلىك رېفلېكسنىڭ باشلىنىشىدىن تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش،  ئۇقۇم پەيدا بولۇش قاتارلىق جەريانلارغا ئاتا –  ئانىنىڭ پسىخىكىسى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەخلاقى ... قاتارلىقلار بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا –  ئانىلار پەرزەنتىدە ياخشى پسىخىك ئالاھىدىلىك ۋە تۇرمۇش ئادىتى، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرىمەن، دەيدىكەن، پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنلا، ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان كۆرسەتمىلىك رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. &*9 ' 0  
ئانا پەرزەنت پسىخىكىسىنىڭ يېتىلىشى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ۋە كېيىنكى قابىلىيەتلىرىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ يېتىلىشىنى ئاساسەن ئانىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە توغرا يېتەكچىلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن. ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەسىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە ئاتا بولمىسا، پەرزەنتنىڭ يۈرىكى كىچىك بولۇپ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىدە ئاتا بولسا پەرزەنتتە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولىدۇ، ئاتىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە كېلىشمەسلىككە تۇتقان پوزىتسىيىسى پەرزەنتنىڭ ئىرادىسنى چېنىقتۇرىدۇ، ئاتا پەرزەنتىگە قاتتىق تەلەپ قويسا، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىم كۆڭۈل بۆلسە، پەرزەنتنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى ئۇتۇق قازىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ. Q+; N(\  
     دېمەك، ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋەت بولغانلىقتىن، پەرزەنت چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا –  ئانىنىڭ يوليورۇق كۆرسىتىشىدىن، ياردەم قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن: مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش، كەسىپ تاللاش، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش، سىياسىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش قاتارلىقلاردا ئاتا –  ئانا پەرزەنتلىرىگە ئەتراپلىق ياردەم قىلىدۇ. ئومۇمەن، پەرزەنت ساپاسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئاتا –  ئانىنىڭ رولىنى ھېچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. z4wG]]Kh*  
     مېنىڭچە، ياش ئاتا –  ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشتە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: g ![?P"i^t  
     1. ئائىلە ئىناقلىقىنى، يەنى ئىناق، باراۋەر، دېموكراتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ياخشى ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى ؛ YWhp4`m  
     2. يۈرۈش – تۇرۇشتا ئىلمىي، گەپ – سۆزدە سىلىق، سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى؛ &FY7 D<  
3.پەرزەنتنى ئائىلىدە چامى يېتىدىغان ئىشلارغا سېلىپ،  ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈشى؛ A}G>JL  
4.پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن، پەن –  مەدەنىيەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى؛ Nbd[xs-lw  
5.پەرزەنتلىرىگە سەمىمىي ئادەم بولۇش تەربىيىسىنى بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، قانۇن –  تۈزۈم ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى؛ #D .hZ=!  
6. دۆلەت، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىلەش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشى، پەرزەنتىنى ئاسرىشى، ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى، زىيادە ئامراقلىق قىلماسلىقى، ئاددىي –  ساددا، ئىقتىسادچان ئادەت يېتىلدۈرۈشكە،  مەكتەپ، جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، تەلىم –  تەربىيىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

koksangun 2012-06-05 12:01
قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى mO&zE;/[  
495A\8#  
بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ،دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.مەسىلەن :"تىز ئۇخلا ،بولمىسا بۆرە كېلىپ سىنى يەۋالىدۇ"،"يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ"دېگەندەك .بۇ دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ ،ئەمما بالىلارنىڭ سەبى قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ ،قورقۇنچ ،ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. S^_F0 
ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا،قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ ،ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ ،پىسخكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. nTCwLnX(O  
بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز ،ئاجىز قىلىپ قويىدۇ،بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلارنى ئاجىزلىغى ئارقىلىق قورقىتىدۇ.بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ،ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى چەكلەيدۇ.بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىغىنى پەيدا قىلىدۇ -دە ،ھەمىشە قورقۇپ ھودوقۇپ يۇرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ.ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتقا تەسىر يىتىدۇ.بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە ،بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. Zqj EVVB  
بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاتا -ئانىلار "خەپ ،داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم"دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ،نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يرتىدۇ-دە بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. `u$lSGl  
دىمەك ،بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق .شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى ،بالىلارنى ئەركىن يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىگى لازىم.

koksangun 2012-06-05 12:02
مائارىپشۇناسلار ئاتا- ئانىلارغا 30 تۈرلۈك تەلەپ بەردى liPaT  
1. ھەر قانداق ۋاقىتتا، بالىڭىزغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇڭ؛ i=jY l  
2. بالىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىڭ، بالىڭىز ئائىلىدە ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلسۇن؛ 23/;W|   
3. بالىڭىزنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، بالىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان ۋاقىتتا «ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلماڭ؛ i!yE#zew  
4. بالىڭىزدىن بىرەر ئىشنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ؛ z m+3aF  
5. ئەر- خوتۇن ئىككىڭلار بالا ئالدىدا جېدەل- ماجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ 5=/j  
6. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا بوۋا- مومىلىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلماڭ؛ cFr `9A\-n  
7. بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇڭ؛ #,9#x]U#v  
8. باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ؛ H Nd? '  
9. باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، سەل قارىماڭ؛ t"P:}ps{?  
10. بالىڭىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىغان سوئاللىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ، بىلگەننى بىلىمەن دەڭ، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ؛ X=V2^zrt  
11. بالىڭىزنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ؛ !Y10UmMu  
12. ھەر كۈنى بالىڭىزغا ئىختىيارىي پائالىيەت قىلىدىغان سورۇن ۋە ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىڭ؛  GK1oS  
13. بالىڭىزنى ھەر كۈنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، ھەرىكەت قىلغۇزۇڭ؛ Mb-AzGsV  
14. بالىڭىزنى ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، مەغلۇپ بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق؛ .0p'G}1  
15. بالىڭىز بىلەن ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، بۇنداق قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق؛ kAq#cLprG  
16. بالىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان گېپى بار چاغدا، ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ؛ CW -[c  
17. بالىڭىزنى تەنقىدلىگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە ۋە سۆزىڭىزگە رەددىيە بېرىشىگە يول قويۇڭ؛ 1p8hn!V  
18. بالىڭىزغا «سەن بەك دۆت، ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماڭ؛ rTqGtmulG  
19. بالىڭىزنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ؛ a\}` f=T  
20. بالىڭىزغا قىلغان ۋەدىڭىزنى چوقۇم ئورۇنداڭ؛ Cv [1HO<  
21. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلسە، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىڭ؛ D"exI]  
22. بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىڭ؛ /0Mt-8[  
23. ئائىلىدە بالىڭىزغا ئۆزىگە خاس بولغان ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بېرىڭ؛ @2;cv?i)  
24. بالىڭىزغا ئېلىپ بېرىدىغان ئويۇنچۇقلار بەك كۆپ ھەم بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسۇن؛ ;SX~u*`R  
25. ھە دېگەندىلا بالىڭىزنى قورقىتىدىغان ئىشلارنى ۋە سۆزلەرنى قىلماڭ؛ !t}yoN n|  
26. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ؛ eD7qc1*G  
27. ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا، بالىڭىزنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ؛ o#=C[d5BV  
28. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسا، كونا خاماننى سورۇپ يۈرمەڭ؛ vmh>|N4a7  
29. بالىڭىزنى بەك ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ؛ .R l7,1\  
30. بالىڭىزنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىگە نىسبەتەن كۆرمىگەن، بىلمىگەن بولۇۋالماڭ.

koksangun 2012-06-05 12:02
بالىلارغا خوشاللىق كېرەك (.X)=  
بالىلار ماشىنا ئادەم ئەمەس K?r  
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇچراشقاندا ئاساسەن " بالامنىڭ ئوقۇشى قانداقراق"، ئۇ سىنىپتا قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟" دېگەنلەرنى سوراشقا ئامراق. لېكىن ئوقۇتقۇچىدىن پەرزەنتىنىڭ نىمىلەرگە قىزىقىدىغانلىقى، قانداق ئارتۇقچىلىقى، ئالاھىدىلىكى بارلىقى، ئەخلاق -پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقى، مەكتەپتە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى سورايدىغانلار ناھايىتى ئاز. &FuL {YL  
مەن بىر ئوقۇتقۇچى. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئىلگىرى بالامنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن سۆزلەشكەندە ياكى سىنىپىمدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۆزۈممۈ سەزمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدىلا پاراڭلىشىپ كېتەتتىم. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىش، ئىمتىھاندىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىش ،تاپشۇرۇق ئىشلەش، دەرس تەكرار قىلىش ئۈچۈنلا يارالمىغانغۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش ھوقوقى بارغۇ؟ دېگەنلەرنى ئەستىن چىقىرىپ قوياتتىم. e<*qaUI  
كېيىن تەجرىبەمنىڭ كۆپىيىشى، نەزەر دائىرەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم. h(<>s#=E  
نېمە سەۋەپتىن ۋە قاچاندىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجايىپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى قېزىش، شۇ بويىچە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قىزىقىشىنىڭ بارلىقىنى، شۇ بويىچە يېتەكلەنسە ئۇلارنىڭ ئەقىل ۋە ئىقتىدار جەھەتتە تېخىمۇ تېز ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويدۇق؟ ئاتا-ئانىلار نېمە ئۈچۈن ھە دېگەندىلا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئېسىلىۋالىدىغان، " بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا سىنىپتا مانچىنچى بولساڭ، مۇنچىلىك پۇل بىلەن مۇكاپاتلايمەن" دېگەنلەرگىلا ئېسىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى؟ L AH">E  
بۇنداق بولىۋەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى، پىسخىك ساغلاملىقىغا، خاسلىقىنىڭ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە چوقۇم تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ماشىنا ئادەم ئەمەس. ([}08OW@  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۈگىنىشىنى، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ. شۇنداقلا يەنە پەرزەنتىنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا-ئانىمۇ بولمايدۇ. مەن ھازىر تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا تىرىشىپ ئۆگىنىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ھەرۋاقىت ئەستىن چىقارمايدىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندىكى بىرەر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىنى سەۋەنلىك دەپ قارىمايدىغان، ئۇلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغىنى بېسىم ئەمەس، ئىزچىل ئىلمى يېتەكلەش، ئىلھاملاندۇرۇش، كۆيۈنۈش، دەپ قارايدىغان بولدۇم. N-_APWA  
بىز-ئاتا-ئانىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلام، ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلەيلى. ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلسۇن. ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپىمۇ، دەۋر تەرەققىياتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىمتىھان بېرىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالسا، تەربىيىلىگىنىمىز پىداگوكلار ئېيتقاندەك «ئىمتىھاندا يۇقۇرى نومۇر ئالىدىغان، ئەمما ئىقتىدارسىز» ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. +:4>4=  
مەنبە: پىچان مائارىپ تورى

akida228 2012-06-05 12:21
بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھايا بىلەن يۈرۈڭ p:5NMo  
u~ipB*Z f  
< kPNe>-f  
    مائارىپشۇناسلار، جەمئىيەتشۇناس، پسىخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ- يىتىلىشىگە مىھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. يەنى ئىناق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئائىلىدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن بالىلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك، چىقىشقاق كېلىدىكەن، ھەدېسىلا جېدەل ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۇرۇشقاق، جېدەلخور، ئۆكتەم، كىشىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ماجرا تېرىشقا ئامراق ياكى بولمىسا قورقۇنچاق كېلىدىكەن......... دېمەككى، بىز بۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېر يىتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنۋالالايمىز. peBHZJ``RX  
1.    بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ - ھايا بىلەن يۈرۈڭ. بالىلىرىڭىز كىچىك بولسا كۈندىن- كۈنگە چوڭ بولىدۇ، ئىش ئاڭقىرىدۇ، مەسلىلەرنىڭ ياخشى - يامىننى بىلىش چۈشىنىشكە باشلايدۇ. يەنە كىلىپ بالىلار كۆپىنچە نەرسىنى ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تەقلىد قىلىش، دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. دىققەت قىلىڭ، بالىلىرىڭىز سىزنىڭ يامان، ناچار تەرىپىڭىزنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن. OKlR`Vaty  
2. ئۆي ئىچىدە ھاياسىز چاقچاق، سەت، قوپال، گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ، بولۇپمۇ، بالىلىرىڭىز بار يەردە. بالىڭىز كىچىك بولسا سىزنىڭ بىزەب، بەدىۋىي سۆزلىرىڭىزنى دەرھاللا ئۆگىنىپ، ھەممىلا يەردە ۋاتىلداپ سۆزلەپ يۈرۈپ، سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى ئاشكارلايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىننى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. نىمە دەۋاتقان، قىلۋاتقىنىنى چۈشىندىغان سىزدەك چوڭلار ئېغىزىنى چايقىمىسا، كىچىكلەرنىڭ ئېغىزىدىن بېزەپ، ھاياسىز گەپلەرنى تۆكمە قىلىشنى ھار ئالمىساقمۇ بولىدۇ. بالىڭىز چوڭ بولسا ھاياسىز گەپلەر بىلەن ئۇنى خىجىل قىلىپ قويىسىز. ئەگەر بۇ ھال تەكرارلىنىۋەرسە ئۇ بارا - بارا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش، دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان، قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان، ئەدەپسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ. n:OXv}pv  
    2. ئۆي ئىچىدە تار، نېپىز ئىچ كىيىملەر بىلەن مېڭىپ يۈرمەڭ. xc 1d[dCdp  
   3. ئۆيدە بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ. ئۆيگە مەست كىلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قورقۇتماڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتىڭىزنى بالىڭىزغا كۆرسەتمەڭ. ئۇلار سىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن. دادىنىڭ بالا ئالدىدىكى ئۇياتسىزلىقى ئۇنى بالىسىنىڭ نەزىرىدىن تىزلا چۈشۈرۋىتىدۇ ۋە بالا دادىسىدىن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. Gd_0FF.  
4. بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا ھەر قانداق شەكىلدە يېقىنچىلىق قىلماڭ. ھاياسىز، ياپتا گەپلەر بىلەن چاقچاقلاشماڭ. gv>DOez/  
5.ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋېزور كۆرمەڭ. شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىلىرىڭىز ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى كۆرسۇن. لېكىن مۇنداق قىلىش بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتى ۋە ئارىدىكى يېقىن ھېس - مىھرىنى بۇزىۋىتىدۇ. بىرگە كۆرمەكچى بولسىڭىز قولىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ < ھاياسىز ئات - ئىشەك> لەر خۇدىنى بىلەلمەي قالسا < تىزگىن> تارتىپ يول - قانال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا بالىلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەتتە قالىسىز. يېنىڭىزدا بالىلىرىڭىز ئولتۇرسا، بىھايا كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى نومۇس پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن os"R'GYmf  
   بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ھايا پەردىسىگە ئورالغان پاكىز مېھرى- ھۆرمەت بولسۇن. شۇندىلا ئۇ سىزدىن تەپتارتىدۇ، ئەيمىنىدۇ، گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدۇ. ئىپپەت قوغلىشىدىغان مىسكىندىن، ئەقىدىسى دۇرۇس، تەقۋا پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ. Os'E7;:1h  
مەنبە:ئىلغار ماقالە تورى

tursun 2012-06-05 13:13
پەرزەنت دىگەن ئوينىڭ -جەننىتى، XXum2eA  
پەرزەنت ئاتا-ئانا-دولىتى. ]pBEoktp  
پەرزەنتىگە مىھرىنى-بەرگەن، d9:I.SA)E  
ئائىلىنىڭ سۇلماس-قانىتى. U<0Wa>3zj  
%C,zR&]F  
كەسىپدىشىم ئوزقاننىڭ -پەرزەنت ئىشقىدا گۇلخانلىغان ئوتلۇق مىھرىگە،پىداكارانە روھىيغا ئالىي تەشەككۇر!

gulhan 2012-06-05 16:30
ئۆزقان، قەدىمىڭىزنىڭ يىڭى سەھىپىسىدىن بەكمۇ سۈيۈندىم.مۇنبەرداشلار ئۈچۈن باسقان پايدىلىق يەنە بىر قەدىمىڭىزگە رەھمەت.ئۇزچاق ئېيتقاندەك گەرچە بىز بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بىكىتىپ بېرشكە قادىر بۇلالمىساقمۇ، ئادىمىيلىك قەدىر قىممىتىدە   ئۆزلىكىنى نامايەن قىلىپ مىڭىشى ئۈچۈن تۇغرا يولغا چۈشۈرگۈچىلەربىز. ,H"}Rw  
بالا دىسە بارلىقىمىزنى ئاتايدىغان پەزىلىتىمىزدە بالىمىزنىڭ ھايات ئۇلىنى سىلىشقا سەل قارساق ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بالا تەربىيلەشتە گەرچە سىزدەك سېستىملىق پىلان،ئۇسوللىرىم بولمىسىمۇ  ئىككى بالىغا ئانا بولغان مەن يىللار قوينىغا تىنىپ قالغان ئىزتىراپلىرىمنى، تەجرىبىلىرىمنى، نەتىيجىلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي. مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئەگلەكلىرىدىن ئۈتكۈزۈپ جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىشىنى سورايمەن. &%j`WF4p  
نەتىيجىلىرىم: /ojwOJ  
1. پەرزەنت قەلبى مۇھەببەتتىن تۇيۇنسۇن.ئۇمۇ نۆۋىتىدە بىزگە مۇھەببەت بېرەلەيدۇ. 6Zn[l,\  
بالىمىز ئۇيقىدىن كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئىللىق چېھرىمىز بىلەن ئۇلارنى باغاشلاپ، خەيرىلىك كۈن تىلەيلى.كەچلىكى ياتقىنىدا ئۇخلاش ئالدىدا ياخشى ئۇيقۇ تىلەيلى. ئۇلارمۇ ئاستا -ئاستا سىزدىن ئەھۋال سورايدىغان بولىدۇ.(  كەچلىكى چارچاپ كەتكەنلىرىمدە يۈرەك پارىلىرىمنىڭ < ياخشى چۈش كۆرۈڭ... چۈش كۆرمەي راھەت ئۇخلاڭ ..> دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزەمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.) vzI>:Bf  
2. باشقىلاردىن مىنەتدار بولۇشنى ئۈگۈتۈش ئارقىلىق ساغلام قەلىب يىتىلدۈرۈشكە ئاساس سالايلى. n^;-&  
بىز بالىلىرىمىزنى كىچىك- كىچىك ئىشلارغا بۇيرۇپ، ئورۇندىغان ھامان رەھمەت ئېيتساق ، ئۇلاردا بۇ ئادەت تەبىي يىتىلىدۇ. ( لىكىن چۇقۇم ئىزچىللىققا دىققەت قىلايلى) ھازىر مەن ئەتكەن تەماقلارنى ئىشتىھا بىلەن يىگەن بالىلىرىمنىڭ ئېيتقان رەھمەتلىرى  ھاردۇغۇمنى چىقىرىدۇ. مەنمۇ ئېرىنمەي ئۇلارنىڭ قىلىپ بەرگەن ھەر بىر كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن « رەھمەت » دىگەن بۇ ئۆزى ئاددىي، لىكىن ۋەزنى بىيباھا سۆزىمنى ئۇلاردىن ھەم باشقىلاردىن ھىلى ھەم ئايىمايمەن. kYkA^Aq  
3.چۆچەك ئېيتىپ بېرىشكە ،بالىنڭمۇ ئېيتىپ بېرىشىگە ئادەتلىنىش. t'$_3ml  
ئۆزقان ، ئىككى ياشلىق  پەرىشتىڭىزنىڭ  ھازىر تۇلۇمۇ ئۇماق، ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن ۋاقتىغۇ دەيمەن .(قىزىمنىڭ ئەمدىلا چىقىشقا باشلىغان چۈچۈك تىللىرى بىلەن ، سەبىي كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئەگىشىپ دوراشلىرى كۆزئالدىمدا.) "6%{#TZ  
ئۇغلۇم يىغلىسا چۆچەك ئېيتىپ بەرسەم  تۇختاپ قالاتتى. شۇنىڭ سەۋەبدىمۇ ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ، سۆزلەش جەھەتتىكى قابىليىتى تەڭتۈشلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە . لىكىن قىزىمغا كەلگەندە ئۇ تۇختىماي ھايۋاناتلار ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىڭ دەپ تۇرۋالاتتى. لىكىن ئۆزى مەن ئېيتقىنىمنى ھەرگىز ئېيتمايتتى. ئۆزىچە تۇقۇپ ئېيتىدۇ.مەن  ئۇنىڭ تەسەۋۇر قابىليىتىنى چۆچەك ئارقىلىق كەلدىمىكىن دەيمەن. ( بۇ تۇغۇرلۇق ئىزتىراپلىرىم بار، كىيىن تۇختۇلۇپ ئۈتەي) tE-bHu370  
4.  كىتابنى چوڭ كۆرىدىغان قاراشنى يىتىلدۈرۈش. /!Ag/SmS!9  
ئۈلگىنىڭ كۈچى سۆز تەربىيىسىدىن ئەلا . بۇ مىنىڭ ئەمىليىتىمدىن ئۈتكەن. ئۆزەم كىتابخۇمار بولغاچقا بالىلىرىممۇ كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن. ئۇلارنىڭ يىغقان پۇللىرىغا كىتاب سىتۋىلىشى،شەھەرگە بارغاندىكى  ئەڭ خۇشاللىق ئىشىڭ نىمە دەپ سورىغاندا كىتابخانغا بېرىش دەپ جاۋاب بېرىشىدىن مەن بۇ ھىكمەتنىڭ مەنىسىنى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. >?JUGXAi'{  
5. ئىتقاد تەربىيىسىنى بېرىشكە سەل قارماسلىق. $ZyOBxI  
ئادەمنىڭ روھىي بوشلۇقىدا بىر نەرسىگە ئىتقاد قىلىش بوشلىقى بولىدىكەن.( بۇنى مەن بىر ماتىريالدىن كۆرگەن) بىز چۇقۇم بالىلىرىمىزغا ئەڭ بۈيۈك، ئاڭ توغرا بولغان ئىتقاد تەربىيىسىنى بېرىشكە كۈچ چىقىرىشمىز كېرەك. تەرەققىيات سەۋەبىدىن بالىنىڭ نەزەر دائىرسى، بىلىم ساپاسى ئاتا-ئانىلاردىن ئىشىپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا ئەگەر بالىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغان ئىتقاد بولمىسا ئاتا-ئانا ھىچ گەپ ئەمەس بولۇپ قالىدىكەن. بۇ نۇقتىغا سەل قارىغاچقا شۇڭىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مىللەتتىن كۈيئوغۇلىمىز بار بولۇپ كىتۋاتىدۇ.بۇ زادى نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ.ھەممىز ئويلاپ بىقىشىمىزغا تىگىشلىك بۇ مەسلە. ~RBa&Y=Mb  
6.ئاتا-ئانا قايسى ئىشنى قىلالىسا بالا شۇ ئىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ. شۇ بۇيىچە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. 3Q7PY46  
مىنىڭ 1- ئوقۇش تارىخىمدىكى كەسپىم رىسىم . شۇڭىمۇ بالىلىرىم رەسىمگە بەكمۇ ئۇستا .مەكتىۋىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ 6 ياشقا كىرگەن ئوغلىىنىڭ راۋاپ چىلىش، دۇمباق چىلىش ئىقتىدارى بىزنى بەكمۇ قايىل قىلىدۇ. JP^x]t:  
7. بلىلارنىڭ ھەربىر مۇۋاپىقيىتىنى ماختاشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، كەمچىللىكىنى تۈزۈتىشكە قاتتىق قول بولۇش كېرەك. e(&u3 #7Nn  
ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمىسا كېرەك. ئوغلۇمنىڭ 3 ياشتىكى چاغلىرى ئىدى. بىر ئىشتا خاپا بولۇپ مىنى بەكمۇ سەت تىللىدى. دەرھاللا ئاغزىغا بىر كاچات ئۇرۇپتىمەن.( ئۇ بىز ئاياللارئەڭ  يامان كۆرىدىغان تىل ئىدى)ئاپاممۇ بار ئۇ چاغدا. ئاپام بالا كىچىك تۇرسا شۇنداقمۇ ئۇرامسەن دەپ ماڭا بەكمۇ خاپا بولۇپ كەتتى.مىنىڭمۇ بالامنىڭ قىزىرىپ كەتكەن ئاغزىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىغان ئىدى شۇ چاغ. بىراق ئۇ كىيىن ھازىرغا قەدەر ئۇ تىلنى ئىككىنچى ئاغزىغا ئالمىدى.( باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاندىمۇ ئۇ ئۇنچە بەك تىللىشالمايدۇ.)شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا ئىلمىي تەربىيە قىلىشنى ئۈگۈنۋالدىم. g]BA/Dw  
  قىزىمنىڭ تەرەققىياتى  ماڭا ماختاشنىڭ ئۈنىمىنى ئەمىليىتىدە كۆرسەتتى. ئو ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ. تۈرگۈن، چىقىشقاق، بەكمۇ ئوڭلۇق.  6ياشلىق قىزىمدىن ھەر قىتىم سىنىپىڭىزلاردا كىم ئەڭ ئەقىللىق دەپ سورىسام مەن 1- دەپ تۇرۋالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن بەكمۇ سۈيۈنىپ كىتىمەن. گەرچە بۇ ماختانچاقلىققا ياتسىمۇ بىراق بالىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تويغۇسىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىسى با ئىكەن. ماختانچاقلىقنى ئاستا -ئاستا چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ تۈزەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. m?8o\|i,  
\~U:k4  
بالا تەربىيلەشتىكى ئاچچىق ساۋاقلىرىم: zx+}>(U\U  
1. ئوغلۇمنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتقىنىم بولدى. ئۇ 5ياشقا كىرگۈچە بەكمۇ يوللۇق، چىقىشقاق، كەڭ قۇرساق يوللۇق بالا ئىدى. قاچان خەنزوچە مۇھىتتىكى تەربىيەگە بەردىم ، شۇ كۈندىن باشلاپ جاھىل، ئۇرۇشقاق، يىغلىغاق بولۇپ قالدى. يات تىلنى چۈشۈنىپ بولغىچە بالىدا بىئىختىيار شۇنداق مىجەز شەكىللىنىپ قالدى. Q?`s4P)14o  
2.ھىكايە ئېيتىش، رەسىم سىزىشتەك پائالىيەتلەرنىڭ ئورنىنى تور ئىلۋالدى. بۇنىڭدىن بەكمۇ ئۈكىنىمەن.( بۇنىڭدىكى سەۋەپچى ئۆزەم بولۇپ قالدىم)

kumush 2012-06-05 17:10
     ئەسسالام ئۆزقان، مەن تېخى سىزگە قانداق ياردەم كېرەكتۇ دېسەم،ئەسلىدە ھەممىمىزنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئىزدىنىۋېتىپسىز ئەمەسمۇ!.     6J$I8b#/  
    تورداشلار ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مەنمۇ بىر تامچە بولسىمۇ تېمىتاي دېدىم. <w?k<%( 4  
7-8يىللار بۇرۇن بالىلىرىمىز كىچىك ۋاقىتتا پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان دوستلاردىن بىرنەچچىمىز بالىلارنى ئوينۇتۇش ئۈچۈن پات-پات يىغىلىدىغان بولۇپ قالدۇق،( 8 يىل داۋاملاشتۇرۇپتۇق.)يىغىلىشىمىز تولاراق ئۆيدە بىللە تاماق ئېتىپ يەۋېلىپ ،ئاندىن خىلق مەيدانى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قوروسى،كىنوخانا ۋە دوستلىرىمىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى چوڭراق،بالىلار ئازادە پائالىيەت قىلالايدىغان ھويلىلارغا بېرىش بولدى.بۇنداق چاغلاردا بىز ئالغىلى بولىدىغان تەنتەربىيە سايمانلىرىنى ئېلىۋالىمىز.بالىلار بۇ ئويۇن جەريانىدا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇپ يەنە ئەپلىشىپ 0]nveC$  
باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى،كەچۈرۈشنى،چوڭلىرى كىچىكلىرىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۈگەندى.بۇ يىغىلىشنى بىز مەقسەتلىك،سېستىمىلىق پىلانلىمىدۇق.لېكىن ھەر قېتىمقى يىغىلىشتىن كېيىن بەزى ئانچە ياخشى بولمىغان تەرەپلەرنى دىيىشىپ تۈزەتتۇق. (مەسىلەن 1.بۇ قېتىم باغچىغا بارغاندا بالىلار پۇل خەجلەشكە تايىنىپ خوش بولدى،كېلەر قېتىم تاماقنى ئۆيدە ئېتىپ،سۇنى بوتولكىغا قاچىلاپ ئاپىرىمىز. 2. بۇ قېتىم ئۆزىمىز پاراڭلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ بالىلار كىنونى ئۇزاق كۆرۈپ كەتتى.كېلەر قېتىم بالىلار بىرلىشىپ ئويۇن تەييارلىسۇن......) شۇنىڭ بىلەن بۇ يىغىلىشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇردۇق. ھەر يىلى 5-ئايدا ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا ئاپاردۇق، ھەر يىلى قىشتا مۇز تېيىلغىلى تاغقا چىقتۇق.(تاغقا چىققاندا ئادەم بەك كۆپ تاغلارنى ئەمەس،ئادەم ئاز <<كۆك ئاسمان>>دېگەن مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىنى تاللاپ،ئۆزىمىز بىللە ئوينىدۇق.ئېلانلاردىن ئىزدىنىپ ساياھەت ئورۇنلىرىغا تىزىملىتىپ،كىچىك ماشىنىلارنى ھەيدەپ چىقماي،ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاپتوبوسلىرىدا ھەممىمىز بىللە ئولتۇرۇپ،ناخشا ئېيتىپ،ھېكايە ئېيتىشىپ بىللە چىقىمىز،ئۆزىمىز ئۆيدە ئەتكەن،پولو،گۆشنان،نان كاۋاپلارنى يەپ،قايتىپ كېلىمىز) 3RFU  
          ئۆيلەردە يىغىلغانغاندا ئاساسەن ئاياللار بالىلارنى ئېلىپ باردۇق.تاغقا باغچىلارغا بارغاندا ئەرلەر بىللە چىقىدۇ، قىشتا مەخسۇس قار ئادەم ياساپ ئوينىشى ئۈچۈن،شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. OcC|7s" ,  
         ئۇ ۋاقىتلاردا بۇنىڭ قانچىلىك پايدىسى بارلىقىنى بىلمىگەن ئىدۇق،لېكىن ھازىر بالىلار چوڭ بولدى،بەزىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا،بەزىلىرى تولۇق ئوتتۇرىغا،بەزىلىرى ئالى مەكتەپكە ئىنتىھان بەرمەكچى،چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭغانلىرىمۇ بار،بۇرۇنقىدەك يىغىلىپ بولالمايمىز،لېكىن ئانىلارمۇ،بالىلارمۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قانماي دىيىشىمىز. lB#7j  
      مەن ئەسلىسەملا كىچىك قىزىمنىڭ 2ياش چاغلىرىدا قىشتا دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدىن قايتىدىغان چاغدا قېلىن كىيىملىرىنى كىيەۈزگىچە ھېرىپ ھالىم قالمايدىغانلىغى،سېمىز قىزىمنى كۆتۈرۈپ 6-قەۋەتلەردىن چۈشكەنلىكىم،جاڭ-جاڭ سوغۇقتا ،بالىنى كۆتۈرۈپ باغچىلاردا مۇز چىراق كۆرسەتكىنىم يادىمغا كېلىدۇ. 7(| f@Y~*  
      ئويلاپ شۇنداق قىلغانلىقىمدىن خوشال بولىمەن.چۇنكى ھازىر  ئۇلارنى كۆتۈرەي دېساممۇ مۈمكىن ئەمەس،چۈچۈك تىللىرى تۈگىدى.بوينۇمغا گىرە سېلىنغان قوللار بۇدرۇق قوللار ئەمەس. VAqZ`y  
        لېكىن بۇنداق يىغىلىشقا كۆپ ئادەم يىغىشقا بولمايدىكەن،جىق بولسا 4ئائىلە بولمىسا 3 ئائىلە بولسا بولىدۇ.(ياخشى يېرى ئەرلىرىمىز بالىلار بار بۇنداق سورۇندا قەتئىي ھاراق ئىچمىدى)  پاراڭ سوقۇشقا ئامراق دوستلارنى قوشۇشقىمۇ بولمايدۇ، چۇنكى بالىلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىگە ئىگە بولغىلى بولمايدىكەن. .%M80X{5~  
        شەخسىي پاراڭنى كۆپ قىلىۋېتكەن بولسام كەچۈرۈڭلار.كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىتتە ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ سالدىم

ozqan 2012-06-05 22:18
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەكلا سۆيۈندۈم ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ ، نۇرغۇن پىكىرلەرنى قاتناشتۇرغانلىقى مېنى بەكلا خوش قىلدى . Ev3,p`zS._  
  ئەقىدە ، ئۇزچاق ، ئاققاش ،كۆكسانغۇن ، تىكەن ، ئابلەت ،  دانىش مۇئەللىم ، تۇرسۇن مۇئەللىم ، ، گۈلخان ، كۈمۈش .. سىلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ، مېنى رىغبەتلەندۈرۈدۈڭلار ، مېنىلا ئەمەس ، مۇنبەردىكى نۇرغۇن كۆيۈمچان ئاتا-ئانىلارنى رىغبەتلەندۈردىڭلار ۋە تەربىيەلىدىڭلار ... .VohW=D3  
     يوللانغان ئىنكاس ۋە ئۇلانمىلاردىن تولىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ھېس قىلدىم ، نۇرغۇن چارە-تەدبىرلەنى قوبۇل قىلىدىم ، تەسىرلەندىم ، كاللامدا يەنە يېڭىچە ئېچىلىشلار بولدى ، بۇ تېمىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇپ بالا تەربىيەلەشتىكى بىر دەستۇر قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن . ]AN%#1++U  
   بالا تەربىيەلەش ھەققىدىكى ھەر بىر كىتابتىن بىر ئادەمنىڭلا بالا تەربىيەلەش جەريانىنى كۆرگىلى بولسا ، بۇ تېمىدىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىنىڭ ئۇستازلىقىنى ھېس قىلىغىلى بولىدىكەن . بۇنداق ياخشى كىتاب يەنە بىر جايدىن تېپىلسۇنمۇ ؟! 3|EAOoWnK  
    تاما-تاما كۆل بولار ، دېگەن گەپ بار كۆپچىلىكنىڭ ھاياجانلىرىنىڭ ، تەسىراتلىرىنىڭ ، تەجىرىبە - يەكۈنلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . ,H$%'s1I(  
     كۆپچىلىك ، ھارمىغايسىلەر .

kamalat 2012-06-06 08:41
مەن دىلفۇرۇز بالىلار تەربىيىسى تورىدىن بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت نۇرغۇن بىلمگە ئىگە بولغان.لىكىن تەۋپىق مۇنبىرىدە بۇ خىل تېمىدا سۆزلەش مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇنۇشتا  ئىكەنمەن. ياخشى تېما ئارقىلىق بۇ سەھىپىنى ئاچقىنىڭىزدىن كۆپ خورسەن بولدۇم. باللارنى تەربىيلەپ باللىرىنى تەربىيلەشكە ۋاقتى چىقمىغانلارغا ياخشى ياردەمچى بولغىدەك . پىلانلىغان ئىشلىرىڭىز بالىڭىزنىڭ يېشىغا ماس كىلىشنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟مەن چۇقۇم سىز ئۈچۈن ياردىمىمنى ئايىمايمەن.

tunyukuk 2012-06-06 13:23
  تەۋپىق ئەپەندى: مۇشۇ تېمىدىكى سەھىپىنى ۋاقتىدا قۇرۇپ چىقسىڭىز بولغۇدەك.

maaripqi 2012-06-06 16:16
پاھ-پاھ! بىرنەچچە كۈن مۇنبەرگە كەلمىسەم مۇنبەر ئەجەپ قىزىپ كىتىپتۇ_ھە! [s:5 _94R8?\_V7  
مەندە ھازىرچە تورداشلارغا سۇنغۇدەك ماتىرىيال يوقئىكەن، ئەمما بىر تەكلىپىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇستاز يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ « ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيەسى» دېگەن كىتابىنى بىر ئوقۇپ چىقايلى!  

yumran 2012-06-06 18:21
بۇ سەھىپە ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ. تەۋپىقتا يەنىمۇ يېڭى سەھىپىلەرنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. $bN_0s0:'  
ئۆزقان مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ بىر كۆيۈمچان ئانا ئىكەنسىز.

tawpek 2012-06-06 22:28
مەن نىمانچە كىچىكتىم دەيمەن، i?|u$[^=+  
B3I0H6O  
لىنتا كىسىلىپ ئۇل قۇرلىشىمۇ پۈتۈپتۇ. مەن ھازىرلا بىجا كەلتۈرەي، بۇندىن كىيىن تېمىدا ئوتورغا قويولغان ئون نەچچە تۈرلۈك بالا تەربىيسى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى بىيىتىپ <<پەرزەنىت تەربىيسى >>سەھىپىسىنى مول مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

akida228 2012-06-06 22:53
پەرزەتنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بۇ لېكسىيەمۇ بار

tawpek 2012-06-06 23:02
قىنى ئۇ لىكسىيە؟

ئۇيغۇر 2013-11-03 10:31
ئۆزقان، سىزنىڭ بالىڭىز ئەمدىلا 2 ياشقا كىرىپتۇ. يۇقارقى قىممەتلىك پىكىرلەرنى، يەنىلا سۇغۇققانلىق بىلەن قوللانغىنىڭىز ياخشى بولارمىكىن، ياخشى ساقلاپ قويۇپ، يەنە 2 يىلدىن كېيىن قوللانسىڭىزمۇ بولارمىكىن دەيمدن. ھازىر ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئويۇن ئارقىلىق يىتىلىدۇ.ئۇنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتمىسۇن. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەڭ مۇھىم.بالىڭىزغا يەنىلا خۇدادىن ئەقىل ئەمەس، سالامەتلىك تىلەڭ .«ساغلام تەندە ساپ ئەقىل».

nadiraay 2013-11-03 14:07
مېنىڭچە كىچىك بالىنىڭ ھەر بىر پائالىيىتىگە ۋاقىت بەلگىلەپ ،ھەر بىر ئىش- پاائالىيىتىنى تۇزۇم بويىچە قېلىپقا سېلىش بالىغا پايدىلىق بولماستىن ئەكسىچە بالىنى چەكلەپ قويىدۇ. urQ 
مەن يۇقىرىدا نۇرغۇن بالا تەربىيلەش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ كاللام ئايلىنىپ قالايلا دېدى. بىر بالا بىلەن بىر بالىنىڭ مىجەز خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ ، بالىلىقتىكى بەزىبىر كىچىك كەمچىلىكلىرى بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن تۈزۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن . شۇڭا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالا تەربىيلەشتە يالغۇز كىتابىي بىلىملەرگىلا ئېسىلىۋالماي، ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانغان ئاساستا بالىسىنىڭ يېشىغا، مىجەز خارەكتىرىگە ماس ھالدىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى تاللىشىنى ، ئەڭ مۇھىمى بالىسىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ  كۆيۈنۈش ئاساسىدا مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئىدىقۇت 2013-11-21 12:29
مەنچە ،ئىتقاد ،ئىتقاد تەربىيىسى كېچىكىدىن بالىغا سېڭىشى كېرەك!! بالىنىۇڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىدە بۇ نۇقتىغا سەل قاراشقا ھەرگىز بۇلمايدۇ جۇمۇ!!


查看完整版本: [-- ئۆزقانغا ياردەم كېرەك ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled