查看完整版本: [-- ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارغا سۆزلەنگەن سۆز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارغا سۆزلەنگەن سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2012-06-01 01:18

ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارغا سۆزلەنگەن سۆز

كەسىپدىشىم تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللانىڭ بۇ قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇرااسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ ئورگىنالىنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، كەسىپدىشىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .  7k[`]:*o  
w2M IY_N?  
'w |s*5  
تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز (pRy1DH~  
تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا
(خېجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن )
Kr+Bt y  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇلۇغ مەسئۇلىيەت مۇقەددەس پىداكارلىق، مىننەتسىز مۇھەببەت بىلەن ياش بۇغۇنلارغا ئىنسانىي پەزىلەتنى ،  ئاتىلىق جاسارەتنى، ئانىلىق  ھارارەتنى  ئۆگىتىۋاتقان،تارىخ  ياراتقۇچى   مۆھتىرەم  ئۇستازلار ! ئويغاق قەلبىڭلار  فىردەۋىس مۇقامىغا يەتسۇن ! تولىمۇ ھاردىڭلار، بەكمۇ چارچىدىڭلار! ئەپۇچان ئۆزۈڭلار ،بال تامار سۆزۈڭلار،تىللاردا داستان بولسۇن !
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ياشلىقنىڭ ئەڭ تىرەن  تۇيغۇلىرىغا باي  مەرىپەت بېغىمىزدىكى چىرايلىق چېچەكلەر ! ئۆزلۈك بوسۇغىسىدا كامالەت  ئىزدەۋاتقان ، ئەجداد  ۋە  ئەۋلاد  ئەقلىدىكى تەۋەررۈك يۈرەكلەر!!! 
ئاددىي سالىمىم سىلەرگە يار بولسۇن، تېنىڭلار سالامەتتىن،روھىڭلار ھىدايەتتىن  كۈلسۇن، گۈللىسۇن!
شۇتاپتا بارچىمىز مېھىرلىك ئاياز باغرىنى ئاچقان بۇ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردا ،بىز بىلەن گۈزەل نەۋ باھاردەك خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈركۈم غالىپ قوشۇنىمىزنى خەيرىلىكتىلەكلىرىمىز بىلەن ئۇزىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
يورغا يىللار ئاتقان ئوق كەبى نەقەدەر تېز ئۆتكەن- ھە ! ئۈچ يىل ئىلگىرىكى جۈپ  قەدىردانلارنىڭ  مۈكچەيگەن تەنلىرى ، گىرىمسەن  كۆزلىرى  ، قاپارغان قوللىرى ، ئامانەتلىك پىچىرلاشلىرى ھېلىھەم ئېسىمىزدە !
ھالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىقنىڭ يامانلىقىنى ئويلىيالىغان . بىلىمنىڭ جان، پەزىلەتنىڭ قان ئىكەنلىكىنى تونىيالىغان ،يايرىساڭلار باغ ، يۆلەنسەڭلار تاغ بولالىغان بۇ مۆھتىرەم ئەزىزلەر نەقەدەر ئۇلۇغ ئىنسانلار- ھە !
مانا ئەمدى ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بالىلىق غارايىباتلىرىغا ھېرىسمەن سەبىي پەرىشتىلەر  ئەمدىلىكتە  قىزلىق  نازاكىتىدىكى« ئاي » ، يىگىتلىك نادىرلىقىدىكى  «باي» بۇلۇپ ، «مەن كىم ؟»،«مەنئويغانسام دۇنيا ئويغىنىدۇ !» دېگەن ئوي بىلەن، ئالتۇن ئوردىنىڭ سىرلىق ئاچقۇچىغا تەقەززار بۇلۇپ ئولتۇرۇپسىلەر !
  ھەييات!!! مانا ئەمدى...ھەرسىمادا زور غەيرەت،ھەرسۆزۈڭلاردا زور ھېكمەت،ھەر ئەقىلدە پاراسەت ، ھەر ۋۇجۇدلاردا كارامەت. شۇنداق، سىلەر بىز ئۈچۈن قۇۋۋەت ،سىلەربىز ئۈچۈن قۇدرەت ، سىلەر بىز ئۈچۈن دۆلەت ، سىلەر بىز ئۈچۈن چەكسىز مۇھەببەت .
ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقى سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىلارنى ئۇنتۇپ  قالماسلىقىدا .
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ نەزىرىدە مەڭگۈ بىرمۇ دۆت ئوقۇغۇچىسى بولمىغان،بالىلارنى پەرىشتىلەرنىھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەش ئەقىدىسىگە ئىگە جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ پىداكار پەرۋانەروھى ،تىرىشچان چۈمۈلە روھى ،ئاتا قىلغۇچى شاملىق روھىدىن چەكسىز مىننەتدار بولماي،سۈپەتنىڭ ساندىن غالىپ كېلىشىنى يېڭىلمەس شۇئار قىلغان ئانا مەكتىپىمىزدىنپەخىرلەنمەي تۇرالمايدۇ ، ئەلۋەتتە.
ساۋاقداشلار يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چېچېپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ ھوسۇل ئالىدىغان ھوسۇل پەسلى سىلەرنى چاقىرماقتا. ئۈچ يىلدىن بېرى ئەجىر سىڭدۈرگەن شۇ ئىجادكار ئاتا- ئانىلار،نىجاتكار ئوقۇتقۇچىلارتۈرۈلگەن بىلەكلىرى ، ئۈمىدۋار تىلەكلىرى بىلەن مول-ھوسۇل خوشاللىقىغا ھەقدارلىقئىلكىدە تەلمۈرمەكتە .
مانا ، جەڭ سېگناللىرى چېلىنىپ ،سىلەرنى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەشكە چاقىرماقتا .شۇ ۋەجىدىن دەپ  دەپ بولالمايدىغان ئەبجەش تۇيغۇلار جاننى ئېلىپ جاڭگالغا تاشلىماقتا .
مۇقەررەر   رېئاللىقتىن قورقۇش نادانلىق، ھايات ئاتا قىلغان بارلىق رېئاللىقنى قورقماي قۇبۇل قىلىشئاجايىپ باتۇرلۇق !
يەنە كېلىپ سىلەرنى،دۇنيادا ھېچكىم مەغلۇب قىلالىغانمۇ ئەمەس. ھەم شۇنداقلا ھېچكىم مەڭگۈ بىرىنچى بۇلالىغانمۇ ئەمەس .
بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ : « بەخت گوياكى بىر يۇمىلاق توپقا ئوخشايدۇ ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتىۋالساڭ ، ئۇ سېنى سائادەت بوسۇغىسىدا قوللايدۇ . تۇتالمىساڭ پالاكەت زىندانىغا يوللايدۇ . » 
ساۋاقداشلار ! سىلەر ئۈچۈن ھەر قېتىملىق ئىمتىھان مەيدانىمۇ ئاشۇ يۇمىلاق توپقا ئوخشاش ، مەھكەم قۇچاقلىيالىغانلارغا مەنسۇپ بولىدىغان پۇرسەتتۇر . بۇپۇرسەتنىڭ  ھاياتى كۈچى ئىدىيىدىن ئىبارەت تۇرمۇشىڭىزغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان قابىل قورال ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەتتىن ئىبارەتئەڭگۈشتەر ئۇرۇق . 
سۈيۈملۈك ساۋاقداشلار بىز سىلەرگە ئىشىنىمىز ! سىلەر ئەڭ ئۇلۇغ غەلبىنىڭ روھنىڭ غەلبىىسىئىكەنلىكىنى،ئەڭ دەھشەتلىك تىراگىدىيىنىڭ روھنىڭ تىراگىدىيىسى ئىكەنلىكىنى ، ئۈمىدنىڭ يېرىم دۇنيا ، تەمكىنلىكنىڭ مۇۋەپپىقەيەت ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ! 
شۇنداقلا گۈزەل ئىستىقبال سىلەرنى قۇچاقلاپ كۈتىۋالغاندا سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيىتلىرىڭلارنىڭ باشقىلارنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرالىغانلىقىڭلار بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنى ، دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرالىغان ئادەمنىڭ ئەسلى ئەڭ كۈچلۇك ئادەم ئىكەنلىكىنى ، پۇلنىڭقۇلى بولماي ئەكىسچە پۇلنى  قۇل  ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ  دۇرۇسلىقىنى ، باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز كايىشلىرىغا كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئاقىللارغا خاس خىسلەت ئىكەنلىكىنى ، ئون قېتىم دىل خەستىلىككە يۇلۇققانلىقنىڭ ، بىر قېتىم دىل خەستىلىككە يولۇققانلىقتىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز . 
ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ  يۈرەك سۆزىنى يەتكۈزۈشپۇرسىتىدە سىلەرگە كۆڭۈل سۆزۈمنى ئىيتىۋالالىغىنمىدىن تولىمۇ خۇشالمەن ، ئامانلىقھەر ۋاقىت سىلەرگە ھەمراھ بولسۇن .

تۆتتاش 2012-06-01 01:53
بۇ ئۇقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى سۆزلەر ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،بۇ ئارقىلىق ئەمدىلا ئالى مەكتەپ بۇسۇغىسىغا كىرىش ئالدىدىكى قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايە،پىلانلارنى ئۆزىگە مۇججەمسلەۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارغا جانلىق بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت تەربىيىسى بۇلۇپتۇ.تېمىنى يازغان ۋە بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنغان دوستلىرىمىزغا تەشەككۈر.

ziba101 2012-06-01 09:15
يۈرەكلەر لەرزىگە كەلگۈدەك نۇتۇق بوپتۇ!   

ئەرك 2012-06-01 12:17
ئىلھامبەخىش نۇتىقىڭىزنى ساقلىۋالدىم.

tawpek 2012-06-01 12:41
رىستۇرانغا ئاپىرىپ.‹ ئوتتورىمىزدا ئەمدى پەدىشەپ بۇزۇلسۇن، سىلەرمۇ چوڭ بولدڭلار دەپ ھاراقنى لىقلاپ قۇيۇپ ئىچمەيدىغانلارغا ھاراقنى مۇئەللىمىڭ تۇتىۋاتىدۇ كۆتىرىۋەت ›› دەپ ئۇزۇتۇشلار بىلەن بۇخىل ئۇزۇتۇشنى تېمىنى ئوقىۋىتىپ ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدىم. J:5n/m^A  
g:Dg?_o  
ئۇنداق سورۇندا بولىدىغان ئوقوتقۇچىلارنىڭ بىزدىن ھىيىقماي ئىيتىدىغان باشقا گەپلىرىنى ھازىرمۇ ساۋاقداشلار ئۇچرىشىپ قالساق ئەسلەپ قالىمىز. B:4u 2/!5  
wb}tN7~Y;  
مۇشۇنداق تېمىدىن ياشار مۇئەللىمنىڭمۇ بىرى بارغۇ دەيمەن.

qozluk 2012-06-01 15:18
ھەقىقىي قەلب ئىزھارى ئىپادىلەنگەن  ئوبرازلىق ئىبارىلەر بىلەن تولغان نوتۇق بوپتۇ. بۇ بىر خىل ئوقۇغۇچىلارنى ئەھمىيەتلىك  ئۇزىتىش بولغىدەك. بارىكاللا.

tawpek 2012-06-01 17:06
بۇ ئۇزۇتۇش نۇتىقى ئۇزىتىپ قويوشلا ئەمەس بەلكى باللىلارنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بىرىش ۋە مۇشۇ مەكتەپكە قەلىپ رىشتىنى تىخىمۇ چىڭ باغلاپ مەكتەپتىن ئايرىلسىمۇ بىر ئۆمۆر مۇشۇ مەكتەپ ھاياتىنى ئۇنۇتمىغۇدەك تۇيغۇغا ئەكىلىۋىتىش بوپتۇ.

ماھى 2012-06-01 20:06
ئەسلى ئوقۇشنى مۇشۇنداق پۈتكۈش توغرىسىدا يول كۆرسىتىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ئېدى،لېكىن ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇش پۈتتۈرسە،قاچان پۈتتۈرۈش كېچىلىكى قىلىپ،ئوينىۋالارمىز،بۇ يىللىقنىڭ بالىلىرى بۇ يىل بىزنى قەيەرگە تەكلىپ قىلاركىن دەپ ئارانلا تۇرىمىز.

ozqan 2012-06-02 00:32
مۇنبىرىمىزدە كەم بىر مەزمۇن تولۇقلىنىپتۇ ، بۇ ساھەدىكى ئىشلار بۇ ياخشى يېزىلغان نۇتۇق تېكستى بىلەن ئاسانلىشىپتۇ ، ئەجرىڭلارغا كۆپ رەخمەت ...

koksangun 2013-09-13 01:06
بۇ تېمىنىڭ ئىشلەيدىغا ۋاقتى يىقىنلاپ قالدى...


查看完整版本: [-- ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارغا سۆزلەنگەن سۆز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled