查看完整版本: [-- ئىككى ھاياتلىقنى تەڭ يېتىلدۈرۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ئىككى ھاياتلىقنى تەڭ يېتىلدۈرۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

mehrigiyah 2012-05-30 20:21

ئىككى ھاياتلىقنى تەڭ يېتىلدۈرۈش

بەلكىم سىزنىڭ بالىلىق دەۋرىدىڭىزدە ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن سىز بالىڭىزغا ئەپسۇسلىنارلىق بالىلىق ھايات سوۋغا قىلماڭ. سىز ئالاھىدە ئىختىساس ئېگىسى بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن سىز ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولالايسىز.ئىككى ياشلىق بالا 3000خەت تونۇغان،4 ياشلىق بالا كۇئەي ماتىماتىكىسىدىن ئۆتۈپ ، دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.5 ياشلىق بالا 4 ئەمەللىك ھېساپلاشنى ئىشلىيەلىگەن،15 ياشلىق ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىغا ھەقسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان18ياشتا خارۋارد قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ تالىشىپ ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.ئۇلارنىڭ ھەممىسى فېڭ دېچۈەن پېروفېسسور نىڭ دەسلەپكى تەربىيە سى بويىچە تەربىيىلەنگەن ، ئەقلى ئىقتىدارى تېز تەرەققى قىلغان بالىلار. :gv`)  
ئاتا-ئانىلار ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،لېكىن ئەمەلىيەتتە بالىلار ئاتا-ئانا ئۈمىد قىلغان يولدىن قەدەممۇ-قەدەم يىراقلىشىدۇ.ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىزنى ھەقىقى چۈشىنەمسىز؟ بالا نېمە ئۈچۈن جاھىل؟ نېمە ئۈچۈن يىغلاڭغۇ؟ شەخسىيەتچى،ھۇرۇن؟ بالا نېمە ئۈچۈن كىتاپ كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ؟ ئۆگىنىشتىن رايى قايتقان؟ بۇ سوئاللارغا جفۋاپ تاپاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى دەسلەپىكى تەربىيە ئەندىزىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ
http://parvish.blogbus.com/logs/206927288.html 3U=q3{%1  
.... aVvi_cau  
'JY*K:-  
مەنبە : ‹‹پەرۋىش›› پەرزەنت تەربىيىسى بلوگى http://parvish.blogbus.com f" Yj'`6  

ozqan 2012-05-31 01:31
مېھرىگىياھ ، بۇ تېمىدىن ۋە تەمىنلەنگەن ئادرسىتىن بەك خوش بولدۇم ، مەن بۇ خىل ماتىرياللارغا بەكلا ئېھتىياجلىق ئىدىم ، سىزگە كۆپ رەخمەت ، بولسا بۇ خىل يوللانمىلار مۇنبىرىمىزگە كۆپرەك يوللانسا دەيمەن ...

tughluk414 2012-05-31 12:23
ياخشى تېما ئىكەن. كۆپرەك ئادەملەرنىڭ كۆرۈپ قويۇشى زۆرۈر.

mehrigiyah 2012-05-31 13:26
ئۆزقان، مەنمۇ سىزدەك بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارنى ئۇچراتقىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، بۇ بلوگنى تۈزۈشتىن بۇرۇن بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئانچە كۆپ بولماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنتىم. ھەرھالدا ئەۋلاد تەربىيىسىگە ئەستايىدىل قارايدىغانلارمۇ ئازئەمەسكەن.تورداشلارنىڭ بلوگىمغا كىرىپ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن! ھەممەيلەن بىرلىكتە ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەشكە كۈچ قوشايلى.

tawpek 2012-06-01 19:36

ماھى 2012-06-01 20:07
بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك ياخشى تېمىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ھارمىغايسىز.

ئەكبەرنىياز 2012-12-12 10:12
مېھرىگىياھنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! بالىلارنىڭ زېھنىي قابىليىتى ناھايىتى ئوچۇق بولىدىكەن ، يازمىڭىزدىكى مۆجىزە خاراكتىرلىك سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردۈم .


查看完整版本: [-- ئىككى ھاياتلىقنى تەڭ يېتىلدۈرۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled