查看完整版本: [-- زىمىن ۋە ئىنسان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> زىمىن ۋە ئىنسان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-05-29 16:07

زىمىن ۋە ئىنسان

زىمىن ۋە ئىنسان
شىئىر
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن

پادىشاھ بوپ يارالغانلارمۇ تۇرالمايدۇ زىمىندىن ئارتۇق،
ئەگەر شۇنداق نىيەتتە بولسا قىلار زىمىن پۇشماننى تارتۇق.
تەبىئەت ھەم زىمىن ئىجادى-ئىنسان دىگەن ئالىي مەخلۇقات،
ئۇنىڭ بىلەن ھەمسىرداش ئىنسان ھاياتلىقتىن قازىنار ئۇتۇق.

تەبىئەت ھەم زىمىن خىسلىتى-ئىنسان ئۇچۇن شىپالىق دورا،
چۇشەنمىسەڭ بۇنى ئەي نادان،ئەجداتلاردىن ئىرىنمەي سورا.
«بىلمىگەننى سوراپ چۇشىنىش-ئەجداتلاردىن قالغان مىزاندۇر،
سورىمىساڭ جىنىڭغا زامىن،شاختىكى شۇ پىشمىغان-غورا.»

ئىنسان ئەقلى-زىمىننىڭ ئەقلى،زىمىن ئاڭا بەرگەن بەرىكەت،
شۇڭا ئىنسان ھىچ توختىماستىن بارالايدۇ نىشانغا پەقەت.
تەبىئەت ھەم زىمىن ئانىنى خارلىساق بىز بولىمىز خاراپ،
ھەتتا ئىنسان يۇرىكى بىر كۇن توختاپ قالار،قىلالماس ھەرىكەت!

مەنبە:ئوز ئىجادىيىتىم

ماھى 2012-05-29 20:27
تەپەككۇر  چوڭقۇرلىقىغا تويۇنغان شېئىرلىرىڭىز ئادەمنى ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

تۆتتاش 2012-05-29 22:34
بىرى گاداي،بىرى شاھتۇر قىسمىتىنى بەلگىلەر ئۆزى.
كى مىسالى شاھتىن چۈشۈپ بولسا گاداي ئاقماس سۈزى.
بولسا گاداي،بىر كۈنى شاھ،زەر ئېچىلار  كۆرمەس كۈزى.
مەنسەپ،بايلىق دىگەن بىلسەڭ قىسمەنلەرنىڭ كۆركەم يۈزى.

tursun 2012-05-29 22:37
تەۋفىقتا ئورتاق نىشان ئۇچۇن چارچىساق ئەرزىيدۇ،ئاقگۇلگە ئاپىرىن!

tursun 2013-03-14 12:38
قايتا يوللاپ قويدۇم تەۋفىقداشلار ھوزۇرىغا.....   


查看完整版本: [-- زىمىن ۋە ئىنسان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled