查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەل... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەل... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-05-27 22:49

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەل...

ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ PE $sF ]/  
a_jw4"Sb  
ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ . (}Q(Ux@X  
ئائىلە ــــ  بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ . دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ . ,sw|OYb  
ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا ، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا ، ئەقلى ئويغىنىشقا ، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ . tB S+?N  
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ . H( L.k;B  
شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ . } Xbmb8  
ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس .  |2 
ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ . s fD@lW3  
مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك ، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى . |ry![\  
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيلەتكۈزسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز . » !4.VK-a9V%  
گېئورگې خېربېرت : « بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى . 4d x4hBd  
ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ . ={'3j  
تۇرسى : « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى . .(J~:U  
فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا ، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ » دېگەن ماقالى بار . 9%#u,I  
بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا ، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن . %I^schE*  
 ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ . بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى ، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ . a!@(bb z>  
ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ . ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە  ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي ، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ . tZXq 
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك . ~ |Nj+A  
ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ . R+*-i+]Q#7  

tawpek 2012-05-28 01:39

tursun 2012-05-28 13:31
ئالىي ئىھتىرام!  

ozqan 2012-05-28 13:59
ئاياللارغا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت ...

ماھى 2012-05-29 14:50
توغرا،چۈنكى ئانا -پەرزەنتىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. CHVAs9mrNB  
ياخشى تېما ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2012-08-06 12:45
يەنىلا بەزى ئاياللار ئۈچۈن بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۆزىنىڭ بۈگۈنى ئەلا دە.

akqolpan 2012-09-13 10:20
  ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى تۇنۇش ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىش ھەممە ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى . ئانىلار پەرزەنتىمىزنى ياخشى تەربىيلەشكە تىرىشايلى.

xahdiyar 2013-06-02 16:15
دېمىسىمۇ ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسى. تولىمۇ ياخشى تېما يوللاپسىز!

نەجىبەتاجەمەت 2013-06-29 15:44
ئايال- بىر مىللەتنىڭ ئانسى،ئۇنىڭ قولىدا تەۋرىنىۋاتقىنى بولسا ،بىر مىللەتنىڭ بۆشىكى،بۇ بۆشۈكتە سان-سىزلىغان  باللىرىمز تاتلىق ئۇخلايدۇ،ئەمما قىسمەنلىرى بوغۇلغان پۇت-قۇللىرىغا نالە قىلىپ يىغلىماقتا...


查看完整版本: [-- ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەل... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled