查看完整版本: [-- كاشال دوپپا(  ھېكايە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> كاشال دوپپا(  ھېكايە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-05-22 11:19

كاشال دوپپا(  ھېكايە)

كاشال دوپپا(  ھېكايە) >/ GVlXA'  
ئاپتورى:پەرھات جەمشىت(37-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى) 'f]\@&Np  
    X J.bK  
                                                                =UT*1-yh R  
4 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (4.24 KB) >Ta|#]{  
|aI Y  
ئەسقەرجانغا نېمە بولدىكىن تاڭ، بىرنەچچە كۈندىن بېرى دوپپا جوداسى قىلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىنى ئوت قىلىۋەتتى. شۇ تۈپەيلى يەكشەنبە كۈنى ئۇلار بازارغا چىقىپ ئوغلى ئەسقەرجانغا بادام دوپپىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى. j&(aoGl@  
ئەسقەرجانغا دوپپا شۇنداقمۇ يارىشىپ كەتتىكى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ مەستلىكى كېلىپ ئۇنىڭغا يېنىشلاپ قاراشقا باشلىدى. خۇشاللىقىدىن گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئەسقەرجان بىر دەم دوپپىسىغا قارىسا ، بىردەم مېھرىبان ئاتا-ئانىسىغا يېنىشلاپ قارايتتى، كۆڭلىدە ئەتىلىككە مەكتەپكە بارسام بارلىق ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ يېڭى دوپپامغا قارىشىپلا قالىدىغان بولدى، مەن ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا دوپپامنى تازا بىر كۆز-كۆز قىلىۋالىدىغان ،ماختىنىۋالىدىغان بولدۇم، مەن ئەتە ئۆتۈلىدىغان‹‹دوپپا رىۋايىتى››دېگەن تېكىستنى ئالدىن كۆرۈپ قويمىسام بولمايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلدى، تۇيۇقسىز ئۇ بىر ئىشنىڭ چالا قالغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ تاڭ ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرگىنىچە ئانىسىدىن. unY+/p $  
ــ  ئاپا ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە؟ دوپپىنىڭ تۈرى قانچە خىل؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى كىشىلەر دوپپا كىيمەيدۇ دىگەندەك بىر تالاي سوئاللار بىلەن ئاپىسىنى كۆمۈۋەتتى. ئانا بىلىدىغانلىرىغا جاۋاب بەرگەندىن سىرت قالغان بىر مۇنچە سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ،كېيىن ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداق قىلىپ  ئەسقەرجان نېمىلا بولمىسۇن دوپپا توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە بىلىمگە ئېرىشكەنلىكىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى... ;Hk{bz(  
دوپپامنى كىيىپ ياتسام بولمايدۇ، سەل ئىگىزرەك جايغا قوياي، ياق بولمايدۇ، ئەتىگەنلىككە ئۇنتۇپ قالسامچۇ؟ _=S 4H  
ھە ئاۋۇ ئۈستەلگە قويۇپ قۇياي، ئەتىلىككە مەكتەپكە بارغاندا ساۋاقداشلىرىم كۆرۈپ باقايلى دەپ تۇتۇپ كىر قىلىۋەتسە قانداق قىلارمەن؟ ياق مەن ئۇلارغا تۇتقىلى قويمايمەن، تۇتماڭلار دوپپام مەينەت بولۇپ كېتىدۇ دىسەم ساۋاقداشلىرىم نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ ھە راست ،قۇلۇڭلارنى يۇيۇۋېتىپ تۇتۇڭلار دەيمەن، شۇنداق دىسەم ئۇلارمۇ خاپا بولمايدۇ، ئۇ خىيال قىلغانسېرى ھاياجانلىناتتى، ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت ئېيتقۇسى كېلەتتى. بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق، بىراق ئەسقەرجانلا شېرىن خىيال ئىلىكىدە ئەركىن ئۈزمەكتە، شۇنداق قىلىپ ئۇ مىڭ تەسلىكتە تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردى. rlV:% k  
سەھەردىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئىللىق تەبەسسۇم قىلىشقا باشلىدى، سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇۋالغان ئۇ چىرايلىق كىيىنگەندىن كېيىن مەكتەپ تەرەپكە يول ئالدى، ئۇ بىردەم-بىردەم بېشىنى تۇتۇپ قوياتتى. ئۇنىڭ بالىلىق خىياللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا، ئۇ ئەنە شۇ شېرىن خىياللار ئىلىكىدە مەكتەپكە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. ئەمدى دەرۋازىدىن كىرەي دەپ تۇرۇشىغا بىرىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا. l/ufu[x!a  
ــ ھەي بۇياققا كەل دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ كىمنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاۋاز بارغانسېرى چوڭۇيۇشقا باشلىدى، ئۇ يەنىلا مېڭىشىنى داۋاملاشتۇردى. ->_rSjnM{  
-ھەي ۋېي زۇ شۈ شىڭ (ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى)دېگەن ئاۋازدىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئەتىراپقا سەپ سالدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كۆرۈنمىگەچ ئۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. K;)(fc  
ــ نى گۇو لەي(بۇيان كەل)دەپ ئىشارەت قىلدى، مەكتەپ مۇدىرى ئەسقەرجان دەررۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە: 0K T^V R  
- مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ سالام بەردى. MEKsL7  
ــ با مۇۋزا مادىيو(دوپپاڭنى سېلىۋەت) نىشى ناگې بەندې دىگىنىچە ئۇنىڭ دوپپىسىنى ئالدى-دە، ئالايغىنىچە بالىغا تەڭلەپ تۇرۇپ يانچۇقۇڭغا سال، بۇندىن كېيىن مەكتەپكە دوپپا كېيىپ كەلمە دېدى. Z/G`8|A  
ئەسقەرجاننىڭ ئاخشامدىن بۇيانقى خۇشاللىقى بىردەمدىلا خۇددى سۇغا چۈشكەن قاردەك غايىپ بولدى، ئۇ يىغلامسىرىغان قىياپەتتە مۇئەللىم كېيىپ كېلىڭلار دېگەن دېيەلىدى ئارانلا. :}0>IPW-V  
- قايسى مۇئەللىم شۇنداق دېدى؟ مەكتەپكە دوپپا كىيىپ كېلىشكە بولماۇدۇ دىگىنىچە ئالايدى مۇدىر. g^ `}?D  
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇئاۋىن ئەخلاق مۇدېرىمۇ سېنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭ بولماپتۇ بالام، مۇئەللىمىڭ شۇنداق دېگەن بولسا سەن ئۇنى قاتلاپ سومكاڭغا سېلىۋالساڭ بولمامدۇ؟ بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلغۇچە بولما، ماڭە سىنىپىڭغا كىرىپ كەت دېدى ۋە مۇدىرغا بىر نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى... Nl$b;~ u  
ئەسقەرجان تولىمۇ پەرىشان كۆرۈنەتتى، ئانىسى ئۇنىڭ بۇ  قىياپىتىنى كۆرگەندىن كېيىن:  4>R)2g  
ــ ئوغلۇم نېمە بولدى، ساڭا ئەجەب  شۈكلەپ كېتىپسەنغۇ؟ دېدى،- ئانىلىق مېھرى بىلەن. IEmjWw4  
ــ ئاپا ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپتە ئوقۇمايمەن، جېنىم ئاپا !مەكتەپكە ھەرگىزمۇ بارمايمەن، مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق دېدى ۋە يىغلاپ تاشلىدى. %^KNY ;E  
ــ ئاپپاق قوزام سېنى ساۋاقداشلىرىڭ بوزەك قىلدىمۇ؟ نېمە بولدى ساڭا،- ئانا بالىدىن سوراشقا باشلىدى. 6N< snBmd  
ــ ياق ئاپا ساۋاقداشلىرىم ھەم مۇئەللىم بوزەك قىلمىدى. hEhvA6f,  
ــ ئەمىسە نېمىشقا يىغلايسەن؟ u%'\UmE w  
بالا يەنىلا يىغلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. يېغىدىن ئۇنىڭ تىلىمۇ كالۋالىشىپ قالغاندى. بىر پەستىن كېيىن سومكىسىدىن قاتلاقلىق دوپپىسىنى ئالدى-دە، مەكتەپتە بولغان ئەھۋاللارنى ئاپىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئانا -بالا ئىككىيلەننىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئانا سەل ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن كىمنىڭ نەرىگە تاقاشقاندۇر بۇ دوپپا، بۇنداق تاقاشقا دوپپىنىڭ نېمە كېرىكى دىگىنىچە ئوغلىنىڭ قولىدىكى دوپپىنى ئېلىپ چۆرىۋەتتى. ئەسقەرجاننىڭ يېغىسى  بىنانى بىر ئالدى. ئاپا بۇ نېمە قىلغىنىڭىز دېگەن پېتى دوپپا چۈشكەن تەرەپكە  چاپتى... J4QXz[dG  
(مەنبە تۇرمۇش) X>d"]GD  

akkax 2012-05-22 16:03
  « كاشال دوپپا » غا كاشال باھا S ?RN?1  
1. تىنىش بەلگىسىگە تازا دېققەت قىلماپسىز. ئەسقەرجاننىڭ ئويلىرى ئاپتۇر سۆزى بىلەن پەرقلەنمەپتۇ. بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىىدىمۇ مەسىلە مەۋجۈت. n,=VQ Ou  
2. ئەسقەرجاننىڭ مەكتەپ مۇدىرى خەنزۇمۇ ياكى خەنزۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇرمۇ؟ چۈنكى، بۇ يەردە مەلۇم  خاھىشنى ئىپادىلىمەكچىدەك تۇرىسىز. ئەسەرنى يېزىشىڭىزنىڭ مەقسىدىمۇ مۇشۇ يەردىدەك تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئەسقەرجاننىڭ خەنزۇ مەكتەپتە( ياكى خەنزۇ ۋە مىللىيلار ئارىلاشقان مەكتەپتە ) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ~7Ts_:E-  
3. ئەسقەرجاننىڭ ئانىسىنىڭ دوپپىنى چۆرىۋېتىشىنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ بىر ئانا ( تەربىيىچى ) بالىسى ( تەربىيەلەنگۈچى ) ئالدىدا ئۆزىنى شۇنداق يەڭگىلتەك تۇتسا- ھە ؟ ياكى بۇنى ئېسىيانكارلىق روھ دەپ قارايمىزمۇ؟ , FhekaA  
4. ئەسقەرجان سوئالىغا جاۋاب تاپقاندەك قىلىدۇ. بىراق، سىزچە مۇشۇ ھەقىقىي جاۋابمۇ؟ i-bJS6  
  ناۋادا قاراشلىرىم ياقمىسا، مۇشۇ يەردە قالسۇن. مەن نېمە ئويلىسام شۇنى دەيمەن. ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ يۈرمەڭ.

tursun 2012-05-25 13:20
ئەسقەرجاننىڭ مەكتەپ مۇدىرى -خۇيزۇ. LbaK={tR  
ئەسقەرجان خەنزۇ ۋە مىللىيلار ئارىلاشقان مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.ئۇ ئۇيغۇر سىنىپتا ئوقۇيدۇ. دەرس ئوقۇتقۇچىسى iXj o[Rz^C  
دەرسلىك مەزمۇنىغا ئاساسەن دوپپا كىيىپ كىلىشنى تاپشۇرغان،ئەسقەرجان ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇق مەزمۇنى ۋە تەلىۋىنى pGf@z:^{*-  
ئىيتقان چىغىدا ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ تەلىۋىنى دەرھال قاندۇرۇپ بىرىش ئۇچۇن بازاردىن دوپپا سىتىۋىلىپ ،بالىسىنى OE4+GI.r-  
چىرايلىق كىيىندۇرۇپ مەكيەپكە يولغا سالغان، مەكتەپ مۇدىرى كورۇپ ،ئەھۋال ئىگەللەپ كورمەستىن ئەخلاق تەربىيە (9 
بولۇمىگە دەرھال تەربىيە ئىشلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۇشۇرگەن،بۇ ئىشلار ئەمدىلا 4-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا AC;V m: @{  
بەكمۇ ھار كىلىپ،ئاپىسىغا ئىيتقان، ئەمما ئاپىسى بۇ ئىشلار غا پەقەت چىداپ تۇرالماي ،دوپپىنى چورىۋەتكەن ھەم مەكتەپكە u%]shm  
كىلىپ مۇدىرلار بىلەن كورۇشۇپ ئوزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن،ئىلمىي مۇدىرمۇ ئوقۇتۇشقا مەسئۇل U5-@2YcH  
مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىغا:« دوپپا نەگە تاقاشتى؟ بۇ دىنى مۇراسىم كىيىمى بولماستىن بەلكى مىللى كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىگە _R.B[\r@  
دائىر تارىخي ئورۇپ ئادەت،ئۇنىڭ ئۇستىگە دەرسلىكتە بولغاچقا ،مۇئەللىمنىڭ شۇنداق كىيىندۇرۇپ دەرس ئوتۇشىمۇ ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنغۇ؟...» دىگەن. شۇ سەۋەپلىك پەرھات مۇئەللىم قولىغا قەلەم ئىلىپ بۇ ھىكايىنى يازغان،مەن تورداشلارنىڭ كورۇپ بىقىشى ئۇچۇن يوللىغان... $KLD2BAL  
توردىشىم ئاققاشقا  ۋە ئۇنىڭ ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى،تىلى ھەم مەزمۇنىغا قارىتا بەرگەن كورسەتمىسىگە ئالاھىيدە تەشەككۇر !

maaripqi 2012-05-27 12:26
مۇنبىرىمىزگە ھېكايىلارنىڭمۇ كۆپلەپ يوللىنىپ تۇرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

tawpek 2012-05-27 14:05
مەكتىۋىمىزدىمۇ مۇدىرلار بىكار قالسا مەخسۇس سىنىپ ئارلاپ دوپپا تەكشۈرىدۇ دەرىس ۋاختىدا ، سىنىپ مۇدىرلىرىغا ئالغۇزۇپ بولالماي دەرىس ئوقوتقۇچىسىمۇ ئۆز دەرىسىدە ئالدۇرۋىتىشنى ئوتورغا قويدى. =xsTDjH>  
دەرىس ۋاختى، مۇدىر ئۈسۈپلا كىردى. C-8qj>  
--مۇئەللىم بالىلارنىڭ بىشىدىكى نىمە؟ /'Pd`Nxl.  
--ساۋاقداشلار بىشىڭلاردىكى نىمە؟  سورىدىم مەنمۇ جۇدۇنۇم تۇتۇپ. بىرسى ياغلىق دىسە بىرسى دوپپا دەپ توۋلاشتى ئۇلارمۇ ماڭا ئۈمىت بىلەن قاراپ. MG /,==  
--نىمىشقا ئالدۇرۋەتمىدىڭلا؟ {B *W\[ns  
--دەرسىمگە تاقاشمىغاندىكىن ئالدۇرۋەتمەپتىمەن. (#q<\`  
JO@ Bf  
يۇقارقى قىسقا دىئالوگدىنلا ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ چىقىپ كەتتى. %K  4  
!FG%2L4?,5  
تەنەپپۇس. ساقلاپ تۇرغان مۇدىر u~ ^d5["T  
--بالىلار بار يەردە نىمە ئۆزۆڭلىنى ئوخشىتىسىلە؟ yd>b2 M  
--ئۆزۆمنى مەن ئوخشاتتىممۇ سىلىمۇ؟ :U6` n  
--نىمە ماڭا گەپ ياندۇرسىلە؟ o=rR^Z$G   
-- ئۇ يىغىن زالى ئەمەس، سىنىپ ، ئوقوغۇچىلار بار cL9 gaD$;)  
--ئەمىسە مەن باش كىيىمنى ئالدۇرىۋەتمەيمەن دەپ ھۆججەت يىزىڭلا. o=R(DK# U  
--ئەمىسە سىلىمۇ ئالدۇرۋەت دەپ ئۇختۇرۇش يىزىپ تامغىللىرىنىن بىسىپ بەرسىلە ياكى شۇنداق قىزىل باشلىق ھۆججەتنى چىقارسىلا. ] "_c-=  
+b-ON@9]J`  
بىر كۈنى سىلىنىڭ قۇيرۇقىڭلىنىمۇ تۇتارمەن دىگىنچە زەردە بىلەن كىتىپ قالدى. 0Ye/  
fcdXj_u  
قىز ئوقوغۇچىلاردا ياغلىق ئىككى ھازىر، بىرنى ئىلىۋالسا بىرنى ئارتىدۇ.

akkax 2012-05-28 01:56
سوئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ,8DC9yM,  
  ئاخىرىدا پەرھات مۇئەللىمگە بىر سەممىي تەكلىۋىم: ھېكايىڭىز تىل جەھەتتىن تاۋلاشقا مۇھتاج ئىكەن. تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! @RB^m(> 5  
  

akkax 2012-05-28 02:02
دوپپىسىنى ئەكەل دېسە بېشىنى ئەكىلىدىغانلار ئەمەل تۇتالايدۇ ھەم ئۆسەلەيدۇ. k|jr+hmn":  
بۇنداقلار ئۆز ئىچىمىزدىن جىقراق چىقىدۇ. {=U*!`D  
      خەجلە خائىنلارەي،خەجلە، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە، nuA 0%K  
tCw B 7 c-  
    يېتىشمەي قالىسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە. $++O@C5  
    ئۇلارغا ئىنساب يەتسۇن. ئىگىسى ئىنسابىنى بەرگەي!

tursun 2012-05-28 13:13
ياخشى نىيەتلەر بىلەن تەكلىپ سۇنغان بارلىق تورداشلارغا ئالىي ئىھتىرام!

kamalat 2012-06-01 23:50
بۇ ئەھۋال مەكتىپىمىزدە بەكمۇ ئېغىر .باش كىيىم كەيگەن ئادەم تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك.

tursun 2012-06-07 17:31
دوپپا كىيىپ ياشايلى! jX(hBnGW  
3}F>t{FDk  
6w, "i#E!  
wlaPE8Gc  
ئابلاجان راخمان تىكەن H@?} !@  
1BU97!  
dX@ic,?  
rxu_Ssd@"  
بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە، [1 P_^.Htr  
RdWn =;  
    دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە، SefhOh^,V  
K?' m#}]  
      ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە، 20|_wAA5  
~F'6k&A^q  
دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە، q@bye4Ry%W  
f )T\   
      دوپپا كىيىپ     ئۈتەرمەن  ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە. +=E\sEe  
{UP[iw$~  
m* _X PY  
YgcW1}  
ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان، !2!Zhw2u  
$t%IJT  
دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان، sn:VMHrOT  
5oG~Fc  
نەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان، [+D]!&P  
.hx(9  
دوپپا بىلەن  ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان، KR$Fd  
C1NU6iV^z  
دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە. `]W9 Fj<1j  
y]yl7g =~  
bX2BEa8<"  
GPLop/6   
مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى، Ee}|!n>  
&V*MNi,4Z  
دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى، *l`yxz@U  
dUa>XkPa\2  
چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى، X(/fE?%;  
~OX\R"aZBW  
دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى، #EUT"^:d  
L@O>;zp;  
داستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە. ngZq]8 =o  
dCM &Yf}K  
qnya cI  
%Y0lMNP  
دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇتقان، 5yt=~  
CC^]Y.9  
پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان، .s4vJKK0  
"Ai\NC  
بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان، XSof{:V  
Q*Jb0f  
چىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان، -}4CY\d6'  
0x5\{f  
دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە. RLex#j  
  +fM8  
wvisu\V  
~G8l1dD  
دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن، \2~\c#-k  
' xaPahx;  
تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن، T1RY1hb|g>  
L~h:>I+pG  
ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،  )bYOy+2g  
K&{ _s   
نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن، z*b|N45O  
GHLFn~z@XJ  
‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە. GU1cMe  
=d~pr:.F  
]RadwH"0!  
~z41$~/  
دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما، tqB6:p-%  
Xfb-< Q0A  
ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما، Xa "I  
>x~Qa@s;  
‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما، 8OS^3JS3"  
Z;R/!Py.  
‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما، UpQda`rb  
j,i) ecZ>  
نامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە. X*Q 
u?z,Vs"  
cnY}^_  
GJ?J6@|  
دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر، NQOf\.#g  
0d 0ga^O  
ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر، I34 1s0  
':=20V  
ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر، vZqW,GDfXo  
x.I?)x!C'  
تۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر، T& 
h54\ \Ci  
دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە. >@Na6BH5v  
[_C([o'\KY  
A`I1G9s  
y8v0>V0)  
دوپپا دىگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى، |uJjO>8]|  
Kj-zEl  
تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى، ogdgLTi  
w:~vfdJ  
شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى، J[\8:qE  
io ;  
دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى، mU>lm7'  
~#= 70  
دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادى كەتكىچە. Z..s /K {  
suN}6C I  
{YIVi:4q  
cM=_i{c  
ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ yONX?cS  
EV R>R  
A/~^4DR  
'j\mz5#s  
ئابلاجان راخمان u0nIr9  
t)4] 2z)$  
13899226268 +QeA*L$~  
+g_m|LF  
2012-يىل 3-ماي

danix 2012-06-13 12:33
      مېنىڭچە دۇپپا كاشال ئەمەس ، بەزىلەرنىڭ ئىدىيىسى كاشال ! eo^C[# .  
  ماۋۇ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە سەبىيلەر ئارامخۇدا ، ئەركىن ئازادە ll*Ez"  
ياشىۋالسا نىم بولار - ھە ؟ ! بەزى مەكتەپلەردە سەبىلەرگە « سەن دۇپپىغا )>@%;\qV  
تۇرامسەن ، مەكتەپكىمۇ ؟ دۇپپا كىيىمەن دەيدىغان ئىشىڭ بولسا ، \UZ7_\  
مەكتەپكە كەلمەيلا قوي . >> دەيدىغان بولىۋاپتۇ . مۇشۇنداق ئۇششاق I@TH^8(  
مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن سەبىيلەر قەلبىگە نارازىلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ قالمىسا rP t   
بولاتتىغۇ . ئەگەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن سەبىيلەر قەلبىگە نارازىلىق ئۇرۇقى چېچىلىپ قالسا، ئۇ ئۇرۇقنىڭ دەرەخكە ئايلىنىپ قالسا ، ئۇ دەرەخنىڭ (w\|yPBB  
قانداق مېۋە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىپ قويسا بولىدۇ !


查看完整版本: [-- كاشال دوپپا(  ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled