查看完整版本: [-- قەلب مونولوگى بىلەن پسىخىك تەسۋىرنىڭ پەرقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سۇئال-جاۋاپلار -> قەلب مونولوگى بىلەن پسىخىك تەسۋىرنىڭ پەرقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sawir 2012-05-21 21:39

قەلب مونولوگى بىلەن پسىخىك تەسۋىرنىڭ پەرقى

قەلىب مونولۇگى بىلەن پىسخىك تەسۋىر توغرىسىدا ئوخشىمىغان تالاش -تارتىشلار بولدى .بۇتوغرىسدا تېخمۇ ئېنىق مەلۇماتقا ئېرشىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىزدەنگەن بولساممۇ ،لىكىن ئېنىق بىر پىكىرگە كىلەلمىدىم.تورداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمەن.

koksangun 2012-05-22 09:41
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە مۇنداق ئىزاھلانغان : w qx9  
مونولوگ : ئىىسىم  [ر ‹گرېك] ئەسەر تەركىبىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقا پېرسوناژلارغا ۋە ياكى تاماشىبىنلارغا قارىتىپ ئېيتقان سۆزى . M9C v00&  
دېمەك ، مۇشۇ ئىزاھاتقا قارىغاندىمۇ مونولوگ سۆزلىگۈۋىنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىدۇر . oy[>`qyz  
s:/Wz39SY3  
پىسخىكا : ئىىسىم  [ر‹گرېك] ‹پەلس› ئوبيېكتىپ ۋەقەلىكنىڭ ئاڭغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان روھىي ھالەت &x"hM  
دېمەك ، مۇشۇ ئىزاھقا قارىغاندىمۇ پسىخىكا تەسۋىرى روھىي ھالەتلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەسۋىردۇر . ;{j@ia  
ئۇنداقتا روھىي ھالەت نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ  ؟ مېنىڭچە ، خۇشاللىق ، خاپىلىق ، تىت - تىت بولۇش ، ئازابلىنىش ، غەمسىنىش ، تىرىكىش ... تەك ھالەتلەرنى بىۋاستە سۆرەتلەپ بېرىش ئۇسۇلى . { POfT m}  
بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە بايان ۋە باشقا تەسۋىرلەر بىلەن گىرەلىشىپ كېلىدۇ ...

tursun 2012-05-25 18:29
كوكسانگۇن ناھايىتى توغرا كورسەتمە بىرىپتۇ،پايدىلىنىش قىممىتى پاكىت -ئاساسلىرى بىلەن بىشارەتلىنىپتۇ،رەھمەت!

sawir 2012-05-25 20:23
توردىشىم كۆكسانغۇننىڭ پىكىرىدىن مىننەتدارمەن .قەلىب مونۇلۇگى -تىل تەسۋىرى دىمەكچى .شۇنداقمۇ؟باشقا كەسىپداشلارنىڭمۇ پىكرىنى ئاڭلاپ باققان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

maaripqi 2012-05-27 12:29
مېنىڭچىمۇ قەلب مۇنۇلۇگىنىڭ ئۆزى ئەڭ تىپىك پىسخىك تەسۋىر. قەلب مۇنۇلۇگى پىسخىك تەسۋىرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ئۇقۇم.

tawpek 2012-05-27 13:37
قەلىب مونولوگى بىلەن تىل تەسۋىرىنىڭ  پەرقىچۇ ئۇنداقتا؟ O $dcy!  
We8n20wf<  
ئەگەر تىل تەسۋىرىنى دىئالوگ ۋە مونولوگ دەپ ئىككىگە بۆلىدىغان ئىش بولسا قەلىب مونولوگى تىل تەسۋىرىگە تەۋە بولىدۇ. /Ezx'h3Q  
Np.] W(  
ئەگەر پىسخىك تەسۋىرنى روھى ھالەت تەسۋىرى ۋە قەلىب مونولوگى دەپ بۆلىدىغان ئىش بولسا پىسخىك تەسۋىرگە تەۋە، oP"X-I  
z#j) uD  
دىمەك تىل تەسۋىرىدە چوقوم پىرسۇناژلار ئوچوق ئاشكارا پاراڭلىشىشى كىرەكمۇ ياكى ئاشۇنداق قەلىب مونولوگى بولسىمۇ بولامدۇ؟ hx5oTJR  
pA%Sybw+  
پىسخىك تەسۋىردە روھى ھالىتىلا تەۋىرلىنەمدۇ ياكى پىرسۇناژنىڭ ئىچىدە غوتولداشلىرىمۇ يەنى دىئالوگلىرىمۇ پىسخىك تەسۋىرگە تەۋە بولامدۇ؟ TV['"'D&i  
yu~o9  
پىسخىك تەسۋىر، روھى ھالەت تەسۋىرى، ئىچكى كەچۈرمىش تەسۋىرى  دىگەندەك ئاتالغۇلارغا ئەمدى قەلىب مونولوگى قوشالدىمۇ نىمە؟ nZtP!^#  
MB"TwtW  
L3@upb  
ئۈستىدىكى ئىنكاسلارغا مەن ئانچە قانمىدىم، ئايلىنىپ ئۆتۆپ كەتمەي مۇمكىن بولسا ئەستائىدىلراق كاللا قاتۇرغىدەك مەسىلىدەك قىلىدۇ. *}@zxFe +  
jfOqE*frl!  
بۇنىڭدا يا ئوخشاش نەرسىنى ئىككى قىلىۋەتتۇق ۋەياكى ئوخشىمىغان ئىككى نەرسىنى بىر قىلىۋەتتۇق.

maaripqi 2012-05-28 16:50
تىل تەسۋىرىنى دىئالوگ ۋە مونولوگ دەپ ئىككىگە بۆلۈش كونا ۋاقتى ئۆتكەن قائىدە. ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنى ئوچۇق - ئاشكارا خاتا دەپ ھۆكۈم چىقارمىدى، ئەمما خاتا ئىكەنلىكى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى روس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدىن  كاللىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان، ئەستائىدىل قارايدىغان بولساق، مۇنۇلۇگ ھەقىقەتەن پىسخىك ( قەلب) تەسۋىرى.

nasirdin 2012-05-28 17:50
مېنىڭچىمۇ  مۇنۇلۇگنى  پىسىخسىك تەسۋىرگە  ئايرىساق توغرا بولىدۇ،  ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، پىسخىك تەسىۋىر توغرىسىدىكى چۈشەنچە بەك  مۇجىمەللىشىپ  كېتىدۇ.  

koksangun 2012-05-28 18:09
مونولوگنىڭ ئىچىدە پىسخىك ھالەتنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن مىساللار بار ، شۇڭا بۇنى ئايرىشتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ، ئۇنىڭدىن قايىل قىلارلىق نەتىجە چىقىرىش زۆرۈرىيىتى بار ،ئۇنداق بولمايدىكەن ئوقۇغۇچىلارنى خاتا يېتەكلەپ قويىمىز. 6oA2"!u^w  
بىز كونا نەزەرىيىنى ئاغدۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى نەزەرىيە دەسسىتىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىمىزنىڭ يېڭى قاراشلىرىنى «مېنىڭ قارىشىمچە » دەپ ئېلىپ تۇرايلى . بۇ ھەر ھالدا باشقىلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ . G< _ 
ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت مەسىلىلەردە مەلۇم ئۇقۇمنى تۈرگە ئايرىشتائۇنى تۈرگە ئايرىغان مەنبەنى ئەسكەرتىش زۆرۈر ، بۇنداق بولغاندا بۇ قاراشنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئىلمىيلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .

tawpek 2012-05-29 02:21
مونولوگنىڭ ئىچىدە پىسخىك ھالەتنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇن مىساللار بار ، f[s| 
D9 \!97  
مۇشۇنداق مىساللارنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا ئۆتىدىغان باسقۇچقا كەلدۇققۇ دەيمەن.


查看完整版本: [-- قەلب مونولوگى بىلەن پسىخىك تەسۋىرنىڭ پەرقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled