padixa |
2010-07-20 11:43 |
سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ
ۋارىسجان ئەھمەد
قىزىمنىڭ ئانىسىغا: ‹‹سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ›› دېگىنىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم. شۇ چاغدا ئانىسى قىزىمغا: ‹‹چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، نېمانداق نەرسىلىرىڭىزنى رەتلىك قويالمايسىز؟›› دېگەنىدى، قىزىم: ‹‹ئاۋۋال سىز شۇنداق قىلىڭ›› دېدى. دەرۋەقە مەيلى ئائىلىدە ياكى سىرتتا بولسۇن، بالىلارغا ئۆگىنىش ۋە ئائىلە ئىشلىرىدا يۇقىرى تەلەپ قويىمىز – يۇ، ئەمما ئۆزىمىزنى ئۇنتۇيمىز، يەنە بەزىدە بالىلار بىلەن تازا كارىمىز بولماي، بولۇشىغا قويۇپ بېرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئائىلىدە چوڭلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز – يۇ، ئۆزىمىزگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئۇنتۇيمىز. Ln})\
UDK) كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزگە قارايدىغان بولساق، مۇشۇ يېشىمىزغا كەلگۈچە بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىمىزنى تولىمۇ قاقشاتقىنىمىزنى كۆرىمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بالىلىرىمىز ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا ئاتا – ئانا بولغۇچى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، ئاۋۋال ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ بالىلارنى ئىش – ھەرىكىتىمىز، گەپ – سۆزىمىز، يۈرۈش – تۇرۇشىمىز، مېھىر – مۇھەببىتىمىز بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلاردا ئائىلىگە، ئاتا – ئانىغا، چوڭلارغا، يۇرتىغا، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. nDSmr ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يېتىلىش مۇساپىسىدىن قارىغاندا، ھامىلىنىڭ پەرۋىشى مۇۋاپىق بولسا، بالىلارنىڭ %80 ئەقلى بىلەن تۇغۇلىدىغانلىقى، قالغان %20 ىنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، چۈشىنىش، قول سېلىپ ئىشلەش، كۆزىتىش ئارقىلىق تەدىرىجىي يېتىلىدىغانلىقى دەلىللىنىپ بولغان ھەقىقەت. بالىلارنىڭ كۈتكىنىمىزدەك يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇزاق جەريان كېتىدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا يېشىغا ماس كەلمەيدىغان تەلەپلەرنى قويۇش مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ جىنسى، يېشى، پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش ئەڭ توغرا ئۇسۇل. Nj_h+=UE! قىزىمنىڭ: ‹‹سىزمۇ شۇنداق قىلىڭ›› دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپ، شۇڭا ئانىسىنىڭ: ‹‹مەن دېگەن چوڭ›› دېگەن بىمەنە سۆزنى تاشلاپ، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! |
|