查看完整版本: [-- خېلىن كېللىر دىتالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز تىل-ئەدەبىيات دەرىس دىتاللىرى -> خېلىن كېللىر دىتالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yar130 2012-05-15 21:50

خېلىن كېللىر دىتالى

http://www.kuaipan.cn/file/id_51771501426245638.html

danix 2012-05-16 10:08
     خېلىن كېللىر 18ئايلىق بولغاندا گاس ، گاچا ، ئەما بولۇپ i_Ab0vye  
قالىدۇ . لېكىن ، ئۇنىڭ شۇنداق ناتىق بولۇپ كەتكەنلىكى ھەم rgJKXl;@s  
داڭلىق ئەسەرلەرنى يازغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ: ZG"_M@S.  
   _ خېلىن كېللىر 18ئايلىق بولغاندا گاس ، گاچا ، ئەما بولۇپ |1uyJ?%B  
بولۇپ قالغان تۇرسا ، قانداق ئۇستا ناتىق بولالايدۇ ھەم ئېسىل l`M{Ravvn*  
ئەسەرلەرنى قانداق يازالايدۇ ؟ _ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ >$j?2,Za(V  
بەرمەك بەكمۇ تەس كەلدا ... q ^Un,h64t  
   كىممۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرەلەر ؟

yar130 2012-05-16 14:25
  خېلىن كېللىر ئەما،گاس ھەم گاچا بولغان بولسىمۇ،لېكىن بارماق تىلى ئارقىلىق ئويلىغىنىنى ئۇستازى ئاننا سوللىۋان خانىمغا يەتكۈزىدۇ .سوللىۋان خانىم باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ.ئۇنىڭ يازغان بارلىق ئەسەرلىرىگە سوللىۋان خانىمنىڭ ئەجرى سىڭگەن.گەرچە ئۆز ئاغىزى بىلەن نوتۇق سۆزلىيەلمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىزگە ۋاستىلىك يېتىپ كەلگەن. F<39eDNpz  
    خېلىن باشقىلارغا بارماق تىلى ئارقىلىق ئويلىغىنىنى ئۇقتۇرسا،سوللىۋان خانىمنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ لىۋىنى سىلاپ،لەۋ ھەرىكىتىگە ئاساسەن ياكى ئەمالار يېزىقىغا ئاساسەن بىلىدۇ. 8lk@ev=O&  
    <<كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى>>دېگەن كىتابىدا شۇنداق مەزمۇنلار بار.

رۇخسار 2012-07-17 10:32
جاپا چىكىپسىز  رەھمەت

tawpek 2012-07-17 11:34
ئەگەر ئۈچ كۈن يورۇقلۇققا ئېرىشسەم wr>[Eo@%\  
خېلىن كېللىر (ئامېرىكا)   tZ \e:AAi  
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلپىقار بارات ئۆزباش +)$oy]  
6)=`&>9  
m-?hHd O  
مەن دائىم: «ئەگەر بىر ئادەم ياش ۋاقتىدا تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈن كور بولۇپ قالسا ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى» دەپ ئويلايمەن. قاراڭغۇلۇق ئۇنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان قىلىدۇ. جىمجىتلىق ئۇنىڭغا ئاۋازنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. tBU n KPT  
ئىلگىرى مەن ھەمىشە كۆرۈش قۇۋۋىتى نورماك دوستلىرىمنى سىناپ، ئۇلاردىن نېمە كۆرگەنلىكىنى سورايتتىم. يېقىندا، ئورمانلىقتىن ئەمدىلا قايتىپ چىققان بىر يېقىن دوستۇم مېنى كۆرگىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى بايقىغانلىقىنى سورىدىم. «ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسىمۇ يوق ئىكەن» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ئەگەر مۇشۇنداق جاۋابلارغا ئادەتلىنىپ قالمىغان بولسام، بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. كۆزى كۆرەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز نەرسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا ھەقىقىي بىلىپ يەتكەنىدىم. zu/ BDyF  
بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن ئۆز- ئۆزۈمدىن: «ئورمانلىقتا بىر سائەت ئايلىنىپ تۇرۇپمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ھېچنېمىنى كۆرمىگەنمىدۇ؟» دەپ سورىدىم. مېنىڭ كۆزۈم كۆرمىگەچكە سىيلاش ئارقىلىق مېنى قىزىقتۇرىدىغان خىلمۇ- خىل نەرسىلەرنى بايقىيالايمەن. بىر تال يۇپۇرماقنىڭ شۇنچىلىك نەپىس ھالەتتىكى سىممېتىرىكلىكىنى ھېس قىلالايمەن. قوللىرىم بىلەن باراقسان ئۆسۈپ ياشىرىپ تۇرىدىغان ئاشۇ دەرەخلەرنى، قارىغايلارنىڭ يىرىك قوۋزاقلىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىمەن. باھاردا مەن تولىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى سىيلاپ، يۇمران بىخلارنى تاپماقچى بولىمەن. ئۇ تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغانلىقىنىڭ تۇنجى شەپىسى. مەن گۈللەرنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان يۇمران نوتىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن. تەبىئەتنىڭ قىسمەن مۆجىزىلىرى ماڭا مۇشۇنداق ئايان بولىدۇ. تاساددىپىي ھالدا تەلىيىم كېلىپ قالسا، قوللىرىم بىلەن بىر تۈپ دەرەخنى ئاۋايلاپ تۇتىمەن. قۇشلار سايرىغاندا خۇشاللىقتىن تىتىرەپ كېتىمەن. مەن بارماقلىرىمنى ئېچىپ، ئېرىقتىكى مۇزدەك سۇنىڭ بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر يۈزىگە خۇددى گىلەمدەك يېيىلغان قارىغاي يۇپۇرماقلىرى ۋە ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ئەڭ ئېسىل پارس گىلىمىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رەڭگارەڭ پەسىللەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەڭگۈ ئاياغلاشماس تىياتىر بولۇپ، بارماقلىرىمنىڭ ئۇچىنى ئاستا سىيلاپ بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ;Qn)~b~  
بەزىدە مەن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن نىدا قىلىمەن، ھەممە نەرسىنى بىر كۆرۈپ باقسام دەپ ئۈمىد قىلىەمن. پەقەت سىيلاش، تۇتۇش ئارقىلىقلا مۇشۇنداق ھوزۇرغا ئېرىشەلەيمەن. ئەگەر كۆزۈم كۆرگەن بولسا، قانچىلىك گۈزەل نەرسىلەرنى بايقار ئىدىم- ھە! ھالبۇكى، كۆرەلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى تولىمۇ ئاز. ئۇلار رەڭگارەڭ جانلىق دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قىلچە ھاياجانلانمايدۇ. بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى بولسا كېرەك. ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى ئازراقمۇ قەدىرلىمەيمىز. ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەرگە بولسا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كېتىمىز. نۇرلۇق دۇنيادا، تەڭرى ئاتا قىلغان كۆرۈش قۇۋۋىتى بىر خىل قۇلايلىق ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. UA4="/  
مەن ئەگەر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدېرى بولۇپ قالغان بولسام، «كۆزىڭىزدىن قانداق پايدىلىنىسىز؟» دېگەن بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى تەسىس قىلغان بولاتتىم. بۇنداق بولغاندا پروفېسسورلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا كۆز ئالدىمىزدىن ھەش- پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي «كۆرگىلى» بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقنى ئاۋۇتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقان قاشاڭ ئورگانىزملىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئويغاتقان بولاتتى

نەبىجان 2012-09-10 22:43
سەر خىل دېتاللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.

karwanbiz 2012-09-13 17:18
ھېرىپ قالمىغايسىز داۋاملىق ئىزدىنىڭ .

رەيھانگۇل 2012-09-15 18:16
   خېلىن كېللېر- ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئايال يازغۇچىسى، ناتىق، ئىجتىمائىي تەشكىلاتچى. كىچىكىدە كېسەل سەۋەبىدىن ئىككى كۆزى كۆرمەس، ئىككى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان. 7ياشقا كىرگەندە، ئاننى.سۇللۋان  خانىم ئۇنىڭغا  ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. خېلىن كېللىر پاركىنس ئەمالار مەكتىپىگە بېرىپ ئاۋاز چىقىرىشنى ئۆگەنگەن. 14ياشقا كىرىگەندە نىيويۇرىك شەھىرىدىكى گاس-گاچىلار مەكتىپىگە كىرگەن. ئاۋازچىقىرىش ئۇسۇلى، كالپۇكنىڭ ھەركىتگە قاراپ ئۇقۇش ئۇسۇلى، بارماق تىلىنى ئۆگەنگەن.16 ياشقا كىرگەندە خارۋارد ئۇنۋرسىتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن. ئەنگىلىيە تارىخى، نىمسچە، لاتىنچە، ماتىماتكىنى ئۇگەنگەن.20يېشىدا خەت بېسشنى ئۆگەنگەن.ئۇنۋرستىنى پۇتتۇرگەندىن كېيىن پۇتۇن زىھېننى مېيپلارغا كۆڭۈل بولدىغان ئىجتىمائي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.1932-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىقنىڭ دۆلەتلىك ئەمالار ئىنىستۇتىغا مۇئاۋىن مۇدىر بولغان. كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بىرىپ ئەمالار فۇندى يىغقان.1959-يىلى ب د ت چوڭ يىغنىدا يەنى 80ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنىدە «خېلىن كېللىر خەلقئارا مۇكاپاتى»نى تەسس قىلغان. نىيويۇرىك شەھىرىنىڭ باشلىقى خېلىن كېللىر تۇغۇلغان كۇننى «خېلىن كېللىر كۇنى» دەپ جاكارلىغان. 1968-يىلى 88 يېشىدابارلىق جاپالىق ۋە شان-شۆھرەتكە تولغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

تۆتتاش 2012-09-15 20:28
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

تۆتتاش 2012-09-15 20:32
引用第2楼yar130于2012-05-16 14:25发表的  :  خېلىن كېللىر ئەما،گاس ھەم گاچا بولغان بولسىمۇ،لېكىن بارماق تىلى ئارقىلىق ئويلىغىنىنى ئۇستازى ئاننا سوللىۋان خانىمغا يەتكۈزىدۇ .سوللىۋان خانىم باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ.ئۇنىڭ يازغان بارلىق ئەسەرلىرىگە سوللىۋان خانىمنىڭ ئەجرى سىڭگەن.گەرچە ئۆز ئاغىزى بىلەن نوتۇق سۆزلىيەلمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىزگە ۋاستىلىك يېتىپ كەلگەن.    خېلىن باشقىلارغا بارماق تىلى ئارقىلىق ئويلىغىنىنى ئۇقتۇرسا،سوللىۋان خانىمنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ لىۋىنى سىلاپ،لەۋ ھەرىكىتىگە ئاساسەن ياكى ئەمالار يېزىقىغا ئاساسەن بىلىدۇ.    <<كۆزۈم ئۈچ كۈنلا ئېچىلسا ئىدى>>دېگەن كىتابىدا شۇنداق مەزمۇنلار بار.
f5p/cUzX  
ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق. ;l1.jQh  
مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ھۇزۇرىمىزغا داۋاملىق سۇنۇپ   تۇرغايسىز.

kaktus 2012-09-23 13:56
ئوقۇغۇچىلارغا،ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ،ھەقىقى مېيىپلىق ئادەمنىڭ جىسمىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ روھىدا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ روھىنى ئويغۇتۇشتا ناھايىتى ياخشى ماتىريال بولالايدىكەن.

توغراق 2012-09-28 19:17
خېلىن كېللىر ھەقىقەتەن قالتىس.

13379705568 2013-04-28 11:30
جاپا چىكىپسىز  رەھمەت

تاھىرجان 2013-05-09 21:37
رەھمەت.............

تاھىرجان 2013-05-12 19:46
جاپا چىكىپسىز  رەھمەت

مىېھرىما 2013-09-03 15:08
مەن بۇ دەرسنى ئۆتۈش جەرياندا كۆرگەن ئىدىم بۇ مەزمۇننى يوللاپ ياخشى قىپسىز ھەممىمىز تەڭ بەھرىمان بولايلى   

ئايزىبا527 2013-09-21 00:22
ئۇ بىر رىۋايەت تۈسىدىكى شەخس !!!!!!!!

ئايزىبا527 2013-09-21 00:22
مەن ئۇنىڭغا ئىنتايىن قايىلمەن !!!

زەيتۇنەم 2014-03-16 23:16
ئورتاق پايدىلىنىش


查看完整版本: [-- خېلىن كېللىر دىتالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled