بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك! ئانىلارغا سالام! ئائىلە، ئەۋلاد، مىللەت، جەمئىيەت ... ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئانىلارنىڭ ئەجرى بىلەن باراقسانلىققا ئېرىشىدۇ. ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، ئائىلە مىللەتنىڭ مۇقەددەس قورغىنى. ئۇ مىللەتنىڭ ياتلىشىپ كېتىشىنى ، تىل- يېزىقىنى ئۇنتۇشىنى، ئادەت ۋە ئەنئەنىسىنى تاشلىۋېتىشىنى، تەلىم ۋە مەدەنىيەتتە تۇترۇقسىز بولۇپ قېلىشىنى توسايدىغان ئۇلۇغ مۇرەببى( تەربىيىچى، غەمخور). ئائىلە مۇھەببەت ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان، غايەت زور تارىخىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان ئېتنىك ئىجتىمائىي قاتلام، مۇھەببەت گۈلى ئاقىلانە، مەدەنىيەتلىك ئائىلە بېغىدىلا ئېچىلىشى، مېۋىلىشى مۇمكىن. بۇ گۈلنىڭ بەرق ئۇرۇشى سېنىڭ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىڭ تەرىپىدىن روياپقا چىقىدۇ، سەن ئەرلىك مەسئۇلىيىتىڭنى ئۇنتۇساڭ، ئائىلە بېغىنى شۇمبۇيا قاپلايدۇ. |