tunyukuk |
2012-05-10 22:21 |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە ...
K%aPl~e ?-RoqF ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . =0!\F~ لۇتپۇللا مۇتەللىپ پەقەت 23يىل ياشاپ توققۇزيىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ بىراق ئۇ،‹‹مۇھەببەت ۋە نەپرەت›› ‹‹يىللارغا جاۋاب››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹ چىمەنگۈل ››،‹‹چىن مودەن››،‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› …قاتارلىق شېئر ،فىلىيەتون،ئوپىرا،دىرممىلىرى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ھەم ئىجادى ھاياتىدا لۇتۇن،ل.مۇتەللىپ،قاينام ئۆركىشى،سەنئەت خۇمارى قاتارلىق ئىسىم،تەخەللۇسلارنى ئىشىلىتىپ شۇدەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ,&zjOc_v ئۇنداقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىسىم ۋە تەخەللۇسلارنى نېمە زۆرۈريەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن ئىشلەتكەن .تۆۋەندە مەن بۇ،توغرۇلۇق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. oZ\qT0*eb لۇتۇن-لۇتپۇللا مۇتەللىپ يۇرۇق دۇنيا غا كۆز ئاچقاندا،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى لۇتپۇللا ئىدى.ئەمما بۇئىسىم ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە‹‹لۇتۇن››دەپ قوللۇنىلدى.ئۇ،دەسلەپ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدا،كېيىنچە مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىكلەر ئارىسىدا ۋە بارا-بارا ئۇمۇملىشىپ ساۋاقداشلىرى،تەڭتۇش ئەل-ئاغاينىلىرى ھەتتا لۇتپۇللا ئارىلىشىدىغان ئەنۋەر ناسىرى قاتارلىق زىيالىلارمۇ ئۇنى ئاتايدىغان خاس ئىسىمغا ئايىلىنىپ كەتتى.لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ بۇئىسىمنى بەزى شېئىر مىسرالىرى ئارىسىدا ئىشلەتكەن بولۇپ،بۇئىسىم ‹‹مىللەتچىلەرگەزەربە››دېگەن شېرىدا مۇنداق كەلگەن. FJwZo}<6E ‹‹ئەي لۇتۇن! @FnI?Rx ئۇيغۇر ئېلى باغىدا ="'P=Xh!8 ئۆزمىللىتىڭنى يارات، a2klOX{ باشقىلارغا قاراپ كۆزئالايت›› a|6x!p2X دەپ ئۆگەتمەكچى ماڭا q|]0on~] قارا كۈچ،قارانىيەت، bVAgul=__ ئۆچلۈك سالماقچى كۆڭلۈمگە…
6Qzu- ياق!…مەن ئالدانمايمەن پەقەت… 5M\=+5wB بۇئىسىمنىڭمۇ لۇتپۇللانىڭ باشقا ئىسىم تەخەللۇسلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر قەلبىدە يادلىنىپ ئۇلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشى، تىيانشاننىڭ جەنۇپ، شىمالىغا كەڭرى تارقىلىشى ئۈچۈن ئەلقەم ئەختەم،مۆمىن مۇھەممىدى، تۇرسۇن ئەرشىدىن… قاتارلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز ، ‹‹لۇتۇن››ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمە،ھېكايە،پوۋىست ، شېئىرلىرى بىلەن كەڭرى مەيدان ۋە ئىللىق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بولسا.يېقىندا يەنە،ئۈرۈمچىدە،‹‹لۇتۇن خەلىق ئارا سودا چەكلىك شىركىتى›› قۇرۇلۇپ،لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن‹‹لۇتۇن››ماركىلىق سائەتتىن 365نى بازارغا سالدى.بۇنىڭ بىلەن‹‹لۇتۇن››دېگەن بۇئىسىمنىڭ ماركالىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى،سىرتىغا كەڭ تارقىلىشىغا شارائىت ھازىلاپ بەردى. Uf2v$Jl+Yh ل.مۇتەللىپ-بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادى پالىيىتىدە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىسىم بۇ ئەسلىدىكى ئىسىم فامىلىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،لۇتپۇللا بۇ ئىسىمنى بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىدا قوللاندى ھەم بۇ ئىسىم بىلەن‹‹ يىللارغا جاۋاپ››،‹‹مۇھەببەت ھەم نەپرەت››قاتارلىق ئۆلمەس شېئىر داستانلىرىنى ئېلان قىلدى. u8k{N لۇتپۇللا ئەينى چاغدا ئوقىغان مەكتەپلەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ،ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغائاتىسىنىڭ ئەمەس، چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ قوللىنىدىغان بولغاچقا لۇتپۇللامۇ بۇ،تەسىر تۈپەيلى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھېزىمنى ئەمەس چوڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى مۇتەللىپنى فامىلە قىلىپ قوللانغان .ھەم چەتئەللەرگە ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ مۇشۇئىسىم بىلەن تۈنۈلغان. Rm\
']; قاينام ئۆركىشى-بۇ لۇتپۇللامۇتەللىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يىتىلىۋاتقان ھەم ئىجدىمائىي پالىيەتلەردە قايناق بىر باسقۇچقا كىرگەن مەزگىلىدە قوللانغان تەخەللۇس بولۇپ،لۇتپۇللامۇتەللىپ بۇتەخەللۇسنى 1939-يىلدىن1945-يىلغىچە ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇلاردا ياشىغان چاغلاردا يازغان شېئىرلىرىدا ئىشلەتكەن. " لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىم بىلەن يېقىن دوسلاردىن بولۇپ1941-يىلى نويابىردا ئۇلار تەخەللۇس ئالماشتۇرغان.لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمگە‹‹ئۆتكۈر››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.ئۆتكۈر ئەپەندىم بولسا،لۇتپۇللا مۇتەللىپكە‹‹قاينام››دىگەن تەخەللۇسنى تەقدىم قىلغان.بىراق لۇتپۇللا مۇتەللىپ‹‹قاينام››غا‹‹ئۆركىشى››نى قوشۇپ ‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن. لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى قازاقىستاندا ياشاپ ۋاپات بولغان ئەخمەتجان روزى ئۆزىنىڭ‹‹ ل.مۇتەللىپ ۋە مەن››دىگەن ئەسلىمىسىدە‹‹قاينام ئۆركىشى››دىگەن. تەخەللۇس توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ .لۇتپۇللامۇتەللىپ روسىيىلىك گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىگەتەرجىمان بولۇپ قەشقەرگە بارغاندا،قەشقەرنىڭ بىرچەت رايۇنىغا چۈشۈپتۇ شۇرايۇندا ناھايىتىمۇ تېزئاقىدىغان بىردەريابولۇپ،ئاجايىپ قايناملىرى بار ئىكەن .قاينام سۇلىرىنىڭ ئۆركەشلىرى دەرەخ بويى ئۆركەشلەپ تۇرىدىكەن.شۇ قاينامنى كۆرۈپ لۇتپۇللا ئۆزىگە‹‹قاينام ئۆركىشى››دېگەن تەخەللۇسنى قويۇپتىكەن. ( كىروران ژورنىلىنىڭ2007-يىللىق3-سانى) 0@FM^ejA# گەرچە لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ‹‹قاينام ئۆركىشى››تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،لىكىن بۇتەخەللۇس لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقالغان. مەرھۇم يازغۇچى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى،ئىجادىي پالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىئوگىرافك رومانى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› گەلۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەخەللۇسى بولغان قاينام ئۆركىشىنى ماۋزۇقىلغان بولۇپ جەمئيەتتە بەلگۈلىك تەسىز قوزغىدى ھەم بۇ تەخەللۇسنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ۋە ئەمىلى پالىيىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى سۈپىتىدە كەڭ جامائەتچىلىككە تارقىلىشىغا ھەم قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
Sfoy8 | |