tawpek |
2012-07-17 11:43 |
بىلەيچى بوۋاي ;Afz`Se1@ ئەختەم ئۆمەر mRk)5{ zWY988fX0 - بالام ، بىلەي دېگەن ئەسقاتىدىغان نەرسە ، بىر ئۆيدە كەم دېگەندىمۇ تۆت – بەش پىچاق ، بىر – ئىككى قىڭراق ، كەكە ، پالتا بولىدۇ بىرەر بىلەي بولسا ، ئىشلەتكەندە قىينالمايمىز . بۇرۇنقى چاغلاردا ھەممە ئەركەكلەردە راۋۇرۇس بىردىن پىچاق بولىدىغان ، ئەمدى ئون ئەردىن سورىسا ، بىر پىچاق چىقمايدىغان بولۇپ قالدى . ئېلىپ قويۇڭ ، ئۆيدە لازىم بولىدۇ . بۇ مەخسۇس بىلەي تېشىدىن مۇشۇنداق چاسىلاپ ، سىيلىقلاپ ياسالغان بىلەي ، بۇ تاشنى تاغنى ئالماق قانچىلىك تەس ، مېنىڭ تۇرۇقۇمنى كۆردىڭىزمۇ ؟ j|!,^._i ئالدىمدا سۆزلەۋاتقان بوۋايغا يېڭىباشتىن سەپسالدىم . $/wm k7T ئۇنىڭ قاتىراڭغۇ ، ئورۇق يۈزىنىڭ ساقالسىز يەرلىرى بولۇپمۇ پىشانىسىنى قاسساپنىڭ گۆش چانايدىغان دۆشىسىدىكى ساناقسىز قالايمىقان پالتا ئىزىدەك قورۇقلار قاپلىغان ، ساقىلى پۈتۈنلەي ئاقارغان ، قېشىنى ئاق ئارلىغان ، كىرلىشىپ ، پۈرلىشىپ كەتكەن ئاق خەمە يەكتىكىنىڭ بەلۋېغىنىڭ يۇقىرى تەرىپى ئوچۇق بولۇپ ، قورساقلىرى ئىچىگە تارتىپ لەش بولۇپ قالغان تېرىلىرىمۇ قورۇقلىشىپ ، قوۋۇرغىلىرى كۆرۈنۈپلا قالغان ، مەيدىسىدىكى شالاڭ تۈكلەرگىمۇ ئاق ئارلىغان ، كەڭ پۇچقاق قارا تامبىلىنىڭ تىزىنىڭ تۆۋىنى ئۆزىگە ئوخشاش قورۇلۇپ رەڭگىنى يوقاتقان ، پۇتىغا چورۇق كىيىۋالغان ، ئوڭ يانپىشىدا ئۇزۇن ، قىزلارنىڭ 40 كوكۇلىسىدەك بوي تاسمىلىق پىچاق ئېسىلغان ، پاختا يىپتىن ئىشلەنگەن تامبال بېغى تىزىغىچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ . ئۇ ئالدىغا خېلىلا مۈكچەيگەن بولۇپ ، ئالدىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش قېرىپ سالپىيىپ قالغان ، زەمبىل بەل كۆك ئېشىكىگە يۆلىنىپ تۇرىدۇ .ئۈستىدىكى مەخسۇس تىكىلگەن يوغان خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە لىقلاپ سېلىنغان بىلەي تاشنىڭ ئېغىرلىقىدىن ، ئېشەكنىڭ بېلى قىسماقتەك ئېگىلىپ ، يۇڭلۇق قورسىقى پولتىيىپ قالغان ئىدى .ئۇ تالغان پۇتىنى نۆۋەت بىلەن يۆتكەپ تۇراتتى .بوۋاينىڭ كۆزى قورۇقلار ئارىسىدا قىسىلىپ كىچىكلەپ قالغان ھەم چاپاق باسقان ئىدى . قېرىلىقتىن ئېشەك ھەيدەيدىغان يۇلغۇن تايىقى تۇتقان قولى ئېڭىكى بىلەن قوشۇلۇپ ھە دەپ تىتىرەپ تۇراتتى … X^\D"fmE. - چوڭ دادا ، قانچە ياشقا كىرگەنلا ؟ -.Wcz| ئاغزىمدىن << ئالاي >> دېگەن سۆزنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋتقان بوۋاي ، بۇ سوئالىمنى خالىماي : M(X
_I`\E - چامبىلىكام 80 دىن ئاشتىم ، – دېدى . n`,
- بۇ بىلەي تاش تاغنىڭ قانداق يېرىدىن چىقىدۇ ؟ BA@E
بوۋاي ئۈمۈدلىك ھەم ئۈمۈدسىزلىك نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى ، ~$J;yo~ - تاغنىڭ بىلەي تاش چىقىدىغان يەرلىرى بار ، ئۇ ئېگىز چوققىدىنمۇ ، بەل ، تۆپىلەردىنمۇ چىقىدۇ . 7zu\tCWb - مۇشۇنداق پارچە – پارچە بولامدۇ ياكى … w6BBu0,KC - ئالدىغا تەييار ئۇچرايدىغان گەپ نەدە ؟ بولقا ، مېتىن بىلەن چاقىدىغان گەپ ، كۆردىڭىزمۇ ماۋۇ قولنى ، بىر خورجۇن ياڭىقىز بولسا ھەمساتتا چېقىپ بېرىمەن … r=Xo; d*TE ئۇنىڭ قارا ، قېتىپ قالغان دوقماق قوللىرى قاداق بىلەن تولغانىدى . مېنىڭ ھەيران قالغىنىمدىن ، ئۇنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم ياماشتى . P@v"aa\@2) - بىر كۈندە مۇشۇنداق بىلەيدىن قانچىنى ياسايسىز ؟ V0;"Qa@q ئۇ كۆزۈمگە ھومۇيىپ تىكىلدى ، قولى بىلەن بىلەينى ئۇرۇپ : FX!KX/OE) - بۇ سېغىز ئەمەس بالام ، تاش ، بىر كۈندە قانچىنى ئەمەس ، نەچچە كۈندە بىرنى ياسايسەن ؟ دەپ سورايسىز . مەن ئېغى بار تامبال كىيگەندىن تارتىپ ، ئۆمرۈم مۇشۇ بىلەي تاش بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتىۋاتىدۇ . بىر كۈندە بىر بىلەي ياساپ باقمىدىم … ;@Zuet - بىرى قانچە پۇل ؟ }O\IF}X بوۋاينىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ ، قىسىلغان كۆزلىرى ئۈمىدلەندى . )U~|QdZ - ئاۋۋال تاللاڭ بالام ، ئوخشاش ئەمەس ، چوڭىنىڭ چوڭىراق ، كىچىكىنىڭ كىچىكىرەك . بۇرۇن خېلى پۇلغا ئالاتتى ، ھازىر ئەرزان ، ماۋۇ چوڭى بىر يېرىم كوي ، باھا قويمايمەن ، ماۋۇ كىچىكى يېرىم كوي شۇ ، يوقىلاڭ گەپ . 6{6hz8 مېنىڭ بوۋايغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى . گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم . نېمىدىگەن ئېغىر ئەمگەك ، زور بەدەل ! نېمىدىگەن كۆپ ئەجىر ، ئەرزان نەرخ … w[X-Q+7p(t - چوڭ دادا ، بالىلىرىڭىز يوقمۇ ؟ 3dN`Q:1R9 - بولمامدىغان ، توققۇز قىزىم بار ، خۇدا بەرگەن توققۇز قىزىل گۈل ، ھەممىسى بالا – چاقىلىق . |y^=(|eM - ئۇلار سىزگە … -Cyo2wk - ھەممىسىنىڭ ۋاي دادا ، دەپ ھالى يوق ، يىغلاپ دېمىگىنى قالمايدۇ ، بىرىنچىدىن ، ئاتا كەسپىمنى تاشلاپ ھايات تۇرۇپ بىكار تۇرالمايمەن . بىكار نان يەپ يېتىپ كۈيئوغۇلنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى يامان كۆرىمەن . ئۇ بىچارىلەرمۇ ۋاي دەپ ھالى قالمايدۇ . لېكىنزە ، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىچىم سىقىلىپلا تۇرىدۇ .ئۆزۈمچە بويۇن قىسقاندەك بولۇپ كېتىمەن . ئۆمرۈمدە بويۇن قىسقان ئەمەسمەن بالام ، مېنى تولا سۆزلەتمەي بىرەرنى ئالسىڭىز ئېلىڭ ، بولمىسا ماڭا كاشىلا قىلماڭ . بۇ ئۆزى ئەرزان مال ، بىر ئۆيدە بولمىسا قەدرى ئۆتۈلىدىغان نەرسە ، پىچىقىڭىز ھەرقانچە ياخشى بەلەن بولسىمۇ ، ھامان گاللىشىدۇ . Krae^z9R مەن چوڭ بىلەي تاشتىن قولۇمغا ئېلىۋىدىم ، بوۋاي خۇشاللىقتىن چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى . ئۇ بىلەينىڭ ئوبدانلىقىنى ماختاپ كۆپ سۆزلەپ كەتتى ، مەن پۇلنى ئايرىپ بولۇپ توختاپ قالدىم . Erw1y,mF بوۋاي كۈلكىدىن توختاپ ، ماڭا ئىككىلىنىش نەزىرى بىلەن تىكىلدى . >ZJ]yhbhK - چوڭ دادا ، ھەممە بىلىيىڭىز قانچە چىقار ؟ wG49|!l6T بوۋاي ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ خۇشياقمىغان بىر ھالدا : lk>\6o: - ئون سەككىز … – دېدى . - VJx)g - ھەممىسىنى ئۆز نەرخى بويىچە مەن ئالاي . L2>e@p\> بوۋاي ھەيران بولۇپ ماڭا قاراپ قالدى . {dZ]+2Z~+ - سىز … سىز ھەممىنى ئالىمەن دېدىڭىزما ؟ v#x`c_ - ھەئە . igo9~. - قانداق قىلىسىز ؟ /<) Vd - …. Fq~uuQ مەن بۇ تەرىپىنى ئويلىمىغاچ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم . `h@fW- r
- ئەمدى … سىزنى … ساتىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن دەپ . #csP.z3^y - بىر ئۆيگە بىرى يېتىدۇ … سىز ھەممىنى ئېلىپ … ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسىز ؟ بىرنى ئىشلىتىپ قالغىنىنى ئەسكى چالمىنىڭ ئورنىدا … تەستە ياساپ تاغدىن ئەكەلدىم . ھىم ، ماڭا ئىچ ئاغرىتقۇچە ئۆزىڭىزگە ئىچ ئاغىرتىڭ ، كۆزىڭىزگە بىچارە كۆرىنىۋاتامدىمەن ؟ ھىم … e@vtJaSu - ئەمسە ماۋۇ بىرىنىڭ پۇلىنى … 6C2~0b - سىزگە بەردىم . o6vn
l بوۋاي كەينىگە قارىماستىن ئېشىگىنى يېتىلەپ مېڭىۋەردى . سودىمىزنىڭ ئاخىرىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن خىزمەتدىشىم :
U${W3Ra - ساراڭ قېرى ئىكەنغۇ بۇ ؟ ئىچ ئاغرىتتىڭ دەپمۇ يامانلامدۇ ؟! تاشقا دەسسەپ يۈرىۋاتساق ، پۇلغا تاش ئالىدىغان ئارتۇق پۇلۇڭ بارمۇ ؟ بىزنى مېھمان قىلە . kQmkS^R - ئاداش ، ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئۇ بوۋاينىڭ بىلىيىدىن بىردىن ئالايلى ، – دېدىم مەن . ['o ueOg ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ قالدى . Qn8xe, - ھەممىسىنىڭ پۇلىنى مەن تۆلەيمەن . ai-s9r'MI? دوستۇم تېخىمۇ ھەيران بولدى . }T4|Kyu? 6 ]x?2P% 1986 – يىلى 29 – نويابىر ، قەشقەر . |
|