r.muhemmet |
2012-05-06 18:53 |
بۇ پېرسۇناژلارغا قانداق قارايسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار!!! ماي بايرىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، « يېڭىچە » كەيپىيات بىلەن زۆرۈر دەرسلىك ( 4) نى باشلاپ كەتتۇق... ھەممىمىزگە مەلۇم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھېسسىيات پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەردىكى پېرسۇناژلارغا ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى ھەم ئەخلاق قارىشىغا باھا بېرىپ بېقىشقا يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە ئەسەردە ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيەنى بۈگۈنكى تەپەككۇر بوشلۇقىمىزغا ئېلىپ تەلقىن قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز... j{NNSi3 پىقىر « گۈلدۈرماما » دراممىسىنى ئۆتكەندە « سىز مەزكۈر ئەسەردىكى قايسى پېرسۇناژغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئويلاشتىڭىز نېمە ئۈچۈن ؟ ئەگەر ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئىمكانىيتىڭىز ــ پۇرسىتىڭىز بولسا، كىمگە قانداق شەكىلدە ياردەم قىلاتتىڭىز ؟ » lKlU-4 « سىزنىڭچە ‹ گۈلدۈرماما › دراممىسىدىكى ئازاب ۋە جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كىم ؟ ئۇنىڭ يىلتىىز نېمىدە ؟ » 4"xPr[=iG « مەزكۈر ئەسەردىكى مەلۇم پېرسۇناژ غا ئەخلاق نۇقتىسىدىن جازا بېرىشكە توغرا كەلسە قانداق جازا بېرىشكە بولىدۇ؟ قانۇن نۇقتىسىدىن قانداق جازا بېرىشكە بولىدۇ ؟ جازا بىكىتكەندە نېمىنى ئاساس قىلىسىز ؟ » MW PvR|Q ئىككىنچى سەھنە ئەسىرى « مۇقام ئۇستازى » نى ئۆتكەندە بولسا « تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ تۇرمىگە كىرىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى ؟ تۈرمىدىن چىقىشىغىچۇ ؟ سىز تىلماچقا قانداق باھا بېرىسىز؟ نېمە ئۈچۈن ؟ » ND5`Q"k
« جۈجاڭنىڭ تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قويۇپ بېرىش يولىنى تاللىشىغا نېمە سەۋەب بولدى ؟ ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلىغا قانداق باھا بېرىشكە بولىدۇ ؟» r" K':O6y « راشىدىن مۇپتىھاجى قاتارلىق جامائەت ــ قاغىلىق خەلقى خوجا ئابدۇللانىڭ قىلمىش ــ ئەتمىشلىرىنى بىلەمدۇ - يوق ؟ ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى مۇمكىن؟ تىلماچنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن خوجا ئابدۇللانىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار ؟ » : | |