查看完整版本: [-- ئاQ نىڭ يېڭى تەرجىمىھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> ئاQ نىڭ يېڭى تەرجىمىھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-05-02 20:58

ئاQ نىڭ يېڭى تەرجىمىھالى

ئاQ نىڭ يېڭى تەرجىمىھالى wNsAVUjLe  
  ]"'$i4I{R  
(بو زېجۈن) D ff0$06Nq  
  <~9z.v7  
d-%!.,F#W  
يېقىندا ئاڭلىشىمچە، ئاQ ۋېيجۇاڭدىكى بۇتخانىدا ئۇزاق يىللار قاتتىق ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ئويغىنىپتۇ. يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى «ئىنقىلاب» تارىخىنى ياد ئېتىپ، تەنتەنىلىك بىلەن ئۇنىڭغا ۋېيجۇاڭ ئۆي - مۈلۈك تەرەققىيات باش شىركىتىنىڭ «مەسلىھەتچى»لىك مەنسىپىنى بېرىپتۇ.  CXqU< a&  
ئەجدادلىرى باي ئۆتكەن ئاQ ھەقىقەتەنمۇ پۇل تېپىشقا ماھىر ئىكەن. «مەسلىھەتچى» لىك قارا تونىغا تايىنىپ ئۇ ناھايىتى تېزلا بېيىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ۋاڭ خۇ، كىچىك D قاتارلىقلارنى ۋېيجۇاڭدىكى ئەڭ كاتتا قاۋاقخانىغا تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ پۇل تېپىشتىكى تەسىراتى ۋە باي بولۇش سىرى ئۈستىدە تازا گەپ سېتىپ غادىيىپتۇ. گەرچە بۈگۈنكى ئاQ كاستۇم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيگەن سالاپەتلىك بايلاردىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى ئوبدان بىلىدىغان ۋاڭ خۇ، كىچىك D لار ئىچىدە يەنىلا ئۇنى ياراتماپتۇ، شۇڭا ھە دېگەندىلا گەپتە چېقىپتۇ:  x1['+!01  
− ئاڭلىساق بۇرادىرىمىزنى يېقىندا خېلى كۆپ ھارام بايلىق توپلىۋالدى دېيىشىدۇ، بۇ گەپ راستمىكىن؟ x5q5<-#  
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاQ دەرغەزەپكە كەپتۇ. لېكىن، ئاQ يەنىلا كۆپنى كۆرگەن ئوقۇمۇشلۇق كىشى بولغاچقا ئۆز سالاپىتىنى ساقلاپ تەمكىنلىك بىلەن سوراپتۇ:  mjdZ^  
− ھەرقايسىلىرى كۆزدە تۇتۇۋاتقان ھارام بايلىق نېمىلەركىن؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئازراق پايدىسىنى كۆرۈپ قويسا بولمامدىكەن؟ ئىككىلىرىدىن سوراپ باقاي، ھۆكۈمەت دېگەن كىم؟ ئۆزلىرىمۇ؟ مەنمۇ ياكى ئۇمۇ؟ xA|72!zk0P  
ۋاڭ خۇ، كىچىك D لار ئاQ نىڭ بۇرۇنلىرىغا نوقۇپ تۇرۇپ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي بىرئازغىچە لام - جىم دېمەپتۇ. ئاQ كۆرەڭلىگىنىچە سۆزلەپتۇ:  zUg-M  
− بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۆكۈمەتنىڭكىنى ئالسا باشقىلارغا دەخلىسى يەتمەيدۇ، مەن ئالساممۇ بىكارغا ئالدىم، گۇناھىم نېمىكىن؟ }K\] M@  
ۋاڭ خۇ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە كىچىك D غەزىپىنى باسالماي قايناپ كېتىپتۇ:  ^6=y4t=%F  
− ئاQ، سەن نومۇس دېگەننى بىلمەيدىكەنسەن، ئالدىغاننى ئېلىۋېلىپمۇ يەنە تېخى ئۆزۈمنىڭكى راست دەيسەن، يۈزۈڭ تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن يەنە.  %u"3&kOV  
ئاQ خاتىرجەم ھالدا جاۋاب بېرىپتۇ:  PPiN`GM  
− پۇل بار يەردە يۈز - ئابرۇي دېگەن قانچىلىك نېمىتى! جاۋ بېگىمنىڭ نەۋرىسى كەنت مۇدىرى بولغاندىن كېيىن چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال ھەممىسىنى بوزەك قىلدى؛ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىپ «ئەجنەبىي»چە ئۆي سېلىۋالدى؛ يالغان ئەجنەبىينىڭ ئوغلى يەر ئاغدۇرۇشنى تەكشۈرۈپ كېلىش باھانىسىدا چەت ئەلگە چىقىپ ياۋروپا، ئامېرىكىلارنى قانغۇدەك ئايلىنىپ، پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلىدى. ھېلىقى ۋۇ ئانىنىڭ جىيەنىمۇ كۈن بويى ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىدۇ، بۇلارنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەممىسى چۆنتىكىنى توشقۇزۇۋاتقان يەردە، مەنمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. ئالسام بىكارغا ئالمىدىم. ھېلىقى راھىبەنى ئالايلى، راھىبلار قول تەگكۈزسە بولىدۇيۇ، مەن قول تەگكۈزسەم بولمامدىكەن؟ E"p;  
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاQ نىڭ يادىغا ئۆتكەن ئىشلار كېلىۋېلىپ كۆڭلى بىئارام بوپتۇ.  ;c1ar)G7  
ۋاڭ خۇنىڭ ئوغلى مەلۇم بىر چوڭ ئورگاننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا ئىشلىگەچكە ۋاڭ خۇ بۇ جەھەتتە خېلى جىق نەرسىلەردىن خەۋەردار ئىكەن. شۇڭا، چىرايىغا جىددىي تۈس بېرىپ سوراپتۇ: 0fhz7\a^_<  
− ئاQ، سەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن قورقمامسەن؟  V=%j ]`Os  
ئاQ كۆڭلىگە بىر نەرسىنى پۈككەن ھالدا جاۋاب بېرىپتۇ:  $)w9EGZ  
− قەدىمكىلەر قانۇن كۆپ سانلىقلارنى جازالىمايدۇ، دەپتىكەن. سەنمۇ، مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتسە بۇ قانۇن، قانۇن بولماي قالىدۇ. دەپ كەلسەڭ ئاشۇ قانۇن ئەمەلدارىنى پاك دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بەلكىم ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شۇ ئىشقا چېتىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەن ئاQ نىڭ ئالغىنى چىۋىنچىلىكلا بىر نەرسە، ھەممىگە تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ مېنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ.  +AGI)uQQ  
ۋاڭ خۇ، كىچىك D لار قاتتىق خاپا بولۇشۇپ ئاQ ئېھتىيات قىل، قۇيرۇقۇڭنى تۇتقۇزۇپ قويما يەنە، دەپ كېتىپ قاپتۇ.  L1'R6W~%dN  
دەرۋەقە، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاQ دىن ئاخىر چاتاق چىقىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، يەنە تېخى كەنت مۇدىرى، يېزا باشلىقلىرىغىچە چېتىلىپتۇمىش.  pY75S5h:  
ئەمما، ئاQ بەرىبىر ئاQ دە، قولغا ئېلىش قەغىزىگە ئۇ تەمكىن ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن چەمبىرەكنى ئىنتايىن يۇمىلاق سىزىپتۇ ۋە مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە پەخىرلىنىپ يۈرۈپتۇ.  {G _ :#cep  
( مەنبە: «تەقدىرداش» ژۇرنىلىنىڭ 2001 - يىل 4 - سانىدىن ئېلىندى.  بۇ مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 5-كىتاب «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى» دىن بېسىپ چىقىلدى.   2012-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى   )   
  
  |Nx7jGd:i  
  WX@ a2c.'  

tunyukuk 2012-05-02 21:05
يېڭىدىن ھېكايە توقۇش ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ بىرخىل ئەڭ مۇھىم شەكلى. ئەپسانە - رىۋايەتلەر، تارىخنامىلەر ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى شەخسلەر، ۋەقەلىكلەرگە ئاساسەن بىر قىسىم ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىرالايمىز. يېڭىدىن توقۇلغان ھېكايىلەر ئادەتتە رېئال تۇيغۇغا، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۇمۇ بىر خىل جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم شەكىلدۇر. يېڭىدىن توقۇلغان ھېكايىلەردە ئەسلىي ئەسەردىكى ئادەم ۋە ۋەقەلەرنى توغرا ئىگىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

sanamjan 2012-05-03 09:52
يېڭى پىكىرلەر خېلى باركەن،    


查看完整版本: [-- ئاQ نىڭ يېڭى تەرجىمىھالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled