maaripqi |
2012-05-01 11:30 |
چاشقان يوق ئۆي
چاشقان يوق ئۆي W:,Wex^9n
(ھېكايە) l% T4:p4e
كۈندە مەكتەپكە بېرىش، قايتىپ كىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئۇنىڭدىن كىيىن مىختەك ئولتۇرۇپ تېلۋۇزۇر كۆرۈش- تۇرمۇشۇمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئېدى.بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ دىل -رايىمنى ئەڭ تارتىدىغىنى يەنىلا تېلۋۇزۇر كۆرۈش. تېلۋۇزۇر پىرگىراممىلىىرىنىڭ ئىچىدە كارتۇن فىلىملەرنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتىم، بۇلۇپمۇ «مۆشۈك بىلەن چاشقان»نى. تەتىل بولسا قەۋەتلا خوش بوپ كىتەتتىم. چۈنكى تەتىللىك كۇرۇسلارغا بېرىپ ئانچە-مۇنچە دەرس تۇلۇقلىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، تېلۋۇزۇر كۆرۈشكە كۆپرەك ۋاقىت چىقاتتى. 'C/yQvJ
C,An\lsT بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئاتا-ئانامغا نېمە بولدىكىنتاڭ، مېنى كۇرۇسقا بەرمىدى. تېلۋۇزۇر ئىستانسىسىدىكى ئاكا-ھەدىلەرمۇ تەتىل بۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، مەن ياقتۇرىدىغان فىلىملەرنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسەتكىلى تۇردى. «مۆشۈك بىلەن چاشقان» فېلىمىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ، ھەر بىر ئۇششاق كۆرۈنىشلىرىگىچە تۇلۇق ئەستە قالدۇرىۋالدىم، لېكىن يەنىلا قانمايۋاتاتتىم. *!%lBt{2 sU"%,Q5 بىر كۈنى دادام يېزىدىكى چوڭ دادام چوڭ ئاناملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كىلىشىمنى ئېيىتتى. شۇندىلا ئۇلارنىڭ بارلىقى يادىمغا يەتتى. دېمىسىمۇ ئۇلار ياشىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز تۇراتتى. ئاندا-ساندا بېرىپ قالسام ئۇلار قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتى، شۇڭا دەرھال سەپەر تەييارلىقىنى قىلىشقا كىرىشتىم. `
y\)X
C7 <7M-?g:vj بىز تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ ، ئاپتۇۋۇز بىلەن نەچچە سائەت، ئۇنىڭدىن كىيىن پىيادە يول يۈرۈپ چوڭ داداملارنىڭ ئۆيىگە ئاران يىتىپ باردۇق. دادام جىددى ئىشى بارلىقىنى باھانە قىلىپ ، شۇ كۈنىلا شەھەرگە قايتىپ كەتتى. مەن قېپقالدىم، شۇنىڭ بىلەن قىسقا مەزگىللىك يېزا تۇرمۇشۇم باشلاندى. s
V_(9@b l4>^79* * بۇ يەردە گەرچە شەھەردىكىگە ئوخشاش ئېگىز بىنالار، تۇشمۇ تۇشتىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئېسىل ماشىنىلار بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئانچە زىرىكىشلىكمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە قويلار تۇلىمۇ قىززىق ، ئادەمنى كۆرسىلا گۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرىشاتتى،ئارقىدىن ئاۋازىنى بۇلۇشىغىچە قۇيىۋىتىپ مەرەشكە باشلايتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئوت-چۆپ يىيىشىگە شۇنچە قىزىقساممۇ، ئەمما، يېقىنراق بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا پېتىنالمايتتىم. 7l D-|yx ~SnUnNDm ` ئىككىنجى كۈنى تاغاملارنىڭ ئۆيىدە تەڭتۇشلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ، تېلۋۇزۇر كۆردۇق.كۆرگىنىمىز ئامرىكىنىڭ بىر مۇشلاش فېلىمى ئىدى. بۇنداق فېلىملەرنىمۇ خېلى كۆپ كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى گەپدان ئېدىم، شۇڭا، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ ماڭدىم. ھەممىسى جىمجىت ئولتۇرۇپ مېنىڭ چۈشەندۈرۈشىمگە قۇلاق سالدى، ئاخىرىدا مەن يېڭىلگۈچىنىڭ يېڭىلىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرسەم، ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. J@s>Pe) j3gDGw; كېيىن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە قايىتتىم.يولدا كىتىۋېتىپ ۋۇجۇدۇمنىڭ كۇچ-قۇۋۋەتكە تۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. سەكرەپ چىقىپ بېشىمغا سايە تاشلاپ تۇرغان سۆگەت يۇپۇرمىقىنى كۈچ بىلەن ئۇرۇپ باقتىم، قوللۇرۇمنى ئېگىپ بولجۇڭ گۆشلىرىمنى چىقىرىپ باقتىم.ھەممە ئەزالىرىمدىن كۇچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى ، بارغانسىرى بايىقى مۇشتلاش پادىشاھىغا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتىم. ^[M{s(b YmziHns`b ئۇدۇل ساراي ئۆيگە كىرىپ، تامغا چاپلانغان ئەينەكتىن بولجۇڭ گۆشلىرىمنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. بۇسۇغىدىن ئاتلاپ ئايۋانغا كىرىپ، ساراي ئۆيگە بۇرۇلىشىمغا كىچىككىنە بىر چاشقانغا كۆزۈم چۈشتى.ئۇمۇ مېنى كۆردى بولغاي، كامار ئىزدەپ ئۇدۇل قاچتى.مەن چىپپىدە توختاپ پۇتۇمدىن پاق-پاق ئاۋاز چىقىرىپ ئۇنى تېخىمۇ ھۇدۇقتۇردۇم.ئۇ كىرىدىغانغا كامار تاپالماي، ئۇيان-بۇيان پىتراپ يۈرەتتى. بىر ئازدىن كېيىن چاشقان تۇيۇقسىز مەن تۇرغان تەرەپكە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى، جان –پېنىم چىقىپ كەتتى.ئۆزۈمنى چەتكە ئالماقچى بۇلۇپ، شۇنداق قەدەم ئېلىشىمنى بىلىمەن، يىقىلىپ سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە بېشىم قاتتىق ئۇرۇلدى. ئەس-ھۇشۇمنى يىغىپ قارىسام چاشقان ھېچ يەردە يوق، بېشىم چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتاتتى. قورقۇنۇچتا يىغلاشمۇ يادىمغا كەلمەپتۇ. بېشىمنى چاڭگاللاپ، ھويلىغا چىقتىم، ئاغرىغان جاينى سىلاپ باقتىم،قان چىققاندەك ئەمەس ئېدى، ئەمما ئازراق ئىششىپ قالغانلىقى مەلۇم ئېدى. ,/42^|=Z6O 1(
pHC روھىم قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك كۈچسىز، شۇنچىلىك ئاۋاق ھېس قىلىشقا باشلىدىم.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاغرىقمۇ ئاستا-ئاستا بېسىقىشقا باشلىدى.ئەمدىكى گەپ ئىششىغان جاينى قانداق قىلىپ چوڭلارغا بىلدۈرمەسلىك مەسىلىسى ئېدى.تەلىيىمگە چاچلىرىم بولۇق ھەم ئۇزۇن ئېدى، ئىششىغان جاي بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چاچلارنى تۇلا سىلاپ يۈرۈپ، دەماللىققا بىلىنىپ قالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ، ئاندىن خاتىرجەم بولدۇم. LeKovt% T5S4,.o9W كەچتە چوڭ ئانام ئوخشۇتۇپ ئەتكەن نارىن چۆپمۇ كۆڭلۈمنى تارتالمىدى، «قۇسۇغۇم ئاچمىدى، نارىننى جىق سېلىۋىتىپسەن» دېگەندەك باھانىلار بىلەن ئاشنى يىمىدىم.ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولدى. (l{vlFWd d1b]+A G4 كەچتە بالدۇرلا ئۇخلاش تەرەددۇتىنى قىلدۇق.كىچىك تەرىتىم شۇنچە قىستاپ تۇرسىمۇ، يەنىلا يېتىۋەردىم، چۈنكى سىرىتقا چىققۇدەك جۇرئەت مەندە قالمىغان ئېدى. بىر ھازاغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى، قويلارنىڭ دۈپۈرلەشلىرى، ئىتنىڭ قاۋاشلىرىدىنمۇ چاشقاننىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغاندەك بۇلاتتىم. ئېسىيادىم شۇ بىر چاشقانغىلا مەركەزلەشكەن ئېدى. al2t\Iq90 2u"lc'9v -قوپە بالام، يۈزۈڭنى يۇيۇپ، چېيىڭنى ئىچ، ئاخشاممۇ تۈزۈكرەك بىر نەرسە يېمىگەن بۇ بالا، نېمە بولدى كىچىچە«چاشقان، چاشقان» دەپ جۆيلۇپلا چىقتى. -@orIwA& 79\wjR!T بۇ چوڭ ئانامنىڭ ئاۋازى ئېدى، كۆزۈمنى تەستە ئاچتىم، ئەمما ئادەتتىكى ئادىتىمگە خىلاپ ھالدا، ھاپىلا-شاپىلا كىيىملىرىمنى كېيدىم، ئارقىدىن، شەھەرگە قايتىپ كىتىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتىم. چوڭ دادام ساقاللىرىنى تىترىتىپ كەتمەسلىگىمنى ، بىر قانچە كۈن ئۇزاقراق تۇرۇشۇمنى ئۆتۈندى . چوڭ ئانام بولسا، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان-قويمىغانلىقىنى، كۆڭلۈم رەنجىگەن يەرلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىدى. پوزىتسىيەم قەتئىي، دومسىيىپ تۇرىۋەردىم. ARk(\,h !`DRJ)h ئاخىرى مەن غەلبە قىلدىم، ئۇلار تاغامنىڭ ئۆيىدىكى تېلىفۇندا دادامغا تېلفۇن قىلىشتى.ئەگەر دادام دەرھال مېنى ئەكىتىشكە ماقۇل كەلمىگەن بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن كەلكۈندەك بۆسۈپ چىقىۋاتقان يىغىنى توختىتالمىغان بولاتتىم. 9!FX*}dC x7j#@C ئاخىرى كىتىدىغان بولدۇم، چۈنكى شەھەردىكى ئۆيىمىزدە چاشقان يوق ئېدى. Fn4v/)*H مەنبە: ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتى Bo 35L:r|
|
|