查看完整版本: [-- بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2012-04-24 18:48

بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟

[attachment=461] ,>DaS(  
Ar+ 
دېمەك مەسئولىيەتنى مەكتەپكىلا ئىشتىرىپ قويماي ، ئائىلىنىڭمۇ بىر كىشلىك مەسئولىيىتى بولغاندىكىن، بالامنى پالانى مەكتەپتە ئوقىتىمەن ئەمەس، قانداق ئادەم قىلىمەن دېگەن مەسىلىنىمۇ ئويلاپ باقسا بولىدۇ...بولۇپمۇ ھازىرقى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئەخلاق تەربىيەسى بەك مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ...بىزمۇ  مەكتەپتەئەنئەنە ۋە ئەخلاق تەربىيە ئېلىپ بېرىشىدەك ئېسىل ئادەتلىرىنى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى دەرسكىلا بىرلەشتۈرۈپ ئەمەس ، باشقىچە ئۇسۇلدا ئېلىپ بارساق قانداق بولا؟

akkax 2012-04-24 20:05
  بۇنىڭغا قارىتا دەيدىغىنىم شۇكى، خۇددى ئالدىنقىلار شۇنداق كاتتا ياشاپ ئۆتكەن، كېيىنكىلەر يەپ - ئىچىپ، ئويۇن - تاماششادىن باشقىنى بىلمەيدىغان نانقېپى دەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار. 3$R^tY2UU  
  سىز - بىز كىم؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىمىز ؟ ئالىي مەكتەپكە كالا ئەۋەتكەن بولساق، ھازىر موزايلارنىڭ جىنسىي ھورمونىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋىتىپتۇقتە؟( شۇنداق دېمەي ئامال بولمىدى ) 9Q!X~L|\S  
  ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى يارىماسلاردىن ئەمەستۇ ؟ بۇنداق چۈشكۈن قاراشلار بىلەن ئۆزىمىزگە تاغ ئارتىۋالدۇقمۇ قانداق؟

ziba101 2012-04-24 20:59
ئوبدان مۇلاھىزە بوپتۇ!   

mamatbay 2012-04-24 21:47
ئالىي بىلىم يۇرتىنى مۇھەببەتنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرىۋېلىشقانلار ھامان دەردىنى تارتماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە

gulhan 2012-04-24 22:41
<<بۇنداق چۈشكۈن قاراشلار بىلەن ئۆزىمىزگە تاغ ئارتىۋالدۇقمۇ قانداق؟>> Z1u{.^~^z  
توغرا، ئاق قاش ئېيتقاندەك بىز نىڭ ئارىمىزدا ياخشىلىرى كۆپ. شۇنداقتىمۇ ئانا يورت ئېيتقاندەك ئەخلاق تەربىيەگە  سەل قاراشقا بولمايدۇ.

akkax 2012-04-24 23:16
  مەن يەنە ئالجىپ باقاي، بۇ يەردە ئەخلاق مەسىلىسى زادى بارمۇ - يوق ؟ E"&fT!yi  
مەنچە بولسا، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئاساسەن مۇھىملىق بىلەن ئىككىلەمچى نەرسىنىڭ ئورنى ئالمىشىش. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ، ۋەياكى جەمئىيەت رىقابىتىگە يۈزلىنىش. شۇنداق بولغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلار( كالىلار ) كاللىسىنى تازا جايىغا ئىشلەتمەيۋاتقان، ئاتا - ئانا، جەمئىيەتنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىگە لايىق جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشمايۋاتقان، بۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تەربىيە ئەلۋەتتە مەسئۇلىيەت ، مۇستەقىللىق( مۇستەقىل ئويلاش ۋە ئىش قىلىش) .. تەك تەربىيە بولۇشى كېرەك . wz31e!/  
  ناۋادا زادى ئەخلاق تەربىيىسى بەك مۇھىم دەپ قارالسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببىتى شاللاق دېگەن زۆرۈر تولۇقلىمىنى قوشۇپ قويۇش كېرەك.

tursun 2012-04-26 16:31
مەسئولىيەتنى مەكتەپكىلا ئىشتىرىپ قويۇشنىڭ ئوزى تولىمۇ بىمەنىلىك،چۇنكى، xR q|W4ay  
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇۋاتقان 6:i{_YX(.S  
ئوقۇغۇچىلارمۇ بارغۇ؟ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باركى،ئۇلار ئالى مەكتەپنى ئوزلىرىنىڭ i5w  
كوڭۇل ئاچىدىغان سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ،نىمە مەخسەتتە ئالىي مەكتەپكە كەل- L+7L0LbNU  
گەنلىكىنىمۇ چۇشەنمەيدۇ،شۇنداقلا مەكتەپنىڭ تۇزۇمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى z{Z'2, #  
تۇپەيلىدىن ياخشى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ شەنىگە داغ تىگىۋاتىدۇ.مەكتەپ ئۇگىنىشكە r ,D T>  
ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى،قانداق ئۇگىنىش يەنىلا شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزىگە 5ycccMx0V  
باغلىقتۇر.....!

danix 2012-04-27 22:39
     بىزنىڭ مائارىپ يۇلۇنىشىمىزدە << ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، w2_$>z  
جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق يېتىشتۈرۈش >> دېيىلگەن. .;)7)%  
بۇنىڭغا قارايدىغان بولساق ، ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش بىرىنچى A^nB!veh  
ئورۇندا تۇرۇپتۇ . ئەمما ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشتە ئەقلىيگە 109dB$+$  
نومۇر بېرىلىپ ، ئەخلاققا بېرىلىدىغان نومۇر يوق . مەن بۇنىڭغا بەكمۇ }m0* w3  
ھەيران .

yulhun 2012-04-30 02:45
چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ ؟

hiyalbala 2012-05-04 10:30
ئائىلە تەربىيىسى بارلىق تەربىيىنىڭ ئانىسى

hiyalbala 2012-05-08 10:39
ياخشى يېزىلىپتۇ ئاپىرىن

nihmat 2012-05-11 15:23
ئوبدان بوپتۇ !

tawpek 2012-08-06 12:57
ئالامەت سىتاتىسكىكەن بۇ.

لالە424 2012-11-11 22:52
مەنچە ھەممە تەرەپتە مەسىلە بار... مائارىپ تۈزۈلمىمىز تىخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە موھتاج، ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس، «ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق » دىگەن گەپ بارغۇ، ئالىي مەكتەپلەردە مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئۆگىنىدىغانلارمۇ،  يۇقارقىدەك«كالا» ھالىتىدە ئۆتىدىغانلارمۇ بار....بەزى ئوقوغۇچىلارغا مىڭ كۈچىسىمۇ بىكار، بەزىلەر بىرەرسى گەپ قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ  بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ يول ئاچىدۇ.....بۇنىڭغا ئائىلە تەربىيسىمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ.... دىمەكچى، ھەممە تەرەپتە مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيەت بار، ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك...

tawpek 2012-11-11 23:19
ئۆزەىچە تەپەككۇر قىلىپ باقىدىغانلار ھەقىقەتەن   كۆپتە.

rahima 2012-11-11 23:21
قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسا ئويلىنىپ باققۇلۇق.دېمىسىمۇ ھازىر قى ئەھۋال ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

tawpek 2012-11-11 23:30
بىزمۇ شۇنداق بولغىيمىدۇق ئوقوغان ۋاقىتلاردا دەپ قالىدۇ ئادەم ھازىرقى بالىلارغا قاراپ.

زۇلماكان 2012-11-12 19:04
ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇش ئەمەس جان بېقىش.مەسئۇلىيەت دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئەكبەرنىياز 2012-11-12 19:40
دانىش ئاغام ئنتايىن مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ، بۇنى ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك . XV}}A ^  
تېما ئىگىسىگە دەيدىغىنىم ، بۇ قاملاشمىغان لوگىكىلىق تەپەككۇر بوپتۇ . ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەن ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى 18ياش ئەتراپىدا بولىدۇ (ئەگەر تۇلۇق ئوتتۇرىدىن بارغان بولسا ) . كونىلاردا << قېرىغاندا قېرى تارتۇق ، قىلىقلىرى ئاندىن ئارتۇق >> دەيدىغان گەپ بار . ھەممىمىز 18يېشىمىزنى ئويلاپ باقايلى ... ppo0DC\>  
ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ بىلىم باغچىسىدا 18ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ياش ئەلۋەتتە ھىسسىيات جەھەتتە يا ئۇنداق يا مۇنداق داۋالغۇشلارغا ئۇچرايدۇ ، بۇنىسى ھەقىقەت . مۇھەببەتلەشسە نىمە بوپتۇ ؟! 0xx4rp H  
ئەنە ئاشۇنداق ئورتاق ئۈگىنىش، ئورتاق قېزىقىش ، ئورتاق تۇرمۇش ، ئورتاق قېيىنچىلىق (ئىقتىسادىي جەھەتتە ) ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەتلا ئەڭ بۈيۈك بولامدىكىن دەيمەن . ئەڭ مۇھىمى ئۈگىنىش ، نۇرغۇن سىتۇدىنتلار بۇ مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىپ ھەممە ئىشلىرىنى جايىدا ئورونلاشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن مىللەتنى ، ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرىنى ،ئۆزىنى خوش قىلىۋاتمامدۇ ، كىچىك بالىنىڭ ئالدىغا بىرتال كەمپۈتنى تاشلاپ قويۇپ بۇنى يىمەيسەن دېيىش كۈلكىلىكمۇ قانداق ؟ hFo29oN  
مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ھاياتى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ  دەسلەپكى قەدىمى . ئۇ بىزنى بىلىم جەھەتتىنلا ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرۈش جەھەتتىنمۇ تەربىيلەيدۇ . 18ياش چاغلىرىمنى ئويلىسام شۇنداق سۆيۈنۈپ كېتىمەن . راست ئەمەسمۇ تاتلىق ئەسلىمىسى بولمىغان ياشلىقنىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟! OxPl0-]t  
ئىنسان دېگەن بىر بۇيرۇق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا شۇ بويىچە ئىشلەۋېرىدىغان ماشىنا ئەمەستە ، مېنىڭچە يۇقارقىدەك تەھلىل قىلىشنىڭ ئۆزى خاتا . مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز <<بىر كۈنى >> ناملىق شىئېرىدا ياشلىرىمىزغا بولغان كۆز قاراشلىرىمىزغا ناھايتى ياخشى رەددىيە بەرگەن . نىمە ئۇ كالا-پالا دېگەن قاملاشمىغان . قاملاشمىغان تەتۈر تەپەككۇر بوپتۇ .

مىېھرىما 2014-03-18 10:58
بۇ بەكلا ئېسىل تېما ئىكەن .

ئابدۇ 2014-03-20 21:13
ياخشى ئوقۇۋاتقانلارمۇ كۆپ

ئەلدىيار 2014-03-28 00:38
باشقىچىراق تەڭلىمە تۈزۈلسىچۇ.

رەيھان 2014-04-03 16:55
ھازىر ھەممە ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكىنىدىن خوش بولسا، يەنى بىر تەرەپتىن  بىر قىسىم قايغۇرىدۇ. نىمە ئۈچۈن دېگەندە ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن يۇقۇرىدا دېيىلگەندەك يىيىش، ئىچىش، ئۇخلاشنىلا بىلىپ ئۈگەنمەيۋاتىدۇ ئەمەسمۇ. ئالىي مەكتەپنى مۇھەببەت ئۇۋىسى قىلىۋالغانلار خېلى كۆپ.


查看完整版本: [-- بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled