«غۇنچەم»ناملىق ئەسەرنىڭ ئوقۇتۇش لاھىيەسى
ئوپال ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇقسىز 9 - يىللىق 3- سىنىپ تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى
غۇنچەم
دراما )ئىككىنچى سائىتى(
زۇنۇن قادىرى
9 - يىللىق سىنىپ تىل – ئەدەبىيات غۇنچەم
دەرسىنىڭ بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى 2- سائىتى
غۇنچەم
دراما
زۇنۇن قادىرى
ئوقۇتقۇچى: ئابدۇشۈكۈر ئابدۇقادىر ئوقوتۇش نىشانى
بىلىم ئىقتىدار نىشانى:
درامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىگىلەش ، دراما يىزىلغان دەۋر شارائىتى بىلەن توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىش ،درامىدا يارتىلغان پىرسۇناژلار خاراكتىرى ۋەئالغا سۈرۈلگەن مەركىزى ئىدىيەنى ئىگىلەش،تىلنىڭ پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىشتىكى رولنى چۈشىنىش،دراما توغۇرسىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
جەريان ۋە ئۇسۇل :
ئالدىنىقى سائەتلىك دەرىستىن سىناق ئىلىش ،يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش،لىكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ۋە سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇش يېتەكلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشى چۈشەندۈرىلىدۇ. پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى تەھلىل قىلغاندا پىرسۇناژلار خاراكتىرى روشەن ئېچىپ بېرىلىدىغان دىئالوگلارنى تېپىشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ .مەركىزى ئىدىيىسى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئاخىرىدائوموملاشتۇرۇپ خۇلاسە قىلىنىدۇ،تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ.
ھىسيات، پوزىتىسىيە ،قىممەت قاراش نىشانى:
ئۆتمۈشنى ئەسلەپ بۈگۈنكى بەختىيار زاماننىنىڭ قەدىرگە يىتىش،ياخشى ئەخلاق پەزىلەت يىتىلدۈرۈش،ئاتا-ئانىلارغا،دوستلارغا ۋەتەنگە سادىق بولۇش تەربىيەسى بىرلىدۇ.
درامىدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلل قىلىش ئارقىلىق خاراكتېر ئالاھىدىلكىنى ئىگىلەش،پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ياراتقاندا پىرسۇناژلارنىڭ تىلنىڭ موھىملىقنى چۈشىنىش ،پىرسۇناژلار خاراكتىردىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرىقىنى تىپىش.
مۇھىم نوقتا:
درامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىگىلەش ،درامىدادەۋىر ئارقا كۆرنۈش قىلىنغان دەۋر شارائىتىنى چۈشىنىش.درامىدا قانداق ۋەقەلەر ئارقىلىق قانداق پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ يارتىلغانلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :
پىلاستىنكىسىنى قويۇپ بېرىش ،لىكسىيە سۆزلەش سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ،تەھلىلگە يىتەكلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى ۋە دەۋىر ئارقا كۆرىنىشى چۇشەندۈرىلىدۇ.
قىيىن نوقتا:
درامىدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق خاراكتېر ئالاھىدىلكىنى ئىگىلەش،پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ياراتقاندا پىرسۇناژلارنىڭ تىلنىڭ موھىملىقنى چۈشىنىش، پىرسۇناژلار خاراكتىردىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرىقىنى تىپىش
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :
پىرسۇناژلار خاراكتىرى روشەن ئېچىپ بېرىلىدىغان دىئالوگلارنى تېپىشقا ۋە تەھلىل قىلىشقايىتەكلىنىدۇ.سۇئال –جاۋاپلىق ئوقۇتۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ. پىرسۇناژلار خاراكتىردىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرىقىنى تىپىشتا قوزغىتىش ئارقىلىق مۇلاھىزىگە يىتەكلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : پىلاستىنكىسىنى قويۇپ بېرىش ،لىكسىيە سۆزلەش، سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ،تەھلىلگە يىتەكلەش ئۇسۇللىرى سۇئال - جاۋاب ،ئىلھاملاندۇرۇش ، ،مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرۇش ،قوزغىتىش ئۇسۇلى . ئاخىرىدائوموملاشتۇرۇپ خۇلاسە قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوقۇتۇش قورالى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى :
پىلاستىنكىسى ،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش قوللانمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى- دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چۈشىنىشلىك يەتكۈزۈشتە قوللىنىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى
يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش
داراممىنىڭ باش قىسمىدىكى كۆرىنىشلەرنى پىلاستىنكا ئارقىلىق كۆرسىتىپ ،ئاشۇ قىسقىغىنە كۆرىنىشتىكى پىرسۇناژ قايسى پىرسۇناژ دىگەندەك قىسقا سۇئاللارنى سۇراش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى
ئوقۇتقۇچى:‹‹غۇنچەم ››دىراممىسىدا قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان؟
ئوقۇغۇچى:‹‹غۇنچەم››دىراممىسى ئۈچ پەردە بەش كۆرنۈشلۈك ناخشا-مۇزىكىلىق دىرامما.تىراگىدىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بۇ دىراممىدا ئاق كۆڭۈل ،ۋاپادار،قەيسەر دېھقان قىزى غۇنچەم بىلەن ئەمگەكچان، سادىق ۋاپادار، دېھقان يىگىتى نۇرۇمنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى بايان قىلىنغان.
ئوقۇتقۇچى:‹‹غۇنچەم›› دىرامىسىدا قايسى يۇرتنىڭ، قانچىنچى يىللاردىكى تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان؟
ئوقۇغۇچى:‹‹غۇنچەم ››دىراممىسى 1939-يىلى يىزىلغان ،1930-يىللار دۇنيا فاشىزىمغا قارشى كۈرەش ئوموميۈزلۈك يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەندى.دۆلىتىمىزدە بولسا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن گومىنداڭ ياپۇنغا پاسسىپ قارشى تۇرۇش كومپارتىيەگە ئاكتىپ قارشى تۇرۋاتقان خەلىقنىڭ گومىنداڭ ھۆكۆمىتىگە بولغان غەزەپ نەپىرتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن شىنجاڭدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مىللى زۇلۇمى ،يەرلىك فىئودال كۈچلەرنىڭ سىنىپى زۇلىمى چەكتىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. ئاپتۇر بۇ دىراممىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدايەرلىك ھۆكۆمرانلارنىڭ قاتمۇ –قات زۇلۇم ۋە ئىزىشىگە ئۇچىراپ خانۋەيران تۇرمۇش كۆچۈرۋاتقان سىياسىدىن ،ئىقتىسادتىن،ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان مىھنەتكەشلەرنىڭ ئىچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئارقا كۆرنۈش قىلىش ئارقىلىق،فېئودال قاراكۈچلەرنىڭ رەھىمسىزلىگى،ئاچكۆزلىگى،تاماخورلىقى،ئىپلاسلىقى ۋە فېئودال كونا تۇرمۇشنىڭ ياشلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشتەك جىنايى قىلمىشىنى ئىچىپ تاشلاپ دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
ئوقۇتقۇچى :‹‹غۇنچەم ››دىراممىسىدىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلار كىملەر؟
ئوقۇغۇچى:غۇنچەم ئوبرازى
ئىسيانكار، مۇھەببەتكە سادىق، قەيسەر،زۇلۇم ۋە زورلۇققا باش ئەگمەيدىغان لېكىن سىنىپىي زىددىيەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان.
نۇرۇم ئوبرازى
زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىپ كۈرەشكە ئاتلانغان، ۋاپادار، قەيسەر،تىز پۈكمەس،قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە،فېئودال پومشېكچىلار سىنىپىغا قارشى كۆرەشكە ئاتلانغان دېھقان ياشلىرنىڭ تىپىك ئوبرازى.
ئۆمەر شاڭيۇ ئوبرازى
ھىلە بىلەن زورلۇقنى ئاساس قىلىپ،ئەمگەكچى خەلىقنى بوزەك قىلىپ ئۇلارنى خانىۋەيران قىلغان زومگەر،زالىم،فېئودال ئەكسىيەتچى سىنىپلارنىڭ سادىق غالچىسى.
پاتەمخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەشرەپ
زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە گە قاتتىق ئۇچراپ،ئىچىنىشلىق ئازاب ئوقوبەتلەرنى تارتىپ،ئاچ يالىڭاچلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن تارتقان ئازاب ئوقوبەتلىرى ئارقىلىق زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ،ئەمگەكچىلەرگە ھېسداشلىق قىلىش يولغا ماڭغان ئاق كۆڭۈل دېھقانلارنىڭ ئوبرازى.
سىيىت ئوبرازى
دۆت ،ئەركە،يىغلاڭغۇ،خەلىقنىڭ قان-تەرى بەدىلگە ئەتىدىن كەچكىچە توخۇ،كەكلىك،تۇخۇم چىكىشتۈرۈپ بۇزۇپ چىقىپ يۈرۈيدىغان فېئودال پارازىتلارنىڭ ئوبرازى.
ئوقۇتقۇچى :غۇنچەم بىلەن نۇرۇم ئوبرازىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرق:
ئوقۇغۇچى:ئوخشاشلىقى
ھەرئىككىلىسى ئىجابى پىرسۇناژ بولۇپ مۇھەببەتكە سادىق ،قەيسەر،ئىسيانكار،سەمىمى،ئاق كۆڭۆل،پاك مۇھەببىتى ۋە ئەركىنلىگى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدىغان ئۆزنىڭ ئىنسانلىق غۇرۇرى بىلەن ياشاش ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئويلايدىغان ئىزىلگۈچىلەر.
پەرقى:
غۇنچەم سىنىپى زىدىيەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان ،ساددا.
نۇرۇم سىنىپى زۇلۇمنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ كۆرەشكە ئاتلانغان.
ئوقۇتقۇچى :‹‹غۇنچەم ››دىرامىسىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى نېمە؟
ئوقۇغۇچى:ئاپتۇر ئەسەردە غۇنچەم بىلەن نۇرۇمنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى يىزىش ئارقىلىق،ئەكسىيەتچىل زۇلمەتلىك كونا تۈزۈمنى،ئۇنىڭ ھامىيسى بولغان ئەزگۈچى ھۆكۆمران كۈچلەرنى يوقاتمىغۇچە ھەقىقى ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىققا ئىرىشكىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەركىزى ئىدىيەنى يورتۇپ بەرگەن.
دوسكا لاھىيەسى
ماۋزۇ . ژانىرى ،ئاپتورى ، پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يىزىلىدۇ.
تاپشۇرۇق
شەرۋان بىلەن غۇنچەم گەرچە بىر دەۋىردە ياشىغان ئىككى سىنىپقا تەۋە بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئايال، سىز بۇ ئىككى ئايالنى ئاياللىق پەزىلەت نۇقتىسىدىن قاراپ سىز ياشاۋاتقان رىئاللىققا تەدبىقلاپ قارىشىڭىزنى شەرھىلەپ بىر پارچەتەسىرات يېزىڭ
ئوقۇتۇشتىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش:
|