查看完整版本: [-- <<كى>>ئۇلانغان جۈملىلەرنى پەرقلەندۈرۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> <<كى>>ئۇلانغان جۈملىلەرنى پەرقلەندۈرۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yar130 2012-04-19 14:09

<<كى>>ئۇلانغان جۈملىلەرنى پەرقلەندۈرۈش

<<كى>>باغلىغۇچىسى ئارقىلىق باغلانغان بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بىلەن<<كى>>باغلىغۇچىسى ئۇلانغان قىستۇرما سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى مۈمكىن بولسا ئايرىشقا ياردەم بەرگەن بولساڭلار .قىممەتلىك تەجرىبەڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار!رەخمەت!!

anayurt905 2012-04-19 16:48
بۇنى ئۆگەن تەكرارلاش كىتابىدا ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ. F7j/Zuj  
بەزىبىر جۈملە شەكلىدە كەلگگن قىستۇرما بىرىكمە بىلەن بېقىندىلىق جۈملىنىڭ باش جۈملىسىنى («كى»بىلەن كەلگەن) ئايرىش تالاش-تارتىش بۇلۇۋاتقان مەسىلە. بۇنى تۆۋەندىكىدەك پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ، ناۋادا كېيىنكى ئوي-پىكىر جۈملىدىكى ئوي-پىكىرنىڭ دائىرىسىنى چەكلەپ، ئۆزىگە تەقەززا قىلىپ كېلەلىسە، بۇنى باش جۈملە دېسەك بولىدۇ. Sx J0Y8#z  
مەسىلەن: ئۇ شۇنداق چىرايلىقكى، ئادەمنىڭ قارىسا قارىغۇسى كېلىدۇ. بۇ قوغۇن شۇنداق تاتلىقكى، يېسەڭ يېگۈڭ كېلىدۇ. ئۇ شۇنداق قاتتىق كۈلدىكى، ھەممە شاۋقۇننى بېسىپ كەتتى.(باش جۈملە) 5y g`TW  
Ua:@,};  
g-UCvY I  
<)!,$]S  
ساڭا شۇنى دەپ قويايكى، بۇ يەرگە ئىككىنچىلەپ كەلگۈچى بولما. شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان.(قىستۇرما جۈملە) =+mb@#="m  
ئاستى سىزىلغان تەركىب، كېيىنكى ئوي-پىكىرنىڭ دائىرسىنى چەكلەپ كېلەلمەيدۇ. ھۆكۈم تەقەززا قىلالمايدۇ. «كى» نىڭ كەينىدىكىگە نېمىلا دېسەڭ بولىۋېرىدۇ. بۇلارنى جۈملە تەركىبىدىن چىقىرىپ تاشلىساقمۇ، جۈملىنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئەمما ئاۋۋالقىلىرى ئۇنداق ئەمەس.

gulhan 2012-04-19 17:44
ئانا يۇرتنىڭ تەھلىلىدىن بەك رازى بولدۇم ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە.

ozqan 2012-04-19 17:53
ھەقىقەتەنمۇ بەك تالاش-تارتىشتا قالغان تەخىرسىز مەسىلىنى يوللاپسىز ،   كۆپرەك مۇنبەرداش ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققان بولسا ياخشى بولاتتى . =$)M-;6  
ھازىر ئەڭ كۆپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان قاراش دەل ئانا يۇرت ئوتتۇرغا قويغان قاراش ، يەنە قانداق ئوخشىمىغان قاراشلار باركىن ؟  

koksangun 2012-04-19 23:46
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى » ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتابتىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى نەزەرىيە ۋە مىساللار بۇ مەسىلىلەرگە ئازراق بولسىمۇ جاۋاب بېرەلىسە ،بۇ مەزمۇننى ئۇرغان ئەمگىكىمدىن خۇشاللىق تاپقان بولاتتىم ... njX$?V   
a= j'G]=  
{LF4_9 =  
بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە $+7uB-KsU  
rfEWh Vy(}  
تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەرنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان قوشما جۈملە بېقىندىلق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.بېقىندىلىق قوشما جۈملە بېقىندۇرغۇچى جۈملە بىلەن بېقىنغۇچى جۈملىدىن تەركىپ تاپىدۇ. zX&SnT1~  
بېقىنغۇچى جۈملىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كېلىدىغان،خەۋىرى گىرامماتىكىلىق شەكىل جەھەتتىن مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان،يەنى گىرامماتىكا جەھەتتىن تولۇق شەكىللەنگەن(ئايرىم ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا)تارماق جۈملە بېقىندۇرغۇچى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.بېقىندۇرغۇچى جۈملە ئاددىي جۈملىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگەئىگە بولىدۇ. )'U0n`=  
بېقىندۇرغۇچى جۈملىگە بېقىنىپ كېلىدىغان ، خەۋىرى گىرامماتىكىلىق شەكىل جەھەتتىن مۇكەممەللىكە ئىگە بولمىغان ،يەنى گىرامماتىكا جەھەتتىن تولۇق شەكىللەنمىگەن ياكى تولۇق ئاياغلاشقان خەۋەر شەكىلگە ئىگە بولمىغان تارماق جۈملە بېقىنغۇچى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.بېقىنغۇچى جۈملىدە ئاددىي جۈملىنڭ خۇسۇسىيەتلىرى بولمايدۇ. b),fz  
ئۇيغۇر تىلىدا بېقىندۇرغۇچى جۈملە بېقىنغۇچى جۈملىنڭ كەينىدە ،بېقىنغۇچى جۈملە بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. esn q/  
بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەرتەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى جۈملە بىلەن بېقىنغۇچى جۈملىنڭ باغلىنىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ: [TFJb+N&  
1)شەرتلىك مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلق قوشما جۈملە: بۇخىل بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ بېقىنغۇچى جۈملىسىدە بىر خىل شەرت ياكى بىر خىل پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ،بېقىندۇرغۇچى جۈملىسىدە شۇخىل شەرت ياكى شۇ خىل پەرەز ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان نەتىجە بايان قىلىنىدۇ.شەرتلىك مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە تۆۋەندىكى شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ: 0Z8"f_GK  
1. ...سا∥سە(لا)،... . مەسلەن: qtZ? kJ  
1)سەن  چىقىپ كەتسەڭ ، مەن ئۇخلايمەن . qt~=47 
2)يامغۇر ياغسا ، يەر ھۆل بولىدۇ. ZKrLp8l\  
2....غاندىلا،... . مەسلەن:  @;bBc  
1)مۇشۇ دەريادىن كېسىپ ئۆتكەندىلا ، ئاندىن تاشكۆرۈك يېزىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. 9dhEQ=K{3  
3.مەيلى...مەيلى(ياكى)...، مەيلى...سىمۇ(سۇن)...مەيلى...سوئال ئالماش...، سۇن ... مەسىلەن : 6UeYZ g  
1)مەيلى كادىر ياكى ئامما بولسۇن ، ھەممىسى ھەقىقەتنى ئەملىيەتتىن ئىزدىشى كېرەك. 3O/#^~\'hW  
4.ئەگەر(ناۋادا؛مۇبادا)...-سا∥سە ... مەسىلەن: Tf86CH=)5  
1)ئەگەر ئۇ يەردە بولمىسا ، سىز ئېيتقان ئاشۇ يەرگە بېرىپ باقايلى. C}RO'_ Pq  
2)ئەگەر قوشۇلساڭلار، ئەتە تاڭ ئېتىشى بىلەنلا يولغا چىقىمىز. {6zNCO  
5. ئەگەر ... غاندا ،... . مەسىلەن: H&)}Z6C"  
(1) (ئەگەر) بۇ خىزمەتنى ئورۇنلىمىغاندا، باشقا خىزمەتلەرگە تەسىر يېتىدۇ. ?Afe }  
(2) سۇ مىقتارى مۇۋاپىق بولغاندا ، شالدىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.  oBkhb  
6. ئەگەر ( مۇبادا )...دىكەن(يگەن)،... . مەسىلەن: "o&8\KSs  
(1) ئەگەر ئۇ بالامغا چېقىلىدىكانسەن، مەن ئۇنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن. G](4!G&  
(2)يامان ئادەتلەرگە رەددىيە بەرمەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن بولىمىز. 1[!v{F%]  
7.ئەگەر ...سىدى(-سا //سە +)،...مەسىلەن: U)/.wa>  
(1)ئەگەر ئۇ ئۆزى بىر ناخشا ئېيتىپ بەرگەن بولسىدى ، ئۇ چاغدا تېخىمۇ قىزغىن كەيپىيات شەكىللەنگەن بولاتتى. 8W\yM;'  
(2) ئۇ مىنىڭ ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلسىدى ، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمۇر بويى خىزمەت قىلغان بولاتتىم. }Kp!,  
8....مىغۇچە،... ئىنكار شەكىللىك خەۋەر. مەسىلەن: }KI/fh  
(1)جاھانگىرلىك يوقالمىغۇچە ، ئۇرۇش خەۋىپى تۈگىمەيدۇ. Jb QK$[z"  
(2)جاپا تارتمىغۇچە ، ھالاۋەت يوق. }/cReX,so  
9. ... _ماي//_مەي(تۇرۇپ)، ئىنكار شەكىللىك  خەۋەر. مەسىلەن: 4S 
(1)قوڭغۇراق چېلىنماي (تۇرۇپ)، دەرىس باشلانمايدۇ. )+G"57p  
(2)ئادەتتە شۇجىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، مۇدىر پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدۇ. pU$k{^'UK  
10.كىم..._سا//_سە، شۇ... .مەسىلەن: ?jmP] MM  
(1)كىم ئەلاچى بولسا شۇ ،مۇكاپات ئالىدۇ. 5Gz!Bf@!!  
(2)كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا ، شۇ قانۇنى جازاغا تارتىلىدۇ. D:z'`v0j  
11.نىمە..._سا//سە، شۇ... .مەسىلەن:  %?ElC  
(1)سىزگە نىمە كىرەك بولسا، شۇ نەرسە بار. >q"dLZ  
ئۇ نېمىنى يەيمەن دىسە،شۇنى ئېتىپ بېرەتتىم. ;b 
12.قايسى...سا//سە،شۇ... .مەسىلەن: &jE\D^>ko  
(1)قايسى يارىسا شۇنى ئالىمىز. Tagf7tw4  
(2)كىنۇخانىدا قايسى كىنۇ بولسا،شۇنى كۆرىمىز. EXDDUqZ5\  
13.قانچە...-سا//سە،...شۇنچە... .مەسىلەن: %'Cj~An  
(1)قانچىلىك بىلسەڭ شۇنچىلىك دە. 6G8No-#y  
(2)بۇ قوينى قانچە پۇل دىسە ،سىز شۇنچە پۇلغا ئالامسىز؟  LA3m,  
14.قانداق...-سا//سە،...شۇنداق... .مەسىلەن: i|eX X)$  
(1)قانداق ئىشلىگىن دىگەن بولسا، شۇنداق ئىشلىدىم. dY 8 H2;  
(2)قانداق يازغۇڭ بولسا، شۇنداق ياز. sscbf  
15.قاچان...-سا//سە،...شۇ چاغدا... .مەسىلەن: `16'qc  
(1)ئۇ مېنى قاچان كەل دىسە، مەن شۇ چاغدا بارىمەن. y;b#qUd5a  
(2)سەن قاچان ئىشلەپ بولساڭ ، مەن شۇ چاغدا مەن شۇ چاغدا ئىشلەپ بولىمەن. yXNr[ 7  
16.نە...-سا//سە،شۇ يەر...؛قەيەر...سا//سە، شۇ يەر... . مەسىلەن: $ $9H1)Ny  
(1)نەدىن كەلگەن بولساڭ، شۇ يەرگە كەت. #(^<qr   
(2)قەيەردە ھەل قىلىنمىغان زىددىيەت بولسا، شۇ يەردە مەسىلە بار. mskG2mA  
2)قارىمۇ-قارشى مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە؛ TU|#Pz7n-Z  
بېقىندى جۈملىسىدە بېقىندۇرغۇچى جۈملىسىدىكى ئوي-پىكىرگە قارشى ئوي-پىكىر قويۇلىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە قارىمۇ – قارشى مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. قارىمۇ-قارشى مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر تۆۋەندىكىدەك شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ:  
1.    ...سىمۇ،... .مەسىلەن: ,6^<Vg  
(1)    بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ، نامى ئۆلمەيدۇ. )!8q JQD  
(2)    ئۇلار قانچە ئىتىرسىمۇ، ھارۋا قوزغالمىدى. '2^}de!E  
2.گەرچە...سىمۇ،(لىكىن)... .مەسىلەن: -P;3BHS$T  
(1)ئۇ گەرچە كۆرۈمسىزرەك بولسىمۇ، ئادەمنى ئۈزىگە جەلپ قىلىۋالاتتى. Vn#}f=u\  
(2)گەرچە كۆرمىگەن بولساقمۇ ، لېكىن باشقىلاردىن سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى كۆپ ئاڭلىغان. a%%7Ew ?  
(3)مەن ئۈچۈن ئۇ ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلالايدۇ، گەرچە مەن پاكىستانلىق، ئۇ ھىندىستانلىق بولسىمۇ. ![z2]L+TB  
3. ...سا//-سە،ئەكسىچە... .مەسلەن: nCYz ];".  
(1)مەن ياخشى نىيەت بىلەن ئىشنىڭ جەريانىنى سىزگە چۈشەندۈرسەم،ئەكسىچە سىز قاراپ تۇرۇپلا ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتىسىزغۇ؟ m` 1dB%;?  
(2)مەن ئۇنىڭغا بىرمۇنچە توغرا مەسلىھەتلەرنى بەرسەم،ئەكسىچە ئۇ مېنى ھاقارەتلەپ،ماڭا قارا چاپلىدى. Snkb^Kt  
4. ...غاندىمۇ، ...مەسلەن: )Jt. Z^J<  
(1)ئۇ كۆڭۈل بۆلگەندىمۇ،ئۆزۈڭ كۈچىمىسەڭ بولمايدۇ. 3@~a)E}T  
(2)قىيىنچىلىق بولغاندىمۇ،ئۇنچە چوڭ بولمايدۇ. )Xdq+$w.  
5. ...غان تەغدىردىمۇ، ... .مەسلەن : , Q0Y} )  
(1)ئۇنىڭ نىيىتى توغرا بولغان تەغدىردىمۇ،كۈچى يەتمەيدۇ. 8g -u  
(2)سەن ئۇنى ئىزدەپ بارغان تەغدىردىمۇ،ئۇ ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. xP\s^]e  
6. ...غان بىلەن، ... .مەسلەن: q^xG%YdPz+  
(1)بەزى ئىشلارنى سىز قىلالىغان بىلەن،مەن قىلالمايمەن. =-^A;AO(  
(2)ئۇ بارىمەن دىگەن بىلەن،تەشكىل ئۇنىڭ بېرىشىغا قوشۇلمايدۇ. vA6`};|  
7. ...غان بىلەنمۇ، ... . مەسلەن: t av@a)  
(1)سەن ئۇنىڭغا ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن قارىغىنىڭ بىلەنمۇ،خەقنىڭ ھويلىسىدىكى نەرسە سېنىڭ ھويلاڭغا ئۇچۇپ چۈشمەيدۇ. ) f3A\^  
(2)ئۇ كەلگەن بىلەنمۇ،مەسىلە ھەل بولمايدۇ. JWHsTnB  
8. ...غۇ...،لېكىن... . مەسلەن: //NV_^$y  
(1)ئۇغۇ باردى،لېكىن سەن بارمىدىڭ. tQ@7cjq8bA  
(2)ئابلىز ماتىماتىكىدىغۇ ياخشى،لېكىن ئەدىبىياتتا بەك ناچار. '/`O*KD]  
9. ...نى(غۇ)سۈپەت ياكى پېئىللىق خەۋەر،لېكىن(ئەمما،بىراق)... .مەسلەن: e!J5h <:  
(1)ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقىغۇ ياخشى،لېكىن مىجەزى بەك چۇس. '=nmdqP  
(2)ئۇنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكىغۇ ئىگىز،ئەمما ھەركىتى بەك ئاستا. *  1}dk`-  
10. ...سىمۇ مەيلى،لېكىن... .مەسلەن: tD`^qMua  
(1)دەرياغا سەكرەپ ئۆلسەڭمۇ مەيلى،(لېكىن)ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ ئۇنداق ئىپلاس ئەسكەرلەردىن بولما. aNry> 2:  
(2)ئەپەندىم، باھاسى قىممەت بولسىمۇ مەيلى،ئازراق گۈرۈش سېتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. G-i2#S   
11. ...سىغۇ مەيلى(بولىدۇ)،لىكىن ...، مەسىلەن: z?13~e[D  
(1)بۇ كۈنلەردە يامغۇر ياغسىغۇ مەيلى ،لىكىن مۆلدۈر چۈشمىسە بولاتتى. H, 3Bf  
(2)سىز بۇ ماشىنىغا چىقسىڭىزغۇ بولىدۇ، لىكىن ئۆزىڭىزلا چىقىشىڭىز كېرەك. MgP|'H3\  
12. ...يۇ (ئۇ)،خەۋىرى ئىنكار شەكىللىك سوئال جۈملە.مەسىلەن: ajkV"~w',|  
(1)ئالىم بۇ يەردە ئولتۇرسا بولىدىكەنۇ،مەن ئولتۇرسام بولمامدىكەن؟ !Gnm<|.  
(2)ناھىيەدىكى يىغىنغا قىسمەت چورۇق بارىدۇ-يۇ،مەن نىمىشقا بارمايمەن؟ `'|6b5`2j  
13. ... يۇ(ئۇ)،(لىكىن)... .مەسىلەن: (~Bm\Jn  
(1)توۋا، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرىمىز دەيدىكەنۇ،(لىكىن)ئۆزى خىيانەتنىڭ چوڭىنى قىلىدىكەن. ,eTdQI;   
(2)ئەپيۇنكەشلەرنى ئاتىدىكەنۇ،ئۆزى پۇرقىرىتىپ چېكىدىكەن. ?1g` 'q@T%  
(3)ئېشىكىڭىز ياخشىكەنۇ،بىراق قۇيرۇقى يوق ئىكەن. #IGcQY  
14. ...ئەمەس،بەلكى... .مەسىلەن: R6X2d\l#  
(1)مەن سىزنى خىزمەتچى نامىدىن ئەمەس،بەلكى بىر دوست سۈپىتىدىن تاماققا تەكلىپ قىلسام بولامدۇ؟ `6-flc0r  
(2)ئات پۇرقۇپ-پۇرقۇپ ئېرىقلارنى ئاتلىغان پېتى مەھەللىگە ئەمەس ،(بەلكى)مەھەللىنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى قىرىغايلىققا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. \RDqW+,  
15. ...ئۇ (بۇ) ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە... . مەسىلەن: rhzI*nwOT  
(1)ئۇ ئۈچ دۈي پايدا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتقانىدى. 8~qpOQX^V  
(2)ئۇ ئاچچىقىلىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كۈلۈپ كەتتى. mx1Bk9h%Xe  
16. ... يوق،(بەلكى)... .مەسىلەن: )6XnxBSH  
(1)بۇ ئىشتا ئۇ بىزنى تەغدىرلىمەكتە يوق، بەلكى تەنقىتلەپ كەتتى. ZwxEcs+UM  
(2)سىز ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقتا يوق،ئۇ سىزدىن ئەپۇ سورامدۇ تېخى؟ 9FC_B+7  
17. ...دېسە، ... .مەسىلەن:  })! -  
(1)بۆكىنى ئەكەل دىسە ، بېشىنى ئەكەپتۇ. }x{1{Bw>Y  
(2)ئادىلنى كەل دىسەم،سەن كەپسەنغۇ؟ 41B.ZE+*qd  
  قارىمۇ-قارشى مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە بلەن قارىمۇ-قارشى مۇناسىۋەتتىكى تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، قارىمۇ –قارشى مۇناسىۋەتتكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىدە كېيىنكى تارماق جۈملىنىڭ(بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ) خەۋىرى مۇكەممەل بولىدۇ،يەنى ئۇ قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىۋىلىنسا،ئاددى جۈملە بولالايدۇ،ئالدىنقى تارماق جۈملىنىڭ (بېقىندۇرغۇچى جۈملىنىڭ) خەۋىرى تۈزۈلۈش جەھەتتە مۇكەممەل بولمايدۇ، ئۇنى شۇ قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىپ ئېلىپ ئاددى جۈملە تەركىبىدە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.قارىمۇ-قارشى مۇناسىۋەتتىكى تەڭداش قوشما جۈملىلەر تەركىبىدىكى بارلىق تارماق جۈملىلەرنىڭ خەۋىرى مۇكەممەل بولىدۇ. شۇڭا ھەربىر تارماق جۈملىنى قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىپ ئېلىپ ئاددى جۈملە قاتارىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. )2Q0NbDn  
3)سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە ؛بېقىنغۇچى جۈملىسى سەۋەبىنى ، بېقىندۇرغۇچى جۈملىسى نەتىجنى بېلدۈرىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەردە بېقىنغۇچى جۈملە ئالدىدا ، بېقىندۇرغۇچى جۈملە ئارقىدا كېلىدۇ. {a>JQW5=  
  سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۇملە بىلەن سىۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى ، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ بېقىنغۇچى جۈملىسى (سەۋەپنى بىلدۇرىدىغان تارماق جۈملىسى) ئاددى جۈملە بولالمايدۇ،بېقىندۇرغۇچى جۈملىسى (نەتىجىنى بىلدۈرىدىغان تارماق جۈملىسى )ئاددى جۈملە بولالايدۇ. سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملىلەدە بولسا سەۋەپ بىلەن نەتىجىنى بىلدۈرىدىغان تارماق جۈملىلەرنىڭ ھەرئىككىسى ئاددى جۈملە بولالايدۇ. ZQR)k:k7  
  سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ: %26HB w=JF  
1.     ... غاچقا، ... . مەسىلەن: 1A(f_ 0,.Q  
(1)جەڭ توختىماي داۋام قىلغاچقا ، پۈتۈن شەھەر ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلانغانىدى. zb~;<:<  
(2)ئۇ بارمىغاچقا ، مەنمۇ بارمىدىم. MD;,O3Ge  
2. ... يەردە، ... ؟ مەسىلەن:  
(1)سىلەردەك ياخشى قېرىنداشلار بار يەردە ، نېمىدىن قورقاتتۇق. 7 mA3&<&q  
(2)مەن ئۇنىڭغا جۇرئەت قىلىۋاتقان يەردە ، سىلەر جۈرئەت قىلالمامسىلەر؟ SRHD"r^@  
3. ... تۇرسا،...؟مەسىلەن: 4 q % Gc  
(1)بىز شۇنچىۋالا ئادەم تۇرساق نىمىدىن قورقاتتۇق؟ 9$(N q  
(2)بەش يىلدىن بېرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان تۇرسام، نېمىشقا بىلمەيدىكەنمەن؟ P$O@G$n  
  بەزىدە نەتىجنى بىلدۈرىدىغان بېقىندۇرغۇچى جۈملە تەكىتلەنسە،سەۋەپنى بىلدۈرىدىغان بېقىنغۇچى جۈملىنىڭ ئالددىدا كېلىدۇ.(بۇنداق جۈملە ئادەتتە تەتۈر جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. )مەسىلەن: isnpSN"z  
  بىز ئابباسنى بىلمەيمىزغۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئابباسى تۇرسا. Q &&=:97d  
4. ... غانىكەن،... . مەسىلەن: 1?TgI0HS  
(1)ئوغلىمىز ئۇ قىز بىلەن تېپىشقانىكەن، ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قويايلى. *= %`f=  
(2)قاتتىقراق چىشلىگەنىكەن ، ئىككى چىشى سۇنۇپتۇ. Q\^BOdX^`  
(3)ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە جوزىغا بىرنى ئۇرغانىكەن ، ھەممەيلەن جىمجىتلا بولۇپ كېتىپتۇ. /HSg)  
5. ...ئىكەن،... . مەسىلەن: 527u d^:  
(1)بىز خەلىقنىڭ ۋەكىلى ئىكەنمىز، ئوبدان ۋەكىللىك قىلىشىمىز كېرەك. 2{hG",JL  
(2)سىز بۇ ئۆينىڭ ئائىلە باشلىقى ئىكەنسىز، بۇ ئائىلىگە مەسئۇل بولىشىڭىز كېرەك-دە! Ox aS 
   5-،6-تىپتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەردە بېقىنغۇچى(ئالدىنقى جۈملىلەرنىڭ خەۋىرى پەقەت گىراماتىكىلىق شەكىل جەھەتتىلا مۇكەممەل بولۇپ، مەزمۇن ياكى ئوي-پىكىر بىلەن ئىنتۇناتسىيە جەھەتتە مۇكەممەل ئەمەس چۈنكى مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا ، ئالدىنقى جۈملىدە ئوي – پىكىر تۇلۇق ئاياقلاشمىغان ، ئۇ نەتىجىنى ئىپادىلەيدىغان يەنە بىر جۈملىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئىنتۇناتسىيەسى جەھەتتىن قارىغاندا ، بېقىنغۇچى(ئالدىنقى) جۈملىنىڭ خەۋىرى ئۇرغۇلۇق ئېيتىلىش ۋە خەۋەردىن كېيىنكى قىسقىغىنا توختاش ئارقىلىق بېقىندۇرغۇچى جۈملە بىلەن ئېنتىناتسىيە جەھەتتە بىرسەكلىككە ئىگە بولىدۇ، بېقىنغۇچى جۈملىدىن كېيىنكى تىنىش قىسقا بولىدۇ. {!4ZRNy(k  
  بەزى تىلشۇناسلار تۆۋەندىكى شەكىللەرنىمۇ سەۋەپ – نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۇملە تىپىگە قارايدۇ دەپ قارايدۇ . P6'0:M@5  
1.    ... غانلىقتىن،... . مەسىلەن: )qWO}]F  
(1)    يامغۇر قاتتىق يرغىپ كەتكەنلىكتىن ، بىز ئېكىسكۇرسىيەگە بارمىدۇق. {X\FS   
(2)    ئۇ كۆزدىن يوقالغانلىقتىن، ئۆي ئىچى خېلى تىنجىپ قالدى. T!pHT'J  
2.    ... دىكىن (-دىن+كېيىن)،... . مەسىلەن: rsK b9G  
(1)    ئۇ كەلمىگەندىكىن (كەلمىگەندىن كېيىن) ، مەنمۇ بارمىدىم. ^X*l&R_=R  
(2)    مۇئەللىم قوشۇلمىغاندىنكىن ، ئۆيگە بارالمىدىم شۇ. ;4vx+>-  
3.    ...غانلىقى ئۈچۈن (سەۋەبىدىن؛ تۈپەيلىدىن) ، ... .مەسىلەن: `LWbL*;Y0  
(1)    شەھەرنىڭ ھاۋاسى تازا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئەركىن تەتىلنى يېزىدا ئۆتكۈزدى. *^%ohCU i  
(2)    ئۇ ئىنتىزامنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن ، سىنىپ بويىچە تەنقىت قىلىندى. *pGbcBQ  
4.    ... تۇرسا (تۇرۇقلۇق) ، ... .مەسىلەن: aFy'6c}  
(1)    ۋەتىنىمىز شۇنداق ئۇلۇغ تۇرسا ، بىز قانداقمۇ ئۇنى قىزغىن سۆيمەي تۇرالمايمىز ۋە كۈيلىمەي تۇرالايمىز! E-#}.}i5  
(2)    ئالدىمىزدا ھەممە ئىمكانىيەت بار تۇرۇقلۇق ، بىز نىمىشقا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا تۇتۇش قىلمايمىز؟ k'd=|U;(FV  
4)    كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە : بېقىندۇرغۇچى جۈملىدە بېقىنغۇچى جۈملىدىكى ئوي-پىكىرگە نىسپەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئوي-پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەردە بېقىنغۇچى جۈملە ئالدىدا ، بېقىنغۇچى جۈملە كەينىدە كېلىدۇ. Y#Pg*C8>8  
كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە بىلەن كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى ، كۇچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىدە بېقىنغۇچى جۈملىنىڭ ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ. بېقىندۇرغۇچى جۈملىدە بولسا ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيەت بولىدۇ . كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملىلەردە بارلىق تارماق جۈملىلەرنىڭ ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. كۈچەيتىش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ: bO gVC g  
1.     ...پلا قالماستىن (قالماي) ، ...مۇ... . مەسىلەن: /3 ;t &]  
(1)    ئەلشىر نەۋايى يالغۇز ئۆز تىلىنى پۇختا بىلىپلا قالماستىن ، شۇ دەۋىردە ئۆز-ئارا زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا ياشىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن . :AC(  \  
(2)    ئۇ ئېنگىلىز تىلىنى پۇختا ئۆگۈنۈپلا قالماستىن ، روس تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگەندى . J po(O>\P  
2.     ... پلا قالماستىن (قالماي)،بەلكى ... مۇ ... . مەسىلەن: Cy\! H&0wg  
(1)    ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۆز مەملىكىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماي ، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ قامدايدىغان بولدى. M[ ,:NE4H  
(2)    ئارقىغا سۈرۈشكە دۈشمەن يول قويمايلا قالماستىن ، بەلكى مەملكىتىمىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىمۇ يول قويمايدۇ. y)+l U  
3.     ... پ قالماستىن ، (قالماي) ، ... مۇ... .مەسىلەن: (yhnv Z  
(1)    بەنجاڭ مۇشۇنداق قىلىپ قالماستىن ، زاۋۇت باشلىقىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك . E$E #c8I:  
(2)    بۇ ياشنىڭ ئىدىيەسى يۈكسەك بولۇپ قالماي ، چارىلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى . /.[78:G\,  
4.     ... لا ئەمەس ، بەلكى ...مۇ ... .مەسىلەن: )Es|EPCx!  
(1)    رەشىدىنىڭ ئانىسىدا بۇ خىل نەرسىلەردىن بىرەرسىمۇ تېپىلمايدۇ ئەمەس، بەلكى تۈزۈكرەك بىر تاماق شىرەسىمۇ يوق ئىدى. 4Y}{?]>pu  
(2)    تۆۋەن ئېقىمدىكىلەر كەلكۈندىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قالدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۇلاردا ھۆلچىلىك ئاپىتىمۇ زور دەرىجىدە يېنىكلەشتى .  i(n BXV{  
5.     ...پىلا قالماستىن (قالماي) ، يەنە ...مۇ... . مەسىلەن: :pgpE0  
(1)    يېزىق بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ~myY-nEY  
(2)    مەھمۇد قەشقەرى <<تۈركى تىللار دىۋىنى>> دا تۇركى سۆزلەرنى ئەرەپچە ئىزاھلاپ قالماي ، يەنە ئەينى دەۋىردىكى تۈركى قەبىلىلەر...توغرىسدىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغان   . nHF%PH#|o  
6.     ... ئۇ (بۇ ) ياقتا تۇرسۇن ، (بەلكى) ... مۇ ... .مەسىلەن: pK@8= +  
(1)    ئۇ ئالتۇن ئۈزۈك ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،مىس ئۈزۈكنىمۇ ئالالمايدۇ . 5TS&NefM  
(2)    ئۇ يېرىگە ئۇرۇق سېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،بەلكى ھازىرغىچە تېىخى يېرىنىمۇ ھەيدىمەپتۇ . v,A8Mk2s#  
7.     ... يەردە ، ... مۇ... . مەسىلەن: }w/6"MJ[n  
(1)    رۇدا تاشلارنىمۇ پارتىلاتقىلى بولغان يەردە ، ئىستىھكام دىگەن نىمىدى . jkfc=O6^  
(2)    چەت ئەللىكلەر قىلالىغان يەردە ، بىزمۇ قىلالايمىز.  
8.    ... تۈگۈل(تۇرماق) ، بەلكى ...مۇ... . مەسىلەن: .V`N^ H:l  
(1)    مەن غۇلجىغا بېرىش تۈگۈل ، سانجىغىمۇ بېرىپ باقمىغان . w j<fi  
(2)    ئۇ كىتابنى ساڭا بېرىۋىتىش تۇرماق ، كۆرۈپ تۇرۇشقىمۇ بەرمەيمەن . Iju9#b6  
9.     ... غاندىن تاشقىرى ، (يەنە ) ... مۇ... . مەسىلەن: Vo8gLX]a  
(1)    مېنىڭچە ، بىر ياخشى تەنھەركەتچىدە ساغلام بەدەن بولغاندىن تاشقىرى ، يەنە بىلىمىمۇ بولىشى كېرەك . 8t >nL  
(2)    بىز ئۇلارنى تەبئىى گاز بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرىت ، يەنە كۆمۈر بىلەنمۇ تەمىنلىمەكچى . -]k vM  
10.    ... ئەمەس ، بەلكى ...مۇ... . مەسىلەن: 5v,_ Hgh  
(1)    تىل بىرەر شەخىس ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن جەمىيەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلدۇق . mL]a_S{H  
(2)    ئۇ ئۆگىنىش توغرىسىدىلا ئەمەس ، (بەلكى) تۇرمۇش توغرىسىدىمۇ سۆزلىدى . ~Y/o9x0  
5)     تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر : بېقىنغۇچى جۈملە بىلەن بېقىندۇرغۇچى جۈملە سېلىشتۇرۇش مۇناسىۋىتىدە كېلىدىغان ، بېقىنغۇچى جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش – ھەركەتنى ئىنكار قىلىپ ، بېقىندۇرغۇچى جۈملە ئىپادىلەنگەن ئىش – ھەركەتنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. .6[7D  
تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە بىلەن تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى ، تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ بېقىندىغۇچى جۈملىسىدە ئاددى جۈملىنىڭ خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ. تاللاش مۇناسىۋىتىدىكى تاڭداش قوشما جۈملىنىڭ بارلىق تارماق جۈملىنى ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ME.a * v  
     تاللاش مۇناسىۋىتىىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە كېلىدۇ: G_/Dz JBF  
1.    ... غاندىن كۆرە ، ... .مەسىلەن: 1V:I }~\  
(1)    خەققە يالۋۇرغاندىن كۆرە ئۆزىگە تايانغان ياخشى . Dbl+izF3  
(2)    بىكار ئولتۇرغاندىن كۆرە تاپشۇرۇق ئىشلەيلى. m6M ko2  
2.    ...غۇچە ، ... . مەسىلەن: ! 8*l U2  
(1)    توشقاندەك يۈزيىل ياشىغۇچە ، يولۋاستەك بىر كۈن ياشىغان ئەلا . VDTt}J8  
(2)    بىكار ئوتۇرغىچە بىكار ئىشلە. 1s/54 8wu  
3.    ...(بولسىا بولىدۇ) كى ، ھەرگىز ... .مەسىلەن: h5 
(1)    مەن ئۆزۈم يالغۇز بارسام بارايكى ، ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارماي. qV7 9bK  
(2)    مەن يېزىغا بېرىشقا رازىمەنكى ، ھەرگىز بۇ يەردە قالمايمەن . YJu~iQ`i  
6)     ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە : بېقىندۇرغۇچى جۈملىسى بېقىنغۇچى جۈملىسىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى (باش بۆلەك ياكى ئەگەشمە بۆلەكلەرنىڭ خالىغان بىرىنى ) ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ چۈشەندۇرۇپ كېلىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئىزاھلىق مۇناسىۋىتىدىكى باغلىغۇچىسىز تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرىگە <<كى>>نىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. 6|n3e,&A2  
        بەزىلەر بۇ خىل بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ باش جۈملە(بېقىندۇرغۇچى جۈملە) ، كېيىنكى تارماق جۈملىسىنى بېقىندى جۈملە (بېقىنغۇچى جۈملە ) دەپ قارايدۇ. بىز بولساق ئۇنىڭ  ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنى بېقىنغۇچى جۈملە(بېقىندى جۈملە) ، كېيىنكى تارماق جۈملىسىنى بېقىندۇرغۇچى جۈملە(باش جۈملە ) دەپ قارىدۇق . چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرى گىراماتىكىلىق شەكلى مۇكەممەل ئەمەس ، ئۇ تارماق جۈملىدە ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيەتلەر تۇلۇق ھازىرلەنمىغان، شۇڭا ئۇ تارماق جۈملىنى قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىۋىلىپ ، يەككە ھالدا ئاددى جۈملە سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. كېيىنكى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرى بولسا گىراماتىكىلىق شەكىل جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە ، ئۇ تارماق جۈملە ئاددى جۈملىدە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى تۇلۇق ھازىرلىغان . شۇڭا ئۇ تارماق جۈملىنى قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىپ ئېلىپ يەككە ھالدا ئاددى جۈملە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. +h08uo5c  
ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ Q|xa:`3?  
1.     .... غا مەلۇمكى (ئايانكى ) ، ... . مەسىلەن: ir|c<~_=  
(1)    ھەممىگە مەلۇمكى ، مىلتىق دورىسىنى جۇڭگۇ ئىجات قىلغان. 1]69S(  
(2)    ھەممىمىزگە (شۇ)ئايانكى ، دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان . VYjt/\ Z  
     بۇ مىساللاردا بېقىندۇرغۇچى جۈملە بېقىنغۇچى جۈملىدىكى ئىگىنى ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ كەلگەن .مىسال (1)دە ئىزاھلانغۇچى ئىگە چۈشۈپ قالغان . lHAWZyO  
2.     ... شۇنداقكى (شۇكى؛ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى : شۇنچىلىكى ) ... .مەسىلەن: G>Hg0u0!,  
(1)    ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداقكى ، ئۇ ھېچكىم بىلەن كېلىشەلمەيتى . 0SDnMij&bf  
(2)     بىزنىڭ ئۈمىدىمىز شۇكى، ۋەتەنگە سادىق بولۇڭلار. yzT4D>1,  
بۇ مىساللاردا بېقىندۇرغۇچى جۈملە بېقىنغۇچى جۈملىدىكى خەۋەرنى ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ كەلگەن.

ozqan 2012-04-20 10:05
نەقىل : n*Uk<_WA  
    ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە : بېقىندۇرغۇچى جۈملىسى بېقىنغۇچى جۈملىسىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى (باش بۆلەك ياكى ئەگەشمە بۆلەكلەرنىڭ خالىغان بىرىنى ) ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ چۈشەندۇرۇپ كېلىدىغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئىزاھلىق مۇناسىۋىتىدىكى باغلىغۇچىسىز تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرىگە <<كى>>نىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. Uo71C4ev  
        بەزىلەر بۇ خىل بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ باش جۈملە(بېقىندۇرغۇچى جۈملە) ، كېيىنكى تارماق جۈملىسىنى بېقىندى جۈملە (بېقىنغۇچى جۈملە ) دەپ قارايدۇ. بىز بولساق ئۇنىڭ  ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنى بېقىنغۇچى جۈملە(بېقىندى جۈملە) ، كېيىنكى تارماق جۈملىسىنى بېقىندۇرغۇچى جۈملە(باش جۈملە ) دەپ قارىدۇق . چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىنقى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرى گىراماتىكىلىق شەكلى مۇكەممەل ئەمەس ، ئۇ تارماق جۈملىدە ئاددى جۈملىلىك خۇسۇسىيەتلەر تۇلۇق ھازىرلەنمىغان، شۇڭا ئۇ تارماق جۈملىنى قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىۋىلىپ ، يەككە ھالدا ئاددى جۈملە سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. كېيىنكى تارماق جۈملىسىنىڭ خەۋىرى بولسا گىراماتىكىلىق شەكىل جەھەتتە مۇكەممەللىككە ئىگە ، ئۇ تارماق جۈملە ئاددى جۈملىدە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى تۇلۇق ھازىرلىغان . شۇڭا ئۇ تارماق جۈملىنى قوشما جۈملە تەركىبىدىن ئايرىپ ئېلىپ يەككە ھالدا ئاددى جۈملە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. MqJ5|C.q  
ئىزاھلاش مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ ?U{ 
1.     .... غا مەلۇمكى (ئايانكى ) ، ... . مەسىلەن: e[16 7uU  
(1)    ھەممىگە مەلۇمكى ، مىلتىق دورىسىنى جۇڭگۇ ئىجات قىلغان. hGkJ$QT  
(2)    ھەممىمىزگە (شۇ)ئايانكى ، دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان . fbU3-L?  
     بۇ مىساللاردا بېقىندۇرغۇچى جۈملە بېقىنغۇچى جۈملىدىكى ئىگىنى ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ كەلگەن .مىسال (1)دە ئىزاھلانغۇچى ئىگە چۈشۈپ قالغان . *mVg_Kl  
2.     ... شۇنداقكى (شۇكى؛ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى : شۇنچىلىكى ) ... .مەسىلەن: uZZRFioX|  
(1)    ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداقكى ، ئۇ ھېچكىم بىلەن كېلىشەلمەيتى . [iEz?1.,  
(2)     بىزنىڭ ئۈمىدىمىز شۇكى، ۋەتەنگە سادىق بولۇڭلار. ~`C _B]3|  
بۇ مىساللاردا بېقىندۇرغۇچى جۈملە بېقىنغۇچى جۈملىدىكى خەۋەرنى ئىزاھلاپ ، تۇلۇقلاپ كەلگەن.   X fqhD&g  
...................................................................................................... A4cOnG,  
  بۇ قاراشلار دەرسلىك كىتابىزمىزدىكى بىلەن ئوخشىمايدىكەن . P6 R_W  
كى  قوشۇلغان جۈملە قائىدە بويىچە بېقىندۇرغۇچى جۈملە (باش جۈملە ) بولۇشى كېرەكىدى . مېنىڭچە ،  بۇ نۇقتىدا يەنىلا دەرسلىك كىتابنى ئاساس قىلايلى .  -X71JU  
يۇقىرقى كى قوشۇلغان شەكىلدىكى مىساللارغا قارىساق ، ئانا يۇرت ئوتتۇرغا قويغان ھەم كۆپچىلىكىمىزنىڭ پىكرى بولغان ئالدىنقى جۈملە كېيىنكى جۈملىنى مەزمۇن جەھەتتە چەكلىيەلىسە بۇ باش جۈملە بولۇپ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولىدۇ . ئەگەر ئالدىنقى جۈملە كېيىنكى جۈملىنى مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىيەلمىسە بۇ قىستۇرما جۈملە بولىدۇ ، دېگەن گېپىمىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولدى . fj)) Hnt(|  
يۇقىرقى مىسالدىكى .     .... غا مەلۇمكى (ئايانكى ) ، ... . مەسىلەن: -^lc-$0  
(1)    ھەممىگە مەلۇمكى ، مىلتىق دورىسىنى جۇڭگۇ ئىجات قىلغان. &8z<~q  
(2)    ھەممىمىزگە (شۇ)ئايانكى ، دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان . ANy*'/f  
دېگەن مىساللاردا ئالدىنقى جۈملە كېيىنكى جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى چەكلىيەلمەيدۇ . 6FQi=}O1  
r~lZ8$KC  
يەنە مەسىلە كېلىپ چىقتى ، ئۇنداقتا بېقىندى جۈملىنىڭ كى شەكىللىك باش جۈملىسى بىلەن قىستۇرما جۈملىنىڭ شۇ خىل شەكلىنى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز  ؟!

anayurt905 2012-04-20 10:08
ئەلۋەتتە نەپ تەككۈدەك، ياخشى يوللاپسىز. ئۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئېنىق ئىزاھلاپ بېرىپتۇ.

akram123 2012-04-20 12:12
كى باغلىغۇچىسى ئارقىلىق باغلانغان جۈملە تەركىبىدىكى باش جۈملىدە بىقىندى جۈملىدىكى ئوي-پىكىردىن بىشارەت بەرگەن بەرمىگەنلىكىگە قارىساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن t'v t'[~,U  
 

aydingkiqa 2012-04-22 02:18
بۇ ياخشى مۇنازىرە سوئالى بوپتۇ ...

tawpek 2012-04-22 15:38
ئىلگىرىمۇ  بىر تېمىدا مۇشۇ <<كى>> قوشومچىسى ھەققىدە خىلى كۆپ تالاش تارتىش بولغانتى.

yawaattirgul 2012-04-25 11:17
ظانا يؤرت ناەايىتى ياخشى ظىزاەلاپتؤ . بؤنى ظايرىشنىڭ ظەڭ ياخشى ‹‹ ظىپتىداظى›› ظؤسؤلى: r ]DiB:.  
   (1) كى باغلىغؤچىس ىبىلەن  كەلگەن شؤ جذملىنى ظېلىۋېتىپ بىر ئوقۇيمىز ، قۇشۇپ بىر ئوقۇيمىز ئىككى خىل ئەھۋالدىكى جۈملە مەزمۇنىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولمىسا بۇ قىستۇرما جۈملە . مەسلەن : OSgJj MQ  
   مەن ساڭا شۇنى دەپ قۇيايكى ، مىنىڭ تاقىتىممۇ چەكلىك . x sryXex;  
   شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى ، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت . yn4T !r "  
   مەن شۇنداق جاكارلايمەنكى ، ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن يۇرت ئەھلى بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشىشى كېرەك . ' wND  
   بالىلارنى شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەككى ، بالىلار ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .   > H!sD\b  
M";qo6  
    ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت . ')X  (P>  
    مىنىڭ تاقىتىم چەكلىك . {f/qI`  
    ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن يۇرت ئەھلى بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشىشى كېرەك . 9 BCW2@Kp  
    بالىلار ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . *LT~:Gs#  
يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋالدىكى جۈملە مەزمۇنىدا كۆپ ئۆزگىرىش يوق شۇڭايۇقارقلارنىڭ ھەممىسى قىستۇرما جۈملە . l& :EKh  
D -}>28  
     YB#fAU  
     P*|N)S)X%  
    ئېلىۋېتىپ ئوقۇغاندىكى مەزمۇن بىلەن ، قۇشۇپ ئوقۇغاندىكى مەزمۇن ئوتتۇرسىدا ئۆزگىرىش بولسا بۇ كى باغلىغۇچىسى ئارقىلىق باغلانغان باش جۈملە بولۇپ ، بېشىدىكىسى باش جۈملىسى . jUe@xi s 
مەسلەن : L 4By5)  
   مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى ، ئۇ مېنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكۈم . peQwH  
   ئۇ ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتتىكى ، زالدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ، ئۇزاققىچە چاۋاك چېلىشتى . ^7gGtz2  
   مېنىڭ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدىكى ، كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قالدى . TCr4-"`r-{  
?OD$`{1  
Y },E3<  
   (2) شۇ جۈملە ئارىسىغا << شۇنىڭ ئۈچۈن>> ، << شۇڭلاشقا >> ،دېگەن باغلىغۇچىلاررنى قۇشۇپ ئوقۇيمىز ، ئوي -پىكىر راۋان ئىپادىلەنسە ئۇ باش جۈملە ، راۋان ئىپادىلەنمىسە ئۇ قىستۇرما جۈملە . مەسلەن : 'Wlbh:=$  
   < مىنىڭ تاقىتىممۇ چەكلىك ، شۇڭلاشقا ساڭا دەپ قۇياي > ،< ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ، شۇڭلاشقا ئەستىن چىقارماسلىىقمىز كېرەك>دېسەك ئوي-پىكىر راۋان ئەمەس، شۇڭا <مەن ساڭا شۇنى دەپ قۇيايكى ، مېنىڭ تاقىتىممۇ چەكلىك>،<شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى ، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت >... دېگەن جۈملىدە باشتىكىسى قىستۇرما جۈملە . Kv_2=]H  
     X+X:nL.t  
   <ئۇ مېنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكۈم ، شۇڭلاشقا مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن >  ، < مېنىڭ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ، شۇڭلاشقا كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي قالدى > دېسەك ئوي-پىكىر راۋان ئىپادىلىنىدۇ ، شۇڭا <مەن ئۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەنكى ، ئۇ مېنىڭ مەنىۋى يۆلەنچۈكۈم > ، < مېنىڭ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدىكى ، كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي قالدى > ...دېگەن جۈملىدە باشتىكىسى باش جۈملە . f:o.[4p2  
c%&,(NJ]K  
  بۇغۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇل ، ئەمما مۇشۇنداق نازۇك مەسلىلەرگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانساق ئوقۇغۇچىلار ئاسانراق قۇبۇل قىلالايدۇ . خۇددى ۋەزىن سىخىمىسىنى قائىدىسىنى سۆزلىگەنگە قارىغاندا ئىپتىدائىي ئايرىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتسە ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئۆگىنۋالغانغا ئوخشاش . ddn IKkOp  
   P1#g{f  
    

naznin 2012-04-25 12:23
بۇ تىما ھەققىقەتەن ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ.ئانا يۇرتنىڭ ئوتتۇرغا قويغىنىنىڭ ئاساسى باردەك قىلدۇ.

yawaattirgul 2012-04-25 15:47
مىنىڭ دىگىنىم ظەلإەتتە ظەڭ ظاخىرىدا قوللىنىلىدىغان ظذسذل

ozqan 2012-04-25 17:46
ياۋا ئەتتىرگۈل : رەخمەت سىزگە ، تولىمۇ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپسىز . . .

nasirdin 2012-04-25 19:37
مېنىڭچە، بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچلىك  قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىدە ئۆزىمىزنىڭ قارشىنى ياكى دەرسلىك ماتېرىيالدىن باشقا ماتېرىياللاردىكى قاراشنى ئاساس قىلىشتا  سالماق بولىشمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىنى  كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك ئىدى، دەرسلىك كىتابتىكى مەزمۇنغا ئاساسەن  <كى> قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن تارماق جۈملىنى يەنىلا  بېقىندى جۈملىنىڭ  باش جۈملىسى بولىدۇ، دېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىقمىكىن  دەيمەن. (گەرچە  كېيىنكى جۈملىگە نىسبەتەن چەكلەش كۈچىنىڭ بار-يوقلىقىغا ئاساسەن ئايرىشىنىڭ مەلۇم ئاساسى بولسىمۇ)

yawaattirgul 2012-04-26 10:05
بذ يەردىكى مەسلىمؤ دەل ظالىي مەكتەپ ظىمتىەانىدا كأرذلذش مؤمكىنچىلىكى يؤقىرى بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ، بىزمؤ شؤ شذ ظوقؤغؤچىلارنىڭ مەنپەظەتى ظذچذن بؤ مەسلىنى مؤلاەىزە قىلىإاتىمىز. 2- قىتىملىق مانىإىر ظىمتىەان سؤظالىدا دەل مؤشؤ مەسلە چىققان

kuntekin 2012-05-03 00:27
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىۋېتىپتۇ، ئەجرىڭلەرگە رەھمەت!

altungul 2012-06-28 11:25
مەن بىر پىشقەدەم تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.سىلەرنىڭ بۇھەقتىكى بىلىمىڭلارغا بەك قايىل بولدۇم.ھەمدە نۇرغۇن نەپ ئالدىم رەخمەت سىلەرگە

قاياش 2012-06-29 17:26
مۇنبىرىمىزگە بىرەر نوپۇزلۇق تىل مۇتەخەسسىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ قارىشىنىمۇ ئاڭلاپ باققان بولساق.

tawpek 2012-06-30 17:58
يىڭى بىلىملەرگە ئىگە بولىۋالدىم. ( yLu=  
e;v7!X  
يەنىلا سۇئال چىقارغۇچى بىلەن جاۋاپ چىقارغۇچىلارنىڭ خىيالى بويچە بولمىسا نەتىجە نۆلدە.

نىھان 2013-08-27 19:27
ياخشى تىما ئىكەن .مىنىڭچىمۇ يېڭىدىن تۈزۈلگەن <<ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  تىلى >> دېگەن كىتابنى ئاساس قىلغان ياخشىمىكى ...

تەشنا005 2014-03-23 11:56
ئەجرىڭلەرگە رەھمەت


查看完整版本: [-- <<كى>>ئۇلانغان جۈملىلەرنى پەرقلەندۈرۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled