查看完整版本: [-- ھامىلە تەربىيىسىگە ئىلمىي قارايلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ھامىلە تەربىيىسىگە ئىلمىي قارايلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

mehrigiyah 2012-04-17 10:27

ھامىلە تەربىيىسىگە ئىلمىي قارايلى

parvish bolgi[url=][/url] بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار پەرۋىش بلوگىدا. $TR[SMj  
 كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ، ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىنىڭ فزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىياتىنى ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق، تۇغۇت جەريانلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان  روھى جەھەتتىن ، ئوزۇقلىنىش ، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىپ بارىدىغان ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. o/9 V1"  
  تار مەنىدىكى ھامىلە تەربىيىسى ، ھامىلىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھامىلىگە مۇۋاپىق غىدىقلاش ئۇچۇرى بېرىپ ، ھامىلىدە شەرتلىك رېالىكىس قوزغاش ئارقىلىق ، چوڭ مېڭە ، بەدەن ھەرىكەت ئىقتىدارى، سەزگۈ ئەزالار ھەمدە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ پىششىپ يېتىلىشىنى ئىلگىىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت OyTBgS G?a  
A;{8\e  
xe%+Yb]  
=Y /  
^ 
ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتە بولغاندا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈننى  ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتتىكى تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى بولسا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پسىخىكا ھالىتى ۋە روھىي كەيپىياتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئازابلانسا، قايغۇرسا، غەزەپلەنسە، روھىي جەھەتتە بېسىم ھېس قىلسا، بەدەن ئىچىدىكى ئايلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ تېنى خەۋپكە ئۇچراپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بويىدىن ئاجراش، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇش، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ozqan 2012-04-19 18:57
مېھرىگىياھ ، بەك ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللاپسىز ، بۇ تور بەتتە بالىلارنى قانداق قىلساق ھەر خىل بىلىم ۋە پەزىلەت بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە  كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىمىز ، ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى دەل ھامىلە ۋاقىتتىكى تەربىيەسىگە باغلىق . ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ مەزگىلدىكى تەربىيەگە سەل قارىغانلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك تەربىيەسىگە سالىدىغان دەسمايىسى ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىكەن  ، ھەتتا بەزى بالىلاردا  بۇ مەزگىلدىكى كەملىكنى بىر ئۆمۈرمۇ تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدىكەن .   o;-)84Aa  
   بۇ ساھەدىكى ماتىرياللارنى كۆپلەپ يوللاشنى تور بەت تەرەققىياتىدىكى بىر نىشان قىلساق دەيمەن ، يەنە يوللاپ تۇرارسىز .


查看完整版本: [-- ھامىلە تەربىيىسىگە ئىلمىي قارايلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled