ۋەھشىي ئىمتىھان سۇئالى
(كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشلەتمىگەنلىكتىن، خاتا تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئۇستازلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن) *3etxnQc v
ۋەھشىي ئىمتىھان سۇئالى (تەبىئىي پەن ئىلاھى) Vw;ldEdx مەكتەپ پۈتتۈرگىلى ئون نەچچە يىلمۇ بوپتۇ، مەن كۆرگەن بۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىمتىھان سۇئالى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ۋەھشىي ئىكەن. ھەقىقەتەنمۇ قەبىھ باشلاپ، قەبىھ ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ. 1. ئۇ (ئوغۇل) تولۇق 3 - يىللىقنى پۈتتۈرۈپ دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. لېكىن، ئۇ (قىز) چەتئەلگە چىقىشنى تاللىدى. ئىككىسىگە ئايرىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئىككىسى قىيالمىغان ھالدا قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. ئۇ ئۇنىڭ ئايروپىلاندا بارا - بارا ئېگىزگە، يىراققا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز، ئۇ ئايرۇپىلان ئۇچۇۋاتقان يۆلىنىشنىڭ غەربتىن شەرققە ئىكەنلىكىنى، يەر ماگىنىت مەيدانى ئىندۇكسىيە سىزىقلىرىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ بولسا جەنۇبتىن شىمالغا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. سۇئال: ئايروپىلاننىڭ سول قانىتىنىڭ پوتېنسىئال ئېنېرگىيىسى يۇقىرىمۇ ياكى ئوڭ قانىتىنىڭمۇ؟  2. ئۇ (ئوغۇل) ئۇنىڭ (قىزنىڭ) قولىنى چىڭ تۇتۇپ دېڭىز شامىلىنىڭ گۈركىرىشىگە، دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۈۋەجىشىگە قاراپ تۇراتتى. ئامالسىز قالغان ئۇ (ئوغۇل) ۋاقىتنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەردە توختاپ قېلىشىنى تىلەۋاتاتتى. ئۇ (قىز) ئۆزىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولغان ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىغىنىچە: «قولۇمنى قويۇۋېتىڭ، مەن يەنىلا ئەسلىمىڭىزدىلا ياشاي» دېدى - دە، ئۇنىڭ (ئوغۇلنىڭ) قولىنى قويۇۋەتتى. كۈچلۈك دېڭىز شامىلى قىزنىڭ سايىسىنى يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئەگەر قىزنىڭ ماسسىسىنى 50Kg دەپ پەرەز قىلىپ، ئۇنى 5m ئېگىزلىكتىكى پالۇبىدىن چۈشۈپ كەتتى دەپ قارىساق، V=9.8m/s تېزلىك بىلەن سۇغا چۈشكەن بولسا (g=10m/s^2 دەپ ئېلىڭ) پالۇبىنىڭ قىزغا ئىشلىگەن ئىشىنى تېپىڭ.  3. سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتقان سەھەر، سىز دېرىزە تەكچىسى ئالدىدا خىيالغا چۆكۈپ تۇردىڭىز. قەلبىڭىز ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز غەم - قايغۇغا پاتقان. ئۆتمۈشتىكى تەلپۈنىشىڭىز، تېڭىرقىشىڭىز، چۈشكۈنلىشىشىڭىز كىنو لېنتىسىدەك بىر - بىرلەپ قويۇلماقتا. لېكىن، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشقۇ، يەنىلا كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن باقمامدىمەن.... سۇ تامچىلىرىنىڭ ئۆگزىدىن ئەركىن ھالەتتە سىرغىشىغا ئەگىشىپ ئويلىرىڭىز داۋالغۇماقتا. تۇيۇقسىز سۇ تامچىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1.4m كېلىدىغان دېرىزىدىن 0.2s تا ئۆتۈپ بولىدىغانلىقىنى سېزىپ قالدىڭىز. ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، دېرىزىدىن ئۆگزىگىچە بولغان ئارىلىقنى تېپىڭ. (g=10m/s^2 دەپ ئېلىڭ)  4. كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئۇ (ئوغۇل) مۇنداق ۋەدە بەردى: بۇ ئۆمرۈم، كېيىنكى ئۆمرۈمدە مەيلى مەن نېمىگە ئايلىنىپ كېتەي ئۇنى (قىز) چوقۇم ئىزدەيمەن، بىز چوقۇم بىللە بولىمىز. كېيىنكى ئۆمرىدە ئۇ (ئوغۇل) شەپەرەڭ بولۇپ تۆرەلدى، لېكىن ئۇ (قىز) يەنىلا ئادەم ئىدى. شۈبھىسىزكى يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى قىز ئەمدى ئاڭلىيالمايتتى. يىگىتكە ياردەم قىلىپ بىر دولقۇن سۈزگۈچ ھەمدە بىر يۈرۈش ئاغما توك يولى ۋە كۈچەيتكۈچ توك يولى لاھىيىلەپ بېرىپ، قىزغا يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىتىڭ.  5. سىز ئازاب بىلەن قاپقاراڭغۇ كوچىدا كېتىپ بارىسىز. غېرىپ ئاسماندا يۇلتۇزدىن ئەسەرمۇ يوق. ئەتراپىڭىزدىكى دەل - دەرەخ، ئۆي - ئىمارەتلەر، ھەممە - ھەممە ھەتتا سىزمۇ بۇ چوڭ كائىناتتىكى كىچىككىنە بىر تەركىپ. قاراڭغۇلۇق، چەكلىمىلىك سىزنى قاتمۇ - قات مۇھاسىرىگە ئېلىپ، سىزنى قورقۇتماقتا. تۇيۇقسىز، كۆز ئالدىڭىزغا بىر دېرىزە كۆرۈنۈپ، غۇۋا بولغان يورۇقلۇق كۆرۈش دائىرىڭىزگە قاپساپ كىردى. خۇشاللىقىڭىزدا بار كۈچىڭىز بىلەن يۈگۈردىڭىز، ئىسپىرت لامپىسىدىن كېلىۋاتقان غۇۋا يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنى سەلگىنە بولسىمۇ يورۇتماقتا... ئىسپېرتنىڭ خىمىيىلىك تەڭلىمىسىنى يېزىپ بېرىڭ ھەمدە ئىسپېرتنىڭ كۆيۈش رېئاكسىيە تەڭلىمىسىنى يېزىپ تەڭشەڭ. 46.07g ئىسپىرت كۆيگەندە ھاسىل قىلغان ماددىلارنىڭ ھەرقايسىسى نەچچە گىرام؟  6. يىگىت بۇرۇندىنلا قىزنى ياخشى كۆرەتتى. گەرچە قىزنىڭ ھېلىقى كېلىشكەن، ئېگىز، باي يىگىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۈن - تىنسىز ھالدا زاپاس چاق بولۇشقىمۇ رازى ئىدى. تۆت يىلدىن كېيىن كېلىشكەن، ئېگىز، باي يىگىت باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يىگىت كوچىدا غەرق مەست ھالدا كېتىۋاتقان قىزنى بىر كاچات سېلىپ، ئارقىدىنلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى... توققۇز ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بالىسى ئاپىرىدە بولدى، قىز ئاجىزغىنە ھالدا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ:«قارىغىنا، ساڭا نېمانچە ئوخشىغان - ھە» دېدى. كارۋات يېنىدا ئالما ئاقلاۋاتقان يىگىت بوۋاققا قاراپ تۇرۇپلا قالدى... «توۋا... بىز ئىككىلىمىز قوش قاپاق تۇرساق، بۇ بالا ئەجەپ ھېلىقى كېلىشكەن يىگىتتەك يالاڭ قاپاقكىنا»دەپ ئويلىدىيۇ قىزغا «ھەئە، ماڭا بەك ئوخشايدىكەن» دېدى ھەمدە داۋاملىق ئالما ئاقلاۋەردى. سۇئال: يالاڭ قاپاق بولۇشنىڭ يوشۇرۇن گېن ئىكەنلىكى بېرىلگەن بولسا، بوۋاقنىڭ يىگىتنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولىشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاڭ.  7. دەرس ۋاقتى، سىنىپ جىمجىت. يىگىت دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى قىزنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى خىيال قىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇئەللىمگە خۇش ياقمىغان ھالدا قارىغىنىدا بولسا مۇئەللىمنىڭ كۈلۈمسىرگىنىچە جەينىكىنى كۆتۈرۈپ، بارمىقىدا دوسكىغا يېزىلغان خەتنى ئۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ بىلىكىنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 1.1مېتىر ئىكەنلىكىنى سەزدى. مۆرىنى ئوق قىلىپ يۇقىرىغا 31 گىرادۇس ئايلانغاندا كەتكەن ۋاقىت 1 سىكۇنت بىلەكنىڭ ئېغىرلىقى 750N بولسا, مۇئەللىمنىڭ بىلىكى سۈپۈرۈپ ئۆتكەن مەيداننىڭ يۈزىنى ۋە ئومۇمىي قۇۋەتنىڭ ھېسابلاڭ. 8. يىگىت بىچارىلەرچە تامغا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلەۋاتاتتى. ئۇ يۈزىنى تامغا يېقىن ئەكەلگەن ئىدى، بىر خىل ئىسسىق ئېقىم ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. بۇ سەنمۇ؟ ئۇ فۇريې دەپ ئويلىدى... ئەينى ۋاقىتتا تامنىڭ قېلىنلىقىنىڭ 50cm، يۈزىنىڭ 25㎡، ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقىنىڭ 42℃، تام يۈزىنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش كوئېففىتسېنتىنىڭ 0.42W/(m*k) ئىكەنلىكى بېرىلگەن بولسا، تامدىن ئۆتىۋاتقان ئىسسىقلىق مىقدارى قانچە؟  9. ئۇلار بىر جۈپ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ئەر - ئايال. لېكىن، ھال - كۈنىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئەرمۇ نۇرغۇن باي كىشىلەردەك ئايالىدىن سىرت مۇھەببەت تۇتىۋالدى. بۇ ئىش ئاخىرقى ھېسابتا ئايالىنىڭ قۇلىقىغىمۇ بېرىپ يەتتى. ئايال ئېرىنى ئەيىبلىمىدى، پەقەت قول قويۇلۇپ بولغان ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالدى. ئەر قايمۇقۇش ئىچىدە يەنىلا ئايالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېيىن ئانىسىنىڭ ئۆيى ئالدىدا ئۈچ كېچە - كۈندۈز تىزلىنىپ يىغلىدى، قاقشىدى. ئايال ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلۇپ دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. بىراق ئەر تۇيۇقسىز بىرمۇنچە قان قۇسۇپ ھوشىدىن كەتتى. سۇئال: ئەگەر ئەر قۇسقان قاننىڭ مىقدارى 100mlدىن ئاشقان بولسا ھەمدە قان تەركىبىدە كۆپ مىقداردا بەلغەم بولسا ئەرنىڭ قايسى خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ؟  10. ئوخشاش بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ يىگىت قىزنى ئىزدەشكە جۈرەت قىلالمايتتى. گەرچە بۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى ئاددىي ئىش بولسىمۇ... يوشۇرۇن سۆيۈش يىگىت قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش. ئۇ پەقەت كۈندە دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكا ۋاقتىدىلا قىزنىڭ ئورنىغا قاراپ، ئۇنى كۆرىۋالسا، ئوماق ھەرىكەتلىرىگە قاراپ خىيال سۈرىۋالسىلا رازى ئىدى. ھەي، گىمناستىكا مەيدانىدىكى فار - فۇر خىشلار... سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار دەل ئۇلار تۇرالايدىغان جاي. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ دەل سىلەردەك مۇقىم، يىمىرىلمەس... ئەينى ۋاقىتتا ئىشچىلار بۇ خىشلارنى يېيىتقاندا پۈتكۈل گىمناستىكا مەيدانىنى كۇۋادىرات شەكىلدە دەپ يېيىتقان ئىدى، ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى تۆت خىش بىر كۇۋادىراتنى تەشكىل قىلاتتى. سۇئال: ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىنى تۇتاشتۇرىدىغان سىزىقنىڭ يانتۇلىقىنىڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسىنى تېپىڭ.
( "فېليەتونلاردىن تاللانما"نىڭ 8 - سانىدىن تەرجىمە قىلىندى) Vg,>7?]6h
xjhAAM
|