查看完整版本: [-- سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ (دەرس تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ (دەرس تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-04-15 09:27

سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ (دەرس تېكىستى)

سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ +(= -95qZ  
C<=rnIf'  
پۇشكىن
\d;)U4__!  
تىلەيمەن سىلەرگە مەغرۇر بىر چىدام،  oaQW~R`_  
سىبىر كانلىرىنىڭ چوڭقۇر تېگىدە. ho$}#o  
ئازابلىق ئىشىڭلار، غايىۋى ئىستەك،  by+xK~>  
يوقالماس مۇنداقلا، كەتمەس بىھۇدە. xxs +=.2  
v' t'{g%  
ئاپەتنىڭ ۋاپادار سىڭلىسى − ئۈمىد،  ?GH/W#{o)  
قاراڭغۇ چوڭقۇردا ياتماقتا پىنھان. MhA4C 8  
قوزغار ئۇ سىلەردە شادلىق، جاسارەت،  eyh}O  
يېقىنلاپ كەلمەكتە بىز كۈتكەن زامان. zgz!"knVx  
7zx xO|p[  
قاراڭغۇزىنداننىڭ ئىشىكلىرىدىن، mxZ+r#|di  
دوستلۇق ۋە مۇھەببەت قىلىدۇ تەزىم. E[#VWM I  
يېتىدۇ سىلەرگە زۇلمەتنى يېرىپ،  eH7x>[lH.  
مىسالى يەتكەندەك ئازاد ئاۋازىم. L754odc  
F?tWx+N<{  
پاچاقلاپ تاشلىنار ئېغىر كىشەنلەر،  JwxKWVpWv  
قاراڭغۇ زىندانلار بولىدۇ گۇمران. 4Cu \|"5)  
ئەركىنلىك سىلەرگە ئاچار خۇش قۇچاق، uvJHkAi  
ۋە قىلىچ تۇتقۇزار يارەنلەر شۇئان. Z[w}PN,xV  
 :QP1!  
− 1827 - يىل ,vmn{gz  
vGlVr.)  
ئىزاھات: E,tdn#_|  
پۇشكىن − تولۇق ئىسمى ئالېكساندىر سېرگىيىۋىچ پۇشكىن (1799 − 1837)، ئۇلۇغ رۇس شائىرى. بۇشېئىر ئۇيغۇرچە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 – سانىدىن ئېلىندى. D|Q7dIZm  
مۇھالىمە ۋە مەشىق: w!H(zjv&(  
2? yo  
« سىبىرتۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ » دېگەن شېئىردا شائىر نېمە ئۈچۈن « ئۈمىد» نى « ئاپەتنىڭ ۋاپادار سىڭلىسى » دەپ يازغان؟ hsrf2Xw[  
2. شېئىردىكى « كىشەن »ۋە « قىلىچ » نېمىگە سىمۋول قىلىنغان؟ 8Yk*$RR9  
Dq~;h \='  
مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتابتىن ئېلىندى.2012-4-15   vTx>z\7q,  

tunyukuk 2012-04-15 09:33

tunyukuk 2012-04-15 09:40

kaqur 2012-04-15 09:50
خەنزۇ تىلىدىكى يازمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىپ چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن ئەسىرىمنىڭ بىرى مۇشۇ شېئىر. ئۇيغۇر تەرجىمانلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ھېس قىلالمىسىڭىزمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز دەپ ئويلايمەن.
OH\^j1x9I  
致西伯利亚的囚徒 *|A QV:  
_M^.4H2  
在西伯利亚矿坑的深处 ]i*ucW4  
望你们坚持着高傲的忍耐的榜样 C ^Y\ ?2h1  
你们的悲痛的工作和思想的崇高志向 8`q7Yss6F  
决不会就那样徒然消亡 &|hK79D  
4%(Ji  
灾难的忠实的姊妹——希望 ++0)KSvw  
正在阴暗的地底潜藏 /(N/DMl[  
她会唤起你们的勇气和欢乐 }Z!D?(  
大家期望的时辰不久将会光降 xUo6~9s7  
xs$$fPAQ  
爱情和友谊会穿过阴暗的牢门 ?^}30V:E  
来到你们的身旁 _vQ52H,  
正像我的自由的歌声 rTD+7 )E  
会传进你们苦役的洞窟一样 'o$j~Mr  
%Ymi ,o>  
沉重的枷锁会掉下 *X5)9dq  
_ _黑暗的牢狱会覆亡 43=v2P0=Tj  
自由会在门口欢欣地迎接你们 {DO9%ej)  
弟兄们会把利剑送到你们手上 '|}A /`  

tunyukuk 2012-04-15 10:59
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە پۇشكىن  
| +;ZC y  
كېرىمجان ئابدۇرېھىم  
mH,s!6j?Vp  
(`4&h%g  
亚历山大·谢尔盖耶维奇·普希金 (1799~1837) 2- L-=0  
亚历山大·谢尔盖耶维奇·普希金(Александр Сергеевич Пушкин), W\[E  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى داۋاملاشقان ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقىغا قارىماي، ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈگەن، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئەدەبىيات تەتقىقات تېمىلىرىغا ئىنتايىن باي بىر ئەدەبىيات بولغان. بۇ ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى داۋامىدا باشقا ئەل،باشقا مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ  كۈچلۈك تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، بولۇپمۇ رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئەدەبىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. بۇ خىل تەسىر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان مۇناسبىتىدە ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.  
 پۇشكىن (17991835) – رۇسىينىڭ ئۇلۇغ شائىرى ۋە يازغۇچىسى، ئۇ رۇس شېئىرىيتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارىتىپلا قالماي،بەلكى يەنە شېئىرىيەتنى رېئاللىققا ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇپ، شېئىرلىرىدا ئىسسيانكارلىق، قەھرىمانلىق روھىنى ئىپادىلەپ، رۇس ئەدەبىيا تىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن غايەت تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا رۇسلارنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت ئويغىنىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا دەۋرداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ،«رۇس شېئىرىيتىنىڭ قوياشى»، «رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى»، «رۇس ئەدەبىياتىدىكى بارلىق باشلىنىشلارنىڭ باشلامچىسى» دېگەندەك يۈكسەك تەرىپلەرگە سازاۋەر بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى كاتتا مۇۋەپپەقىيتى ۋە تەسىرى بىلەن رۇس ئەدەبىياتىدىن ھالقىپ چىقىپ،ۇنيادىكى باشقا ئەل-باشقا مىللەت كىشىرىنىڭمۇ ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى «دۇنياۋى شائىر»غا ئايلانغان. 5tv*uz|fv  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى يۇقارقى ئومۇمىيلىقنىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي-ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەنمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىبەتلىك. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ شىنجاڭ ھۆكۈمرانلىرى گەرچە بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنى قوللىنىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە چەكلىگەن بولسىمۇ،ئىلغار مەدەنىيەت ۋە ئىنقىلابى دۇنيا قاراشنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىنى ئۈزۈل-كېسىل توسۇپ قالالمىغان. تىل،مەدەنىيەت، ئېتىقاد جەھەتلەردىكى ئورتاقلىق،خوشنىدارچىلىق، قېرىنداشلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن تارىخىقا ئىگە باردى-كەلدىلىرى يېڭى ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىغان. شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە بۇ خىل ئالاقە بۇرۇنقى شەخسىي باردى-كەلدىلەر دەرىجىسىدىن ھالقىپ،ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدىغان ئالاقە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ شىڭ شىسەينىڭ «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»ىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش مەزمۇنى بولغاچقا، ھەم شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن بولغان تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى ئالاقىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغاچقا،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرقاتار پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەن. بۇلاردىن نىسبەتەن مۇھىم بولغانلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى ئېۋەتىپ ئوقۇتۇش، سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدا تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىش، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان گېزىت-ژورناللارنى، كىنو فىلىملىرىنى قويۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار رۇس-سوۋېت مەدەنىيتىنىڭ، شۇ قاتاردا ئەدەبىياتىنىڭ شىنجاڭدا كەڭ تۈردە تارقىلىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. 30-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن، گوەول،تولىستوي،ماياكوۋېسكىي،گوركىي،شولوخوپ قاتارلىق ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق ئەدىبلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ل مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيسى» ناملىق ماقالىسىدا ئەدەبىياتنىڭ تىپىكلىكى ھەققىدە سۆزلىگەندە پۇشكىن، گوركىي،شولوخوپ قاتارلىق ئەدىبلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىكى پرسۇناژلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان【1】. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان مۇناسىبىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە تېخىمۇ زور دەرىجىدە قويۇقلاشقان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن تارتىپ تاكى شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازاد بولغانغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياندا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىبەت-ئالاقىلىرى ئىنتايىن قويۇق بولغان، پۈتۈن ئىنقىلاب جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يارىدىمى قوبۇل قىلىنغان، مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش سەۋەبىدىن، غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئۈچ ۋىلايەتتە سوۋېت مەدەنىيتىنىڭ، جۈملىدىن سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان،پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۈگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىبەتنى ئىسپاتلاشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا قىلغان. شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىككى، پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە ناھايىتى داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەنگەن، بۇنداق داغدۇغۇلۇق خاتىرىلىنىش ھەتتا بىرەر ئۇيغۇر ياكى قازاق يازغۇچىسىغىمۇ نېسىپ بولمىغان. «1949-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھېمايە قىلىش ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، روسىينىڭ ئۇلۇغ شائىرى پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، ئەخمەتجان قاسىمى يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم سۆز قىلىپ، پۇشكىننىڭ ‹ھەيكەل› ناملىق شېئىرىنى  دېكلىماتسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىمۇ تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى【2】». يۇقارقى بۇ مەلۇمات ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭدىكى پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقى ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە ناھايىتى داغدۇغىلىق خاتىرىلەنگەنلىكى، خاتىرىلەش پائالىيتىگە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىۋاستە قاتناشقانلىقى، سۆز قىلغانلىقى، ھەتتا پۇشكىننىڭ شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار پۇشكىننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانچىلىك ھۆرمەتلەنگەنلىكى ۋە ئۇلۇقلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. Oi?Q^ISxP  
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ناھايىتى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرۇلغان. زامانىۋى مەتبۇئاتچىلىقنىڭ بارا-بارا ئومۇملىشى، جۈملىدىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات-مەتبۇئات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى سەۋەبىدىن ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە ئۇيغۇر،قازاق،خەنزۇ يېزىقلىرىدا كۆپ خىل گېزىت ۋە ژورناللار نەشىر قىلىنغان. بۇ گېزىت-ژورناللارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمىنىڭ ئەدەبىيات بەتلىرى بار بولۇپ، ئۇلاردا ئىجادىي ئەسەرلەردىن باشقا يەنە رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە چىقىدىغان كۆپلىگەن گېزىت-ژورناللار ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە كىرىپ تۇرغان، جۈملىدىن «كوممىنىزىم تۇغى» قاتارلىق ژورنللار ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكىلەرنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. مانا مۇشۇ مەتبۇئاتلاردا پۇشكىنغا ئاىت ماقالىلار، پۇشكىننىڭ ئەسەرلىرى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرۇلغان.بۇلار ئۇيغۇرلارغا پۇشكىننى نىسبەتەن كەڭ ۋە چوڭقۇر تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇيغۇر شائىرلىرىغا بەلگۈلۈك تەسىرلەرنىمۇ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۈچ ۋىليەت تەۋەسىدىكى شېئىرىيەت ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان داڭلىق شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ پۇشكىنغا ئاتاپ يازغان شېئىرىدىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. {Q/@Y.~<  
ئەلقەم ئەختەم رۇس- سوۋېت ئەدەبىياتى بىلەن ناھايىتى پىششىق تونۇشقان، جۈملىدىن پۇشكىن،لېرمونتوپ، ماياكوۋېسكى،خەمىت ئالىمجان، ئابدۇللا توقاي،ھادى تاقتاش،ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيتى ئۇنىڭدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.يۇقارقى ئەدىبلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى يەنىلا پۇشكىن بولۇپ، ئۇ شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە پۇشكىننى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان،  شائىرنىڭ پۇشكىن ئىجادىيتى بىلەن بىلەن بولغان قويۇق باغلىنىشى ئۇنىڭ «پارچە»سىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن: 7h9oY 
          پارچە 36'J9h\  
   (پۇشكىننىڭ سۈرىتىگە قاراپ) W=2.0QmW  
كۈلۈپ كۆڭلۈمدە ئىلھام ئالمىسام، \yymp70w  
مېنىڭدىن رەسىمىڭ ۋاي... رەنجىمدىكىن. /_fZ 2$/  
ماڭسام،چامدىسام،سەندىن قالمىسام –– FIn)O-<  
ئىزىڭنى باسسام،دېدىم مەن پۇشكىن. qyyLU@hd  
                 1945-يىل،سىنتەبىر @TKQ_7BcB  
ئەدەبىي مۇناسىبەتلەر يېقىدىن قارىغاندا،بۇ شېئىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ئۇچۇر بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ئەدەبىياتلار بىلەن، جۈملىدىن پۇشكىن ئىجادىيتى بىلەن بولغان مۇناسىبەت-ئالاقىلىرىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكىمۇ قىممەتلىك ماتېرىيال ھېساپلىنىدۇ. بۇ شېئىردىن بىزگە مەلۇم بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇر شۇكى، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى نەۋايى ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ كەلگەن ئۇيغۇر شائىرلىرى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىغا كەلگەندە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە زۆرۈر بولغان بەدەئىي ئوزۇق ۋە تەسىرنى رۇس-سوۋېت ئەدەبىياتىدىن ئېلىشقا باشلىغان. بۇمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ئەل، باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتى بىلەن بولغان ئەدەبىي ئالاقە-ئەدەبىي مۇناسىبەتلىرىدىكى ناھايىتى زور بىر بۇرۇلۇش بولدى، ئەلۋەتتە.  P\c0Q;){h"  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان مۇناسىبىتى بۇ باسقۇچتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ پۇشكىن ئىجادىيتى بىلەن كەڭ دائىرىدە تونۇشۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنى ئۇلۇقلاپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ شېئىرلارنى يازغانلىقىدا رۇشەن كونكىرتلىشىدۇ. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا، جۈملىدىن ئۈچ ۋىلايەت ئەدەبىياتى مەزگىلىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلارنىڭ خېلى بىر قىسمى پۇشكىن ھەققىدە شېئىر يازغان. پۇشكىن ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلار ئىچىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «پۇشكىنغا ئاتاپ» بولغان   «سېنىڭ ناخشاڭ» ناملىق شېئىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ【3】.  شېئىرنىڭ تولۇق تېكستى مۇنداق : 0g#?'sD  
سېنىڭ ئەرك كۈيلىگەن ناخشاڭ گويا يالقۇن بولۇپ ياندى، '.&,.E&{$  
ئەسىرلەردىن كېلىپ ھالقىپ، مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئوت سالدى. 1_W5@)  
ھاياتىڭ ئۆتتى نۇر كۆرمەي، قاراڭغۇلۇقتا – زۇلمەتتە، 7L:R&W6  
كۆڭۈل ئەمما يېنىۋاتقان ئىدى بىر ئالىي مەقسەتتە. CtDS lJ  
سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ بىر دەشت، ياتاتتى ئۇندا قۇملۇقلار، h$zPQ""8  
يېتەلمەي پەللىگە، كەتتىڭ... يولۇڭنى بوغدى شۇملۇقلار. ~h[lu^ZSi  
مۇشەققەتلەرگە داد سالماس گويا بىر تاغ ئىدىڭ شائىر، zck |jhJ6  
ئۆچۈردى، ئېخ! ... ئۇ دانتىس شۇم ھاياتىڭ شامىنى ئاخىر. "Lpt@g[HF  
تېخى بەك ياش ئىدىڭ، شائىر، گويا ئېچىلمىغان غۇنچە، 8QZk0 O  
سۆيۈملۈك بىر يورۇق تاڭنى دىلىڭ كۈتكەن ئىدى شۇنچە. $v oyXi`*  
دېمىڭ تىندى ئېغىر دەردتىن، يوقالدىڭ ئەمما ياش تۆكمەي، K6oX nz}  
چېلىشتىڭ ئەرك ئۈچۈن شۇنداق ئەجەل ئالدىدا تېز پۈكمەي. Iq}h}Wd  
سېنىڭ نامىڭ ئازادلىق ئىزدىگەنلەرگە بولدى نۇر - مەشئەل، ".i{WyTt  
ئىجادىڭدىن بىنا بولدى ئۇزۇن يىللار ئۈچۈن ھەيكەل. @ Q1j H~t  
زامانلار ئۆتتى زۇلمەتتە، سۈرۈلدى قانچە چاڭ-توزاڭ، O}D8  
دىلىڭ سۆيگەن ئۈمىد-ئارزۇ ئاخىر قۇچتى يورۇق بىر تاڭ. Cw|S Y  
سېنىڭ يۇرتۇڭدا نۇر ئەمدى تۇماندا ئىڭرىغان ئىنسان، IP;@unBl  
سېنىڭ يۇرتۇڭدا دەرت-ھەسرەت قىلىندى يەر بىلەن يەكسان. J3.Q8f  
جاھان سۆيمەكتە تەۋرەشنى، چېلىشچان تۇيغۇلار ياندى، 2!3&Ub#FO  
سۈزۈك تاڭ ئىزدىشىپ ھەرجان قارا ئۇيقۇدىن ئويغاندى. mfN@tMp  
بۈگۈن، شائىر، سېنىڭ جان دوستلىرىڭ يەڭمەكتە ھەر يەردە، g&vEc1LNo  
سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ مەينەتكە چۆكتى، بولدى شەرمەندە. ZtLn*M  
ھەقىقەت كورلىرى ھەم كۈلگە ئايلاندى كۆيۈپ ئوتتا، -N(MEzAE  
سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇقلاندى ھەقىقەت ياشنىغان يۇرتتا. nu 
                            1949-يىل 6-ئاي.  y#DQOY+@^#  
بۇ شېئىر پۇشكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىغا بېغىشلاپ يېزىلغان. بۇ شېئىردا تېيىپجان ئېلىيوپ پۇشكىننىڭ ئازادلىق-ئەركىنلىك كۈيلەنگەن شېئىرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى «كۆڭلۈمگە ئوت سالدى» دېگەن ئېماگ بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن، دېمىسىمۇ بۇ ھېسىيات شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيتىدە بىرقانچە جەھەتتىن رۇشەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر شېئىر ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن بىر مىسالى.بۇ شېئىردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، تېيىپجان ئېلىيوپ پۇشكىننىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بىلەن ناھايىتى پىششىق تونۇشقان،ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئاساسلىق ئىدىيە ۋە ھېسىياتنى پىششىق ئىگەنلىگەن. شائىرنىڭ ۋاقىتسىز بۇ دۇنيادىن ئايرىلغىنىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھەم شائىرغا زىيانكەشلىك قىلغان ئەينى دەۋر ۋە زۇلمەت كۈچلىرى ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلغان. مەزكۇر شېئىردا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك بولغان ئالاھىدە بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ شائىرنىڭ سوۋېت ھاكىمىيتى ۋە سوۋېت دەۋرىگە بولغان مەدھىيسى ۋە تەرىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەدھىيە ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. `7_LJ \>I  
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا پۇشكىنغا ئاتاپ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈش، ھازىرقى زامان شائىرلىرى پۇشكىننى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇش، پۇشكىنغا ئاتاپ شېئىرلارنى يېزىش بىلەن بىرگە يەنە پۇشكىن ھەققىدە ماقالىلارمۇ يېزىلغان. ئەلۋەتتە بۇ ماقالىلار سۆزسىزكى پۇشكىن ھەققىدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىناتتى. ھازىرقى زامان ئۇغيۇر شائىرلىرى پۇشكىننى ئۈگەنگەن چاغدا ئۇنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ پۇشكىن ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىدىن بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى ئىككى پارچە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «رۇس خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى» ناملىق ماقالىسى، يەنە بىرى خەمىت سەئىدىنىڭ «بۈيۈك رۇس يازغۇچىسى پۇشكىن ئىجادى ۋە ئۇنىڭ ماھيىتى» ناملىق ماقالىسىدۇر【4】. بۇ ماقالىلاردا پۇشكىننىڭ ھاياتىغا، ئىجادىيتىگە دائىر كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا، پۇشكىن ئىجادىيتىنىڭ تېمىسى، ئىدىيسى، بەدەئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئەھمىيتى، شۇنداقلا كېيىنكىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلار نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. pb Ie)nK  
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىمۇ ئىزچىللىشىپ باردى، ھەتتا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكىدىنمۇ بەكرەك نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ھېسابتا بۇ بىرخىل ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن 20-ئەسىر ئەدەبىياتدىكى مۇھىم بىر ئەدەبىيات ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن چوڭ بىر تېما بولۇپ قالدى. z0[ZO1Fo(  
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پۇشكىن بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىي مۇناسىبەتلەر تارىخىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىەتكە ئىگە. AyO|9!F@A  
ئىزاھلار: CM1a 
【1】 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى نەشىرگە تەييارلىغان : «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،1982-يىل 10-ئاي 1-نەشرى، 242-بەت. Q$L(fH kw  
【2】 شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومېتېتى تۈزگەن : «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 396-بەت. E0]h|/A]  
【3】 مۇھەممەت رېھىم نەشىرگە تەييارلىغان : «تېيىپجان ئېلىيېۋ شېئىرلىرى» (1) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1997-يىل 8-ئاي 1-نەشرى، 72-73-بەتلەر.  9 /(c cj  
 【4】 ئىمىنجان ئەخمىدى ئۇتۇق قاتارلىقلار تۈزگەن : «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» 3-توم ، 476-بەت. -z$2pXT ^  
پۇشكىنغا ئائىت ماتىرياللار بار تور بەتلەر : http://baike.baidu.com/view/53074.htm?fr=ala0_1_1 "nno)~)u  
http://russion-pu.cn/    

tawpek 2012-04-15 11:04
مۇھالىمە ۋە مەشىق: « سىبىرتۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ » دېگەن شېئىردا شائىر نېمە ئۈچۈن « ئۈمىد» نى « ئاپەتنىڭ ۋاپادار سىڭلىسى » دەپ يازغان؟   v=.z|QD^1  
2. شېئىردىكى « كىشەن »ۋە « قىلىچ » نېمىگە سىمۋول قىلىنغان؟ }>;ht5/i/  
Y0PGT5].@'  
'o/N}E!Pt  
ما سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىۋەتسەڭلار تېما ئۆز قىممىتىنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ يارىتاركەن.

kaqur 2012-04-15 11:37
شائىرنىڭ «ئۈمىد»نى «ئاپەتنىڭ ۋاپادار سىڭلىسى» دەپ يېزىشى ئۈمىدنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىنتايىن مۇھىم مەنىۋى ئامىل ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەم ھاياتتا جېنىدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۈمىد ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ. كىشىلىك جەمىئىيىتىدە ھەرقانچە زور بالايىئاپەتلەر يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۈمىد يەنىلا كىشىلەرنى كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن ئۈمىد ھاياتنىڭ چىرىغى. شائىر «ئۈمىد»نى «ئاپەتنىڭ ۋاپادار سىڭلىسى» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق سىبىرىيىدىكى كانلاردا ئېغىر ئەمگەك دەستىدىن ھاياتقا نىسبەتەن ئۈمىدى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان ئىنقىلابچىلارغا ئۈمىدۋارلىق روھى بەخش ئەتمەكچى بولغان. F<yy>Wf  
شېئىردىكى «كىشەن» ۋە «قىلىچ»نىڭ نېمىگە سىموۋل قىلىنغانلىقىغا كەلسەك، شائىر چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ھامىنى ئاخىرلىشىدۇ، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دېگەن ئىتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمىنى «كىشەن»گە ئوخشاتقان. شائىر ئاشۇنداق كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە ھەقىقىي ئەركىنلىك سىلەرگە قۇچاق ئاچىدۇ، سىلەر بىلەن ئوخشاش غايىچە دوستلىرىڭلار سىلەرگە ئىنقىلاب قىلىچىنى قايتا سۇنۇپ سىلەرنىڭ تارىخىي بۇرچۇڭلارنى ئادا قىلىپ، ئارزۇيىڭلاردىكىدەك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشىڭلارغا يار - يۆلەكتە بولىدۇ، دېمەكچى. -}Cc"qm  
&gGs) $f[  
«2010 - يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى ئۈچۈن ئۆگىنىش يېتەكچىسى. زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىك ئۈچۈن تېكىستلەر تەھلىلى»دىن ئېلىندى

tawpek 2012-08-05 14:45
پۇشكىننىڭ تولوقسىزدىكى  ھايات ناملىق ئەسەرنى ئۆتكەندە پايدىلانساق بولىدىكەن.


查看完整版本: [-- سىبىر تۇتقۇنلىرىغا مەكتۇپ (دەرس تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled