gulhan |
2012-04-12 01:18 |
7-يىللىق سىياسەت 2 –مەۋسۈم چارەك سۇئالى
2 ئۇقۇش يىلى 7-يىللىقلارنىڭ سىياسەت 1 –مەۋسۈملۈك چارەك ئىمتىھان سۇئالى (ۋاقتى: 90 مىنوت 100 نومۇرلۇق سۇئال) __________ مەكتەپ___يىللىق___ سىنىپ، ئىسىم_فامىلىسى_________ سۇئال رىتى Ⅰ Ⅱ Ⅲ Ⅳ Ⅴ جەمى نومۇر بېرىلگەن نومۇر
Ⅰتاللاش سۇئالى(تۈۋەندە بېرىلگەن جاۋابلاردىن پەقەت بىرسىلا توغرا . سۇئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن جاۋابنى تۈۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ.ھەربىرىگە 2دىن جەمى 30 نومۇر) 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15
1-ئۈزىنىڭ ئىززەت –ھۈرمىتىنى ھەقىقى ساقلايدىغان ئادەم مۇقەرەر ( ) ئادەمدۇر ' A .غەلبە قازىنىدىغان . B .خىجىللىق ھىس قىلىدىغان . C.شۈھرەتپەرەس . D. ئار نۇمۇسنى بىلىدىغان . 2.تۈۋەندىكى ھەركەتلەردىن باشقىلارنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكىلى بۇلىدىغىنى ( ) A .باشقىلارنىڭ فىزىئۇلوگىيەلىك كەمتۈكلىكىنى مەسخىرە قىلىش Bقىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلارغا قىزغىن ۋە ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىش C. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يىيىشقا ئامراق بولۇش D. دائىم كىچىكىپ قىلىش ۋە دەرس تاشلاش 3. تۇرمۇشتا نۇرغۇ ن ساۋاقداشلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: A . ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن كۈچكە ئىشەنمەستىن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالغان B. دائىم زەربىگە ئۇچۇرغاچقا ئىززەت –ھۈرمەت تۇيغىسىدىن مەھروم بولغان . C. ئۆزىنى قالتىس چاغلىۋالغاچقا قوغلاشقان نىشانىنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. D. دائىم ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ. 4.تۈۋەندىكى پىسخىكىلاردىن مۇۋاپىقيەت قازىنىشنىڭ ئول تىشى دەپ قارىلدىغىنى : A.ئۆزىگە ئىشىنىش B.ئۆزىنى كەمسىتىش C.ئۆزىنى قالتىس چاغلاش D. شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش 5.تۈۋەندىكى ئىپادىلەردىن ئۆزىگەئىشىنىشتىكى خاتا چۈشەنچىگە كىرىدىغىنى : A.ئۆزىنى كەمسىتىش بىلەن ئۆزىنى قالتىس چاغلاش . B.ئۆزىنىڭ ئىززەت – ھۈرمىتىنى ساقلاش. C.باشقىلارنى كۆپرەك ھۈرمەتلەش 6.ئىشەنچىنىڭ ئەڭ مۇھىم تىرىكى : A.ئۆزىدىكى ھاكاۋۇرلىققا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇش. B .ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش . C. باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق . D. باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش. 7. ئۆزىنى ھۈرمەتلەيدىغانلار ئۈمۈتۋار كىلىدۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىتىگە قارىتا تۇغرا پۇزىتسىيە بولسا: A. ھەددىن زىيادە سەزگۈر ئىنچىكە . B.خاتالىق بولسا تۈزىتىدۇ، خاتالىق بولمىسا تىخىمۇ تىرىشىدۇ. C. ئىش قىلغاندا ئېھتىياچچان، باشقىلار بىلەن كۆپ تالاشمايدۇ. . D. باشقىلارغا يول قۇيۇشنى بىلمەيدۇ. 8 .ئۆزىنى ھۈرمەتلەشنىڭ ئىپادىسى : A.نومۇسنى بىلىش.. B.كۈچلۈك بەدىئى بولۇش. C. رىقابەتلىشىش ئىقتىدارى بولۇش. D. ئار نومۇس تويغۇسى بولۇش . 9.تۈۋەندىكىلەر ئىچىدە خاتاسى : A.ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇش ئۈچۈن شەخىسنىڭ تەغدىرى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەقىياتىنى بىرلەشتۈرىش كېرەك. B.ئۆزىگە ئىشىنىش، كىشىلىك تۇرمۇش يۇلىمىزدىكى قىممەتلىك بايلىق . C.ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە ھۈرمەتلەشتەك مىلىي روھ مىللەتنىڭ مەۋجوتلىقى تەرەققىياتنىڭ يولى . D.ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگولۇق ئۈچۈن قەتئىي ئىشەنچ بولۇش كېرەك . بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئولۇغ دۆلەت، ھىچقايسى دۆلەت جۇڭگوغا يەتمەيدۇ. 10.تۈۋەندىكىلەردىن ئۆزىگە تاينىشقا كىرمەيدىغىنى : A .باشقىلارنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى كېرەك قىلماي، ئاڭلىق ئۈگۈنىش قىلىش B . ياتىقىنى ئۆزى تازلاش، ئانىسىغا ياردەملىشىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش. C. قىيىن مەسلىلەرگە يولۇقسا ئىككىلەنمەيلا ساۋاقداشلىرىدىن سوراش D. ئۆزىنىڭ پارچە –پۇرات پۇللىرىنى تىجەپ زۈرۆر يەرلەرگە ئىشلىتىش . 11. تۈۋندىكى ئىشلاردىن تاينىۋىلىشقا كىرمەيدىغىنى : A. 13ياشلىق ئەلى« ئۈزۈم پىششا ، ئاغىزىمغا چۈشسە» دەپلا ياشايدۇ. B. گۈلىنى ھەر كۈنى ئا-ئانىسى ئويغىتىپ مەكتەپكە بار دەپ سىۈيلىمىسە كىچىكىپ قالىدۇ. C. گۈلنۇر بىرەر ئىشقا يولۇقسا ، ئۆزى بىر قارارغا كىلەلمەي ، دورامچىلىق قىلىدۇ. D.ماينۇر قىيىن مەسلىلەرگە يولۇققاندا ئاۋال مۇستەقىل پىكىر يۈرگىزىپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىدىن سورايدۇ. 12. تۈۋەندىكىلەردىن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى ئىپادىلەيدىغانلىرى 1) يىراققا نەزەر تاشلاپ ، جاھىللىق بىلەن ئىزدىنىش. 2)قىيىنچىلىقنى كۆرسە چىكىنىش، ئەپلەپ –سەپلەپ جان بىقىش . 3) يول ئىچىشقا جۈرئەت قىلىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش. 4) نىمە بولۇپ كىتىشىگە قارماي، ئۆزىنى_ ئكزى ۋەيران قىلىش. A .1)بىلەن 4) B 2) بىلەن 3) C. 1) بىلەن 2) D 1) بىلەن 3) 13. بارلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغۇچىلاردا بار بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك : A. ھەممىسىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى بولىدۇ. B. كىشىلىك ھاياتتىكى غايىسى ئۈچۈن جاھىللىق بىلەن قوغلىشىش . C. ھەممە ئائىلە بەخىتكە تويۇنغان بولېۋەرمەيدۇ. D. شەخىسلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە ھالقىغىلى بولمايدىغان تۇسالغۇ يوق. 14. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز : A . ئۆزىمىز B. باشقىلار C. ئۆزىمىز بىلەن قارىشلىشىدىغانلار C . ئۆزىمىز ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر . 15 . ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىدىكى ئار نومۇسنى بىلەلىسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ( ) نى قەدىرلەيدۇ. A .ئوبرازىنى B. كىيىم_ كىچىكىنى C. ئىززەت ھۈرمىتىنى D.ئورنىنى Ⅱ. ھۈ كۈم قىلىش سۇئالى ( ھەر بىرىگە 2 دىن جەمىي 20 نومۇر) 1. ئۆزىنى ھۈرمەتلەش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ تۈۋەن چەك.كىشىلىك ھايات بىر يورۇق نۇقتا ، ئىززەت ھۈرمەت بىباھادۇر. 2. ئۆزىنىڭ ئىزەت_ ھۈرمىتىنى ساقلىمىغان كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشمىكى قىيىن بولىدۇ . 3. ئىززەت ھۈرمىتىنى ھەقىيقى ساقلايدىغانلار باشقىلارنىڭ تەنقىد پىكىرلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ. 4. ئۆزىگە ئىشىنىش شۆھرەتپەرەسلىك ئەمەس .ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل پەرۋىشىدىن كىلىدۇ . ئۇنى باشقىلار ئىنئام قىلمايدۇ. 5. ئۆزىگە ئىشىنىش غەلبە قازىنىشنىڭ ئاساسى ، ئىشەنچ بولغاندىلا ۋۇجوتقا چىقىرالمايدىغان ئىش بولمايدۇ. 6. ئۆزىگە _ ئۆزى خۇجا بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش دىگەنلىكتۇر. 7. تاينىش يۈلىنۋىلىش دىگەنلىكتۇر . 8. ئادەمنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش باسقۇچى ئۆزىگە تاينىش قابىليىتىنى ئۆزلىكسىز ئۈستۈرۈش باسقۇچىدىن ئىبارەت . 9. ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇدرەتلىك بولۇپ ، باشلارنى بىسىپ چۈشۈش دىگەنلىكتۇر. 10. ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇزغانلارنىڭ ئاجىزلىقى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.ئۇلار باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولمايدۇ . Ⅲ سۇئاللارغا قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ ( جەمى 15 نومۇر ) 1. بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟( 6 نومۇر)
2. ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچىقۇچى نىمە؟ (4 نومۇر)
3.ئۆزىگە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ قايسى پىسخىكىلىق پەزىلىتى ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ؟ (5نومۇر)
Ⅳھۈكۈم قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ ( جەمى 15 نومۇر ) 1. ئۆزىگە تاينىش ئىڭىنى يىتىلدۈرۈش چوڭلارنىڭ ئىشى ياش ئۈسمۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز(8 نومۇر) 2. ئۆزىگە تاينىش ئاتا –ئانا باشقىلارنىڭ ياردىمىنى رەت قىلىشتۇر .(7 نومۇر)
Ⅴماتىريال تەھلىل قىلىش (جەمى 30 نومۇر)
« ساۋاقداش A ،ئىمتىھاننى كۈڭۈلدىكىدەك ياخشى بېرەلمىدى. ئۇ ئىمتىھان نەتىيجىسىنى كۆرىپلا ئۆز-ئۆزىدىن ئاغرىنىپ، ھەي مۇشۇ مىنىڭ قاپاق كاللام دەپ زارلىدى. ساۋاقداش B ، ئىمتىھان نەتىيجىسىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ئۆز-ئۆزىگە مىنىڭ ئۈگىنىش ئۇسولۇم توغرا بولمىغاندۇ . ئۇسولۇمنى ئۆزگەرتىپ باقسام بولىدۇ . كىيىنكى قىتىم چۇقۇم ياخشى بېرىمەن دەپ ئىرادە قىلدى. »
1. ئىككى ساۋاقداشنىڭ ئىمتىھان نەتىيجىسىگە بولغان كۆز قارىشىدا قانداق ئۇقۇشماسلىق بار؟( 10 نومۇر)
2. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۈگىنىشتە ئۆزىگە ئىشىنىشنى قانداق ئىپادىلگىلى بولىدۇ؟( 10 نومۇر)
جاۋابى:
Ⅰتاللاش سۇئالى(تۈۋەندە بېرىلگەن جاۋابلاردىن پەقەت بىرسىلا توغرا . سۇئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن جاۋابنى تۈۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ.ھەربىرىگە 2دىن جەمى 30 نومۇر)
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 D B A A A B B D D C C D B A C
2. ھۈ كۈم قىلىش سۇئالى ( ھەر بىرىگە 2 دىن جەمىي 20 نومۇر)
1. توغرا 2. توغر ا 3. خاتا 4. توغرا 5. 6.7 خاتا 8. توغرا 9.10 خاتا
قالغان سۇئاللارنى ئوقۇغۇچىلار ئۈگەنگەن بىلىمىگە ئاساسەن توغرا جاۋاب بەرسىلا تولۇق نۇمۇر بېرىلىدۇ.
|
|