tawpek |
2012-04-15 12:32 |
ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئالىم، مۇتەخەسسىس، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» (ئەينى ۋاقىتتا «بوشلۇق نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان) ھەققىدەئېيتقانلىرى: q?
?N, Tg6nb7@P مەرھۇم ئالىم، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: 4I3)e
S%2 f'B#h;` «قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىزىكىلىق سۇبستانسىيە (ئەمەلىي گەۋدە)، شەكىل ۋە كۈچ، بوشلۇق، فىزىكىلىق ‹يوقلۇق› ۋە ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلاملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىزىكا، بولۇپمۇ ماددىي دۇنيا قۇرۇلما نەزەرىيىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇرنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇنداق قاراش خىلى زور ئىلمىيلىككە، بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگەبولۇپ، تولۇقلىنىپ، قوبۇل قىلىنسا، بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشىمىزنى يەنە يېڭى بىرپەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. پەن قانۇنلىرى بىرسى ئاساسىدا يەنە بىرسى ئىختىرا قىلىنىپ كەلگەن.بىلىش تارىخىمۇ بىر قاتلامدىن بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئىختىرالار ئومۇمەن، ئالدىنقى قائىدىلەرگە قانائەتلەنمەسلىك، باشقا نەرسىلەر ئۇستىدىكى تەجرىبە جەريانى، تاسادىپ تەسەۋۋۇر ياكى ئوخشىتىشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئو قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىلىش ۋە تېخنولوگىيىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن. قاسىم سىدىقنىڭ تەبىئەت ئىلىمىدە نەزەرىيىۋى فىزىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئۈستۈن، قائىدە تۈزۈش ۋە ئىخچاملاش ئىقتىدارى ياخشى ئىكەن، قوللاشقا ئەرزىيدۇ. بۇماتېرىيالىستىك پەلسەپىگە زىت ئەمەس، ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىختىرانىڭ چەكلىگۈچىسى،تەپەككۇرنىڭ زىندانى ئەمەس. ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچى ۋە ئۆزىنى تولۇقلىغۇچى،كەمتەرلىكى بىلەن يېتەكلىگۈچى. يوقلۇق بىلەن ‹فىزىكىلىق يوقلۇق› بىر نەرسە ئەمەس. يوقلۇق − فىزىكىلىق يوقلۇق − ماددا ۋە بوشلۇقىتىن كېيىنكى تەتقىق قىلىنمىغان 3- قاتلام سۈپىتىدە يەنىلا پەلسەپىۋى بارلىق، بۇلار زىت ئەمەس. مېنىڭچە قىزغىن قوللاش، پىكىر ئوچۇقچىلىقى، ئىقتىسادىي ياردەم مۇھىم. مىللىتىمىزنىڭ تەبىئەت ئىلىمىنى يوقىتىپ قويغىنىغا بەش ئەسىر بولدى. قوللاش ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشىمىز لازىم. تەبىئەت ئىلمى قانۇنىيەتلىرى سەمەت ھەل قىلمىسا ئەمەت ھەل قىلىدىغان زۆرۈر نەرسىلەر بولۇپ، يازغۇچىنىڭ يازمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان ئەسىرى ئەمەس.» 5fud:k vX"jL شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتلىرىدىن شەۋكەت تۇرسۇن، شەمشىدىن شاكىر، قۇببەس يولداش قاتارلىقلار: _D."KU| {$^Lb4O[V «قاسىم سىدىقنىڭ ‹بوشلۇق نەزەرىيىسى› گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بايان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىسى ھەققىدىكى پىكرىمىز تۆۋەندىكىچە: ,Y2){8#l T1pMe{ 1. بۇ ماتېرىياللاردا ئادەتتىكى فىزىكا ئۇقۇملىرىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇن يوق. ئاساسىي جەھەتتىن ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇلارنى كلاسسىك فىزىكىغا ياكى ئەمەلىي، نەزەرىيىۋى فىزىكا چۈشەنچىلىرىگە قارىتىلغان تەنقىد دەپ چۈشىنىۋېلىشنىڭ ئاساسىي يوق. ppo\cy; J0"<}" 2. ئالەمنى ماددا، بوشلۇق، ‹يوقلۇق› دىن تۈزۈلگەن دەپ قاراش ۋە شۇنداق چۈشەندۈرۈش دىئالېكتىك پەلسەپە پرىنسىپلىرىغا خىلاپمۇ ئەمەس. لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسقا ئىگە. gEQevy`T%c 4>xv7 ; 'J{yl
RQ 3. ‹چەكلىك ۋە چەكسىز ئالەم› كۆز قارىشىنى ئۆز شەرتلىرىگە نىسبەتەن توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەكىلنىڭ مىقدارغا شۇنداقلا ‹چەك› كە ئىگەبولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. j
(maj :X;AmLf`2u 4. ‹مۇئەييەن شەكىل بەلگىلىك كۈچنىڭ تەسىرىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ›دېيىش فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىغا زىت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يەنە بىرخىل بايان قىلىنىش شەكلى. -N[Q*;h|
|%~sU,Y\( 5. ‹يوقلۇق› نى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئومۇمىي ئالەملىك بوشلۇق شەكىلگە ئىگە ئەمەلىي گەۋدە (سۇبستانسىيە) بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل شەكىل جەزمەن دىئالېكتىكا نۇقتىسىدىن ‹شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك› دىن ئىبارەت بولغان ‹يوقلۇق› نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.» H
c{0O7 p KF>_\
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى سابىت ھامۇت: :3x |U,wC c{u~=24;%# «يولداش قاسىم سىدىقنىڭ ‹بوشلۇق نەزەرىيىسى› نىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ئىزدىنىشتە لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلىمى بايان قىلىنىپتۇ. OxraaN` !be6} مېنىڭچە قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل − فىزىكىلىق كۈچنىڭ ئىپادىلىنىشى، شەكىلسىز ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، يەنى شەكىل دەل كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، ‹فىزىكىلىق بوشلۇق› فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى، بوشلۇق دېگەنلىك كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيىسى دادىل ئىدىيە.مۇشۇ ۋەجىدىن مەن قاسىمنىڭ: ‹فىزىكىلىق بوشلۇق› نىڭ ماھىيىتى جىملىق ئىكەنلىكى، ‹بوشلۇق ھەرىكىتى› نى ماددا ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئىلمىي تەپەككۇرىنى،بوشلۇق ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقى ئۇستىدىكى مۇھاكىمىسىنى مۇناسىۋەتلىك (ئىجتىمائىي پەن ھەم تەبىئىي پەن)كەسىپداشلارنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ يەنە: ھەرقانداق ئەمەلىي گەۋدە (سۇبستانسىيە) ۋە شەكىل ئىپادىلىنىشتە ‹يوقلۇق› نى شەرت قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى، ماددا ھەرىكىتى مۇتلەق، جىملىقى نىسپىي،بوشلۇق جىملىقى مۇتلەق، ھەرىكىتى نىسپىي دېگەن نۇقتىئىنەزىرى بىزنىڭ ماددا دۇنياسىنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىمىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.» tzhkd
G ji[O? 2009-يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو فىزىكا ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى، تونۇلغان فىزىكا ئالىمى لى فاڭيۈنىڭ قاسىم سىدىقنىڭ «‹فىزىكىلىق شەكىل› ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكى» ناملىق ماقالىسىغا: «يېڭىلىق يارىتىش روھىغاباي، جەلپكار تېما ئىكەن» دەپ باھا بەرگەن. |
|