ئەكبەرنىياز |
2013-05-02 17:32 |
مەكتەپ گېزىتىنىڭ بىر بېتىنى مەخسوس مەكتەپتىكى يېڭىلىقلارغا بېرىڭ ! بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتە بىر كىچىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى قۇرۇڭ ، ئۇلار بىر ئاي جەريانىدىكى مەكتەپ ئىچىدە بولغان يېڭىلىقلارنى توپلىسۇن ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك يېڭى ، ياخشى قارارلىرىنى ھەممىگە ئۇقتۇرسۇن ! ئۇندىن باشقا مەكتەپ گېزىتىنىڭ مەخسوس بىر بېتىنى شانلىق ئابىدە سەھىپىسى قىلىڭ ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى -ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى تونۇشتۇرۇڭ ، ياخشى چىققانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ تۇرۇڭ ! ھەم بۇ گېزىتنى قەرەللىك ھالدا مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىدا ئاڭلىتىش بېرىڭ ! تۆھپىكارلار ، ئاپتورلار ، مۇخبىرلار ، ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى چىمپىيونلار سىزدىن خوش بولسۇن ! ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ، ھەركەت ئۆلچىمى ، مائارىپ قانونىدىن مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىدا قەرەللىك ئاڭلىتىش بېرىڭ ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار تەربىيلەنسۇن !!! Sa@Xh,y Z ھازىرچە مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي ، يەنە بۇ جەھەتتە قىينالسىڭىز قولۇم كۆكسۈمدە !!! |
|