查看完整版本: [-- رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ پەرقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ پەرقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2012-04-10 18:16

رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ پەرقى

رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى lKIHBi  
5 +(YcV("  
ئوخشاشلىقى 9'//_ A,  
1. رەۋىش بىلەن سۈپەت ئوخشاشلا «قانداق»دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ. 94nvh:n  
2.رەۋىش بىلەن سۈپەت ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇستەقىل سۆز تۈركۈملىرى تەۋەسىگە كىرىدۇ. Y<#7E;aL  
3. رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە جەھەتىىن بىر-بىرى بىلەن ئوخشاش سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتەلەيدىغان جايلارمۇ بار. يەنى بەزى سۈپەتلەر رەۋىشلىشىپ، جۈملىدە رەۋىشلەردەك پېئىللارنى ئېنىقلاپ، ھالەت ۋەزىپىنى ئاتقۇزۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: >)N,V;j  
سەن ياخشى ئوقۇغىن. (ياخشى رەۋىشلەشكەن سۈپەت) P'ZWAxd  
%I Y-0\  
پەرقى: 6xz&Qi7w  
1. سۈپەتلەر ئىسىمنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ. رەۋىشلەر پېئىللارنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ، پەقەت ئىسىمنى ئېنىقلاپ كەلمەيدۇ. مانا بۇ رەۋىش بىلەن سۈپەتنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئەڭ تۈپكى پەرق ئۆلچىمى. Hg(\EEe  
+~FH'DsT  
2. بەزى سۈپەتلەرگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ كەلسە، بۇ خىل يېڭى سۈپەتلەر سۈپەتلەرگە تەۋە بولماي، باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە مايىل بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن رەۋىشلەرگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ كەلسە، جۈملە تەركىبىگە كىرگەندە، خەۋەردە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى، ئورنىنى بىلدۈرۈپ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك رەۋىش تۈركۈمىدە قالىۋېرىدۇ، مانا بۇ خىل ئەھۋال رەۋىشلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتدۇر. HTx7._b  
مەسىلەن: )J#@L*  
ياخشىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، يامانلارنىڭ ئاغزىنى داغلا. TqbKH08i/  
( ئىسىملارنىڭ سان، كېلىش قوشۇمچىسىسا تۈرلىنىپ كېلىپ، سۈپەت رولىدا ئەمەس، ئىسىم رولىدا كەلگەن) j1d #\  
y'pG'"U]_  
ئۇ ماڭا باياتىندىن بېرى قىيىداپ يۈرىدۇ. hr6f}2  
(بۇ رەۋىش ئىسىملارنىڭ چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا رەۋىشلىك خۇسۇسىيىتىنى ئاتقۇرغان) HM[BFF[;/  
 KQW  
3. سۈپەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇس سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلىرى بولىدۇ. رەۋىشلەرنىڭمۇ ئايرىم -ئايرىم ھالدا رەۋىش ياسايدىغان قوشۇمچىلىرى بولىدۇ. C5sV-UMR  
TvdmgVNP  
4. سۈپەتلەر شەيئىلەرنىڭ، ئاساسەن، بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسەتسە، رەۋىشلەر ئاساسلىقى پېئىللارنىڭ (ئىش-ھەرىكەتنىڭ) تۈرلۈك بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ. pbm4C0W}  
c yN_Sg  
ئومۇمەن، سۈپەت بىلەن رەۋىشنىڭ ئىككىسى ئالاھىدە «ئېنىقلاش» رولىنى ئۆتەيدىغان سۆز تۈركۈمى بولۇپ، ئېنىقلانغۇچى _ ئپبيېكت ئوخشىمايدۇ. 5gJQr%pS  
.-Ao%A W  
ئېلى ھېمىتنىڭ كىتابىدىن. >Xb ]n_`  

ozqan 2012-04-11 01:04
بۇ مەزمۇنمۇ ئوقۇغۇچىلار دائىم ئارلاشتۇرىۋېتىدىغان مەسىلە ئىدى ، قاراشلار ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغانكەن ، ئىلى ھىمىتقا ۋە ئانا يۇرتقا رەخمەت .

koksangun 2012-04-11 09:53
ئانا يۇرتقا ۋە تۈزگۈچىگە كۆپ رەھمەت . بۇ ماتېرىيال تولۇق 3-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تەكراردا ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالماي ، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ، شۇنداقلا تولۇقسىز ۋە تولۇق 1-2- يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ياخشى پايدىلىنالايدىغان ماتېرىيال بوپتۇ ...

zulmakan 2012-04-13 11:49
ئانا يۇرتقا ۋە تۈزگۈچىگە كۆپ رەھمەت

ak-kaptar 2012-05-15 10:20
رەخمەت.ھارماڭ

tawpek 2012-05-15 10:28
داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق جانغا ئەسقاتار بىلىملەرنى.

tawpek 2013-04-08 20:59
رەۋىش ھەققىدە توختالماقچى ئىدىم. ياخشى ماتىرىيالكەن. س N:&Gv'`  
سۆز تۈركۈملىرىدىن مۇشۇ رەۋىش دىگەن بىلەن تاز خۇشۇم يوق ئىدى.

ئەكبەرنىياز 2013-04-08 22:53
كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! ;xj^*b  
پىئېل بىلەن ئىسىمدىن قالسىلا رەۋىش بىر قەدەر مۇرەككەپمىكىن دەيمەن !؟

tawpek 2013-04-08 23:58
رەۋىش  بىلەن شەخىسسىز پىئىللار مەن ئۈچۈن سەل مۇرەككەپ.

بابۇر0725 2014-02-18 23:58
يەنىمۇ كېڭەيتىپ سىناپ باقسام بولامۇ قانداق

گۈلنىھال 2014-02-19 09:50
بابۇر0725:يەنىمۇ كېڭەيتىپ سىناپ باقسام بولامۇ قانداق (2014-02-18 23:58) 
N-y[2]J90  
‏مۇشۇنداق تولۇقلاش خاراكتىرىدىكى  ماتىرىياللىرىڭىز بولسا ، ئايىماي يوللاپ تۇرۇڭ ، سىزدىن سۆيىنىمىز .

گۈلنىھال 2014-02-19 09:55
‏مەن ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرگەندە : J<yt/V]  
Z8%?ej`8  
‏ سۈپەتلەر بارلىق شەيئىلەرنىڭ  سۈپەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ ، رەۋىشلەر ھەرىكەتنىڭ  سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ ... دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم ( باشقا تەرەپمۇ بار ئەلۋەتتە ). بۇ ماتىرىيالدىن يەنە كەم تەرەپنى بىلىۋالدىم . 9$$dSN\&  
o#fr5>h-w  
‏رەھمەت .

قاراخان 2014-03-01 17:15
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىرىيال ئىكەن، يوللىغۇچىغا رەھمەت!

تەشنا005 2014-03-11 13:44
رەخمەت.ھارماڭ  

تەشنا005 2014-03-23 11:20
(N7 uaZ?Z  
كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!  


查看完整版本: [-- رەۋىش بىلەن سۈپەتنىڭ پەرقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled