查看完整版本: [-- سۈپەتداش بىلەن رەۋىشداشنىڭ پەرقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> سۈپەتداش بىلەن رەۋىشداشنىڭ پەرقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2012-04-10 17:40

سۈپەتداش بىلەن رەۋىشداشنىڭ پەرقى

سۈپەتداش بىلەن رەۋىشداشنىڭ پەرقى 6GSI"M6s  
'~[d=fwH  
1. سۈپەتداش جۈملە تەركىبىدە خەۋەر لىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوي-پىكىرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. رەۋىشداشلار بولسا، ئاددىي جۈملە تەركىبىدە ئۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس. پەقەت قوشما جۈملە تەركىبىدىلا بېقىندى جۈملىنىڭ بايان قىلغۇچىسى بولالىسىمۇ، لېكىن ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرەلمەيدۇ. مەسىلەن: X#TQ_T"  
1) مەن بۇرۇن پارس تىلى ئۆگەنگەن. ( سۈپەتداش) B9$jSD  
2) مەن تىرىشىپ ئوقۇيمەن. (رەۋىشداش) 9~m h@Kgv  
a M2l2  
2.رەۋىشداشلار ھەرقاچان ھەرىكەتنى ۋە شۇ ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى رەۋىشداشلار ئىپادىلىگەن ھەرىكەت باشقا بىر ھەرىكەتنىڭ ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەۋىشداشلار "ئېنىقلىغۇچى پېئىل" ياكى "پېئىلللىق رىۋىش" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما، سۈپەتداشتا مۇنداق خۇسۇسىيەت يوق. مەسىلەن: x:>wUhzZ  
1) بىز سېنى كۆرگىلى بارىمىز. (مەقسەت) 9XyYHi  
2) ئۇ مېڭىپ تۇتۇپ سۆزلەيتتى. (ھالەت) {VvqO7A  
ئىككىسىلا رەۋىشداش "B4;,+4kR  
3. سۈپەتداش مەنە جەھەتتىن شەيئىلەرنىڭ بىرەر پېئىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ. رەۋىشداشلار بولسا، شەيئىلەرنىڭ بىرەر پېئىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىنى، ۋاقتىنى، مەقسىتىنى، سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: 5b /| !{  
1) بىلمىگەن ئەيىب ئەمەس، سورىمىغان ئەيىب. /<}m? k\  
2) بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ ماڭاي. g[I b,la_a  
1-جۈملىدىكى ئاستىغا سىزىلغان سۆزلەر سۈپەتداش شەيئىنىڭ پېئىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈپىتىنى ئېنىقلاپ كەلگەن. 4.h=&jz&  
2-جۈملىدىكى ئاستىغا سىزىلغان سۆزلەر رەۋىشداش بولۇپ، ھەرىكەتنى ئېنىقلاپ كەلگەن. R_68-WO  
9C[ywp  
4. سۈپەتداشلارنىڭ ئىسىملىق خاراكتېرى بار بولۇپ، ئىسىملارنىڭ كېلىش، شەخس، سان قوشۇمچىلىرى بىلەنمۇ تۈرلىنىپ كېلىپ جۈملىدە ئىسىملارغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ. رەۋىشداشلاردا بۇنداق خۇسۇسىيەت يوق. مەسىلەن: aj}sc/Qa  
1) ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى كۆپ. (ئېنىقلىغۇچى) !+4cqO  
2) سورىغانلار ئالغا باستى. ( ئىگە) (+u39NQV  
3) ئۆگەنگىنىمىزنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق. ( ئېنىقلىغۇچى) s]mY*@a %  
DrBUe'RH:M  
5. سۈپەتداشلار خەۋەر ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلىدە كېلىدۇ. "ئار(ئەر، ر)"قوشۇمچىلىرىدىن ياسالغان سۈپەتداشلار كېلىدىغان زامان ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ: "غۇ، قۇ، گۈ، كۈ، چى" قوشۇمچىلىرى "غۇچى، قۇچى، گۈچى، كۈچى،"نىڭ ياردىمىدە ياسالغان سۈپەتداشلار پېئىل زامان شەكلىنىڭ كېلىدىغان زامان شەكلىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، سۈپەتداشلاردا قىسمەن زامان شەكىللىرى بولىدۇ، رەۋىشداشلاردا بۇنداق خۇسۇسىيەتلەر يوق. مەسىلەن:  ,^WJm?R  
1) بارغان، تۇرغان، ئۆگەنگەن    _ ئۆتكەن زامان EV^~eTz  
2)بارار، تۇرار، ئۆگىنەر       _ كېلىدىغان زامان ]M[#.EX  
3) ئېيتقۇچى، بارغۇچى، بەرگۈچى    _ ھازىرقى زامان nF4a-H&Fo  
J}@z_^|"mJ  

ak-kaptar 2012-05-15 10:22
رەخمەت سىزگە

tawpek 2013-04-08 21:02
شەخىسسىز پىئىللارنى سۆزلىگەندە ئوبدانلا پايدىلانغۇدەكمىز.

تەشنا005 2014-03-23 12:00
d ~_`M0+  
رەخمەت سىزگە

ياسىنجان510 2014-03-23 15:40
ياخشى ماتىريال ئىكەن رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-03-23 15:46
بۇ ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ ! l0Ti Z  
5[9 bWB{  
دەرسلىكتە پايدىلانساق بولغۇدەك , رەھمەت !

ھاتەھاتەم 2014-05-09 17:01
سۈپەتداش مەنە جەھەتتىن شەيئىلەرنىڭ بىرەر پېئىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاپ كېلىدۇ. رەۋىشداشلار بولسا، شەيئىلەرنىڭ بىرەر پېئىل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىنى، ۋاقتىنى، مەقسىتىنى، سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ s2%0#6c'c  
ئىككىسىنىڭ پەرقى ئىنىق ئايرىلىپتۇ.ئەجرىڭىزگە رەخمەت

توغراق003 2014-08-11 15:15
پايدىلىنىش قىممىتى بارئىكەن ، رەھمەت سىزگە


查看完整版本: [-- سۈپەتداش بىلەن رەۋىشداشنىڭ پەرقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled