查看完整版本: [-- مېھىر-مۇھەببەت.مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> مېھىر-مۇھەببەت.مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-04-01 22:54

مېھىر-مۇھەببەت.مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىن

 تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتابتىكى «ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» قىسمىدىكى مەزمۇن:  wM7 Iu86  
2TB'HNTFx  
مېھىر-مۇھەببەت . مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىنىش  Rm)hgmZ  
  [) >Yp-n  
Dmy=_j?ej  
تېما ھەققىدە مۇھاكىمە: bw/mF5AsW  
«مېھىر - مۇھەببەت ئىنسانلاردىكى گۈزەل تۇيغۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى. جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا تەبىئەتتىكى ناچار مۇھىتقا قارىتا ئوخشاش بىر تۈردىكىلەر ئىچكى قىسىمدا چوقۇم بىر - بىرىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، شۇندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ھەم تەرەققىي قىلالايدۇ. ئىنسانلاردىكى مېھىر - مۇھەببەت ئۇزاق مۇددەتلىك كوللېكتىپ تۇرمۇش داۋامىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئالاھىدە ھېسسىياتتىن ئىبارەت. جەمئىيىتىمىزدە ھازىر بەزى كىشىلەر مال - دۇنيانىڭ چىرىتىشى نەتىجىسىدە مېھىر - مۇھەببەتتىن ۋاز كەچمەكتە. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. [hH>BEtm  
مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئاق كۆڭۈللۈك بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق، مېھىر - مۇھەببەت ئاق كۆڭۈللۈك ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. قەلبى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولغان ئادەم ئادەم ۋە ئىشلارغا قارىتا دائىم ئاق كۆڭۈللۈك، ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاق كۆڭۈل، ئېغىر - بېسىق كىشى شەپقەتسىزلىكنى تەرك ئېتىپ، گۈزەللىكنى ياقلايدۇ، قەلبى رەزىللىك بىلەن تولغان كىشىلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ ياخشىلىق يولىغا باشلايدۇ. قەدىمدىن تا ھازىرغىچە يېزىلغان چەت ئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە مېھىر - مۇھەببەتنىڭ بۇ خىل قۇدرىتى سانسىز قېتىم تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. H l(W'>*oL  
قەلبى مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولغان ئادەم گەرچە گۈزەللىككە، تەبىئەت دۇنياسىغا، كىشىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن ئىناق - ئېجىل ئۆتۈشكە تەشنا بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلار بوزەك قىلىنىش، تەڭسىزلىك ۋە رەزىللىكلەر ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. گۈزەل شەيئىلەرگە ئىنتىلىش، رەزىل نەرسىلەرنىقامچىلاش قەلبى ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولغان كىشىلەرنىڭ ئېنىقپوزىتسىيىسى. 6? .S-.Mr  
مېھىر - مۇھەببەتنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. مەسىلەن، قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى، دوستلۇق مېھىر - مۇھەببىتى، يات جىنسلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت قاتارلىقلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى مېھىر - مۇھەببەت خاراكتېر ۋە ئىپادىلىنىش جەھەتلەردە پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك بار. يەنى ھەممىسىدىلا كۆڭلىدىكى كىشىسىگە پاك ھېسسىيات بىلەن بەخت تىلىنىدۇ ھەمدە بەخت تىلىگۈچىمۇ بەخت يارىتىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ. ھەممىمىزلا مېھىر - مۇھەببەتلىك بولىدىغان بولساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.» (Lh!7g/0N  
تۇرمۇشتا سىز قانداق مېھىر - مۇھەببەتلەرنىڭ قۇدرىتىدىن تەسىرلەنگەن؟ كونكرېت مىساللارنى توپلاپ بېقىڭ ھەمدە رەتلەڭ. =2rdbq6R  
بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىقمېھىر - مۇھەببەتنىڭ قەلبى رەزىللىك بىلەن تولغان كىشىلەرنى قانداق قىلىپ رەھىمدىل، ياخشى ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ. doX`Nb A  
جەمئىيىتىمىزدە مېھىر - مۇھەببەت ھەققىدىكى يۈرىكىمىزنى لەرزىگە سېلىپ، ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىمىزنى ئاقتۇرىدىغان تەسىرلىك ئىشلارمۇ، شەپقەتسىزلىك بىلەن تولغان، قەلبىمىزنى مۇجۇپ، بىزنى غەزەپ - نەپرەتكە مۇپتىلا قىلىدىغان ئېچىنىشلىق ئىشلارمۇ دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. سىز مۇشۇنداق ئىشلارغا قارىتا قانداق ئويلاردا بولۇپ باققان؟
  vg X7B4  
*Ev8f11i&  
يېزىش ئۇسۇلىغا ئۆرنەك: gwB0/$!4"  
تۆۋەندە «مېھىر - مۇھەببەت» دېگەن تېمىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا مۇھاكىمىدىكى باياننىڭ ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئاۋۋال بېرىلگەن مىسالنى كۆرۈپ باقايلى: 2p 7;v7)y  
«نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئايال موناخ دېلاند ئۆلۈش ئالدىدا خانىش دېئاننا بىلەن ئۇچراشقانلىقى سەۋەبىدىن، بەزىلەر ئۇ ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويغان. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تىپ ئىدى. U_Mag(^-  
دېلاند ئۇنچىۋالا لاتاپەتلىك ئەمەس، ئورۇق ھەم ۋىجىك، چىرايىمۇ ئانچە ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ئاجايىپ گۈزەل ئىدى. دېئاننانىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى تولۇق دوختۇرخانىدا ئەيدز بىمارلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشكەنلىكى سۈرەتلەرگە تارتىلىپ، گېزىتلەرگە بېرىلگەن، بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭ بۇ خىل مېھىر - مۇھەببىتىگە مەدھىيىلەرنىمۇ ئوقۇغان. ئەمما، دېلاندنىڭ پاسكىنىچىلىق، كېسەللىك بىلەن تولغان كوچىلاردا تېرە كېسەللىكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى قانچەقېتىم قۇچاقلىغانلىقى، ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، دەپنە قىلغانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.  OQg}E@LZ  
نۇرغۇن كىشىلەر دېلاندنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسىلا، ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك شەخس، ئۇنىڭ ئالدىدا بىز ھېچنېمىگە ئەرزىمەيمىز، ئۇنىڭدەك بولالىشىمىز ھەم ئۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىدۇ. لېكىن، بىر كۈنى بىر يىغىلىشتا بىرەيلەن بىزنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ: <بىزنىڭ ھېچقايسىمىز بۈيۈك شەخسلەردىن ئەمەس، ئەمما بىز ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلارنىمۇ ئۇلۇغۋار مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئىشلىسەك بولىۋېرىدۇ> دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. بىز بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئويغا پاتتۇق. >8vq`,e  
دەرھەقىقەت، دېلاند ئېسادەك ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەن ياكى ئالەمنى مالەم قىلىدىغان ئىنقىلابلارنىمۇ قىلىپ باققان ئەمەس، ئالەمشۇمۇل بۈيۈك شەخسلەردىنمۇ ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قىلىپ كېتەلەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتقانلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويغان، ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن خورلۇققا ئۇچرىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىپ، غۇرۇرىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەن خالاس. q/@r#  
ئەمما، بۇنداق ئىشلارنى بىز قىلالمايمىز. بۇ قۇربىمىزنىڭ يەتمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قىلىشنى خالىمايمىز. شۇڭا، مەن روزۋېلت كوچىسىدىكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتكىنىمدە، ئۇ يەردە يېتىپ كەتكەن، بەدىنىنى يارا باسقان، نەچچە يىل يۇيۇلمىغاندەك پاسكىنا كۆرۈنىدىغان مەينەت كىيىملەرنى كىيىۋىلىشقان كىشىلەرگە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالىمەن. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئازابلانساممۇ، لېكىن ئۇلارغا بىرەر قېتىممۇ قولۇمنى سۇنۇپ باققان، ئۇلارغا گەپ قىلىپ باققان، ئۇلارنىڭمۇ مېھىر - مۇھەببەتكە تەشنا ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈپ باققان ئەمەسمەن.» Yyw3+3  
( لۇ جىنيەن: «ئايال موناخ دېلاند» دىن)
x @9rc,by  
RR/?"d?&  
يۇقىرىقى پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە بايانمۇ مەۋجۇت، لېكىن باياننىڭ رولىدا ئازراق ئوخشىماسلىق بار. 8r0;054  
«ئايال موناخ دېلاند» تا دېلاندنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ھەققىدىكى باياننىڭ ھەممىسى مۇھاكىمىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ كەلگەن.  Wn2J]BH  
«ئايال موناخ دېلاند» تا بايان قىلىنغان «مەن» نىڭ يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولدا كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى نۇقتىئىنەزەرنى دەلىللەش رولىنى ئوينىغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مىساللارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك بار. مۇھاكىمە ماقالىلىرىمۇ بايان قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بايان بايان ماقالىلىرىدىكىدىن پەرقلىنىدۇ.  
bi-z%!Z  
Kj4L PG  
يېزىقچىلىق مەشىقى: [ 8WG  
1. ھەربىر ئادەمنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. گەرچە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئۆز مېھىر - مۇھەببىتىنى  بېغىشلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەن تىلى، ئۇسۇلى ۋە ھېسسىياتى ئوخشىمايدۇ. تۆۋەندە تىلغا ئېلىنغان سالاھىيىتى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئورنىدا «مېھىر - مۇھەببەت دېگەن زادى نېمە» دېگەن مەسىلىنى شەرھلەپ بېقىڭ. 4a.8n!sys  
تەلەپ: بايان ئوچۇق، ئاددىي ھەم پىشقان بولۇش، تەسۋىرلەر ئوبرازلىق، جانلىق بولۇش، مۇھاكىمە چوڭقۇر، قايىل قىلارلىق بولۇش، لىرىكا ھېسسىياتلىق، مەنىلەرگە باي بولۇش كېرەك.  
دوستۇم دەيدۇكى: مېھىر - مۇھەببەت قىيىنچىلىق مەزگىلىدە بېرىلگەن ياردەم، ئازاب - ئوقۇبەتلىك چاغدىكى تەسەللى، تايانچسىز قالغان چاغدىكى قارانچۇق، ئۇتۇق قازانغان چاغدا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش. C,<FV+r=^  
ئاپام دەيدۇكى:
u+pZ 
ZNDjk  
..................................
g- INhzMu  
 6\QsK96_  
مۇئەللىمىم دەيدۇكى:
@.QuIm8,  
h{ EnS5~  
......................................
{]7lh#M  
 I$fm"N  
ساۋاقداشلىرىم دەيدۇكى:
a{kLAx[>  
d}^hZ8k|  
.............................................
Fe ZGPxc~  
<$ ` ^  
2. مەلۇم بىر شەھەردىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئاپتوبۇس ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلغان: ئاپتوبۇسنى يول بويىغا تارتىپ، ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئاپتوبۇسنى تورمۇزلىغان؛ يولۇچىلارنىڭ چۈشۈۋېلىشى ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن، ماتورنى ئۆچۈرگەن. مۇشۇ ئۈچ ئىشنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، رولنى قۇچاقلىغىنىچە جان ئۈزگەن. مۇنداق ئىشلارنى ئۇچرىتىش تەسرەك بولسىمۇ، لېكىن ئاددىيبولسىمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار بىزگە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. «كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مېھىر - مۇھەببەت» دېگەن تېمىدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ. مەزمۇنى ۋە ماۋزۇسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ.
i%r+/D)KvG  
W3B:)<f  
3. تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇپ، «قولنى قولغا تۇتۇشايلى» دېگەن تېمىدا بىرەر پارچە يېزىڭ. Y0o{@)Y:  
«بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، سىياتۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مېيىپلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسدە توققۇز نەپەر مېيىپ بالا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئەمدىلا يۈگۈرۈشكە باشلىغاندا، بىر بالا تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشكەن. ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇشىغا يەنە يىقىلىپ چۈشكەن... بۇ ھەرىكەتنى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىر ئەلەمگە چىدىماي يىغلىۋەتكەن. قالغان سەككىزەيلەن ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ دەرھال ئارقىسىغا يۈگۈرۈپ قايتىپ كەلگەن. ئاندىن ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، قول تۇتۇشقىنىچە پەللىگە تەڭ يۈگۈرۈپ بارغان.»     
IG8I<+<o  
=$< .:b  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب، 2012-4-1   )   x 4`RKv2m  
7hKfxw-X@  
  )!=X?fz,O  

tunyukuk 2012-04-01 22:59
قېنى : xbZR/!?  
مېھىر - مۇھەببەت توغرىسىدا يەنە كىملەر نېمىنى دەيدىكىن؟

ziba101 2012-04-05 11:21
بۇ مەزمۇن،ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتىكى ياخشى تېما بولالايدۇ!


查看完整版本: [-- مېھىر-مۇھەببەت.مۇھاكىمىدىكى باياننى ئۆگىن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled