查看完整版本: [-- ھاياتنى قەدىرلەش . دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ھاياتنى قەدىرلەش . دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-04-01 22:31

ھاياتنى قەدىرلەش . دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش

تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتابتىكى «ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» قىسمىدىكى مەزمۇن:  y?3u6q++  
  [I'q"yRu]i  
ھاياتنى قەدىرلەش . دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش -;HZ!Lf  
 M[R'   
تېما ھەققىدە مۇھاكىمە: A  j>  
سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ئوستروۋېسكىنىڭ «پولات قانداق تاۋلاندى» ناملىق رومانىدىكى باش قەھرىمان پاۋىلنىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىدا ئۆز سەپدىشىغا چوڭقۇر قايغۇرغان چاغدىكى مۇنۇ مونولوگىغا قاراپ باقايلى: X%B2xQM 5  
«ئىنسان ئۈچۈن ھايات ئەڭ قىممەتلىك. ئۇ، كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. كىشى ئۆز ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزۈشى كېرەككى، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، يىللار مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن، تۇرمۇشتا چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن دەپ خىجىل بولمايدىغان بولسۇن. ئۆلۈش ئالدىدا: <پۈتۈن ھاياتىمنى ۋە بارلىق زېھنىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار ئىشقا − ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى يولىدىكى كۈرەشكە بېغىشلىدىم> دېيەلىسۇن.» |qq29dS?  
روسسۇنىڭ «بىز نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟» دېگەن ئەسىرىدە ئۆز ھاياتى ھەققىدە مۇنداق يەكۈن چىقارغان: |X~vsM0  
«مۇھەببەتكە بولغان تەشنالىق، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە بولغان توسقۇنسىز ھېسداشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل پاك ھەم ھېسابسىز قايناق ھېسسىيات مېنىڭ ھاياتىمغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. بۇ ئۈچ خىل ھېسسىيات مېنى خۇددى غايەت كۈچلۈك قارا بوراندەك ئازاب دېڭىزىدا ھەريان ئۇچۇرۇپ، ئۈمىدسىزلىك قىرغىقىغا ئاپىرىپ قويدى.  v(jZ[{x@  
مۇھەببەتكە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتىلدىمكى، ئۇ ئالدى بىلەن ماڭا ئېيتقۇسىز خۇشاللىق بەخش ئەتتى، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن بىرنەچچە سائەتلىك لەززەت ئۈچۈن پۈتكۈل ھاياتىمنى ئاتىۋېتىشكىمۇ رازى بولدۇم. مۇھەببەتكە ئىنتىلىشىمدىكى ئىككىنچى سەۋەب، مۇھەببەت زېرىكىشنى تۈگىتىپ، مۇدھىش ئۆلۈم گىردابىدا خازاندەك تىترەپ تۇرغان خەستە كۆڭۈللەرگە ئاراملىق بېغىشلايدۇ. مۇھەببەتكە ئىنتىلىشىمدىكى ئاخىرقى سەۋەب شۇكى، مۇھەببەتلىك بىرىكىشتىن دانىشمەنلەر ۋە شائىرلار تەسەۋۋۇرىدىكى جەننەتنىڭ سىرلىق سايىسىنى كۆرۈپ يەتكەنمەن. مۇھەببەت ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن تولىمۇ گۈزەل. گەرچە مەن ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭغا ئېرىشكەن بولساممۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىشتىن توختاپ قالغىنىم يوق. _#o75*42tT  
مەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىشكىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىپ كەلگەنمەن. مەن يەنە يۇلتۇزلارنىڭ نېمىشقا چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشكە تەشنا بولغان، پىفاگورنىڭ ئىدىيىۋى قۇدرىتىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنغان. بۇ جەھەتتە بەزى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولساممۇ، بەك كۆپ دېگىلى بولمايدۇ. qNbgN{4  
مۇھەببەت ۋە بىلىم ئومۇمەن مېنى جەننەتكە باشلاپ ئەكىردى، ئەمما ھېسداشلىق دائىم مېنى بۇ دۇنياغا ئەكىلىپ قوياتتى. ئازابلىق چۇقانلار ھەرۋاقىت قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ تۇردى، چۈنكى، مېنىڭچە بولغاندا ئاچ - يالىڭاچ بالىلار، ئېزىلىش ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلار، بالىلىرى تەرىپىدىن يۈك دەپ قارىلىۋاتقان قارانچۇقسىز قېرىلار ھەمدە غېرىبلىق، نامراتلىق ۋە ئازاب بىلەن تولغان پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ھاياتىغا قىلىنغان چىدىغۇسىز مەسخىرە ئىدى. مەن بۇ خىل بەختسىزلىكنى ئازايتىشقا تەشنا بولساممۇ، لېكىن ئامالسىز ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە راسا ئۇچرىغانىدىم.  3 W?H^1t  
مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىم، مېنىڭچە، شۇلار ئۈچۈن ياشىسام ئەرزىيدۇ. ناۋادا پۇرسەت بولسا، يەنە بىر قېتىم ياشاپ باقسام دەيمەن.» ]-u>HO g\  
يۇقىرىدىكى ئەسەردە ھايات توغرۇلۇق قايسى نۇقتىئىنەزەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ سىز بۇنىڭغا قوشۇلامسىز - يوق؟ ناۋادا پۇرسەت يار بەرسە، ھايات ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە ھايات تېما قىلىنغان ھېكايىلەرنى توپلاپ، رەتلەپ، تەھلىل يۈرگۈزۈپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.  x[YW 3nF  
  p!cNn7{;  
aw'o=/a8  
يېزىش ئۇسۇلىغا ئۆرنەك: K;(t@GL ?  
تۆۋەندىكى پارچىلاردا «ھاياتقا ياخشى مۇئامىلە قىلىش» دېگەن بۇ تېما ھەققىدە قانداق دەلىللەش ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى: |K$EULzz  
«ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنلا ئۆلۈۋالىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما ھاياتنى قەدىرلىمەيدىغانلارنى كۈندە ئۇچرىتىپ تۇرۇش مۇمكىن. CZ/:(sOJ  
داڭلىق ئالىم فرانكلىن مۇنداق دېگەن: <سىز ھاياتنى قىزغىن سۆيەمسىز؟ قىزغىن سۆيسىڭىز ۋاقتىڭىزنى ھەرگىز بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ، چۈنكى ۋاقىت ھاياتنى تەشكىل قىلغۇچى ماتېرىيالدۇر.> بەزىلەر ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەيمەن دېسىمۇ، لېكىن ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ <ماتېرىيال>نى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر كۈنلىرىنى قۇرۇق پاراڭ بىلەن ئۆتكۈزسە، بەزىلەر شاھمات ئويناش، قارتا ئويناش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە بەزىلەر بىرەر مودا كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارمۇ بازار قاتراپ، نەچچە كۈننى زايە قىلىۋېتىدۇ. يەنە شۇنداق ياشلارمۇ باركى، ئۇلار ھاياتىدىكى ئەڭ ئېسىل چاغلىرىنى مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىدە مەست بولۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ... )u_[cEJHO  
دەرۋەقە، پاراڭلىشىش، ئويۇن - تاماشا، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش، مۇھەببەتلىشىش دېگەنلەر تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان لەززەتلىك ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك بولغان ئېسىل چاغلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىلا شۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتسەك، ھامان بىر كۈنى ئۆكۈنمەي قالمايمىز. كۈچ - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۆمرىنى زېرىكىش ئىچىدە بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، ھامان خەلقى ئۈچۈن ئاز - تولا پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرىشنى، بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇشنى ئويلىماي قالمايدۇ. بۇ بىر گۈزەل ئارزۇ، شۇنداقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئارزۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا ۋاقىتنى قەدىرلەپ، داۋاملىق تىرىشىشتا.»  WEB enGQ  
(گەنرۇ: «ھاياتنى قەدىرلەيلى»دىن) 3!KEk?I]  
5_Opx=  
«ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ھاياتنى مۇنداق دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە ئۇ ھېكمەتلەرگە تولغان، مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك. تاكى سەكراتقا چۈشكەن چاغلىرىمدىمۇ بۇ ئېتىقادىمدىن يانمايمەن. بىزنىڭ ھاياتىمىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىلدۇر. ئۇ شۇ قەدەر ئەۋزەللىككە ئىگىكى، ناۋادا ئۇنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتسەك، بۇنى پەقەت ئۆزىمىزدىن كۆرمەي ئامالىمىز يوق.» fIg~[VN"  
(مونتاگنې: «ھاياتنى قىزغىن سۆيەيلى»دىن) a$P$Ngi?S  
cvl1 X"  
«ھاياتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا ئاجىزمەن، مەن پەقەت ھاياتنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنىلا ئېيتىپ بېرەلەيمەن. ھايات بەئەينى شەرققە قاراپ ئېقىۋاتقان باھار تاشقىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ نۇرغۇن تاراملارنىڭ قوشۇلۇشىدىن زور ئېقىنغا ئايلانغان، يەنە تالاي - تالاي توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ تېخى. تىك قىيالارنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغاندا غەزەپ بىلەن كۆۋرەپ، بۆسۈپ ئۆتمىگىچە ئارام تاپمايدۇ؛ تەكشى قىنلارغا كەلگەندە قىرغاقلاردىكى گۈل - چېچەكلەرگە باققىنىچە خۇشاللىق ھەم مۇلايىملىق ئىچىدە رومانتىك كۈي كۈيلەيدۇ؛ بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئارام ئېلىۋالغۇسى، بىردەم ئۇخلىۋالغۇسى كەلسىمۇ، ئەمما كەينىدىكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ... ھامان بىر كۈنى ئۇ پايانسىز دېڭىزغا يېتىپ بارماي قالمايدۇ! مانا ئاخىر ئۇنىڭ سەپىرىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ھەيۋەتلىك دېڭىز ئۇنىڭغا قۇچىقىنى كەڭ ئاچتى. ئۇ دېڭىز قوينىغا سىڭىشىپ ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا تولدى، ئازابلىنىش دېگەنلەرنى ئەسلا ئويلاپ قويمىدى! بەلكىم ھامان بىر كۈنى ئۇ دېڭىزدىن يەنە ئۇچۇپ چىقىپ غەربكە قايتىشى، يامغۇر بولۇپ يېغىپ يەنە شىددەتلىك ئېقىنغا ئايلىنىپ، ئاشۇ تىك قىيالارغا ئۇرۇلۇشى، گۈل - چېچەكلەرگە تولغان قىرغاقلارغا كۈلۈپ بېقىشى مۇمكىن.» qz/d6-0"  
(بىڭشىن: «ھايات ھەققىدە»دىن) piKR*|F  
YJ$ewK4E#.  
«ھاياتنى قەدىرلەيلى»دە تىپىك ئىشلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دەلىللەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. دەلىللەشتە ئىشقا قاراپ قائىدە سۆزلەشكە دىققەت قىلىپ، كەلتۈرۈلگەن مىسال ئۆز ئىچىگە ئالغان قائىدىنى، دەلىل بىلەن نۇقتىئىنەزەرنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى شەرھلەش كېرەك. مىسالغا نۇقتىئىنەزەرنى قوشۇۋېلىشقا، كونكرېت تەھلىل ئېلىپ بارماسلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. مۇشۇ پارچە ھەققىدە ئازراق تەھلىل يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. >Mw &Tw}o  
«ھاياتنى قىزغىن سۆيەيلى» دە ھېكمەتلىك سۆزلەردىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۆزقاراش چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا نەقىل كەلتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. نەقىل كەلتۈرگەندە نەقىل كەلتۈرۈلگەن قائىدە بىلەن نۇقتىئىنەزەرنىڭ بىر - بىرىگە ماس كېلىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. سىز بۇ خىل نەقىل كەلتۈرۈش ئۇسۇلىغا باشقا مىساللارنى كەلتۈرەلەمسىز؟ vC:b?0s#(  
«ھايات ھەققىدە» دە ئوخشىتىپ دەلىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆزقاراش دەلىللەنگەن. ئوخشىتىپ دەلىلەشتە ئوخشىتىشنىڭ توغرا، دەل، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ پارچە مۇشۇ تەلەپكە يېتەلىگەنمۇ؟ سىزمۇ مۇشۇنداق بىرەر ئوخشىتىش ئارقىلىق ھايات ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىڭىزنى دەلىللىيەلەمسىز؟   5vf t}f  
" 
يېزىقچىلىق مەشىقى: 1l/AKI(!  
1. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ بېقىڭ، سىزگە قانداق تەسىرات بېرىدىكىن؟ ئاندىن «ھايات مايىكى» دېگەن سۆزنى تېما قىلىپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ. ماۋزۇسىنى ئۆزىڭىز قويۇڭ. qDnCn H  
«قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە تولىمۇ تەسىرلىك بىر ھېكايە بار. ساھىبجامال قىز ھىرونى قارشى قىرغاقتىكى ئابىدوس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق لېئاندېرئىسىملىك بىريىگىت ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ھىرو ھەر ئاخشىمى لېئاندېرنىڭ خرسېي بوغۇزىدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئۈستىگە چىراغ يېقىپ قويىدۇ. بىراق، بەختكە يارىشا بورانلىق بىر ئاخشىمى ھىرو ياققان چىراغ ئۆچۈپ قېلىپ، لېئاندېر يولدىن ئېزىپ دېڭىزغا مەڭگۈلۈك غەرق بولۇپ كېتىدۇ.» {y,nFxLq  
2. خېلىن كېللېر ئەما ھەم گاس ئايال يازغۇچى، پېداگوك. ئۇ «ئەگەر ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بېرىلسە» دېگەن ئەسىرىدە كۆرەلەيدىغان كۆزلىرى تۇرۇقلۇقمۇ ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلمىگەنلەرگە چوڭقۇر ئېچىنغان. ئۆزىدىكى ئىمكانىيەتلەرنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىققا باغلىق. مۇشۇ تېمىنى چۆرىدەپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ. =X%!YZk p  
3. كىمنىڭ ھاياتى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن؟ بەزىلەر ئىنقىلاب مەزگىللىرىدە پاۋىل كورچاگىننىڭ ھاياتى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن دېسە، بەزىلەر بۈگۈنكى كۈندە بىل گايتىسنىڭ ھاياتى ئەڭ مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. سىزچىچۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ.  9wL!D3e {Q  
!|:RcH[  
( مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب، 2012-4-1   )    N 0+hej z  
N83!C=X'  
?RHn @$g8M  

tunyukuk 2012-04-01 23:04
سىز ھاياتنى سۆيەمسىز؟ ئۇنداق بولسا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزگە كۆيۈنۈڭ. ئەلۋەتتە بۇ يەنە ئۆزلۈكتىكى ئۆزىڭىزدۇر.

koksangun 2012-04-02 16:37
بەك ياخشى ماتېرىياللارنى يوللاۋاتىسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...

تىلسىن 2013-09-15 04:44
مەن سىزنى قوللايمەن

مىرىبان 2014-04-04 10:53
              


查看完整版本: [-- ھاياتنى قەدىرلەش . دەلىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled