查看完整版本: [-- تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا-ئۇيغۇر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا-ئۇيغۇر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-04-01 16:58

تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا-ئۇيغۇر

تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر d(g^M1 m  
DI!V^M[~u  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى، ئاتاقلىق ژورنالىست ۋە كوزگە كورۇنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن 1938-يىلى 5-ئايدا سۇيدۇڭ ناھىيەسىدە زىيالىي،شائىر ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن... 1953-يىلى8-ئايدا سابىق شىنجاڭ  ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ،1956-يىلى 7-ئايدا ئەلا دەرىجىدە ئوقۇش پۇتتۇرگەن. 1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە تاشكەنتتىكى "ئوتتۇرا ئاسىيا دولەت ئۇنۋىرىستىتى" تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ ژورنالىستلىق كەسپىدە ئوقۇپ،قىزىل دىپلوم بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرگەن...1963-يىلىغىچە "تارىم "ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.1968-يىلى 10-ئايدا تاشكەنتكە كوچۇپ چىقىپ كەتكەن.1969-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئالمۇتادىكى "يىڭى ھايات"ۋە "ئۇيغۇر ئاۋازى" گىزىتى رىداكسىيەلىرىدە ئىشلىگەن.ئۇ 1999-2000-يىللىرى ئوزى باش بولۇپ ،مۇستەقىل ھالدا "يىڭى زامان"گىزىتىنى نەشىر قىلغان. &/Ro lIHF  
شائىرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1954-يىلىباشلانغان بولۇپ ،ھازىرغا قەدەر "تاش ئاستىدىكى گۇل"،"چىغىر يوللار"،"ھايات قوڭغۇرىقى"،"يەر ئاۋازى"،ئۇپۇقلار"،"ئانا يەر مىھرى"،"گۇلنارەنىڭ دوستلىرى"،"تەشنالىق"،"يەر ئوغلىمەن"قاتارلىق كىتاپلىرى SQeRSz8bK4  
نەشىر قىلىنغان. ئۇ ئەجرىگە مۇناسىپ ھالدا 2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فۇندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100نەپەر ئىختىساسلىق توھپىكارغا ئالتۇن مىدال بىرىش خىزمىتىدە 100كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ،2003-يىلى11-ئوكتەبىر كۇنى نوبىل مۇكاپاتى فۇندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان..بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ،قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى "ئىلياس جانسۇ گوروۋ"نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ۋە بىرىنجى دەرىجىلىك "ئىلھام"مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى،ئامىرىكىدىكى "پەن،مائارىپ،سەنئەت،سانائەت ئاكادىمىيەسى"نىڭ ئاكادىمىكى بولغان ، پەخىرلىك ئۇستازىمىز دولقۇن ھاجى ياسىن ئوغلى ئۇچ ئوغۇل ۋە بىر قىزنىڭ ئاتىسى ئىدى...ئەپسۇس،شائىر 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۇنى ئالمۇتادىكى ئوز ئويىدە كىسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى،مەرھۇمنىڭ جەسىتى-ئالمۇتا "دۇرۇجبا" ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەبنە قىلىندى .......مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن........! 

gulhan 2012-04-01 20:54
تۇرسۇن مۇئەللىم : بۇ ئۇلانمىڭىزغا رەخمەت، ئەجرىڭىزگە لايىق ھۇسول ئاتا قىلىشى ئۈچۈن ئاللادىن تىلەيمەن. ]7;\E\o  
  مەن بۇ ئۇلانمىنى زور قىزىقىش، ئىپتىخارلىق ئىلىكىدىكى ھاياجان بىلەن قايتا -قايتا ئوقۇدۇم. ھەمدە تورداشلىرىمغا يوللىدىم.« قويىنى قاسساپ سۇيسۇن »دىگەندەك "5eNLqt^q  
مەنمۇ ئادەتلەنگەن يۇلۇمدا ئۆز ھاياجىنىمنى تەۋپىقداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. -hkQ2[Ew#  
  ھاياجاندىن ئۆز قەپىزىگە پاتماي قالغان يۈرىكىم ،يۇمۇلماي كۈلۋاتقان لەۋلىرىم ،ئىپتىخارلىقتىن تېرىسىگە سىغماي قالغان ۋۇجودۇم بۇ خوش خەۋەردىن كىچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىدىن رەنجىشىپ كۆزۈم بىلەن قۇلىقىمنى ئەيىپلشكە باشلىدى. 7\ nf:.  
_ بارچە گۈزەللىكلەرنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈپ بىزگە ھۇزور بېرىدىغان رولۇڭ نەگە كەتتى؟ ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ دۇنيا ئىتراپ قىلىدىغان مۇكاپات ساھىبى بولغىنىدىن ئارتۇق گۈزەللىك يوق ئىدىغۇ ؟ئۇنۇڭدىن ئارتۇق ھاياجانلاندۇرىدىغان « سەنئەت» نى سەن نەدە كۆرگەن؟!!بىز بۇ گۈزەللىكتىن ئىشەنچ، ئىپتىخارغا تۇلاتتۇق، ھاياتىي كۈچىمىز تىخىمۇ ئاشاتتى. ئەللەر ئالدىدا بىشىمىزنى دەل ۋاقتىدا تىخىمۇ تىك تۇتالايتتۇق ئەمەسمۇ؟! e^ lWR]v  
_  ئەي ھۇشيار قۇلاق، سىنىڭ ئىنكاسىڭ بەكمۇ تىز ئىدى. ھەر بىر ئاڭلىغان يىڭى ئۇچۇرلىرىلىڭدىن، قەۋىم-قېرىنداشلىرىم ھەققىدىكى خوش -خەۋەرلىرىڭدىن بىزنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغاچقا بىز ئىبرەتتىن يول تىپىپ ، ئۈلگىدىن ئۆرنەك ئىلىپ ئۆزلىكىمىزنى ياراتقان، مىللەتكە خاس غۇرۇرىمىزنى تىكلىگەن، مىللەتكە خاس مەدىنيەتنى ئۆزىمىزدە ھازىرلىغان ئەمەسمىدۇق. ئەجىبا    تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىمىزدىكى مەشھۇر شائىرى،ئاتاقلىق ژورنالىست ۋە كوزگە كورۇنگەن سىياسىئون دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن ئاكىمىز2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فۇندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100نەپەر ئىختىساسلىق توھپىكارغا ئالتۇن مىدال بىرىش خىزمىتىدە 100كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ،2003-يىلى11-ئوكتەبىر كۇنى نوبىل مۇكاپاتى فۇندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق بۇ خەۋىرىنى نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە ئاڭلىمىدىڭ؟!! ئەڭ غەزىپىمىز كەلگىنى شۇكى بۇ مۆھتىرەم ئاكىمىزنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى بىز تىخى بىلىپ بولماي تۇرۇپلا ، ئۇنىڭغا بىر ئېغىز مەدىھە سۆزلىرىنى دىيەلمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قاپتىمىز.بۇ خەۋەرنىمۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا ئاڭلىتالمىدىڭ!!!2005-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ بىزنىڭ ماتەمدە تۇرىدىغان كۈنىمىز ئىدى. بىز بەلكىم بۇ كۈنلەردە كۈلۈپ سالغاندىمىز. بۇنىڭ  باش گۇناھكارى سەن؟!! سەن ئۆز رولىڭنى ۋاتىدا جارى قىلدۇرمىدىڭ! تەڭرى سىنى، كۆزنى نىمىگە ياراتقان؟!  ئۆز ۋەزىپەڭلەرنى ئنۇتتۇڭلارمۇ؟!! V/LQ 
_ مەندە گۇناھ يوق، ھەمرالىرىم. مەنمۇ بۇ گۈزەللىكنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئىنتىزار ئىدىم، تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن ئىدىم. بىراق بۇ گۈزەللىك تەۋەللۇت بولغان تۇرۇقلۇق ۋاقتىدا كۆرەلمەپتىمەن... u*qV[y5Bl  
_  مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلايمەن . مەن ئىلىمسىز مۇھىتتا تۇرسام باشقىلار پۇل، ھۇقۇق <cA/<3k)  
ساھىپجامالنىڭلا گىپىنى كۆپ دەيدىكەن ئەمەسمۇ. مەندىمۇ گۇناھ يوق... ;/j= Ny{9  
_ سەنلەر باھانا، سەۋەپ ئىزدەشمە!!! سىلەرنىڭ ئىزدەپ تۇرۇپ كۆرىدىغان، تاللاپ تۇرۇپ،ئىزدىنىشلىك ئاڭلايدىغان رولىڭلارنى بەرگەنغۇ ياراتقۇچى؟!!!   _gD pKEaY  
_  ھەي سىلەرمۇ بىلىسىلەر، كۆزلەرگە كۆز بۇلالايدىغان ، قۇلاققا قۇلاق بۇلالايدىغان 1 xv8gC:6  
مىدىيالار، تەشۋىقاتلار  بار ئەمەسمۇ؟!! &i!vd/*WlD  
_  بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆز ،قۇلاقلىرى سىلەردەك رولىنى يۇقاتقاندۇ. nYbhy} y  
_ بولدى ، بۈگۈنكى ھەقىقى خوشلۇقنى ،كۆز ،سەن بىزگە كىچىكىپ بولسىمۇ بەرگەن. ئۈتكەن ئىشقا سالۋات. ئەمدىكى ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى. بىز ھازىردىن باشلاپ ئالدى بىلەن قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ دۇلقۇن ياسىن ئۇچقۇن ئاكىمىز قايتا تىكلەپ بەرگەن قەددىمىز بىلەن بىلىم ئىگىلىكىدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆزلىكىنى يارىتىش، ئەللەر نەزىرىدە ھۈرمەتلىك ئوبرازىمىزنى يورىتىش ئۈچۈن ئاتلىنايلى.

yawagul 2012-04-04 20:34
j_?cpm{~ml  
xFp<7p L  
توۋا ، ئەجەپ بىلمەي قاپتۇق !

ziba101 2012-04-05 09:53
بەك ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدىڭىز،رەھمەت!

tursun 2012-04-05 10:26
66-ۋە 67-يىللىرى سۇرگۇن قىلىنىپ،ئاخىرى قازاق ئاغىنىسى ئەركىن بىلەن ||TtNH  
چىگرا ئاتلاپ قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا،بەزى ئۇچۇرلاردىن   GCE! $W  
ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمىغانلىقمىزدىن مەنمۇ ئەپسۇسلىنىمەن! ئۇ كەتتى،بىراق {K aN,td9  
ئوچمەس توھپىسى بىلەن بىزگە بۇيۇك ئابىدە تىكلەپ قويۇپ ،خاتىرجەم }(i(Ar-  
كەتتى. بۇ ئۇستازىمىزغا ئالىي تىلەكلىرىمىز يار بولسۇن! گۇلخانغا يەنە بىر قىتىم F%6*Df;cSe  
رەھمەت،رەھمەت!!!

tawpek 2012-04-05 10:34
راسمىدۇ؟ EnscDtf(  
NM L|"R;  
بۇ ئۇچۇرنى نەدىن تاپتىڭىز؟شۇنداق ئىشەنگۈم بار، شۇنداق ھاياجاندىمەن. A o3HX  
jK t-~:  
لىكىن نەدىن كۆرگەن ، نەدىن ئاڭلىغىنىڭىزنى دىمەپتىكەنسىز.................. O_CT+Ou  
_'c+fG \  
بۇ ئۇچۇرنى تىخىمۇ ئىشەنچىلىك قىلىۋىتىڭە مۇمكىن بولسا.

danix 2012-04-05 12:44
         مىللىتىمىزدىن نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى چىققانلىقى توغرىسىدىكى بۇ              ئۇچۇر       مىللىتىمىز ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . بولۇپمۇ مەن بۇ ئۇچۇرنى         كۆرۈپ بەك   ھاياجانلاندىم . ھەتتا ئاللادىن مۈمكىن بولسا مەندەك بىر               يارىماسنىڭ ھاياتىنى     پەخىرلىق ئوغلانىمىز دۇلقۇن ياسىن ئۇچقۇندەك ئىلىم         ئەھلىلىرى ، مىللىتىمىزنى  دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تېنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان        تۆھپىكارلارنىڭ ھاياتىغا   ئۇلاپ بېرىشنى تىلەپ كەتتىم ! بەزىلەرنىڭ ئۆمرى         ھاڭگىرت   پېيىدىنمۇ قەدىرسىز     بولىدۇ ، بەزىلەرنىڭ ئۆمرى تەڭرى تېغىدىنمۇ       قەدىرلىك  بولىدۇ . ئۆمرى ئىلىم  ساھەسىدە ، نامى بارغانچە سۇزلىشىۋاتقان           مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش   تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆتۈپ ، مىللىتىمىزنىڭ نامىنى  چولپاندەك چاقناتقان   دۇلقۇن         ياسىىن ئۇچقۇندەك مىللەت ئوغلانلىرىنىڭ       ياتقان جايى جەننەت  بولسۇن !  مۇشۇنداق مىڭلارچە  قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى تۆھپىكار ئوغۇل - قىزلىرىمىز توغرىسىدىكى          ئۇچۇرلار بىلەن      تەمىنلەۋاتقان تۇرسۇن ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت !

tawpek 2012-04-05 14:47
ياخشىغا كۈن يوق يامانغا ئۆلۆم دىگەندەك، بىز پەخىرلىنىدىغانلارنىڭ ئۆمرى دائىم مۇشۇنداق قىسقا بوپ قالىدىكەن. WY.5K =}  
_FFv#R*4  
بالدۇر پىشقان مىۋە بالدۇر تۆكىلىدىغان ئوخشايدۇ

qalikux 2012-04-05 16:30
تۇرسۇن ئەپەندىم ھارمىغايسىز. سىزگە كۆپ رەخمەت

koksangun 2012-04-05 18:25
بۇ يازمىدىكى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئەمەس ، تۆھپىكار مۇكاپاتى ئىكەن :  r{; VTQ  
ئۇ ئەجرىگە مۇناسىپ ھالدا 2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فۇندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100نەپەر ئىختىساسلىق توھپىكارغا ئالتۇن مىدال بىرىش خىزمىتىدە 100كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ،2003-يىلى11-ئوكتەبىر كۇنى  نوبىل مۇكاپاتى فۇندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان..

tawpek 2012-04-05 20:21
كۆسانغۇننىڭ ئىيىتقانلىرى بەرھەق، ھەممە يىرى چۈشسىمۇ ئۇنىڭ مىللىتى، دىنى تاقىشىپ قىلىشى مۇمكىن. KNO*)\   
PU]7c2.y  
مۇنبىرىمىزدە نوبىل مۇكاپاتى ھەققىدە شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىدىن بىرسىنىڭ يازغان تەپسىلى ماتىرىيالى بار، S20 nk.x  
!.tL"U~4  
ئاشۇ قازاقىستاندىمۇ نەچچىسى بار كەن بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان . 82^ z -t{  
O|^6UH  
nkr,  
ياخشىسى ئۇچۇر مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.  بۇ مۇكاپاتنى تەۋپىق تورى تارقاتقان بولوپ قالمايلى يەنە.

maaripqi 2012-04-06 20:53
2001-يىلى خەلقئارا نوبىل مۇكاپاتى فۇندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقىتىلغان  خاتىرە مۇكاپات.نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۆزى ئەمەس. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇمۇ كىچىك ئىش ئەمەس.

sumrug 2012-04-07 00:27
ئەجرىڭىزگەرەھمەت!

tawpek 2012-04-07 13:13
مائارىپچىنىڭ بۇ ئۇچۇرنى جەزىملەشتۈرگىنىگە ھەم توغورلاپ قويغىنىغا تەشەككۇر.

gulhayat 2012-04-07 16:32
لىكىن نىمىشقا بىز شۇنچە كىچىكىپ خەۋەر تاپتۇق؟

tawpek 2012-04-07 16:53
مىنىڭمۇ مۇشۇ تېما ئارقىلىق خەۋەر تىپىشىم، yrK-- C8  
[y&h_w.  
بىرسىنىڭ موزىيى 4 نى تۇققان بولسا بۇرۇنلا ئاڭلاپ بولار ئىدۇق.

gulhan 2012-04-08 00:12
«تۆھپىكار مۇكاپاتى » ئۇنىڭ  تۆھپە قۇشقىنى قايسى ساھە؟ بۇ ماتىريالدا ئايان. nF!_q;+Vp  
   دۇنيا ئىتراپ قىلىدىغان مۇكاپات تۈرىدە 100نىڭ ئىچىدە چاقناپتۇ ئۇيغۇرۇم...  "ppb%=  
ئۈمۈت تەۋەللۇت بولغان دۇلقۇن ياسىن ئاكىمىزنىڭ ئىزلىرىدىن ... بۇ  ئۈمۈت چاقنىماقتا ئىلىم سۈيەر ياش بۇغۇنلاردىن...

tursun 2012-04-09 16:02
كونىلاردا: پىشقان قوغۇننى يە،ساپىقىنى سورىما-دەيدىغان بىر تەمسىل بار ، Olh-(u:9+O  
بىشارەتتىن  خەۋەردار بولساق بولايلىكى، بەزى تۇگۇنلەرنى يىشىشكە ئالدىراپ Gl:T  
كەتمەيلى ، تورداشلىرىمغا رەھمەت!!!   

natiwan 2012-04-10 10:35
توۋا ، ئەجەپ بىلمەي قاپتۇق !

abdurahman 2012-04-13 21:59
ياشنا ئۇيغۇر،  

كەۋسەر 2012-04-15 14:54
ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ نۇبىل مۇكاپاتى ئالغانلار بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ،راسىتىنلا خوش خەۋەركەن!!!

akbarmuallim 2012-04-27 00:38
بۇنداق ئىشلارنىڭ بالىقنى سىزدىمىسىڭىز مەن ھازىرغىچە بىلمەيدىكەنمەن سىزگە كۆپ رەھمەت .

halibote 2012-05-02 12:20
بەك ياخشى ماتىريال يوللاپسىز.

kamalat 2012-05-02 14:01
          تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا. بىر يېڭى بىلىمگە ئىگە بولغىنىدىن خۇرسەنمەن.

gulroh 2012-05-08 17:04
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىز ئۈچۈن رەخمەت .بەكلا خوش بولدۇم .

gulyar 2012-05-12 19:41
ئارمىزدىن مۇشۇنداق كىشلەرنىڭ كۆپلەپچىقىشنى ئۈمۈت قىلمەن     V/`vX;%  
Fs"i fn0  
_A zI\8m  
zzK<>@c  
مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرنى يەتكۈزگىنڭىزگە رەخمەت. bmu]zJ  
  

latapatlik 2012-05-12 21:44
تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

tawpek 2012-05-13 00:30
ھايات تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ بىرىپ تۇرغايسىز.

murasileli 2012-05-13 01:23
بەك ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدىڭىز

murasileli 2012-05-13 01:23
بۇ ئۇچۇرنى نەدىن تاپتىڭىز؟شۇنداق

tughluk414 2012-05-18 11:18
كېچىكىپ بولسىمۇ خەۋەر تاپقان بۇ خەۋەردىن يۈرىكىم سۆيۈندى، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قايتىلاپ كۆردۈم. بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. 7mq&]4-G  
گەرچە دولقۇن ياسىن ئاكىنىڭ ئۆمىرى چولتا بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەجىر -تۆھپىسى زاماندىن زامانغا ياشىغاي!

malikam 2012-05-18 19:42
بۇ تىما مىنى تولىمۇ خۇشال قىلدى، بىراق تازا ىشنەلمەيۋاتىمەن!          !        !

yawaattirgul 2012-05-28 11:14
شذنى دەيمەن ، ئەمىليەتتە بۇ خەۋەرنىڭ مۇنچىلىك كېچىكىپ بىزگە يېتىپ كېلىشىدە مۇشۇ يۇقىرىدىكى سەركەردە ئاتامانلىرىمىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار .2003 يىلدىن ھازىرغا قەدەر خېلى ۋاقىت ئۈتۈپتۇ ، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ خۇشاللىقىنى بىزگە ئارتۇق كۆرگەن بولسا كېرەك بۇ پەلەك ...

ataxkiz 2012-07-09 02:37
بۇلارنى كۆرۈپ بىقىڭلار ، << تۆھپىكارلار قاتارىدا << خەلقئارالىق نوبېل موكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇز مېدالى>>غا  ئېرىشتى ، << نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى >> ئەمەس . |b\a)1Po:  
6Ntئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى Uh.swBC n  
2003-يىلى 10- ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدوللا ئەخمەت ئوغلى نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى پېشقەدەم ژورنالستى دولقۇن ياسىننىڭ 65 يىللىق تەۋەللۇتى ھەم ئىجادىيىتىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەنجۈمەن بولۇپ ئۆتتى . 6Ntئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى N^QxqQ~  
دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن ) غا خەلقئارادىكى ئەڭ ئىمتىيازلىق ھەم چوڭ مۇكاپات نوبېل موكاپاتىنىڭ ئالتۇن مېدالى بېرىلدى . نوبېل موكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 100 يىل بولىشى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان بۇ ئالتۇن مېدال ، دۇنيادىكى ئەڭ تالانتلىق ئىجاتكارلارغا ، ئالىملارغا ، دۆلەت ئەربابلىرىغا ، ئاتاقلىق شائىرلارغا بېرىلىدۇ .6Ntئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى &<><4MQ  
بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى ، دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلقىمىز ھەم كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا ئاكادىمىيىنىڭ ئاكادىمىكلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى .6Ntئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى =Htt'""DN  
بۈگۈن ئاكادېمىك شائىرىمىزنىڭ يەنىمۇ بىر پەللە ئۆرلەپ ، خەلقئارالىق نوبېل موكاپاتىنىڭ ئالتۇن يۇلتۇز مېدالىغا ئېرىشكەنلىكى، يالغۇز ئۇنىڭلا شەرىپى بولۇپ قالماستىن ، ئۇنى تەربىيىلەپ ۋايىغا يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنىڭ شان شەرىپىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىدىكى ئىنتايىن چوڭ تارىخىي ۋەقە ھىساپلىندۇ . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن ئون ئونلاپ داستانلار ، مىڭلاپ ھەر خىل ھەجىمدىكى ماقالە ئەسەرلەر يازغان يېتۈك ئاتاقلىق لىرىك شائىر ھەم پېشقەدەم ئەدىپتور . ئاكادېمىك شائىرىمىز دولقۇن ياسىن ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئىجادىيىتىدە جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپالىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى . ئەسەرلەر مەزمونىنىڭ بايلىقى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىق، رەڭدارلىقى ، ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىلگەن پەلسەپىۋى پىكىر ۋە ئىخچام مەزمۇنلىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ، تىلىنىڭ ئويناق جەزبدارلىق، ئۇنىڭدا ياڭرىغان قايغۇ مۇڭ زار، قايناق ھىسىياتلار ھەم خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قويۇق پۇراقلىرى ئوقۇرمەننى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ . قىسقىسى دولقۇن ياسىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىېريىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ ، داڭ چىقارغان ئەدەبىياتىمىزدا ئالاھىدە ئورنى بار داڭلىق شائىرىمىزدۇر .6Ntئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى mX>N1zAz  
نوبېل ئالتۇن مېدالىنى تاپشۇرۋىلىش يىغىنىغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ، فراپىسسۇر روسلان راخمان ئەلىيىۋ ۋە بۇ ئاكادىمىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، فراپىسسۇر پىكىتشون قاتارلىقلار بار . ئەنجۈمەنگە سۆز چىققانلار ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار،يازغۇچى شائىرلار ،جامائەت ۋەكىللىرى بار ئاكادېمىك شائىرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە باھالاپ ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجەدىيەتلىرىگە زور موۋاپىقىيەتلەر تىلىدى . ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان ئەنجۈمەنگە ،شائىرنىڭ شئىرلىرى ، مەكتەپ سەنئەت كورژىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا يىغىن ئەھلىگە ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلدى . شائىر دولقۇن ياسىن بىلەن 50 يىلدىن بويان يېقىن دوست بولۇپ ، ھەر خىل سەرگۈرەشتلەردە بىرگە بولغان مۇشۇ سەتىرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئەھمەد ئىگەمبەردى . 9 m8KDB[N  
<< ئىزلار تور >> بىتىدىن ئېلىندى !n;3jAl&$  
ۋەقە 6. دولقۇن ياسىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. b"\lF1Nf&o  
بۇ ئىش تېخى ئۈتكەن يىلى يۈز بەردى. تۇيۇقسىزلا ئالدى بىلەن ۋەتەن سىرتىدا ، ئۇندىن كىيىن ۋەتەن ئىچىدە ”“قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى دولقۇن ياسىن نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى نوبىل تۇغۇلغانلىغىنىڭ 100 يىللىغىنى خاتىرلەش يۈزىسدىن تەسىس قىلغان نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى ‘ كومىتىتتىكىلەر قازاقىستانغا كىلىپ شائىرغا بۇ مىدالنى تەقدىم قىلدى، تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈتكۈزۇلگەن مۇراسىمدا ئۇنىڭغا بىرىلدى““ دىگەندەك خەۋەرلەر بىردەمدە پۇر كەتتى. نوبىل مۇكاپاتىنى تېخى يىقىندا تارقىتىپ بۇلغان تۇرسا نىمىش بۇلغاندا دەپ قاراپ قالدىم. شۇنداقلا بۇ قېتىم بۇ خەۋەرنى بىر ئوقۇپلا بۇنىڭ ئەپقاچتى خەۋەر ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلدىم. ۋە توردىن، باشقا يەرلەردىن خېلى ئىزدەپ باقتىم. بۇ خەۋەردە دىيىلگەن گەپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاساسى يوق. نوبىل مۇكاپاتى ئورگان تور بېتىگە كىرسىڭىز نوبىلنىڭ 100 يىللىقى بىلەن نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتى تەسىسى قىلىندى ماۋۇ ماۋۇ ئادەملەرگە بىرىلدى دەپ ھىچقانداق يىرىدە يوق. خۇددى بۇ مۇكاپات يالغۇز بىر ئادەم ئۈچۈن قۇرۇلغاندەكلا. توردىن بۇ مۇكاپاتنى بۇ ئادەمدىن باشقا يەنە كىم ئالغاندۇ دەپ ئىزدەپ باقسىڭىز يەنە تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر ئۇچۇر يوق. ئانچە مۇنچە قازاق قىرغىزنىڭ بېتىدە بەزى خەۋەرلەر چىقىپ قالىدۇ. خۇددى بۇ مۇكاپات قازاق، قىرغىزلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغاندەك. يەنە سۈزلەپ كەلسەك نوبىل كومىتىت ئەزەلدىن بىرسىگە مۇكاپات بەرسە ئۇ مۇكاپاتنى چوڭ سورۇن تۈزەپ، مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۈزىنىڭ سارىيىدا بىرىدۇ، مۇكاپات ئالىدىغان يەرگە ئاپىرىپ بەرمەيدۇ. RR=WD-l  
Jeck تەھلىلى:دولقۇن ياسىننىڭ شۇنداق ئاتىلىدىغان بىر مىدالنى ئالغىنى راس. لېكىن بۇ مۇكاپاتنى نوبىل مۇكاپاتى كومىتىتى تارقاتمىغان. نوبىل ئالتۇن مىدالى دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ نوبىل مۇكاپاتى دىگەن ئەمەس، ئىككىسى پۈتۈنلەي ئىككى نەرسە. دولقۇن ياسىن ئالغان مىدال ھەرگىزمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا تەڭداش بۇلالمايدۇ، يېرىمىغىمۇ تەڭداش بۇلالمايدۇ. يىقىندا بۇ ئىشلارنىڭ ئارقا كۈرنۇشىنى بىلىدىغان بىر يىقىنىم بۇ قارىشىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. XZN@hXc9:v  
بۇ يەردە مىنىڭ بۇ تىمىدا توختالماقچى بۇلغىنىم بۇ ئش ئەمەس بەلكى مۇشۇ خەۋەرنىڭ كىلىپ چىقىشى. كىيىن بىلىشىمچە، بۇ خەۋەر چەتئەلدىكى يۈزلۈك، داڭلىق بىر يازغۇچى زىيالىمىزنىڭ قولىدىن چىققان. خەۋەر بىرىشى ياخشى ئىش بۇلسىمۇ لېكىن بۇ ئاكىمىز بۇ خەۋەرنى يازغاندا ئۈزى بىلمىدىمۇ ياكى قەستەن گەپ ئويناتتىمۇ خەۋەردە نۇبىل ئالتۇن مىدالى دەپ، بۇ توغرىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى چۈشەندۇرمەي، قەستەن ئوقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان. دىگەندەك، ناھايتى تىزلا بۇ يەردىكى ”“مىدال““ دىگەن ”“مۇكاپات““ دىگەن گەپكە ئايلانغان، ۋە يەنە تىزلا ئىچىدىكى ”“ئالتۇن““ دىگەن گەپ چۇشۇپ قېلىپ ۋەتەننىڭ بولۇڭ پىشقاقلىرىغا بارغاندا ”“بىر ئۇيغۈر نوبىل مۇكاپاتى ئالدى““ دەپ يېتىپ بارغان. مەن دىمەكچى بۇ يەردە بۇ ئاكىمىز ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ بىكاردىن بىكار يەنە بىر قېتىم خەلىقتە قۇرۇق ھاياجانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . vJs6nVbK  
                   يازماھوقۇقى: ئۇيغۇر ئالپىس بلوگى غا تەۋە، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ! [ PN2^  
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10322&page=2

جەۋھەرى 2012-07-24 18:51
     راستنلا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسا بۇ كاتتا خەۋەر ئىكەن. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئاشۇ نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى بولسا قوشۇپ يوللاپ قويۇڭ، ئورتاق بەھىرلىنەيلى...

tawpek 2012-07-25 23:08
نوبىل مۇكاپاتى ئەمەس دەپ  نەچچە دىسەكمۇ  ...................

ئادىلە 2012-08-18 12:51
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز.

akkax 2012-08-18 19:47
引用第35楼tawpek于2012-07-25 23:08发表的 : نوبىل مۇكاپاتى ئەمەس دەپ  نەچچە دىسەكمۇ  ................... [ئىپادە]
Bx}"X?%S  
بۇنىڭدىن تېمىنى ئوقۇپلا ئىنكاسنى ئوقۇمايدىغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. قوي مىجەز مىللەت بولغىنىمىز راست، ئوتنىڭ ئۇچىنى يەپلا ماڭىدىغان. تەۋپىق  ئەپەندىنىڭ كانايلىرىمۇ كېرەككە كەلمەپتۇ ئەنە....

زۇبەيدە2010 2012-09-20 16:52
قارىغاندا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئەمەس ، تۆھپىكار مۇكاپاتى ئوخشايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا پەخىرلەندۇق.

ئەكبەرنىياز 2012-11-02 21:43
ئەگەر چىقسا ئويغۇر نامى خلقئارادا بىر قېتىم، ,3}+t6O"  
دىلىم يايراپ خوش بولىمەن مىڭ قېتىم . Oz_CEMcy  
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، ھارمىغايسىز !!!

tursun 2012-11-05 16:10
پەخىرلىك ئۇستازدىن پەخىرلىنىمىز،سۆيىنىمىز........يەنە بىر نۆۋەت كۆرۈپ قويۇڭلار، .k!2{A  
ئاقلالە بۇ پەخىرلىك ئۇستازنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى !*"#*)S.  
تولىقلىما قىلىپتۇ،تولىمۇ سۆيۈندۈم،ئاقلالىگە ئاپىرىن...!      [-)BI|S:  
6LT.ng  
نادىرلاپ قويۇلسا بولىدىغان تىما بۇ...

danix 2012-11-05 17:15
    تۇرسۇن مۇئەللىم ، توغرا ئېيتىسىز ، ماڭىمۇ نادىرلاشتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك تېمىلاردىن بىر قانچىسى نادىرلاشتۇرۇلماي قالغاندەك بىلىندى .

جۇلالە 2012-11-06 00:07
پەخىرلىنىدىغان ئىش بوپتۇ!  

خالىسە 2012-11-06 00:24
ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريالكەن، رەھمەت سىزگە.

tursun 2012-11-06 11:26
شۇنداق بولىۋاتىدۇ...قەدىرلەيلى....ئۇلۇغلايلى...پەخىرلىنىلى....!

tursun 2012-11-06 13:19
دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن شېئىرلىرى pK|~G."6e  
h]>QGX[kC  
   TlEd#XQgf&  
:u9OD` D  
)Ggv_mc h  
  مەن ئۇيغۇرمەنمەن – ئۇيغۇرمەن بەختىم پۈتۈن تۇغۇلغان،   DP8%/CV!*  
تارىختا بىر يۇلتۇز بولۇپ تونۇلغان.   ! }>CEE  
ۋادىلاردا تولۇپ ئاققان دەريايىم،   w$DHMpW'  
يىللار ئېشىپ، چۆللەر ئارا سوغۇلغان.   } 3}H}  
دەۋر سۈرگەن شۇ بەختىيار چاغلاردا،   o* ~aB_  
غۇرۇرلۇقۇم كۆچكەن بەلكى تاغلارغا،   Nl'@Y^8N  
سېخىلىقىم، ساخاۋىتىم چېچىلىپ،   ;Rljx3!N  
قالغىنى راست ئېتىزلارغا، باغلارغا. Y:R*AOx  
مەن – ئۇيغۇرمەن، قىممەت كۈلكەم يېشمدىن، >r3SF3XMq  
ئۆتكەن ئۈچۈن تالاي قىسمەت بېشىمدىن. ;pw9+zo ^M  
رەنجىمەيمەن تەلەيلىكلەر كۆرسىمۇ،   v!W{j&N  
كۆرمىگەندەك ئۆتۈپ كەتسە قېشىمدىن.   dmWCNeja.  
يوللار ئۇزاق، مۈشكۈل ئىكەن سەپىرىم،   wF9L<<&B  
……………………………………………………………… /i~x.i3  
مەن – ئۇيغۇرمەن. ئۆزلۈگۈم بار، ئۆزۈم بار، npd:aGx  
دار ئالدىدا ئېيتقۇچىلىق سۆزۈم بار. +n 
تارىخلارغا توپا چاچماق نە كېرەك؟ (:I]v_qEYS  
كىملىكىمنى كۆرگۈچۈلۈك كۆزۈم بار.   Cs(sar:7  
تەڭرى تېغى – مىسلى ئالتۇن قالقىنىم، 'J$@~P  
ئۆلمىگىنىم ئۇندا ئۆلۈپ ياتقىنىم، 14"+ctq  
ئەۋلادلارنىڭ جاسارىتىن قوچاقلاپ، e=l:!E10  
ۋەتەننىڭ بىر تېشى بولۇپ قاتقىنىم، m8;w7S7,j~  
مەن – ئۇيغۇرمەن، ئوچۇق قولۇم – ئالقىنىم، [}M!ez  
بەرگىنىمدىن ئازدۇر ھامان ئالغىنىم، KzP{bK5/  
گۈدەكلەردەك ئىشەنگەك، شۇ تۈپەيلى، ,<* I5:  
لېۋىم چىشلەپ ھەم ئالدىنىپ قالغىنىم،   6Iqy"MQuq  
بۇ ئالەمدە ئامەت نېسىپ ھەركىمگە، J8!2Tt  
قويۇلغانكەن مېنىڭ بەختىم گۆرۈگە، E]rXp~AZm  
…………………… 1C8xJ6F  
……………………   '.1P\>x!]  
مەن – ئۇيغۇرمەن، ئىمان بىلەن گېزەكمەن،  =aZ d>{Y  
تارىخ قەسرى ئىچرە بىر تال تېرەكمەن، : !9WGZfK+0Y  
ئانا ۋەتەن قۇچىقىدا كۈچلىنىپ، zQ |2D*W  
ئايرىلغاندا زېدە بولغان يۈرەكمەن. . Rey+3*zUb  
مىڭ ئۆلسەممۇ تىرىك، ئۆلدۈم دېمەيمەن، Tc/^h 4xH  
دوستقا مەڭگۈ ئۆمۈر، ئامەت تىلەيمەن، |E7 J5ha  
دۈشمىنىمگە ئاتاپ قويغان خەنجەرنى، !xfDWbvHV  
ئىنتىقامنىڭ بىلىيىدە بىلەيمەن. Q3 8+`EhLA  
مەن – ئۇيغۇرمەن، ئۆملۈك بىلەن كۆكەرگەن، 0[l}@K?  
چېچىلغاندا قودرىتىمنى يۈتتەرگەن،   |@u2/U9  
بىر قولۇمدا ئۈمىدۋارلىق مەشئىلى، *'-4%7C`1  
جاسارەتنى بايراق قىلىپ كۆتەرگەن. >+a\BK"k  
بىر قولۇمدا قارغۇ تاقەت جامى بار، ]ZcivnN#  
ئۇ پەپىلەپ غۇرۇرۇمنى ئوخلىتار. !FL"L 9   
ئۆزىگە خەسىس، ئۆزگىلەرگە سېخىلىق، Zo<)r2|O.  
مېنى غەپلەت ۋادىسىدا يوقىتار. v0\l~_|H  
مەن – ئۇيغۇرمەن، بىر ناننى تەڭ بۆلۈشكەن،   |#2WN -  
دوستلارنى دەپ مەيدانلاردا ئۆلۈشكەن. 3J#LxYK  
قېرىنداشلار يىغلىغاندا يىغلىشىپ، a<<4gXx  
كۈلكىسىنى ئۆزەمنىڭ دەپ كۈلۈشكەن. Q/S ^-&~  
مەن – ئۇيغۇرمەن، ئەجدادلىرىم خاقانى، )q=F_:$  
بىرى ئۆلسە ئاراچ قويماس قاتارنى. spV7\Gs.@  
مىڭ ئەپسۇسكى، ئۆتمۇش بىلەن ماختىنىپ، 4H#-2LV`  
ئۆتكەزگىنىم راستمۇ تالاي خاتانى. <,M"kF:  
مەدھىيەنى يازماس شۇڭا قوللىرىم، 1p}Wj*mc  
مىڭ تەرەپكە ئۇچ ئەپ كەتتى يوللىرىم. 0nb%+],pX  
قېنى مېنىڭ مىڭ تەرەپتىن بىر ياققا   `WayR^9  
دەريا بولۇپ ئاققان مېنىڭ خۇنلىرىم؟   )=5 &Q  
مەن – ئۇيغۇرمەن، سۆزدە بىرلىك سۆزلىگەن، x"b'Pmw  
ئىناقلىقنىڭ ئۈلگۈسىغۇ بىز دىگەن.   cXb*d|-|N  
ئەسلىدىچۇ؟ يالغۇز قالغان تۇرنىدەك، I){4 MoH.  
چەكسىز ئاسمان ئۆزرە توپتىن ئىزدىگەن.   2o SM|  
تەسەللىگە تولغان ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم،   tAv3+  
كۆزلەرنىمۇ كۆرمەس قىلدى تولۇپ قۇم.   d/; tq  
ئاتاي دېسەم غەپلەت، ئاپەت قەسرىگە،   \BnU ?z  
پاراسەتتىن ياسالغان يوق بىر ئوقۇم.   jYp!?%!  
مەن – ئۇيغۇرمەن، ناخشا – سازغا مەھلىيا،   &aRL}#U  
جۆر بۇپ ناخشا ئېيتار ھەتتا ئەۋلىيا، N68mvBe  
زۇلمەتنىمۇ يورۇتقاندەك تۇيۇلار، -#ZLu.  
ناخشا گويا چاچقان كەبى نۇر – زىيا. w ,j*I7V  
ناخشا ئوخشاش ئۆتمەس ھايات يىراققا،   b G:\*1T  
كۆڭۈللەرنى تولدۇرغاچقا پىراققا،   3x;UAi+&  
شۇڭا جاۋاب بەرمەك قىيىن: «نېمىشقا   So 1TH%  
ناخشاڭدىن سەن ئاجىز؟» دېگەن سوراققا. leC!Yj  
مەن – ئۇيغۇرمەن …………. E;a,].  
يۇرتۇم چەكسىز…………….؟ I-R7+o  
خۇشتار بولغان كۈيلىمەككە ئەزەلدىن،   M@.l# [@U  
بىر ئاجايىپ ۋەتىنىم بار، …….. (%B{=w}8  
مەن – ئۇيغۇرمەن، كۈلكەم قىممەت يېشىمدىن   j=O+U _w  
تالاي قىسمەت ئۆتكەن ئۈچۈن بېشىمدىن. > Z+*tq  
(ئىزاھات: كۆپ چىكىت قويۇلغان ئورۇنلار خاتىرەمدىن ئۆچۈپ كېتىپتۇ)   +@rFbsyJ.  
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭   0 PYYG  
ھىجران   Ge2Klyi  
- قايغۇنى، شاتلىقنى، كۆز ياشلىرىنى k{+cFG\C&  
بىر سۆزدە ئىپادە قىلارمۇ ئىنسان؟   #f#6u2nF\  
- ئاختۇرغىن ئانىلارنىڭ قەلب لۇغىتىنى،   LaJ vPOQ  
ئالەمدەك بىر سۆز بار. بۇنى دەر: ھىجران! g kmof^  
ئوۋچىنىڭ ئوقىدا ئانىسى ئۆلگەن !}6'vq  
كىيىك بالىسىنىڭ كۆزىدە ھىجران. 25OQY.>bE  
نەگىدۇر، نامەلۇم جايغا كۆمۈلگەن   }5fd:Bm;  
سولدات ئانىسىنىڭ يۈزىدە ھىجران. (A?>U_@  
ئانا ۋەتەندىن ئۇزاقلاپ پەرزەند x;W!sO@$  
ناتونۇش ئەللەردە بولسا باغرى قان W 
ئۇنىڭ مۇڭ – زارىنى سىغدۇرار پەقەت Kii@Z5R_?  
ئېغىر ۋەزنى بىلەن بىرلا سۆز: ھىجران!   ?Q_ @@)  
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ %scw]oF  
(مەنبە: قازاقىستان «يازغۇچى» نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇتلۇق دىيار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئاقلالە يوللىغان ئىكەن،كۆپ تەشەككۈر...!      )  

كېرىمجان 2014-04-28 00:03
     تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.بارىكاللا


查看完整版本: [-- تۇنجى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا-ئۇيغۇر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled