查看完整版本: [-- كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش. ... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش. ... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-04-01 12:29

كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش. ...

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتابنىڭ «ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» قىسمىدىكى مەزمۇنلار: Vz/w.%_g  
كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش  .  نۇقتىئىنەزەر 0wv#AT  
تىكلەشنىتاللاشنى ئۆگىنىش D:/ n2_  
  32\.-v  
تېما ھەققىدە مۇھاكىمە:  >5~#BrpwG  
«شەيئىلەرنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس» ناملىق تېكىستتە تۆت خىلشەكىل بېرىلىپ، قالغان ئۈچ خىل شەكىل بىلەن ئوخشىمايدىغان شەكىلنى تېپىپ چىقىشتەلەپ قىلىنغان. شەكىللەرگە قاراش نۇقتىسى ئوخشىمىغانلىقتىن، بۇ تۆت خىل شەكىلگەبېرىلگەن جاۋابلارنىڭ ھەممىسىنىلا توغرا دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئوبيېكتىپشەيئىلەرنىڭ مۇرەككەپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە بولىدىغانلىقىنى، ئوخشاش بىرشەيئىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا ئوخشىمىغان تونۇشقا ئېرىشكىلىبولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: Kk8} m;  
«بىر ئانا ئىككى قىزىنى ئېلىپ باغچىغا كىرىپتۇ. قىزلىرى باغقاكىرىپ قايتىپ چىققاندىن كېيىن، چوڭ قىزى: ^r\ rpSN  
− بۇ يەر بەك ئەسكىكەن، باغدا ئەتىرگۈللەر بولغان بىلەن تىكەن بەك كۆپ ئىكەن، − دەپتۇ. g^]Iw~T6$  
− بۇ يەر بەك ياخشىكەن، − دەپتۇ كىچىك قىزى، − تىكەنلەرنىڭئارىسىدا چىرايلىق گۈللەر بار ئىكەن.» NZq-%bE  
كۆپ تەرەپلىمەتەپەككۇر ئىچىدە تەتۈر تەپەككۇر ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كىشىلەر مەسىلىلەرگە ئۇدۇل قاراشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا تەپەككۇر جەھەتتە ئاسانلا بېكىنمەھالەتتە قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى ياقلىمىلىققا يەنى ھەم ئومۇمىيلىققا، ھەم ئايرىمىلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىككىياقلىمىلىقلىقى تەتۈر تەپەككۇر ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. تەپەككۇرنىجانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ساۋاقداشلار بەزى ئەقلىيە سۆزلەر، تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭئادەتتە پەقەت مەلۇم بىر نۇقتىدىنلا قارىغاندا شەيئىلەرنىڭ بىرلا تەرىپىنىكۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە باشقا نۇقتىلاردىمۇ ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ.  '9 V/w[mI  
4!Js="  
  SN{+ Pk  
يېزىش ئۇسۇلىغا ئۆرنەك: 6L<:>55  
كۆپ خىل مۇھاكىمەنۇقتىسىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، قانداق تاللىغاندا، ئەڭ مۇۋاپىق نۇقتىنى تاپقىلىبولىدۇ؟ R{#< NE  
يېڭىچە نۇقتىنىتېپىش. «زامانىۋى شەھەر قۇرۇشتا ئىلگىرى ئېگىز - ئېگىز بىنالارنىڭ بولۇشى، قەۋەت - قەۋەت يوللار ھەم تۈرلۈك زاۋۇت - كارخانىلارنىڭ بولۇشى كۆپ تەكىتلىنەتتى. لېكىن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قارىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، زامانىۋى شەھەرگە بولغان ئۆلچەمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. شۇڭا، زامانىۋى شەھەر قۇرۇشتا ئالدى بىلەن يېشىلچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەكىتلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى.» بۇ پارچىدا زامانىۋى شەھەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتا يېڭىچە نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. K&L!O3#(  
قاراتمىلىققائىگە نۇقتىنى تېپىش. چەت ئەللىك بىر ئوقۇتقۇچى دۆلىتىمىزنىڭ مەكتەپلىرىدە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، «كۆچۈرمىچىلىكقاچان تۈگەيدۇ؟» دېگەن تېمىدا تەنقىد ماقالىسى يازغان. شۇنىڭ بىلەن مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپماقالە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ماقالىلەردە ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان: ]nTeTW  
1. ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىمتىھان تۈزۈمى تەنقىد قىلىنىپ، ئىمتىھان مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىش ئۆلچىمى كۆچۈرمىچىلىكقىلىشقا سەۋەبچى بولغان دەپ قارالغان. +lym8n~-O  
2. ساختا ئىجتىمائىي كەيپىيات تەنقىد قىلىنىپ، كۆچۈرمىچىلىكجەمئىيەتتىكى چىرىكلىشىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى دەپ قارالغان. DB'0  
3. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر ئېلىشنىلا كۆزلەپ، سەمىمىيلىككە سەل قارىغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۆچۈرمىچىلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى دەپ قارالغان. <|Td0|x _q  
ئايرىم - ئايرىمھالدا بۇ ئۈچ نۇقتىدىن يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلا ھېسابلانغان، بۇنىڭئىچىدە ئۈچىنچى نۇقتىدا تۇرۇپ يېزىلغان ماقالە ئەڭ كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچىنچىنۇقتىنىڭ قاراتمىلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ، ئاسان ئېتىراپ قىلىنىدۇ، شۇڭا قايىل قىلىش كۈچىمۇ كۈچلۈك. uBm"Xkxe|w  
سىز يۇقىرىدىكىتەھلىلگە قوشۇلامسىز؟ سىزچە قانداق مۇھاكىمە نۇقتىسى يېڭى ھەم قاراتمىلىققا ئىگەھېسابلىنىدۇ؟ يېڭى ۋە قاراتمىلىققا ئىگە بولۇشتىن باشقا، مۇھاكىمە نۇقتىسىنىتاللاشتا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟  \QvGkcDc{  
;s B=f  
يېزىقچىلىق مەشىقى: wNf:_^|}  
1. تۆۋەندە ليۇ شاخېنىڭ «غايە» ناملىق شېئىرىدىن پارچە بېرىلدى. بۇمىسرالاردا غايىنىڭ قايسى نۇقتىلاردىن يېزىلغانلىقىنى تەھلىل قىلىڭ. ئۇنىڭدىكىبىرەر نۇقتىنى تاللاپ بىرەر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ غايەھەققىدىكى تونۇشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.  hY"eGaoF"  
[?]N GTr#  
غايە يىپقائۆتكۈزۈلگەن ئۈنچە - مەرۋايىت گويا، 1W USp;JMl  
ئەيلىگەي مىليون ئەسىر - يىل ئۆتسىمۇ يارقىن جۇلا. }LUvh  
ئۇ بولۇپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئومۇرتقىسى، t>bzo6cj  
ھەر زامان ھەر كىمگە كۈچ - قۇدرەت ئاتا قىلغاي ئۇدا.  5aQ)qUgAW  
c1H.v^Y5  
غايە − كومپاس، كېمە ئۇسىز يولىدىن ئازماس دېمە؛ y1V}c ,  
غايە − ئۇ ئوكيان ئارا بىزنى سېلىپ ماڭغان كېمە. oC&}lp)q  
غايە گاھى كۆز قىسىپ چەكسىز ئۇپۇقنىڭ باغرىدا، W|PAI [N  
يەتكىلىبولمايدىغان ئالۋۇنغا ئوخشاش بىر نېمە.  Jf^3nBZ  
f|> rp[Gk  
خۇش نەزەر سالدىڭھاياتقا غايە بەرگەچكە مەدەت، UylIxd  
ئوت ئاچارسەن كاج پەلەككە باش - بويۇن ئەگمەي پەقەت. 4H8r[  
يەتمىگەي يادىڭغابالدۇر قار - قىرو قونغان چېچەك، ,EQ0""G!  
ئورنىشىپ كەتكەي دىلىڭغا ساددىلىق - پاكلىق ئەبەت.  <&eJIz=  
lxn/97rA  
چۈش كۆرۈپ ياتساڭ ئەگەر پۇل - مالغا باغلاپ ئىشتىياق، Zg+.`>z  
غايە شۇنداق چۈش - خىيالنى بۇزغۇچى زىل قوڭغۇراق. <@J$hs9s  
غايە − سۇ، غايە − سوپۇن، پاكلار دىلىڭغا قونسا كىر؛ 2a@X-Di  
غايە گاھى پايدا بەرسە، گاھ بەدەل ئالۇر بىراق.  < F5VJ  
JuJW]E Q  
ئەيلىسە غايەساڭا شۆھرەت - شەرەپنى ئىلتىپات، u>fs yn9c  
ئۇنتۇما بۇ ئۇبەخش ئەتكەن قوشۇمچە مەھسۇلات. q/?*|4I  
ئۇ كېلەر باشلاپ تالاي رەت زېرىكىش سىڭگەن سۈكۈت، 091m$~r*  
شۇ سۈكۈتتە كۈلكەباردۇر، كۈلكىدە دەرد - مۈشكۈلات.  F2 YBkwI  
gwB,*.z  
غايە ۋىجدان ئەھلىنى دائىم قىلار ئاپەتكە يار، 0LW3VfvToN  
ئەمما ئاپەت قوينىدىن گاھى يەنە دەس تۇرغۇزار. %@QxU-k_  
غايىسىزلەر بىرئۆمۈر مەھرۇم ئۇلۇغلۇق تاجىدىن، X -1r$.  
غايىلىكلەر ئەل ئارا مەڭگۈ «گىگانت قامەت» كە يار.  /CALX wL  
.i\ FK@2  
2. تۆۋەندىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن بىرەر نۇقتا تاللاپ، مۇھاكىمەماقالىسى يېزىڭ. 39^+;Mev  
«كۈز كېچىسى، قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى تېلېس ئوتلاقتا يۇلتۇزلارنىكۆزىتىۋاتاتتى. يۇلتۇزلارغا قارايمەن دەپ كۈتۈلمىگەندە ئالدىدىكى ئازگالغا چۈشۈپ كەتتى. ئازگالدىكى سۇ كۆكرىكىگە كەلمىسىمۇ، لېكىن ئازگال ئىككى - ئۈچ مېتىر چوڭقۇر بولغانلىقتىن چىقالماي، ئامالسىز، ئادەم بارمۇ، دەپ توۋلاشقا باشلىدى. يولدىنئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشى ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى. تېلېس ئۇ كىشىگە <ئەتە يامغۇر ياغىدۇ!> دېگەنىدى، ئۇ كىشى بېشىنى چايقاپ قويۇپ كېتىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ بۇگېپىنى باشقىلارغا كۈلكە قىلىپ بەردى. ئەتىسى راستتىنلا يامغۇر ياغدى، كىشىلەر تېلېسنىڭ ئاسترونومىيە جەھەتتە شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىدىن قايىلبولۇشتى. لېكىن، بەزىلەر ئۇنى مەنسىتمەي: <تېلېس ئاسماندىكى ئىشلارنىبىلەلىگىنى بىلەن، يەردىكى نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدىكەن> دېيىشتى. o2|#_tGNUy  
ئىككى مىڭ يىلدىنكېيىن، گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگېل بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ، ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىنمۇنداق ھېكمەتنى ئېيتقان: <مەڭگۈ ئازگالدا يېتىپ كۆككە قارىمايدىغان كىشىلەرلا ئازگالغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ.>» Xg.Lo2s  
3. دانتىنىڭ: «باشقىلار نېمە دېگۈسى كەلسە دەۋەرسۇن، ئۆز يولىڭىزدا مېڭىۋېرىڭ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار، بۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر. سىزبۇنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ بىرەر نۇقتىنى چىقىش قىلىپ بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ بېقىڭ.  XK~HfA?  
7 @\i5  
  i^WY/ OhL  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب،  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى  ) 0x*1I1(c  
;Q3[} ]su  

akram123 2012-04-01 12:49
«ئىپادىلەش ۋە ئالماشتۇرۇش» قىسمى ەازئر ظوقوتقذچئلار سەل قاراؤاتقان نذقتا ياخش يوللاپسئز

natiwan 2012-04-01 14:03
ياخشى تېمىلار بىلەن بىزنى تەمىن ئەتكەيسىز......


查看完整版本: [-- كۆپ ئويلاش ھەم ئويلاشقا ماھىر بولۇش. ... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled