查看完整版本: [-- مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqut 2012-03-31 21:00

مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم

!Jg;%%E3:i  
[attachment=450] V>$( N/1  
  p_r`"  
K2m>D=w  
مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم FOaA}D `]  
  $Dg-;I  
(«ئۆزقۇت كىتابخانىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت بىلەن سۆھبەت) 'Kelq$dn#  
  M VatV[G  
N,t9X7G&  
مەمتىمىن ياقۇپ كۆكتۇغ W 4{ T<  
      ?n<sN"  
0o6r3xc;  
تەكلىماكاننىڭ غەربىي گىرۋىكىگە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا «ئۆزقۇت كىتابخانىسى» نامىدا بىر كىتابخانا ئېچىلدى. كىتابخانا خوجايىنى بىر يىلدىن ئازغىنە ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئاتقان پورىغا يارىشا كىتابخانىنى ھەممە ئادەم ئىزدەيدىغان، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تارتىملىق بىر مەرىپەت ماكانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئايلاندۇردى. 2012-يىللىق نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېتىبار باھادا كىتاب سېتىش (ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ كىتابلارنى ئەسلى باھاسىدىن %10 ئېتىبار باھادا سېتىۋاتقان ئىدى)، كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مەنمۇ بۇ كىتابخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم سۆيگەن كىتابتىن ئىبارەت قىممەتلىك سوۋغاتقا نائىل بولدۇم ھەمدە دادىسىدىن بازارلىق ئالغان كىچىك بالىدەك قولۇمدىكى كىتابقا خۇشاللىق بىلەن قارىغان ھالدا كىتابخانا خوجايىنى ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. -vT$UP  
qvsfU*wo?  
مۇئەللىپ: ھازىر دىيارىمىزدا تاللا بازىرى، تېز تاماقخانا، كىيىم-كېچەك ۋە ئائىلە ئېلېكتېر ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاكالەتەن سېتىش نۇقتىلىرىنى، قاۋاقخانا ۋە دورا دۇكانلىرىنى ئېچىش مودا بولۇپ قالدى. سىز قانداق قىلىپ بۇ مودىغا ئەگەشمەي كىتابخانا ئېچىپ قالدىڭىز؟ R^E-9S\@  
11J:>A5zt  
ئۆزقۇت ئەپەندى: ئېيتقىنىڭىز توغرا، بازىرىمىزدا مودا بولغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ. بارچە كىشىلەر يۇقۇرى قىزغىنلىق بىلەن مودا قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ مودا قوغلىشىش قاينىمى ئىچىدە ئېزىقسام بولاتتى. شۇنداق قىلسام، ئەلۋەتتە، خەق تاپقان پۇلنى مەنمۇ تاپاتتىم، بەلكىم ئاشۇرۇپ تېپىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.  ئەمما تاللا بازىرى، تېز تاماقخانىلار كىشىلەرنى يۇقۇرى ئىستېمال قاينىمىغا باشلاپ كىرىپ، ئىسراپچىلىققا، بۇزۇپ-چېچىشقا ئالدىرىتىدىكەن. بىزنىڭ خەلقىمىز يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئىككى-تۆت تال پۇل كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى-تۆت تال ئەقىل كۆرۈشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا، «يەڭلەر، ئىچىڭلەر، ئىسراپ قىلماڭلەر» (قۇرئان كەرىمدىن) دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇققا ئانچە ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىكەن. ئۇننى خالتىسىغا بېقىپ تارتماي، پۇتىنى يوتقانغا بېقىپ سۇنماي، باشقىلارنى قارىغۇلارچە دوراپ، ئەتىسىدىن باشلاپ قانداق كۈننى كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەستىن، يۇقۇرى ئىستېمال ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئالدىرايدىكەن. كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى كىشىلەرنى رىياكارلىققا، تەكەببۇرلۇققا باشلايدىكەن. «ئەقىللىق ئادەم كىيىمنى رىيا ئۈچۈن ئەمەس، ھايا ئۈچۈن تاللايدۇ» (ئابدۇقادىر جالالىددىن) دېگەن ئەقلىيەلىك جاكار ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كەلمەيدىكەن. ئائىلە ئېلېكتېر سايمانلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما بۇ سودىدا راست گەپ قىلىپ خەقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ بولغىلى بولمايدىكەن، چوقۇم كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان يالغانچلىقلارنى قىلىشقا، بىرقىسىم مۇتتەھەم خېرىدارلارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. قاۋاقخانا ئېچىشىمغا ئاتا-بوۋام ۋە مەن ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىن ھەم مەن قويۇق مۇھىتىدا ئۆسۈپ-چوڭ بولغان مىللىي ئەخلاقىمىز يول قويمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاراق-شاراب، كەيپ-ساپا ئىنساننى يولدىن چىقىرىپ بۇزۇقچىلىقنىڭ پاتقاقلىق كوچىسىغا ئېلىپ كىرىدىكەن. قالايمىقانلىشىۋاتقان جەمئىيەت تەرتىپى، يۈز بېرىۋاتقان جەڭگى-جىدەل، قاتناش ھادىسىلىرى، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئەخلاق، بۇزۇلۇۋاتقان ئائىلىلەرگە دەل ئاشۇ ھاراق، كەيپ-ساپا سەۋەبكارمەن دەپ سەت ھېجىيىپ قاراپلا تۇرىدىكەن. كىتاب باشقىچە بىر دۇنيا ئىكەن. كىشىلەرگە بىلىم بېرىۋاتقان، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ رەڭمۇرەڭ گۈللەر بىلەن بېزەۋاتقان، ئۇلارنى ئىمان-ئىنساب، دىيانەت ۋە پەزىلەت باغچىلىرىدا ھوزۇر ئېلىشقا نائىل قىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقان، ھاياتىنى ئەڭ ئېسىل مەنە-مەزمۇنلارغا تولدۇرۇۋاتقان دەل كىتاب ئىكەن. ئۆزۈممۇ ئانامغا نېمىشقا مېنى كىتاب بىلەن تۇغمىدىڭ دەپ ئالىيىپ سالغىلى تاس قالىدىغان سېپى ئۆزىدىن كىتابخۇمار ئادەم. كەسپىممۇ كېچە-كۈندۈز كىتاب بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم. $YBH;^#  
XF4NRs  
مۇئەللىپ: ئەگەر مەن ئېيتقان تىجارەت سورۇنلىرىنى ئاچقان بولسىڭىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېسابسىز پۇل تېپىپ زەردار خوجايىنغا ئايلانغان، كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئەنۋەر باي دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، ئېھتىرام بىلەن سورۇننىڭ تۆرىگە باشلانغان بولاتتىڭىز. WsM/-P1Y  
KbRKPA`  
ئۆزقۇت ئەپەندى: بۇ گېپىڭىز نەسرىددىن ئەپەندىمنىڭ بىر لەتىپىسىنى ئېسىمگە سېلىپ قويدى. ھېلىقى ئەپەندىم ئادەتتىكى كىيىمى بىلەن ئوردىغا كىرەلمەي، يېڭى، ئېسىل پەرىجىسىنى كىيىپ كەلگەندە ئاندىن كىرەلەيدىغانچۇ؟ بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، جاھاننىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنياغا ئىگە بولغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەينمۇ ئۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەتكەن. شۇنچە زور ھوقۇ-ئەمەل، ھېسابسىز مال-دۇنيا، چەكسىز كۈچ-قۇدرەت يۇقۇرى شان-شۆھرەت، چىرايلىق نازنىن... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈنچى، بۈگۈن سېنىڭ قولۇڭدا بولسا، ئەتە باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ سېنى داغدا قويىدۇ، بۇ كېچە سېھىرلىك خۇش ناز-كەرەشمىلىرى بىلەن سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئۇتسا، ئەتە يەنە بىر شەيتاننىڭ كەينىدىن پالاقلاپ كېتىدۇ ياكى ئۆمرى كوتا كېلىپ سېنى ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ. بۈگۈن سەن زور قالتىس ھەيۋىتىڭ بىلەن ھەممىنى تىز پۈكتۈرۈپ جاھاننى سورىساڭ، ياشلىقىڭ ئۆتۈپ بىر كۈنلەردە سەن كۈچ-قۇۋۋىتىڭ كېتىپ، قەددىڭ پۈكۈلۈپ، باشقىلارنىڭ يۆلىشىگە مۇھتاج بولىسەن. ئەكسىچە، ئادەمگە مەڭگۈ ۋاپا قىلىدىغىنى، ھەر ئىككى دۇنيادا ئەسقاتىدىغىنى ئىمان، ئىنساب-دىيانەت، بىلىم ۋە چىن ئەخلاق-پەزىلەتتۇر. كىتاب مانا بۇ بايلىقلارنىڭ بۇلىقى، تۈگىمەس خەزىنىسىدۇر. كىتاب دىل قاراڭغۇلۇقلىرىنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق قۇياشتۇر. مەنچە بولغاندا، كىتاب ــ ئوقۇساڭ بىلىم، ئىشلەتسەڭ قورال، ساقلىساڭ بايلىق، قالدۇرساڭ مىراس، تىزىپ قويسا زىننەت بولىدىغان ئاجايىپ گۆھەر. جۇڭگونىڭ ئۆلمەس يازغۇچىسى لۇشۈن ئەپەندى نېمە ئۈچۈن تىببىي ئىلىم ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەدەبىيات ئۆگىنىشنى تاللايدۇ؟ مېنىڭچە، كىشىلەرگە ھەشەمەتلىك ئايۋان-ساراي، ئېسىل تاماق، داڭلىق ماركىلىق مودا كىيىم، «غەم-قايغۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ» بىخۇدلۇق باياۋانىغا باشلىغۇچى مەي-شاراب، كېسەلگە شىپالىق بېرىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا تارقاتقاندىن روھنى ياشارتىپ، مەنىۋى قۇۋۋەتنى ئاشۇرغۇچى كىتاب تارقاتقان مىڭ ياخشى. شۇڭا مەن كىتابخانا ئاچتىم. مەن كىتابخانا ئېچىپ باي بولمىسام مەيلى، سېرىقتال كۈن كەچۈرگىنىمدىن مىڭ مەرتىۋە رازىمەن، ئەمما قەلبىدە ئىمان ۋە دىيانەت گۈللەپ تۇرغان ئىلىم ۋە پەزىلەتكە تەشنا كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن باي قىلالىغىنىمدىن تېخىمۇ خۇرسەنمەن. <>1*1%m  
qr/N?,  
مۇئەللىپ: سىز ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا لازىملىق كىتاب-ماتېرىياللارنىمۇ كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنى بۇ تۈردىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ كەلدىڭىز. بۇنىڭدا مائارىپ ساھەسىنى پۇل تېپىشتىكى مۇنبەت ئېتىز دەپ قارىغان ئوخشىمامسىز؟ TLzcQ|  
h 9{'w  
ئۆزقۇت ئەپەندى: مائارىپ ساھەسى كىتابچىلىقتا پۇل تاپقىلى بولىدىغان سۈيىگە ئەن مۇنبەت ئېتىز. شۇنداق بولغاچقا بازارغا ئۈلگۈرتۈپ كىتاب تۈزىدىغانلار بىلەن كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ كۆپى بۇ ساھەگە نەزەرىنى تىككەن. مەن يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان چېغىمدا ئاشۇنداق كىتاب سودىگەرلىرى بىلەن مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ چېھرى پارقىراپ تۇرىدىغان باشلىقلىرى يەڭ ئىچىدە سودا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلىككە يانداشتۇرۇلغان تۈرلۈك سىناق سوئاللىرى، ئۆلچەملىك تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى، ئومۇمىي تەكرار كىتابلىرى، تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرى بىلەن تەمىنلەيتى. بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنىڭ پۇلى دۆلەت ھەقسىز تەمىنلىگەن دەرسلىك كىتابلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتەتتى. يۇقۇرىدىن مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنغان يانداشمىلار سىنىپ مۇدىرلىرىغا، ئاندىن قارا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرىي تېڭىلاتتى. كىتاب سودىگەرلىرى ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يانداشمىلار ئوقۇغۇچىلارغا يوقىرى باھادا تېڭىلاتتى. شۇنداق قىلىپ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 50 يۈەن قىممىتىدە ھەقسىز تەمىنلەنگەن دەرسلىك كىتابلارغا يانداشتۇرۇلغان ھەقلىق يانداشمىلىرىنىڭ پۇلى 200 يۈەندىن ئېشىپ كېتەتتى (ھازىرمۇ ئايرىم مەكتەپلەردە بۇخىل ئەھۋال ساقلىنىغلىق). بۇنىڭغا قورسىقى كۆپمەيدىغان سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار بولمايتى. ناھىيە بازىرىدا ئۇنداق ئەمەسمىكىن دېسەم، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئىكەن. مەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ قارىسام، بۇنداق ماتېرىياللار مۇشۇ يەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېڭىلىدىكەن، ھەتتا كىتاب سودىگەرلىرى مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ بىۋاسىتە يەڭ سودىسى قىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوملايدىكەن. ئەگەر مۇشۇ ئوقۇغۇچى بىچارىلەرنى باھاسى ئەرزانراق سۈپەتلىك ماتېرىياللار بىلەن ئىختىيارىي يوسۇندا تەمىنلەشنىڭ ئىمكانىيىتى بولسا، دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغىنىمغا ئۇزاق بولغان ئىدى. مەن بۇ خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستىكىدە بولدۇم. ئاخىر «ئۆگەن»كىتاب تارقىتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ئەركىن ئىبراھىم پەيدا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىرلەشتىم. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، «ئۆگەن» ماركىسىدىكى يانداشمىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماي، دېرىكتور ئەپەندىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن باشلىقلار بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋىتى، بىقۇۋۇل ئوقۇغۇچىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش غەرىزى يوق ئىدى. ئۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن مېنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت تەمىنلىگەن يانداشمىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غېمىنى يېگەن كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلارغا، ئۆقۇغۇچىلارنى ئىستىقباللىق ئەزىمەتلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان مەكتەپلەرگە ئۆز ئەجرىمگە چۇشلۇق ھەقكە ئېرىشىشنىمۇ چەتكە قاقمىغان ھالدا ئەسلى باھاسىدىن خېلىلا ئېتىبار قىلغان ھېسابتا ئۆتكۈزۈپ بەردىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ساھەدىكىلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشتىم. كىتابخانا ئېچىلغاندىن كېيىن ساپ دىل ئوقۇتقۇچىلار سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىلەك-ئېھتىياجلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كىتاب-ماتېرىياللارنى زاكاز قىلىدىغان بولۇشتى. مەنمۇ ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا لازىملىق كىتاب-ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردۇم. مانا مەن شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم. !FnH;  
[26([H  
مۇئەللىپ: بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانلىرىڭىز ۋە پىلانلىرىڭىز باردۇ؟ jZY9Lx8o  
_^ @}LVv+E  
ئۆزقۇت ئەپەندى: كۆرۈپ تۇرۇپسىز، كىتابخانىمىزدا ئەڭ قىممەتلىك تەۋەررۈك كىتابلارمۇ، ئەڭ يېڭى نەشىردىن چىققان كىتابلارمۇ بار. ئەدەبىي، ئىلمىي، تارىخىي كىتابلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. ئوقۇرمەنلەر ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ئەمما ئۇزاقتىن بېرى تاپالمايۋاتقان كىتابلىرىنى بىزنىڭ كىتابخانىمىزدىن تاپالايدۇ. بىز يەنە «ئۈرمچى ساچىيە كىتاب تارقىتىش چەكلىك شىركىتى»، ئۈرۈمچى «ئېرپان» ئېلېكترون شېركىتى ۋە شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سەبىيلەرنى، بىلىم تەشنالىرىنى سۈپەتلىك ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، سەرخىل كىتاب-ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز. كىتابخانىمىزنىڭ تور بېكىتىنى ئېچىپ، توردا كىتاب سېتىشنىمۇ يولغا قويدۇق. ناھىيەمىزدە يىل بويى ھەرخىل كىتابلارنى 10 ئېتىبار باھادا سېتىۋاتىمىز (چوڭ ھېيىت-بايراملاردا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويىمىز)، ئوقۇغۇچىلارغا كېرەكلىك يانداشمىلارنى كىرگۈزۈش ئەھۋالىمىزغا قاراپ تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار باھادا سېتىۋاتىمىز. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، تىنچ-ئامانلىق بولسا، كىتابخانىمىزنى جەنۇبىي شىنجاڭ، ھەتتا پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى خۇسۇسىي كىتابخانا قىلىشقا تىرىشىمىز، ئاپتورلار، كىتاب تۈزگۈچىلەر ۋە تەرجىمانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاندۇرالىغۇدەك ياخشى ۋە يۇقۇرى سۈپەتلىك كىتابلارنى نەشىرگە ئويۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلىمىز. بۈگۈن بىز ئەنئەنىۋى يايما تىجارەت شەكلىدە  تىجارەت قىلىشتىن دوكان-سارايلاردا تىجارەت قىلىشقا يۈزلەندۇق، ئەمما ئۆزگە مىللەتلەر تور مۇھىتىدا دۇنيانىڭ ئاللىقاچان كىچىك كەنتكە ئايلانغانلىقىنى تىجارەت شەكلىدە ئىسپاتلاپ تور سودىسىغا يۈزلەندى، خەق قىلغاننى نېمە ئۈچۈن بىز قىلالمايمىز؟! مېنىڭ كېيىنكى ئولۇغۋار نىشانىم كىتاب سودىمىزنى پۈتكۈل دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كىتابلىرىغا ئىھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش. I1(,  J  
]HP  
ھاياتىمدا، ماددى نەرسىلەردىن كىتابنى ھەقىقى دوست تۇتقان، كىتابنى سۆيۈپ كەلگەن ئادەممەن، دۇنيادا ئەڭ قەدىرلەيدىغان نەرسەممۇ يەنىلا  شۇ كىتاب، بالىلىق چاغلىرىمدا يايلاققا قوي باققىلى چىققىنىمدا قوينۇمدا ھامان بىر كىتاب بولاتتى، ساددا خىيالىمدا چوڭ بولسام جىق...جىق كىتابلىرىم بولسا، دەپ ئويلايتتىم، كېيىنچە، كىتابلارنىڭ كىتابخانىلاردا ئەڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئوققاندىن كېيىن كىتابخانىلاردا، كۈتۈپخانىلاردا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولدۇم، ئەمما پېداگۇگىكا كەسپىدە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن سىنىپىمدا كىچىك قىرائەتخانا تەسىس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا تىرىشىتىم، كېيىن ئويلاپ كۆرسەم، بۇ پەقەت چەكلىك دائىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنىلا قامدىيالايدىكەن، جەمئىيىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ يامان يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقان سەبىيلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە، ئاشۇ سەبىيلەرنىڭ ئاز بىرقىسىمىنى بولىسمۇ يامان يولدىن قايتۇرۇپ، ئەدەب-ئەخلاق، ئىلىم-مەرىپەت، چىن ئادىميلىك يولىغا يېتەكلىيەلىسەم، خەلقىمگە ئازراق بولسىمۇ نەپ يەتكۈزەلىسەم ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە كىتابخانا ئېچىشقا جىددىي تۇتۇش قىلدىم. ئىلگىرى كىتابخانا ئاچماقچى بولغاندا، ئاتا-ئانام، دوستلىرىم بۇ تىجارەتتە پايدا تېپىش تۈگۈل زىيان تارتىدىغانلىقىمنى بۇرنۇمغا پۇرۇتۇشۇپ نېيىتىمدىن يېنىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان ئىدى، تىجارەت باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىمنىڭ مەسخىرىلىك گەپ-سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم (ھازىرمۇ ئاڭلاپ تۇرۇپتىمەن). ئەمما، مەن يەنىلا بۇ تىجارەتتىن ۋاز كەچمىدىم،  مەن بۇ تىجارەتكە كىرىشىشتە ئەزەلدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پايدىنىلا كۆزلىگەن ئەمەس، ھەتتا مائاشىم دوكان ئىجارىسى ۋە يېڭى كىتابلارنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈشكە يەتسە، قەلەندەر بولۇپ كەتسەممۇ بۇ ئىشنى قىلىمەن، دېگەن نىيەتتىلا ئىدىم، ئىنسان بىر ئىشنى ھەقىيقى مۇھاببەت بىلەن قىلسا، تىرىشسا، چوقۇم ئەجىرىنى كۆرەلەيدىكەن. «تىرىشقان تاپار، تاشقا مىخ قاقار» دېگەندەك تىرىشقىنىمغا چۇشلۇق جەمئىيەت ئەھلىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىمەن. قەلبىمدە ھامانە كىتابقا بولغان چوڭقۇر مۇھاببەت بار، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مۇھاببەتتىن كىتابخانا ۋوجۇتقا كەلدى، ئۈمىدىم، كېيىنكى ئۆمرۈمدە كۆپ پۇل تاپالمىساممۇ، خەلقىمگە ئاز-تولا نەپ يەتكۈزەلىسەم، بولۇپمۇ سەبىيلىرىمىزگە كىتاب ئوقۇش، ئىلىم يولىدا ئىزدىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرەلىساملا بولدى. 0)lG~_q  
0)qLW& w  
مۇئەللىپ: رەھمەت سىزگە، ئوبدان سۆزلەپ بەردىڭىز، خېرىدارلىرىڭىز سىزگە قاراپ قالدى، خەيرلىشەيلى. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا قولايلىق ۋە ئۇتۇق بەرسۇن. $NWI_F4  
G>{;@u  
ئۆزقۇت ئەپەندى: خەير، كېلىپ تۇرارسىز، خېرىدار باشلاپ كېلەرسىز. GRj{*zs  
r jL%M';  
  Wm.SLr,o0  
]0dp^%  
  -]P W\}w1  
'F[QE9]*  
  2&!G@5  

akkax 2012-03-31 21:30
  خەلق مائارىپىدا مەكتەپنىڭ رولى قانچە يۇقىرى بولسا، كىتابخانىنىڭ رولى ھەم ئۇنڭدىن قېلىشقۇسىز. گەرچە ئەمەلىي قوللىيالمىغان بولساممۇ ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، كىتابخانىسىنىڭ تېخىمۇ ئاۋات بولىشىنى ياراتقان ئىگىسىدىن تىلەيمەن!

gulzat 2012-03-31 21:53
ئەنىۋەر  يونۇس  ئەپەندىنىڭ  نۇرغۇن  قىيىنچىلىقلارنى  يېڭىپ ، كىتاپخانا  ئېچىپ،  خەلقىمىزنىڭ  ئەقىل  ئېتىزىنى  بىلىم  سۈيى  بىلەن  سۇغۇرۇش  يولىدىكى      نەتىجىلىرىنى  قۇتلۇقلايمەن . ئىشلىرىنىڭ  روناق  تېپىشىغا  تېلەكداشمەن .

ozqan 2012-04-01 00:39
ئەنۋەر ،   ئالدى بىلەن سىزنىڭ  كىتابخانا   ئېچىشتىكى ساپ نىيىتىڭىزگە   ، تەۋرەنمەس ئىرادىڭىزگە  ،   بايلىق  ھەققىدىكى مەردانە قاراشلىرىڭىزغا بولغان  قايىللىقىمنى  ئىپادىلەيمەن .   ئادەم تىرىشچانلىق كۆرسەتسە چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىنى مەن سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن ئېنىق كۆردۈم . (h|l$OL/  
    مەن سىزنى  تۇنجى قېتىم تۇرپاندىكى  تىل ئەدەبىيات تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا   كۆرگەن چېغىمدا  سىز بىلىمگە ئىنتىلىپ تۇرغان تولىمۇ تىرىشچان ، ئىزدىنىش روھىغا باي  بىر ئوقۇتقۇچى ئىدىڭىز ،  قايسى دەرسنى قانداق ئۆتۈش ،   بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش ،  مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى  ياخشى ئىشلەش   دېگەنلەر سىزنىڭ ئەڭ باش قاتتۇرىدىغان مۇھىم تېمىلىرىڭىز ئىدى .  مېنڭچە ، بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىققا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا سىزگە ئوخشاش  باشقا خىزمەتنىمۇ جۈملىدىن ئۆز كەسپىگە زىچ ئالاقىسى بولغان بىر كەسىپنىمۇ  بىرگە ئېلىپ ماڭسا ، بۇنى تولىمۇ ئاقىلانە بىر تەرەققىيات دەپ قارايمەن ، سىزدىكى ئىزدىنىش سىزنى دەسلەپتە بىر ئوقۇتقۇچىلىقتىن بىر تەرجىمانلىققا ئاندىن بىر كىتابخانا خوجانلىنلىقىغا باشلاپ كەلدى ، بەلكىم بەزى تەڭتۇشلىرىڭىز بىر كۈننى ئۆتكۈسە شۇنڭغا شۈكرى قىلىپ ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە  سىز ئۆزىڭىز  ھاراق شاراپتىن ، غەيرىي ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇپ پۈتۈن ئەقلىڭىز ، دىتىڭىز بىلەن گۆدەكلەرنىڭ ، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ تېخىمۇ كۆپ ئەقلى گۆدەكلەرنىڭ قەلبىگە «ھەقىقىي بايلىق» ئۇرۇقىنى چاچىدىغان ئىككى دۇنيالىق ساۋاب ئىشقا تۇتۇش قىلىپ مانا ھازىر ئارزۇلىرڭىزنىڭ بىر قىسمىنى روياپقا چىقىرىپسىز ، ۋاقتىڭىزنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئشىلارغا سەرپ قىلىۋېتىپسىز  . 81H04L9K 7  
  ئاخىرىدا سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزنىڭ تولۇقى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە سىزدىن ئۈمىدىم :  ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ھەم ياخشى بىر تەرجىمان بولۇشنىمۇ تاشلىمىغايسىز ، تەۋپىق مۇنبىرىمىزگىمۇ ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن ئ‍ۆزىڭىزگە مۇناسىپ مېھنەت مىۋىلىرىنى سۇنۇپ تۇرغايسىز . ...

tawpek 2012-04-01 01:18
ئۆزقۇت ئاكىمىزنى  دەسلەپ يەنى 2011 - يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى  مۇنبىرىمىزگە تۇنجى تىزىملاتقاندا بىر ئۇستاز سۈپىتىدە تونىغاندىم، كىيىن ئىسىل تەرجىمە ئەسەرلىرى بىلەن تەرجىمان سۈپىتىدە تونىدۇق، مۇنبەرگە يوللىغان تور كىتاپخانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرۆپ شۇنداق شاتلانغان بولساقمۇ باشلىغىلى بىر يىل بولغان ئىشنى تولىمۇ كىچىكىپ ئاڭلاتقىنىدىن كۆڭلۆم سەل يىرىم بولغان بولسىمۇ تور بىكىتىنى كۆرۆپ شۇنداق سۆيۆندۆم. bYQ h{q  
0&=2+=[c  
ئەمدىلىكتە باسقان قەدەملىرىدىن ئىرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى كۆرۆپ شۇنداق سۆيۆنۆش ئىلكىدە مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتىمەن. /D`M?nD7  
Fkuq'C< |Y  
كۆپ تەشەككۇر. V"%2Tz  
leiED'  
بۈگۈن تىخى ئاشۇنداق ماتىرىياللارغا زاكاز بولوپمۇ (ئادەتتە ئالدىنقى ماۋسۇم 11- ئايدا زاكاز بولغان نەرسە ھازىرغىچە كەلمەيدۇ) ماتىريالغا ئىرىشەلمىگەنلەرگە تور بىكىتىڭىزنى تازا بىر سەيلا قىلدۇرغانتىم ھەممىسى تالون چىقىرىپ بىرەلەرمۇ دىيشىپ توختاپ قالدى. bv;&oc:r  
uYIw ?fXy  
پۇلنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمەيدىغىنىغا مەن كىپىل بولوپ مۇشۇنى سوراي دەپ تۇرغان. }r]WB)_w  
l~Kn-S{  
بىزنىڭ بۇيەردە ئىمتاھان بىرىدىغانلارغا ماتىرىيال ئىزدەپ ئوقوتقۇچىلار بىرەر يۈز سوم كىرا قىلىپ شەھەرگە كىرىپ چىقىدۇ. %=/Y~ml?  
ZB:Fjq  
ھەر بىر يىڭى ئۇچۇرلىرىڭىز، يەنى كىتاپ ئۇچۇرلىرى بولسا مۇنبىرىمىزدە ۋاختى ۋاختىدا ئۇچۇر بىرىپ مىڭىڭ، tirw{[X0n  
/4#.qq0\{c  
مەن تەۋپىقتىكى پالانى ئەزا  دىسە ئەرزانراق بىرەرسىز. 7 tF1g=\  
o%h\55S  
مانا ماۋۇ يەردىن مارالبىشىغا بارمايمۇ ئۆزقۇت ئاكىمىزدىن كىتاپ سىتىۋالغىلى بولىدىكەن. ^4Tr @g#]"  
http://www.ozqutbook.com/ 86/CA[Y-  
9XT6Gf56  
TnL%_!V!  
بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئوخشايدۇ، مۇبارەك بولسۇن.

ماھى 2012-04-01 11:38
كىتاپخانىڭىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي،ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي.سىزنىڭ uP|AP  
كىتاپخانىچىلىقىمىز ساھەسىدە تېخىمۇ يۈكسېلىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىڭىزگە -5p=gO  
تىلەكداشمەن.

ozqut 2012-04-01 11:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەۋپىق ئىنىم، ئالدى بىلەن سىزنىڭ مېنى چىن دىلىڭىزدىن قوللىغانلىقىڭىزغا، ئىشلىرىمغا مەدەت بەرگىنىڭىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!!! دۇنيا ياخشى نىيەتلىك دوستلار بىلەن تېخىمۇ گۈزەل، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش دوستلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن ئۈزۈمنى شۇقەدەر بەختىيار ھېس قىلىمەن..... ئولۇغ ئاللاھىمدىن سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئاق نىيەتلىك دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا ئوتۇق، تېنىگە سالامەتلىك، مەڭگۈلۈك بەخت تىلەيمەن!!! eX?o 4>  
    كىتابخانىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئاچقان ھېسباتى بار، دوستلار قەتئىي خاتىرجەم بولسۇن...ئۆلچەملىك تالۇنمۇ ھەم بار...ماتېرىياللارنى ۋاقتىغا، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئەرزان باھادا ھېسابقا ئۆتۈىدىغان ئۆلچەملىك تالۇن بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.....

maxal 2012-04-03 16:49
      <<كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بېكار نېمە >>_دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك .قاراپ تۇرۇپ ئۆز ئۇستازىمنىڭ بۇ مۇنبەردە ئىكەنلىكىنى تۇيىماپتىمەن ئەمەسمۇ... @#VxjXW^  
    ئەۋلادلار ئۈچۈن مائارىپ سېپىدە تېنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ،شۇنداقلا مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇستازىمنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن .

ahat 2012-04-06 13:22
كىتابخانا ئېچىشقۇ ياخشى ئىشتى   كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم بەكلا ئاز.  بولاپمۇ ئۇيغۇرچە كىتاب...

maaripqi 2012-04-06 20:16
روھىڭىزغا ئاپىرىن، ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن.

arkin 2012-04-14 18:14
سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلار ھەقىقەتەن ياخشى لاھىيلىنىپتۇ . ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن مەلۇم نىسبەتتە رۇلى بۇلىدىكەن . تېخىمى تىرىشىپ مائارىپنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان جاپاكەس ئۇستاغلارغا بىر قوللۇق ياردەمدە بۇلۇشىڭلارنى تىلەيمەن . ئاللا سىلەرنى ئۆز پانائىدا ساقلىسۇن. ئىشلىرىڭلار كۈندىن كۈنگە روناق تاپسۇن

tughluk414 2012-05-09 22:18
كىتابخانىڭىزنىڭ ئەڭ ئاۋات جايغا ئايلىنىشىنى ، سودىڭىزىنىڭ كۈنىگە روناق تېپىشىنى تىلەيمەن! غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن.

nawbar 2012-07-11 10:55
كىتاپخانىڭىزنىڭ روناق تېپشغا تىلەكداشمەن مەنمۇ بىر يېزا بازىرىدا كىتاپخانا ئاچقان ئىدىم لىكىن يەنىلا مەن زامانغا باقتىم . ئون يىل كىتاپخانا ئېچىپ شۇنى ھىس قىلدىمكى كىتاپخانغا زىيالىلار ئەمەس دىھقانلار جىقراق كىرىدىكەن بەكمۇ ئەپسۇس . تېخى ئۇلار تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ كىتاپ زاكاز قىلدۇراتتى . ئەمما كىتاپخانىنى تاقاپ كويدۇم ، چۇنكى ئائىلەمدىكلەرنىڭ قارشى تۇرشى بىلەن ، ھەم ئۇزۇمنى قامداپ بولامغاچكا بەكمۇ ئەپسۇس ئىچىدە ئخىرقى كىتاپلىرىمنى قولدىن چىقاردىم.

ماھى 2012-07-11 11:12
ماڭا«ئۇيغۇرلارنىڭ پېسخكىسىدىكى ئاجىزلىقلار»دېگەن كىتاپ لازىم ئېدى،يەتكۈزۈپ بېرەلەرسىزمۇ؟

ئابلەت 2012-12-10 23:53
ئۆزقۇت كىتاپخانىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن.

زۈبەيدە 2012-12-11 13:22
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

شايار 2012-12-26 11:13
ياخشى ئىش قىلىپسىز.

تۆتتاش 2014-02-15 04:45
لىكىن  ئۆمرى قىسقا  بۇلۇپ  قالدى  دە  ،ئۆزقۇت  ئاكىمىزنىڭ.

مىېھرىما 2014-02-15 11:34
"]JS,g {m  
((  t8  
seq S*^7  
كىتاپخانىڭىزنىڭ روناق تېپشغا تىلەكداشمەن .ئىشىڭىزغا ئۇتۇقلار يار بولغاي.

رەيھان 2014-03-20 19:28
ھەقىقەتەن كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەملەر بەكلا ئازلاپ كەتتى . ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە مەن ھازىر بەزىلەرنىڭ ياسىداق ئۆيلەردىن ئالتۇن تاپسام تاپىمەنكى بىرەر پارچە كىتاپنى تېپىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن.

ماھى 2014-03-20 20:22
مىېھرىما:كىتاپخانىڭىزنىڭ روناق تېپشغا تىلەكداشمەن .ئىشىڭىزغا ئۇتۇقلار يار بولغاي. (2014-02-15 11:34) 
Uj6R?E{Jt  
كىتابخانا ئىگىسىنىڭ ئۆمرى قىسقا كېلىپ بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى.


查看完整版本: [-- مەن نېمە ئۈچۈن كىتابخانا ئاچتىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled