查看完整版本: [--
ھەرىكەتچان ئومۇرتقا
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ئىپىك ئەسەرلەر
->
ھەرىكەتچان ئومۇرتقا
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
danix
2012-03-31 14:09
ھەرىكەتچان ئومۇرتقا
ھەرىكەتچان ئومۇرتقا
Tbv/wJ
(مېكرو ھېكايە)
^_v[QV
مۇھەممەت مەتنىياز دانىش
Vclr)}5
ئۇ مېنىڭ 14 يىللىق ساۋاقدىشىم ھەم رەھبىرىم . ئۇ ئۆزىنى ماختىتىش ئۈچۈن بولسا كېرەك ، مېنى ئۆزى بارغان سورۇنلارغا دائىم دېگۈدەك بىللە ئېلىپ بارىدۇ . بىر كۈنى ئۇ مېنى بىر سورۇنغا ئېلىپ باردى . ئۇ ساھىپخاننىڭ باشلىشى بىلەن بىر خانىنىڭ ئىشىكىدىن كىردى - دە ، بۇ خانىدا ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن قەددىنى تىك تۇتۇپ ، سەل گېدەيگەندەك ھالدا ، سالاملىشىپ قول ئۇزاتقانلار بىلەن بىر قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي ، بىر قولىنىڭ ئۇچىدىلا كۆرۈشۈپ ، سالام بەرگەنلەرگىمۇ سالام بەرمەي ھەم ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ تۈزۈتكىنە قارىماي دېگۈدەك ساھىبخان كۆرسەتكەن تۆرىگە كېلىپ ، گېدىيىپ ئولتۇردى . باشقىلارنىڭ تېنچلىق سوراشلىرىغا ئېرەنسىزلىك بىلەن " ياخشى " ، " ياخشىغۇ " دەپ قىسقىلا جاۋاپ بەردى . ساھىپخان بەلكىم بۇ خانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ لايىقىدا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك ، بىزنى يەنى بىر خانىغا باشلاپ ماڭدى . ساۋاغدىشىم ئۇ خانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ ، ئادىتى بويىچە ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر قاراشقا باشلىدى . ئۇنىڭ كۆزى تۆرىگە چۈشىشى بىلەن، ئۇنىڭ بايامقى خانىدا تىكلەنگەن ۋە گىدەيگەن قەددى شۇنداق تېزلىكتە يادەك ئېگىلىشكە باشلىدى - دە ، ئۆزىدىن تېنچلىق - ئامانلىق سورىغانلارنىڭ ئاۋازىنى خۇددى ئاڭلىمىغاندەك ، ئۇلارنىڭ ئۆزى تەرەپكە سۇنۇلغان قوللىرىنى كۆرمىگەندەك ، كۆزىنى تۆردىن ئۈزمىگەن ھالدا تۆرىگە يېقىن كېلىپ ، تۆرىدىكى مېھماننىڭ ئۇنىڭغا سۇنۇلغان قولىنى ئىككى قولى بىلەن مەھكەم سىقىپ ، تېنچ - ئامانلىقىنى سورىمىغان نەۋرە - چەۋرە تۇغقانلىرىنىمۇ قويمىدى. ساھىپخان ئۇنىڭ بۇنداق ئۇزاق ئامانلىق سوراشلىرىنىڭ تۆرىدىكى مېھمانغا خۇشياقمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك ، ئۇنىغا بىر ئورۇننى كۆرسىتىپ ئولتۇرىۋىلىشقا تەكلىپ قىلدى . ئۇ تۆرىدىكى مېھماننىڭ يېنىدا ئولتۇرغانلارغا ئېچى تارلىق قىلغاندەك قاراپ قويۇپ ، تۆرىدىكى مېھماندىن ئۈچ ئادەمدىن كېيىنكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ساھىپخاننىڭ قولىدىكى چەينەكنى ئېلىپ ، چاپىنىنىڭ پەشلىرىنىڭ تەخسىلەردىكى سەيلەرگە چېلىشىپ قېلىشى بىلەن كارى بولمىغان ھالدا يادەك ئېگىلىپ تۆرىدىكى مېھمانغا چاي قۇيدى . مەن بۇلارنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ، ئىنتايىن ھەرىكەتچان ئومۇرتقىسىغا ھەيران قالدىم .
tawpek
2012-04-01 04:24
مەرھابا دانىش، ناھايتى ياخشى يىزىپسىز،
D'b#,a;V
H6K`\8/SeN
مۇنبىرىمىزدە بۇخىل ژانىر ئۈزلۈپ قالغىلى خىلى بوپ قالغانتى، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تەۋپىقداشلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بىيىتىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمىز.
查看完整版本: [--
ھەرىكەتچان ئومۇرتقا
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled