查看完整版本: [-- مىكرو ھېكايىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مىكرو ھېكايىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-31 13:15

مىكرو ھېكايىلەر

مىكرو ھېكايىلەر m>gok0{pm  
  L_.BcRy  
پەرھات جەمشىت f!~gfnn  
قوشنا
pC2r{-  
  قېرىشقاندەك ئەلى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەن ئاخشىمى توك كېتىپ قالدى،ئۇ ئەمدىلا شامنى يېقىپ تۇرۇشىغا ئىشىك چېكىلدى.ھېچكىمنى تونۇمىسام كىمدۇر ئىشىك چەككەن ؟دىگەن خىيالار بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ۋە ئوماققىنە بىر بالىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى،بالا سەل ئوڭايسىزلانغا ھالدا :
-ئاكا ئۆيۈڭىزدە شام بارمۇ؟سورىدى ئۇنىڭدىن.ئەلىنىڭ كۆڭلىگە ھېلىتىن شام سورىغىلى تۇرسا كېيىنچە ئىش بارمۇ نېمە بۇ خەققە دىگەنلەر چاقماق تېزلىكىدە كەچتى ۋە خۇش ياقمىغان قىياپەتتە :
-يوق دىدى جاۋابەن.
بالا كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ ئۆيىڭىزدە شام يوقمىكىن دەپ ئويلاپ سىلەرنى قاراڭغۇدا قالمىسۇن دېگەن مەقسەتتە دادام مۇنۇ شامنى ئەكىرىپ بەر!دەپ مېنى بۇيرىدى دىگىنىچە بۇدرۇققىنە قوللىرى بىلەن شامنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى.ئەلى شەلپەردەك قىزىرىپ نېمە دىيىشىنى بىلەمي تۇرۇپلا قالدى.
$up.< qzj  
                                        ئوقۇلمىغان خەت
 
مۇئەللىم مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟سورىدى گۈلمىرە شەيتانلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىدىن :
-نىمانداق گەپ قىلىسىز؟ئەخمەق قىز سىز تېخى كىچىك دىدى جاۋابەن ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن گۈلمىرەنىڭ تويى بولدى،  تويغا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى كەلمەي سوۋغىتى كەلدى...
ئارىدىن يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن گۈلمىرە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى ۋە يولىدىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىنىڭكىگە پەتىگە باردى.ئونىڭ تا شۇ كەمگىچە توي قىلمىغانلىقىدىن خەۋەر- دار بولدى ...
يەنە ئارىدىن بىر قانچە يىللاردىن كېيىن گۈلمىرەئۆي يىغىشتۇرۇۋېتىپ تۇيۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەتكەن ماقالە دەپتىرى قولىغا چىقىپ قالدى.ئۇ دەپتەرگە كۆز يۈگۈرتتى ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە ئوقۇتقۇچى كىچىك قىلىپ ھۆسنىخەت شەكلىدە مەن سىزنى، سىز چوڭ بولغىچە ساقلاشقا رازى دىگەن خەتنى يېزىپ قويغانلىقىنى كۆردى قىز نىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز نەملەشتى.      bmEo5f~C!  
                                    
  قايتۇرۇلمىغان ئۇچۇر 
                       
 بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سانىيەگە ھەر يىلى"ئاشىق-مەشۈقلار"بايرىمىدا ناتۇنۇش بىرىنىڭ "بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!"دەپ يوللىغان ئۇچۇرى كېلىدىغان بولۇپ قالدى،لېكىن ئۇ بىرەر قېتىممۇ جاۋاب قايتۇرمىدى .بۇ يىل بايرامدا ئۇنىڭغا ناتۇنۇش كىشى ئۇچۇر يوللىمىدى،سانىيە ھەيرانلىق ئىلىكىدە .تېلىفونىدىكى ساقلىنىپ قالغان نومۇرغا ئاساسەن ئۇنىڭغا"بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن"دىگەن ئۇچۇرنى يوللاپ باقتى ،ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپتىن ." رەھمەت سىزگە ئۆزىڭىز كىم بولىسىز"دىگەن ئۇچۇر كەلدى.
 
 
 
                                   ئۇچۇر
 
ئىدارە باشلىقىمىز ئەمەت 25ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كېلىشكەن  ئۆي-ئوچاقلىق بولمىغاندى يىگىت ئىدى   ئۇ ھاراق  كۆتىرىدىغان خۇش چاقچاق يۇمۇر -لەتىپە دىگەنلەرگە ئۇستا ئىدى،ھەمىشە  ھاراق سورۇنلىىرىدا يۇمۇر ،لەتىپە دىگەنلەرنى تۈكىۋېتىدىغان  بولغاچقا ھەممە ئۇنىڭغا ئامىراق ئىدى، دائىم ئىدارىمىزغا خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالاتتى  شۇنۇڭ  بىلەن ئىدارىنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقلىرمۇ  تېزلا ھەل بولۇپ كېتەتتى.بىراق ئۇنىڭ تەڭشىلىپ قالسىلا قول ئاستىدىكىلەرگە  ئۇچۇر يوللايدىغان ئادىتى بار ئىدى.
مانا بۈگۈن يۇقۇرىدىن خىزمەت تەكشۈرگىلى كېلىشتى ئۇ سورۇندىن يانغاندا خېلى تەڭشىلىپ قالغاندى،ئەمدىلا ياتىقىغا كېلىپ تۇرۇشىغا ساۋاقدېشىنىڭ "سېنى سېغىندىم،ھەقىقەتەنمۇ سېغىندىم،گويا كاككۇك زەينەپنى سېغىنغادەكلا"دەپ يوللىغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ چۇرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ياخشى ئۇچۇر ئىكەن دەپ ئويلىدى-دە،مەزكۇر ئۇچۇرنى باشقىلارغا يوللاشقا باشلىدى  تېلىفون ئېكرانىدا تۆت قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن خەت كۆرۈندى.شۇندىن كېيىن ئۇ تېلىفونىنى ئىتىۋېتىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئەمدىلا ئىشخانىسىغا كىرىپ تۇرۇشىغا قىرقىمىچاچ،بۇغداي ئۆڭ ،قاملاشقان بىر  قىز كۈلۈمسىرىگەن  ھالدا  كىرىپ كەلدى ۋە "باشلىق ئاخشام نىمە مەقسەت بىلەن ئۇچۇر يوللىغاندىڭىز ؟"دەپ سورىدى.
-"نىمە ئۇچۇر ؟"تۈكى قالمىغان بېشىنى سىللىپ تۇرۇپ سورىدى باشلىق.
شەھلا كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ"مانا قاراپ بېقىڭ "دىگىنىچە تېلىفونىنى ئۇزارتتى قىز ئۇنۇڭغا.
ئۇ ئەمدىلا قىزنىڭ قولىدىن تېلىفوننى ئېلىپ تۇرۇشىغا،يەنە بىر قىز خىزمەتچىمۇ كىرىپ كەلدى ۋە باشلىق ئاخشام  يەنە  كۆپ ئىچىپ قويغان ئوخشىمامسىز ؟مېنى "كولدۇرلۇتۇپ كۆڭلىڭىزنى ئاچاي دىگەنمىدىڭىز؟"دىدى زەردە بىلەن،شۇ چاغدىلا ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى ۋە كەچۈرۈڭلار مەن كۆپ ئىچىپ قويۇپتىمەن .ئاخشام بىر ساۋاقدېشىم ئۇچۇر يوللاپتىكەن ئۇنى  بىر دوستۇمغا يوللاپ بېرىمەن دەپ سىلەرگە يوللاپ قويۇپتىمەن كەچۈرۈڭلار دىدى خىجالەت بىلەن ئىككىيلىن بىر –بىرىگە قاراشىپ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يەتكەندەك بولۇشتى، قىرقىمچاچ قىز :
-باشلىق بۇنۇڭدىن كېيىن ئۇچۇر يوللىغاندا قاراپراق يوللارسىز دىدى، ئۇلار مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپشكەن پېتى چىقىپ كېتىشتى.
باشلىق قىزللارنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرمۇ –بىر كۆرۈشكە باشلىدى كەلگەن ئۇچۇرلاردىن  بىرىگە "سۆيۈملۈكۈم،تۈنۈگۈن ئۇ خىزمەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى 5-6كۈندىن كېيىن كېلىدۇ،سېغىنغان بولسىڭىز كېلىڭ دەپ يېزىلغانىكەن..."
"ھەي..."باشلىق بېلىيارت ئۇرۇقىدەك پارقىراپ كەتكەن بېشىنى سىللىغىنىچە  ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.
 
       ئاپتۇر: ئۈرۈمچى شەھرى يېڭى شەھەر رايونى 831-نومۇر شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپتە
J'O</o@e  
 KAmv7  

tawpek 2012-04-01 04:31
ئەسلى مۇئەللىپ خىزمەتدىشىڭىزكەندە، مۇشۇنداق ئەسكەرتمىگەن 2-3 پارچە ھىكايىنى سىزنى يەنە قانۇنسىز تېما يۆتكىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئۆچۆرۆپ تاشلاپتىمەن. ua*k{0[  
0b9K/a%sQv  
كەچۈرسىز. *,~d!Fc  
(,`ypD+3q  
پەرھات مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرىنى داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز.

natiwan 2012-04-01 14:11
«قوشنا» ناملىق ئەسەر ماڭا بەكمۇ يارىدى.


查看完整版本: [-- مىكرو ھېكايىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled