تولۇق 2-يىللىق خىمىيە ئىمتىھان سوئالى
تولۇق Ⅱ يىللىقلارنىڭ 2010 – 2011 – ئوقۇش يىلى 2 – مەۋسۇملۇق خېمىيە باسقۇچلۇق ئىمتىھان سوئالى
Ⅰ توغرىسىنى تاللاش (ھەر بىر سوئالغا پەقەت بىرلا جاۋاب ماس كېلىدۇ. جاۋابنى تۆۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ) (30=2×15)
1. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ئورگانىك ماددىغا تەۋە بولغىنى:
A. Na2CO3; B. CO2; C. CH4; D. SiC;
2. ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان بىرىكمىلەر ئىچىدە تۈرى ئەڭ كۆپ بولغىنى:
A. A Ⅱ گۇرۇپپا بىرىكمىلىرى؛ B. A Ⅲ گۇرۇپپا بىرىكمىلىرى؛
C. ئۆتكۈنچى ئېلمىنتلارنىڭ بىرىكمىلىرى؛ D. A Ⅳ گۇرۇپپا بىرىكمىلىرى؛
3. تۆۋەندىكى ھەر بىر جۈپ ماددىلاردىن ئىزومېرغا مەنسۇپ بولغىنى:
A. بىلەن ؛ B. O2 بىلەن O3 ؛
C. ؛ ؛
D. ؛
4. ئۆز ئارائىزومېر دەپ ئاتىلىدىغان ماددىلاردا مۇمكىن بولمايدىغىنى:
A. ئوخشاش بولغان نىسپى مولېكۇلا ماسسىسىغا ئىگە؛ B. ئوخشاش تۈزۈلۈشكە ئىگە؛ C. ئوخشاش ئومۇمى فورمۇلاغا ئىگە؛ D. ئوخشاش مولىكۇلا فورمولىغا ئىگە؛
5. سۇيۇقلۇق بۆلگۈچ پەركا بىلەن ئايرىشقا بولىدىغان سۇيۇق ھالەتتىكى بىر گۇرۇپپا ئارلاشما:
A. بىروم بىلەن CH4 ؛ B. بېنزول بىلەن ئىتانول؛ C. بېنزول بىلەن سۇ؛ D . سۇ بىلەن ئىتانول؛
6. تۆۋەندىكى ئالكانلارنىڭ بىر خىلورلۇق ئورۇن ئېلىش ھاسىلاتىدىن ئېزومىرى يوق بولغىنى:
A. 2 – مېتىل پروپان؛ B. پروپان؛ C. بوتان؛ D. ئېتان؛
7. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن بىرومنىڭ كاربون (Ⅳ) خىلوردىكى ئىرىتمىسى ۋە كىسلاتالىق كالى پېرمانگانات ئېرىتمىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرەلمەيدىغىنى:
A. C2H4; B. C3H6; C. C5H12; D. C4H8;
8. ئوخشاش ماسسىدىكى تۆۋەندىكى ھەر قايسى كاربونھىدرىدلاردىن تولۇق كۆيدۈرۈلسە CO2 نى ئەڭ كۆپ ھاسىل قىلىدىغىنى:
A. مېتان؛ B. ئېتان؛ C. ئېتېن؛ D. ئاتسېتالىن؛
9. بېنزول بىلەن تولوئولنى سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:
A. ھەر ئىككىسى ئاروماتىك كاربونھىدرىتقا تەۋە؛ B. ھەر ئىككىسى كىسلاتالىق KMnO4 ئېرىتمىسىنىڭ رەڭسىزلەندۈرىدۇ؛ C. ھەر ئىككىسى ئورۇن ئېلىش رېئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ؛ D. ھەر ئىككىسى ھاۋادا كۆيىدۇ؛
10. تۆۋەندىكى ھەر قايسى گۇرۇپپا ماددىلاردىن كىسلاتالىق كالىي پېرمانگانات ئېرىتمىسى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىغىنى:
A. ئېتىن، ئاتسېتلىن؛ B. 1 – ھېكسىن، بېنزول؛ C. بېنزول، نورمال ھېكسان؛ D. بېنزول، ھېكسان؛
11. تۆۋەندىكى بېرىكمىلەردىن ھەم چىقىرىپ تاشلاش رىئاكسىيىسىگە ھەم ھىدرولىىدزلىنىش رىئاكسىيىسىگە كىرىشىدىغىنى:
A. خىلوروخروم؛ B. مېتىل خىلورىد؛ C. ئىتانول؛ D. ئېتىل خىلورىد؛
12. بېنزىن كۆيگەندە ھاسىل بولىدىغان ئاپتوموبىل چىقىرىندى گازى تەركىبىدىكى ئاتموسفىرانى بۇلغايدىغان ئاساسلىق ماددا:
A. كاربون ئوكسىدلىرى؛ B. گۇڭگۈرت ئوكسىدلىرى؛ C. ئازوت ئوكسىدلىرى؛ D. فوسفور ئوكسىدلىرى؛
13. تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ئالكوھوللارغا تەۋە بولمايدىغىنى:
A. C3H7OH; B. C6H5CH2OH; C. C6H5OH;
D.
14. مەلۇم ئورگانىك ماددىنىڭ تۈزۈلۈش ئاددى فورمۇلىسى ئۇنىڭ خېمىيىۋى خۇسۇسىيەتلىرىگە دائىر تۆۋەندىكى ھۆكۈملەردىن توغرا بولمىغىنى:
A. كۈمۈش – ئاممىياك ئېرىتمىسى ئوكسىدلىنىدۇ؛ B. كىسلاتالىق KMnO4 ئېرىتمىسىنى رەڭسىزلەندۈرۈدۇ؛ C. بۇ ئورگانىك ماددا پەقەت Br2 1Mol بىلەن قوشۇۋېلىش رىئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ؛ D. بۇ ئورگانىك ماددا پەقەت H2 1Mol بىلەن قوشۇۋېلىش رىئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ؛
15. ئېتىل ئاتسېتات KOH ئېرىتمىسىدە ھىدروزلانغاندا ئېرىشىلىدىغان ھاسىلات :
A. كالى ئاتسېتات؛ B. مېتانول؛ C. ئېتىل ئاتسېتات؛ D. ئاتسېتات كىسلاتا؛
Ⅱبوش ئورۇن تولدۇرۇش. (42=2×21)
16. كاربون ئاتومىدىن تەركىپ تاپقان مولىكۇلا ئىسكىلىتىغا ئاساسەن ئورگانىك بىرىكمىلەردىن ( ) بىرىكمە ۋە ( ) بىرىكمىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
17. فۇنكىسىئول گۇرۇپپا ( ) نى تۈزۈدۇ. ئېتىننىڭ مولىكۇلا فورمۇلىسى ( )، فۇنكىسىئول گۇرۇپپىسى ( )، ئىتانولنىڭ مولىكۇلا فورمۇلىسى ( )، فۇنكىسىئول گۇرۇپپىسى ( )، بىر خىلورلۇق مېتاننىڭ مولىكۇلا فورمۇلىسى ( )، فۇنكىسىئول گۇرۇپپىسى ( ).
18. كاربون ئاتومىنىڭ ئەڭ سىرتقى ئېلىكتىرون قەۋىتىدە ( ) دانە ئېلىكتىرون بولۇپ، بىر دانە كاربون ئاتومى باشقا مېتا لوئىد ئاتوملىرى بىلەن ( ) دانە ( ) باغ ھاسىل قىلىدۇ. كاربون ئاتوملىرىمۇ كۇۋالېنتلىق باغ ئارقىلىق ئۆزئارا بىرىكىپ ( ) باغ، ( ) باغ ياكى ( ) باغنى ھاسىل قىلىدۇ.
19. بىرىكمىلەردىكى مولىكۇلا فورمۇلىسى ( ) ئەمما تۈزۈلۈش فورمۇلىسى ( ) بولمايدىغان ھادىسە ( ) دەپ ئاتىلىدۇ.
20. 1mol C2H2, 1mol C2H4, 1mol C2H6 نى ئايرىم – ئايرىم تلۇق كۆيدۈرگەندە ئوكسىگېن گازى ئەڭ كۆپ سەرىپ بولىدىغىنى ( )، ھاسىل بولغان سۇ ئەڭ ئاز بولىدىغىنى ( )، ھاسىل بولغان ( ) نىڭ ماسسىسى ئۆئارا تەڭ.
Ⅲ تۆۋەندىكىلەرگە جاۋاب بېرىڭ. (10=5×2)
21. تۆۋەندىكىلە×رنىڭ نامىنى ئاتاڭ.
CH3
CH3–CH2–CH2–CH2–CH3( )
CH3
CH3 – CH - CH2 - CH3 ( )
CH3
22. تۆۋەندىكى بېرىكمىلەرنىڭ فۇنكىسىئول گۇرۇپپىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
CH3CH2-Br ( )
CH3-CHO ( )
CH3CH2-OH ( )
Ⅳ تۆۋەندىكى ماددىلار ئارىسىدىكى ئايلىنىشنىڭ خېمىيىۋى تەڭلىمىسىنى يېزىڭ ھەم رىئاكسىيە شارايىتىنى ئەسكەرتىڭ. (12=4×3)
23. C2H5Br ________ C2H5OH ________ C2H3
CH3CHO
① ______________________________
② ______________________________
③ ______________________________
④ ______________________________
Ⅴ ھېسابلاڭ. (6 نومۇر)
24. ئېتىن ھىدروگىن خىلورىد بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ ئېتىل خىلورىد (C2H5CI) نى ھاسىل قىلىدۇ. نەزىرىيەگە ئاساسەن ھېسابلىغاندا، ھەر توننا ئېتىندىن قانچە توننا ئېتىل خىلورىد ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؟
|