查看完整版本: [-- مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۈرۈمچى تەتقىقات مەركىزى ئۇچۇرلىرى -> مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2012-03-29 20:50

مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى

ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدىكى ئوقتۇرۇرشى
 
ئوبىكتى : شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرى
ۋاقتى : 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-3كۈنلىرى
4-ئاينىڭ 1-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇش . تىزىمغا ئېلىش ئورنى شىمالىي قۇۋۇقتىكى : «بۇغدا مېھمانىسى  »
4-ئاينىڭ 2- 3- كۈنلىرى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .
ئىككى سائەت تەكرار دەرسى ئۆتۈلىدۇ .(ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن رامىلە مۇئەللىم ئۆتىدۇ .)
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن يۇنۇس راخمان
ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىن ھامۇتجان ھېكىم ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن سۈبى ئابدىۋەلى  ، 61-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆمەر ھەسەن ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئامىنە بارات  20-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوسمانجان ئۆمەر  مۇئەللىملەر لېكسىيە سۆزلەيدۇ . لېكسىيەدە بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان يۈزلىنىشى ، ئۈرۈمچىنىڭ 1-2-قېتىملىق مانىۋىر ئىمتىھانى تەھلىلى ، ئۇيغۇر تىلىدىن چىگىش مەسىلىلەر  ، تەكراردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تەكرار ئۇسۇلى ، دەرسلىكتىكى شېئىرلارنى تەھلىل قىلىش  قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ .  
ھەر قايسى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارىشى  ئالىمىز .
 
بۇ يىغىنغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئەسلى مەنبە ئادرىسى :
  
 
 
 
ئۇقتۇرۇشنى تەۋپىق تورىغا يوللاشنى ھاۋالە قىلغۇچى :
ھامۇتجان ھېكىم

tunyukuk 2012-03-29 21:01
موھىم ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت! بۇ بىر ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىكەن. بىز ئالدىنقى يىلىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتا بېرىپ قاتناشقان. نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولغانىدۇق. بۇ قېتىممۇ مۇدىرلىرىمىز قوشۇلۇپ بىر - ئىككىمىزنى بولسىمۇ ئېۋەتكىدى. ...

koksangun 2012-03-30 11:33
ئەپسۇس ، مەن بارالمايدىغان بولدۇم ، ئۆزقان مۇئەللىمنىڭ بۇ يىغىن ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .

ئەلدۇز 2012-03-30 11:35
   ئۇچۇر ئەۋەتكىنىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم،پۇرسەت بولسىلا  قاتنىشىپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ يېڭى سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىمەن.سىزگە كۆپ رەھمەت.

abdumijit 2012-03-30 13:37
مەن كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟

barqin 2012-03-30 17:38
خەۋەر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

koksangun 2012-03-31 10:28
ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇچۇرلىرى تولۇق 3-يىللىقلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ۋە تەكرارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان .ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم . چۈنكى  بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سۇئالىنى چىقارغۇچى ئوقۇتقۇچى قاتنىشىش ئېھتىماللىقى بار . شۇ سەۋەپتىن بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغىمۇ ئاقسۇدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا مەسىلە ئېلىپ بارغاندەك مەسىلە ئېلىپ بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر . ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ، ئىمتىھاندا يۈز بېرىۋاتقان كەمچىلىك ۋە نۇقسانلار ، تالاش تارتىش بولۇپ ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى بۇ قېتىملىق مۇھكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق سۇئال چىقارغۇچى ئوقۇتقۇچىنى بۇ خىل نۇقسانلىق سۇئاللارنى چىقىرىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك .
دائىم كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئومۇمىلاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى  خۇلاسىسىنى چىقىرىپ بېكىتىش زۆرۈر ، شۇڭا تەۋپىق مۇنبىرىدىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىغان تولۇق 3 -يىللىقنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار ...

ozqan 2012-03-31 19:43
ئەسسالام تەۋپىقداشلىرىم :
ئېغىر كۆرمىسەڭلار يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار ئۆزەڭلارنى ئىنكاس ئارقىلىق مەلۇم قىلساڭلار .
  مەن ئەتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن تەۋپىقداش قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا رازى . تەۋپىقتىن ئىبارەت چوڭ ،ئىللىق ئائىلىنىڭ كۆيۈمچان بىر ئەزاسى بۇ جايدا سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدۇ . مەن بۇ يەردە ...

ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان تەۋپىقداشلىرىم  قانداقلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەڭلار ماڭا تېلفون قىلىڭلار قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن .  
تېلفون نومۇرۇم : 18999127979

ئەگەر ھاجىتىڭلار چۈشمىگەندىمۇ ھېچ بولمىسا يىغىن جەريانىدا سالاملىشىش نېسىپ بولسىكەن دەيمەن . ئۆزقان ، مەن پالانچى بولىمەن دېگۈچىلەردىن مەن بەك خوشال بولاتتىم .  چۈنكى تەۋپىقتىن ئىبارەت مەۋھۈم دۇنيادا بىز قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق .
مېنى تاپالمىساڭلار ، ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ يىغىن مەسئۇلى ھامۇتجان ھېكىمدىن ئامىنە باراتنى كۆرسىتىپ قويغان بولسىڭىز دېسەڭلار كۆرسىتىپ قويىدۇ .

سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاللا نېسىپ قىلسۇن .
  

tawpek 2012-04-01 02:59
ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىدىن ھامۇتجان ھېكىم ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن سۈبى ئابدىۋەلى  ، 61-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆمەر ھەسەن ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئامىنە بارات  20-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوسمانجان ئۆمەر  مۇئەللىملەر لېكسىيە سۆزلەيدۇ .


دىمەك ئۆزقان ھەدىمىز بۇ يىغىندا لىكسىيە سۆزلەيدىكەن دىسە.

مۇمكىن بولسا يىغىن ئاۋازى ياكى فىلىمىنى سۇنغايمىز، شۇ بانىدا ئاتامانىمىزنىڭ يىغىندىكى سۈرلۈك قىياپىتىنى ، تەۋپىقداشلارغا جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاقارتىش ھەركىتىنىڭ سەركىللىرىگە يول باشلاپ زەپەر مارشىنى توۋلاپ ئۈنتىنسىز ئىلگىرلەش يولىدىكى چاقىرىق سادالىرىنى ئاڭلىۋالارمىز.


23-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئامىنە بارات مەن بولىمەن دىۋەتسىڭىز تەۋپىقداشلار تىخىمۇ ئاسان تىپىۋالاتتى.

مىېھرىما 2013-12-17 22:33
يوللاپ قويۇڭلا بىزمۇ كۆرەيلى


查看完整版本: [-- مۇھاكىمە يىغىنى ئۇقتۇرۇشى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled