ئەلدۇز |
2012-03-29 18:21 |
ئابدۇكېرىم ئابلىزغا بېشارەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەنئەت كۆكىدە چولپان بولۇپ چاقناپ شان -شۆھرىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك ئۆسۈۋاتقان ئەل سۆيگەن ھەم ئەلنى سۆيگەن ھۆرمەت ساھىبى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئەپەندى! u
J
GYXlLE سىز مەركەزدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ،مىللەتلەر ئونۋېرسىتىدا لېكسىيە سۆزلەپ،راكىتادەك ئۆرلەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە،بەزىلەرنىڭ ئۈستىڭىزدىن قىلغان غەيۋەت-شىكايەتلىىرىنى ئاڭلدىم ۋە بۇ غەيۋەت-شىكايەتلەرنى قاتتىق بېسىم بىلەن پرېسلاپ ئىخچاملاپ تىزىملىك شەكلىگە كەلتۈردۈم.ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرز قىلىش ئۈچۈن، بىزنىڭ مەھەللىدە تەييارلىق كۆرۋاتقۇچلار تۆۋەندىكىچە: + ,0RrD ) 1.ئېتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈش سەۋەبىدىن،ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپ،جىددى قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغۇچىلار ۋە قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرى؛ $U3s:VQ ' 2.ئېتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈش سەۋەبىدىن ،قان بېسىمى ئۆرلەپ ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ چۈشۈش بىلەن،ئۆسۈملۈك ئادەم بولۇپ قالغۇچىلارنىڭ جورىلىرى؛ ~%m-}Sxc 3.ئېتوتلىرىڭزنى كۆرۈش بىلەن ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي،ئۇچراشماقچى بولغان جايغا ۋاقتىدا بارالمىغانلىقتىن،سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،جۇدالىقتا ئازاب چېكىۋاتقان ئاشىق ۋە مەشۇقلار؛ R2-OT5Ej 4.يۈرىكىگە كۆۋرۈك سېلىنغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئېتوتلىرىڭىزنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپ،يۈرىكىدىكى كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ جورىلىرى؛ 3@_je)s 5.ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ ئېتوت كۆرۈش سەۋەبىدىن،يولۇچىلارنىڭ زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تۆلەمگە قالغۇچى شوپۇرلار(نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئېكراندا سىزنىڭ ھېچنېمە بىلەن كارىڭىز بولماي ئېتوت ئويناۋاتقان ھالىتىڭىز پاكىت قىلىنماقچى ئىكەن)؛ mS6L6)] S 6.خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېردا تورغا چىقىپ،سىزنىڭ ئېتوتلىرىڭىزنى كۆرۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ،خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالماي تەنقىدكە ئۇچرىغۇچى خىزمەتچىلەر؛ 8tY], 7.خېرىدار بىلەن كارى بولماي ئېتوت كۆرۈپ مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇپ، مېلى بېسىلىپ قېلىپ زىيان تارتقۇچى دۇكاندارلار؛ ySL 31% 8.ئاپتوبۇستا ئېتوت كۆرۈپ ئېسىنى يوقىتىپ،مەنزىلگە يەتكەندە سومكىسىنى ئالماي ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كېتىپ دېلو مەلۇم قىلغۇچىلار؛ {eMu"< 9.ئېتوتلىرىڭىزنى تەكرار-تەكرار كۆرۈش بىلەن ئۆيىدىكى پېلاستېنكا قويۇش ئاپپاراتلىرى كۆيۈپ كەتكۈچىلەر؛ Rq<T2}K 10.كۈنبويى ئېتوتلىرىڭىزنى كۆرۈش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ،تاپاۋەت قىلالماي ئاچ قالغۇچىلار.... [w
i " ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام،ئېتوتلىرىڭىزنى تولا كۆرۈپ،كومپيۇتېرىمنىڭ ئىكرانى بەرداشلىق بېرەلمەي نەچچە قېتىم كۆيۈپ كەتتى.ھازىر ئېكرانىم قېزىپ كەتسە،توڭلاتقۇغا سېلىپ سوۋۇتىدىغان ئۇسۇلنى كەشىپ قىلدىم.شۇڭا،مەن ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم. zH.DyD5T; بىلىپ قېلىڭكى،باشقا كىشىلەرنىڭ ئەلپازى يامان تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە،خەتەرلىك تاۋارلارنىڭ قېپىغا ئېھتىيات بەلگىسى،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يېزىلسىمۇ،سىزنىڭ ئېتوت پېلاستىنكىڭىزدا ئېھتىيات قىلىشتىن ئۇچۇر بېرىلمىگەن،يەنە كېلىپ،سىزنىڭ<< سىلەرنىڭ كۈلكەڭلار مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم>> دېگەن شوئارىڭىز يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتلەرنى ئارزو قىلدىغانلىقىڭىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە دەۋا پىلتىسىگە ئوت ياقىدۇ! [89#8|+ ئۈستىڭىزدىن سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن،سوت مەھكىمىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ،ئەرز قىلغۇچىلارنى بىر ئامال قىلىپ نىيىتىدىن يېنىشقا ھەرىكەت قىلىپ باقسىڭىز بولارمىكىن دەيمەن.دادىمىزنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولغاچقىلا، بۇ مەخپىيەتلىكنى سىزگە دەپ قويدۇم. ھە، يەنە يالقۇن،رۇقىيەم ھەم ھېلقى شاگىرتىڭىزغىمۇ دەپ قۇيۇڭ،ھۇشيار بولسۇن! m
&EwX ^1- ئاپتورى:مۇھەممەدئىمىن ئابلىز (قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىدىن) g< M\zD (جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2012-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىنىدى) H_3S#.
|
|