查看完整版本: [-- كۆرۆرمەنلەر دىققىتىگە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> كۆرۆرمەنلەر دىققىتىگە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-10-16 00:01

كۆرۆرمەنلەر دىققىتىگە

يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىز دە ئەزالارنىڭ شىددەت بىلەن ئىشىش سۈرىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۆرۆلدى.  ھەم ھازىرمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ ،
بۇ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئورتاق دۈچ كەلگەن مەسىلىسى دەپ قارايمەن. بۇلارنى بەزىلەر خاككىر دەپ ئاتاپتۇ،بۇمۇ ئىھتىمال  لىكىن مەن ئوغورلۇقچە ئىلان بىرىپ باشقىلارغا بىھۇدە ئاۋارچىلىق سىلىۋاتقانلارمىكىن دەيمەن.

ھەركۇنى يىڭىدىن ئىلتىماس قىلغان ئەزالارنى كۆرگىنىمدە قالايمىقان ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان ياكى خەنزۇچە ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان بىر مۇنچە ئەزالارنى كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ IP ئادرىسىنى تەكشۇرگەندە ھەممىسى ئىچكىرىنىڭ بولوپ چىقىدۇ.

كۈنىگە 20-30  ئەزا تىزىملىتىدۇ. ھەم قالايمىغان خەنزۇچە تىمىلارنى يوللاۋاتىدۇ. كۆپىنچىسى ساپلا ئىلان تەشۋىقاتلار.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبەردە تىما تەستىقلاش تۈزىمى يولغا قويولدى.

بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەندىن كىيىن ئىنكاس شەكىلدە يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزدە ئىزچىل ئەزا ئۆچۆرلىۋاتىدۇ.

تۆۋەندىكىدەك ئەزالار بىردەك ئۆچۆرلىدۇ:

1.ئەزا بولوپ بىر ئايغىچە ھىچقانداق تىما ئىنكاس يوللىمىغانلار.
2.بىر ئاي ئىچىدە ئەزا بولغانلاردىن ئەزالىق ئىسمى چۈشىنىكسىز بولغانلار.


بۇلار كۆپىنچە كۈندۈزى ئەزا بولوپ كىچىسى تىما ئىنكاس يوللاۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى بايقىغان ھامان
مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىللىرىغا خەۋەر قىلىپ قويوشىڭلارنى . ئەزا بولغانلارنىڭ چۈشىنىشلىك ئىسىملارنى ئىشلىتىشىڭلارنى ، ئەزا بولوش ئۈچۈنلا ئەزا بولوپ ئەزا سانىنى بىھۇدە پاخاللاشتۇرماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ئاخردا كەڭ مۇنبەر ئىشتىراكچىللىرىنىڭ مۇنبىرىمىزنى قوللاپ -قۇۋەتلىشىنى، قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىىرلىنى ئايىماسلىقىنى  ئۈمۈد قىلىمىز.

كامالى ئىھتىرام بىلەن   :
                                     تەۋپىق

tawpek 2011-07-15 10:51
يىڭى ئەزا بولغانلار ھىچقانداق تىما ئىنكاس يوللىيالمايدۇ، شۇڭا ئەزا بولغاندىن كىيىن تەستىقلىنىشنى كۈتىشىڭىزنى ، تەستىقلانغاندىن كىيىن يازما يوللاش مەشىۇلاتى ئىلىپ بىرىشىڭىزلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مىېھرىما 2013-12-17 21:06
بۇ تۈزۈمنى ئورناتقىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. تەۋپىق ئىنىم توغرا قىپسىز مەن قوللايمەن سىزنى
.

مىېھرىما 2013-12-17 21:08
مۇشۇنداق ياخشى پىكىرنى كۆرۈپ قوللاپ قويمىغىنىنى بۇ  بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىشقۇ؟

گۈلنىھال 2014-01-28 19:54
‏تەۋپىق ئەپەندى ، بۇ پىكىر ياخشى بوپتۇ ، قوللايمىز .

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 00:18
قارىغاندا بۇرۇن يېزىلغان ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، لېكىن ھېچقىسى يوق ، يەنە يازساق بولىدىكەنغۇ !؟

قاراخان 2014-02-24 22:46
مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىدىغانلار ھازىرمۇ بارمىدۇ؟

tawpek 2014-03-03 17:42
ھازىر ئەزا تەستىقلاش تۈزىمى يوق.

سۇئال-جاۋاب شەكلى ئارقىلىق ئانا تىلدا ساۋادى يوقلارنىڭ تىزىملىتىپ كىرىشى قىيىنلاشقاچ بۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇق دەپ ئويلايمىز.

لىكىن قالايمىغان مەزمۇن يوللانسا بارلىق تەۋپىقداشلارنىڭ ۋاختىدا باشقۇرغۇچىلارغا خەۋەر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھەزتىلى 2014-03-03 20:33
    
مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىدىغانلار ھازىرمۇ بارمىدۇ؟

ياسىنجان510 2014-03-03 20:49
مۇنبەر باشلىقى تەۋپىق ئەپەندى ،مېنىڭ بىر پىكرىم مەن كۈندۈزدە كومپيئوتىر مەشغۇلاتقىلىشقا ۋاقتىم يەتمەيدۇ،چۈنكى ئەتىگەندە مەكتەپكە كەتسەم ئۆيگە كەچتە كىلىمەن،ئاندىن مەشغۇلاتتا بولىمەن .شۇڭا توغرا قارىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . مانا ھازىرلا ئۈستەلگە ئولتۇردۇم.

tawpek 2014-03-05 01:29
ئىككىمىز ئوخشاشكەنمىز ياسىنجان مۇئەللىم.


مەنمۇ چۈشتە ئۆيگە قايتالمايمەن.

ھىلىمۇ تەۋپىق ئەھلى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەۋھۇملۇقتا مۇشۇنداق بىر دىل بىرلىكىنى ھاسىل قىلىپ تۇرۇپتىمىز.


ئوقوتقۇچى ئاتلىقلارنىڭ ۋاختىنىڭ قانچىلىك زىچ ئورۇنلاشقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.

كۆرۆشكە ۋاختىم يەتمەي چۈشۈپ كىتىۋاتقان تېمىلارنى كۆرسەم ئىچىم شۇنداق سىرىلىدۇ.


查看完整版本: [-- كۆرۆرمەنلەر دىققىتىگە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled