查看完整版本: [-- نورۇزلۇق تىلەكلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> نورۇزلۇق تىلەكلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2012-03-28 11:31

نورۇزلۇق تىلەكلەر

     RkBb$q 9F]  
2gq9k}38  
sSi6wO$  
ئەسسىالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يۇرتداشلار؛ 2|}+T6_q  
  رەھبەرلەر ، ئەزىز مېھمانلار ،يولداشلار، دوستلار؛   '4|-9M3f  
     مەن بۈگۈن سىزلەر بىلەن بىرگە قۇتلۇق نەۋرۇز مەركىسىگە ئىشتىراك قىلغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. P)MDPI+~  
  ھەممىڭىزلارنىڭ نەۋرۇز مەركىسىگە مۇبارەك بولسۇن!     S7L=#+Z  
نەۋرۇز بايرىمى باھار بايرىمى . ئۇ  يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارسىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي بايرامدۇر . k+8q{5>A<  
نەۋرۇز يالغۇز دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بايرىمى بولۇپلا قالماستىن ، كەڭ ئۇمۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى. ,H1 9`;Q  
21  - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى،دۆلىتىمىز مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇۇرپ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستەسايراش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەيرى مەدەنىيەتلەرنى ساقلاپ قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىغا بويىچە بۇ مىللىي بايرام دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا نورۇز بايرىمىغا تەنتەنە قىلىدىغان  تۈرلۈك پائالىيەتلەر ھەر خىل شەكىلدە  كەڭ قانات يايدۇرۇلدى . مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزدىن بىرى بولغان 12 مۇقام ، پارتىيە  - ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا دۇنيا غەيرى ماددى - مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تارىخىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى . نەۋرۇزدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەنئەنىۋىي مەرىكىمىزگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇنى مول مەزمونلۇق  مەنىۋىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەركىبى قىسمىغا  ئايلاندۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلدى.  جۈملىدىن رايونىمىز گۇچۇڭ ناھىيەسىدىمۇ  پارتىيە ، ھۆكۈمەت، ئاممىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن بۈگۈن بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز! بۇ پائالىيەتنى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىكى ، ۋەتەن خەلقنى سۆيىدىغان ،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى كۆزنەككە ئايلاندۇرايلى! yRfSJbzaf\  
يولداشلار ، دوستلار! سىلەرنىڭ يېڭى يىلدا تېنىڭلارنىڭ سالامەت ، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك خىزمىتىڭلارنىڭ نەتىجىلىك بولىشىنى، تىجارىتىڭلارنىڭ روناق تېپىشىنى ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭى يىلدا جاسارىتىڭلارنى ئۇرغۇتۇپ ، تۇرمۇشىڭلارنى باي – باياشات قىلىشقا تىرىشىشىڭلارنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇپ ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجىل – ئىناقلىق ئىچىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى تىلەيمەن! ?Vdia:  
   ئاخىرىدا يۇرتداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، خىزمەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى تىلەيمەن . x"{'&J[hx  
( ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى ) FZtfh  
D?8rO"  
ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان  ساخاۋەتچىلەر }woo%N P  
9=V:&.L  
/Ya_>+oo  
        ئەل سۆيگەننى ، ئەلمۇ سۆيىدۇ . ئەل تەرىپىدىن تەرىپلىنىپ، كېلىنىۋاتقان كىشلىرىمىز ئاز ئەمەس .    ناھىيەمىزدىمۇ  يۇرتىمىزنىڭ  گۈللىنىشى ،تەرەققىياتى ئۈچۈن زور توھپىلەرنى قوشۇپ  كېلىۋاتقان كارخانىچىلار  ،يەككە ىجارەتچىلەر  كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ . ئۇلار ناھىيەمىزنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە خەيرى – ساخاۋەت   ئېلىپ بېرىپ ، ئاجىزلارغا يۆلەك ، نامراتلارغا غەمگۈزار بولىۋاتىدۇ . ئۇلار ساخاۋەتلىك ، سېخى ئالقانلىرىنى كەڭرى ئېچىپ ،  خەلقىمىز ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ نۇرلۇق گۈزەل ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . .D: Z{|.1  
ھازىر ناھىيەمىزدە رويخەتكە ئالدۇرغان  ئۇيغۇر  كارخانا – شېركەتلىرى   16 گە يەتتى .  ئالتۇن كۆۋرۈك كانچىلىق شىركىت ، ئەلى تۇردى ھاجى  دېھقانچىلىق مەيدانى،ئالماس ئۆي مۈلۈك شىركىتى، ئالماس كانچىلىق شىركىتى ،ۋەلى كانچىلىق شىركىتى ، مىننەن شىركىتى ، رۈيلىن شىركىتى ، يادىكار شىركىتى ، كېرەم ھاجى  شىركىتى ، رابىيە شىركىتى ، جىندى شىركىتى ، چاڭشىڭ شىركىتى ، غالىپ كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ، پۇلات كانچىلىق شىركىتى ، موۋشياڭ شىركىتى ، ئەلى كانچىلىق شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئۆز كارخانىلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەنمۇ   شۇغۇللانماقتا  .  بۇنىڭ ئىچىدە  ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكى ، ئانا بولۇشنىڭ ئۇلۇغ مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە تىرىشىپ كارخانا قۇرغان  ، جەمئىيەت رىقابىتىگە دادىل جەڭ ئېلان قىلغان ئايال كارخانىچىلاردىن رابىيە خانىمنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز . ئۇلار تىجارىتى روناق تاپقاندا يۇرتداشلىرىنى ، قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى .  قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قىلىپ، داۋالىنىشقا قۇربى يەتمىگەن كىشلەرگە ياردەم بېرىش ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ياخشىلاش ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ ئەل – ئاۋام قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . ?$6Y2  
     خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئالتۇن كۆۋرۈك شېركىتى،ئالماس شېركىتى، ۋەلى شېركىتى ، كېرەم ھاجى شېركىتى،  رۇيلىن شېركىتى  قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۆرسەتكەن ھىممىتى ئالاھىدە بولدى. fbL\?S,w  
     ناھىيەمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ  ھازىرغىچە خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاجراتقان پۇلى ئۈچ مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بىر ناھىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ، خېلى كۆپ سەرمايە ھېسابلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە . (''M{n  
     بۈگۈنكى نوۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شېركەتلەرگە تەشەككۈر بىلدۈرۈمىز . ئۇلارنىڭ خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئەلا بىلىپ ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە كۆرسەتكەن ھىممەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ، رەھمەت سىزلەرگە ! R&Jm +3N  
( شېركەت دىروكتور ياردەمچىسى ۋە پىشقەدەم مائارىپچى ئادىل ئىسمايىل مۇئەللىم  ) gUpb 4uN  
I*IhwJFl/  
نورۇزنامە Ju3*lk/j-  
نورۇز بايرىمى  قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپ ، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر نورۇز كۈنىنى يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى دەپ تونۇپ ، بايرام قىلىپ بېكىتكەن.  بۇ بايرام،ئوتتۇرا ئاسىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. L\& 
بۇ بايرام تۈركى تىللىق حەلقلەر ئىچىگە ، جۈملىدىن    ئۇيغۇرلار ئارسىغىمۇ كەڭ تارقالغان . بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (قۇياش) كالېندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ ، يېڭى يىل باشلانغان كۈنى، يەنى مىلادىيە 3 – ئاينىڭ 21- كۈنى (كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن ) باھارنىڭ تۇنجى كۈنى قىلىپ تەبرىكلەنگەن . ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى،  شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى نورۇز كۈنى دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن . 1Lg-.-V  
. خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك كۈن دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا  شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. |/2y-[;:  
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ. ئۆزئارا يوقلاشقاندا، سەيلە - تاماشىلاردا، مەشرەپ -سورۇنلاردا، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت - قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. ewfP G,S  
نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۇسۇنلىرى بولىدۇ . HVP"A3}KC  
نورۇز ئىشى جامائەتتىن ئىقتىسادى يىغىش قىلىنىپ تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئىشى كۆپىنچە يەتتە تال ياكى توققۇز تال داندىن تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئىشىغا نورۇزگاھكا كەلگەن ھەممە كىشى ئېغىز تېگىدۇ. 8 XICF  
نورۇز سەيلىسىدە كىشىلەر h~p>re  
چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت، قوچقار، خوراز، كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش دېگەندەك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ . kH4Ai3#g  
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك ، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ - ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ . $zyIuJN#  
شۇڭا نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى،    خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرۇشتىن باشقا ، نۆۋەتتە ئالاھىدە تەكىتلىنۋاتقان سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت قۇرۇش،مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇش چاقىرىقىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. `X`2:@gQ  
( جامائەت ۋەكىلى ئوقىدى ) B?)@u|0  
s.x&LG  

tawpek 2014-03-20 19:35
ياخشى تەبرىكلەركەن. b L]erYm  
OKP9CLg9  
ناھىينىڭ چوڭراق نۇرۇزلىرىدا جانلىق پايدىلانسا بوغۇدەك. ?  B E6  
:gB[O>' 


查看完整版本: [-- نورۇزلۇق تىلەكلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled