查看完整版本: [-- نورۇزلۇق تەييارلانغان سەھنە سۆزى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> نورۇزلۇق تەييارلانغان سەھنە سۆزى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2012-03-28 10:05

نورۇزلۇق تەييارلانغان سەھنە سۆزى

   1. نومۇر : پائالىيەتنى باشلاش :   Hw|AA?,0-  
ئوغۇل : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ، قەدىمى يۇرت – گۇچۇڭ دىيارىنىڭ ئاتەش يۈرەك ئوغلانلىرى ! eh,~F   
قىز : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، خەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىۋاتقان ھاتەمسۈپەت جانكۆيەرلەر ! 7-~Q5Kr.  
بىرلىكتە : قۇتلۇق قەدىمىڭلارغا مەرھابا! Ic{F*nnM  
قىز : 2012 – يىللىق “ گۇچۇڭدا نورۇز ” پائالىيىتىمىز ھازىر Rm5Kkzd0o  
بىرلىكتە : رەسمى باشلاندى ! QnI.zq V  
ئوغۇل : گۇچۇڭ ناھىيىلىك پارتىكوم ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكى ، ناھىيىلىك بىرلىكسەپ ، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن  ، ناھىيىمىزنىڭ مەنىۋى – مەدەنىيەت قۇرۇلىشىغا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن ، بۈگۈنكىدەك ئاسايىشلىق جەمگاھتا ھەمدەستىخان بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز . ';G1A  
قىز : دۆلىتىمىزنىڭ غەرپنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار پىلانىغا ماس قەدەمدە تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن ، پىداكار يۇرتداشلىرىمىز بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، گۇچۇڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئارمان قىلىپ بۇ يەرگە جەم بولدۇق . #"ftI7=42  
ئوغۇل : پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدا يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياش كارخانىچى ئابدۇسالام تۇردى ھاجىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن Gy@7Xf  
قىز : ئۆزىمىزنىڭ ھاراق – شاراپسىز “خان ئوردا” رېستۇرانىمىزدا خوشال _ خورام جەم بولۇشىمىز   2N~ E' 25  
بىرلىكتە : ئىشلىرىمىزنىڭ ياخشى باشلىنىشى ، مەنىۋى – مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىزگە ئىلھام بولۇپ قالغۇسى !   Y'Z+, CNf  
ئوغۇل : ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئانا يۇرتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناقلىق كۈيىنى ياڭراتماقتا ، بۇ زىمىندا ئۇلۇغۋار ئىستەكلىرىمىزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جان دىلى بىلەن تىرىشىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار . m&R"2t_Z  
قىز : رەخمىتۇللا ، سىزدىن بىر سۇئال سوراپ باقاي ، بۇ يىل ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 17 – نۆۋەتلىك 5- يىغىنىدا گۇچۇڭ ناھىيىسىنى “بەش مەركەز ” قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى ، بۇ “بەش مەركەز ” نىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ ؟ p`GWhI?  
ئوغۇل : بۇنى بىلىمەن ، ئۇ بولسىمۇ : “ كۆمۈر مەركىزى  ”،  “ ئاشلىق مەركىزى ”، “ دېنوزاۋر مەركىزى ”، “ ساياھەت مەركىزى ” ۋە “ گۈزەل شەھەر مەركىزى  ” قۇرۇشتىن  ئىبارەت . z{6 YC~  
قىز : شۇنداق ، بۈگۈن بىز “ گۇچۇڭدا نورۇز ” پائالىيىتى ئارقىلىق ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ، يېقىن كەلگۈسىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەشرەپ » پىروگراممىسىنى ناھىيىمىزدە ئۆتكۈزۈپ ، ناھىيىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلىش پىلانىغا ماسلىشىش ،  ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز . ZT9IMihV  
ئوغۇل : باھار ئىتتىپاقلىق _ دوستلۇق بايرىمى . ناھىيىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ ، مىللى كارخانىچىلىرىمىزمۇ كۆمۈر كانلىرى ، مەرمەرتاش كانلىرى ، باقمىچىلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى قۇرۇلۇپ ۋە تەرەققى قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا  .   y#bK,}  
قىز : ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭغا ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگە چىقىرىلىپ  ، ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇش بىلەن بىرگە بەلگىلىك ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ ،  خەلقىمىز كۆڭلىگە ئالەمچە شادلىق ئاتا قىلىۋاتىدۇ ، باھار شادلىق _ باياشادلىق يارىتىش بايرىمى ،  بۇ بايرامدا ئۇلارنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمىزنى سوۋغا قىلايلى  . l7Y8b`  
ئوغۇل : بىزدە كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس دەيدىغان ھىكمەت بار . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك تىكلەپ ، پۇل تاپقان كارخانىچىلىرىمىز ئاجىز – يورۇقلارنى يۆلەپ ، كېسەللەرگە ھاياتلىق ئۈمۈدى بېغىشلاۋاتقان ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن توختاپ قېلىۋاتقانلارغا نىجاتلىق يولى كۆرسىتىپ ، نامسىز ياردەم قىلىۋاتقان نۇرغۇن كارخانىچىلىرىمىز بار . =43d%N  
قىز : باھار - تەبىئەت بايرىمى، ئادەمگەرچىلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك بايرىمى . بىز شۇنداق سەمىمى مەقسەتلەر ئۈچۈن يىغىلدۇقكى ، يۇرتىمىزدا تارقاق ھالەتتىكى خەيرى – ئېھسان نۇقتىلىرىنى يىغىنچاقلاپ ، ياردەم قىلىدىغان  “ياردەم فوندى” قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدۇر . bqjr0A7{  
ئوغۇل  : بىزنىڭ تۈپ مەقسىتىمىز ، ئىناقلىق – ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەپ ، تەرەققىياتنى كۆزلەش. ئىناق جەمىئەت قۇرۇلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەممىمىزنىڭ تىلىكىدۇر ! (!ZV9S  
قىز : تۆۋەندىكى تىلەكلەرگە ھەممىمىز جۆر بولايلى ! fPrb%  
2 . نومۇر : كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە U,38qKE  
مۇھەممەتئىمىن ، جارۇللا ، رەخمىتۇللا ، مەرزىيە ، بۈۋىخەلىچە ، رۇقىيە قاتارلىقلار HNFhH0+^  
3. نومۇر : پائالىيەت باشلانغانلىقىنى جاكارلاش v#-E~;C cC  
ئوغۇل : تۆۋەندە  گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ  2012– يىللىق “گۇچۇڭدا نورۇز ” پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسىنى ئېلان قىلىپ ئۆتىمىز : 2012 – يىللىق “گۇچۇڭدا نورۇز ” پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى : ئابلىمىت ھاجىم         &:q[-K@!  
قىز : مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى :، ئابدۇسالام جۈجاڭ ،  ئابدۇسالام تۇردى ھاجى  ... Kc-Y  
ئوغۇل : ھەيئەت ئەزالىرى : ئادىل ئىسمائىل ، مۇھەممەتئىمىن ھەبىبۇللا ، مۇھەممەت يۈسۈپ ، ئابلىز شېرىپ   ;hkro$  
قىز : پائالىيەت مالىيە چىقىمى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى : گۇچۇڭ “ئالتۇن كۆۋرۈك ” تاش ماتېرياللىرى شىركىتىنىڭ دېرېكتورلار ياردەمچىسى ئادىل ئىسمائىل ئەپەندىم بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئادىل مۇھەممەت ئەپەندىم . x3gwG)Sf  
ئوغۇل : بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزدە ئىئانە قىلىنغان پۇلنى گۇرۇپپا ئەزالىرى كېڭىشىپ ، مەخسۇس  باشقۇرۇش ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەم ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈش ، ھىساباتنى يىلدا بىر قېتىم جامائەتكە ئېلان قىلىش قارار قىلىنىپ ، مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىندى . بۇ گۇرۇپپىغا ياكى كارخانا ياكى مەسچىت ئىگىدارچىلىق قىلمايدۇ . گۇرۇپپىنىڭ نامى  “ خەيرى – ساخاۋەت فوندى ” قىلىپ بېكىتىلدى . c%j su"  
قىز : “ خەيرى – ساخاۋەت فوندى ” گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى : مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم _k6x=V;9g  
ئەزالىرى : ay=KfY5   
ئادىل مۇھەممەت (يېزا ئىگىلىك بانكىسى ) 1P(%9  
تاھىر ئەيسا ( ناھىيىلىك تاڭچودۇڭ ئاھالىلەر كومىتېتى ) 7k'=Fm6za  
رابىيە ئابلىتىپ ھاجى ( ناھىيىلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ) %T`4!:vy  
بۈۋىخەلىچە (ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ) :NwMb^>  
غەيرەت نۇرىدىن ( ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ) 1_Dn?G^H  
ئوغۇل :  4 .  نومۇر : تۆۋەندە  مۇھەممەت يۈسۈپ ئەپەندىمنى نورۇزنامە ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز .   ^4u3Q  
5 . نومۇر : ناھىيە رەھبىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىش (                         ) /E`l:&89)  
ئوغۇل : خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ، ئەل رايى قۇرۇلىشىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تۈپ خىزمەت نىشانى قىلغان گۇچۇڭ ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ، بارلىقىمىز ھەر خىل ئەۋزەل سىياسەتتىن كەڭتاشا بەھىرلىنىۋاتىمىز . 7h9fQ&y  
قىز : يېقىنقى ئىككى – ئۈچ يىلدىن بۇيان ، رەت – رەت سېلىنغان ئىگىز – ئىگىز بىنالار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك قەد كۆتۈرۈپ ، گۇچۇڭدا 6 قەۋەتتىن ئاشۇرۇپ بىنا سېلىشقا بولمايدىكەن دېگەندەك كونا قاراشلارغا خاتىمە بېرىلدى . ناھىيىمىز ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ، يۇرتىمىزدا چوڭ شەھەرلەردىكىدەك ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ئولتۇراق ئۆيلىرىمىز ، يۇرتىمىز خەلقىنىڭ زامانىۋى تەرققىياتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى . xG*lV|<7>  
ئوغۇل :  ناھىيىمىز رەھبىرى  -----     نى سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز  ! قېنى مەرھەمەت ! 3b g4#c  
6. نومۇر :ئوغۇل :  دىنى زاتلار ۋەكىلىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىش  7 ]M,yIwc  
  7. نومۇر : كارخانىچىلارنى تونۇشتۇرۇش 8!o{W=m^4  
ئوغۇل : ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ  . مېھرى – مۇھەببەتمۇ ئىنسانىلىق جۈملىسىدىندۇر! H y.3ccZ0  
قىز : ھايات چەكلىك ، ئەمما ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدۇ ! دۇنيادا مېھىر – مۇھەببەتكە تەلپۈنمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك . ئىنسانلارغا مېھرى – مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ، سۆيگۈ تەقدىم ئېتىشنى ئۆگەتكەن ئۇستازسىز دەرسلەر بار ، ئۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئۈلگىلەردۇر ! 4i[v ew  
ئوغۇل : تۆۋەندە “ئالتۇن كۆۋرۈك ” تاش ماتېرياللىرى شىركىتىنىڭ دېرېكتورلار ياردەمچىسى ۋە پىشقەدەم مائارىپچى ئادىل ئىسمائىل ئەپەندىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى ! r?5@Etpg  
8 . نومۇر : قىز :  كۆزگە  كۆرۈنگەن كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن ئابدۇسالام تۇردىھاجىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى ! Z!*8JaMT  
9. ( 1 ) . ئابدۇغۇپۇر تاشتۆمۈر ئەپەندىم « پەنجىگاھ مۇقامىدىن ئارىيە » ئورۇنلايدۇ   |L.~Am d  
ئوغۇل : 12 مۇقام بىزنىڭ بۈيۈك مەدەنى مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى . بىزنىڭ ھەرقانداق خوشاللىق سورۇنلىرىمىز  مۇقامدىن ئايرىلالمايدۇ .   G>q{~HE1  
قىز : شۇڭا بۇگۈنكى پائالىيىتىمىزنى ئالدى بىلەن مۇقامدىن باشلايلى . قېنى سەنئەتچىلىرىمىز سەھنىگە مەرھەمەت . ناخشىدا : ئابدۇغۇپپۇر تاشتۆمۈر ، مۇزىكىدا ئادىل غۇلام قاتارلىقلار . (AM,4)lW,  
(2)  . مەدىنەنىڭ نەسىرى « نورۇز خاسىيىتىدىن تۇغۇلغان ھېسلار » XC$+ `?  
ئوغۇل : ئەۋلادلارنىڭ خوشاللىقى بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ! ئەۋلادلارنىڭ  ئۈمىدى بىزنىڭ  تىلىكىمىز! M|Dwk3#  
قىز : پەرزەنتلەرنىڭ ئارزۇ – ئۈمۈدىگە جۆر بولۇپ ئۇلارنىڭ تاتلىق ئاۋازىدىن بەھىرلىنەيلى! ھوزۇرىڭىزلاردا گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەدىنە قاسىم  ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان نەسىرى، قېنى مەدىنە ، سەھنىگە مەرھەممەت! ?2<6#>(7a  
(3). مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم : « ئانام » ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ . )HzITsFZKT  
ئوغۇل :  ئانا مەڭگۈلۈك تېما ، ئۇنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ  ئازلىق قىلىدۇ. بارلىق مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدا . )Py+jc.  
قىز :  ئانىغا بولغان چىن مۇھەببەتنى نۇرغۇن كىشىلەر ئالاھىدە ھېسىيات بىلەن ئىپادىلەيدۇ. تۆۋەندە گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچىلاردىن بىرى  مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىمنىڭ ئانا توغرىسىدىكى مۇھەببەتلىك  ئىلھاملىرىدىن زوق ئالايلى . قېنى مەرھەمەت !   %B {D  
(4).  يالغۇز كىشىلىك ناخشا  : ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە   )(ZPSg$/F  
ئوغۇل : تۇغۇلسام ئۆي ئىكەن نامرات ئوقەت چاغلىق بىسات ھەم ئاز ، mk`cyN>m  
لېكىن كۆردۈمكى تۆر تامدا نەقىشلىك داپ بىلەن جۈپ ساز . G8DIig<  
سوراپ قالدىم بوۋامدىن پەقىرگە بۇ نىمە پەداز ، 2l/5i]Tq  
بوۋام ئېيتتى : بۇنى چالساق قوساق ئاچ گەر لېكىن مۇڭ ئاز . TN@JPoH  
قىز : قىزغىن ئالقىشلىرىمىز ئىچىدە  گۇچۇڭ ناھىيىلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايشەم ئابدۇللانىڭ ئورۇنلىشىدىكى « ناۋا مۇقامىدىن ئارىيە » . #\ S$$gP  
(5). مۇقەددەس ئابدۇراخماننىڭ ئورۇنلىشىدا يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل : «نورۇز تەنتەنىسى » .   -%gd')@SfD  
ئوغۇل :   قەلبىڭ سۈزۈك ئويناق بۇلاق، ناخشا ئۇسۇلغا باي ئوماق . 4N=Ie}_`  
سەنئەت بېغى ئاچقاي قۇچاق ، چۈشسەڭ ئۇسۇل ئۇيغۇر قىزى . ^PR,TR.  
قىز : نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مۇقەددەس ئابدۇراخماننىڭ ئورۇنلىشىدا يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل : «نورۇز تەنتەنىسى » v.v%k2;  
(6) . ئوغۇل : رۇقۇيە ، سىز گۇچۇڭنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى بىلەمسىز ؟ 0HuRFl  
      قىز : بىلىمەن ، بۇنى يۇرتىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلار بىلىدۇغۇ ، گۇچۇڭ دېگىنى قەدىمى شەھەر دېگىنى . zP'pfBgbJW  
ئوغۇل : ئۇغۇ راست ، بىراق قەدىمى شەھەر دىگەن بىر شەھەرنىڭ نامى ئەمەستە ، يەر شارىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمى شەھەرلەر بار . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى  خەنزۇچە گۇچېڭ دەپ ئاتايدۇ  . Cwf$`?|W  
قىز : ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ، يىپەك يولىنىڭ شىمالى بۆلىكىدىن ماڭغان كارۋانلار ، ئېۋېرغول يەنى ھازىرقى قۇمۇل شەھىرىدىن چىقىپ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى تەرىپىدە ، توخماق شەھىرى ، پولوي شەھىرى ، ئالتۇن بالىق  شەھىرى دېگەندەك شەھەرلەر بار  دەپ قەيت قىلىنغان . 0X w?}  
ئوغۇل : شۇنداق ، پولوي دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا «دەريا بويىدىكى شەھەر » دېگەنلىك بولىدىكەن ، كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار پولوي شەھىرىنىڭ ئورنىنى ھازىرقى كونا شەھەرنىڭ ئورنى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە . ئانا يۇرتىمىز ، بۇرۇندا سۈيى ئەلۋەك ، ئانا دەريادا سۇلار شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇرغان ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك . e(A&VIp  
قىز : يېڭىسار دېگىنى يېڭى ھىسار دېگەن گەپ ئىكەن ، بۇرۇندا شەھەرنى ھىسار دەپ ئاتايدىكەن ، شۇڭا بىزنىڭ بېشبالىق تارىختىكى خانلىقلارنىڭ ئارامگاھ شەھىرى بولغاچقا جىمھىسار بولۇپ قالغان ئىكەن . گۇچۇڭ بۇرۇندا «ئېسكىھىسار يەنى كونا ھىسار  »  دېيىلىدىكەن . بۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئىزدىنىپ باقساق بولغۇدەك . c2"OpI  
ئوغۇل : شۇنداق ، ئارىمىزدا مۇشۇنداق دادىل ئىزدىنىپ ، چوڭ – چوڭ ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ ، شىنجاڭدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىزدىنىش روھىغا باي دوستلىرىمىز بار . “گۇچۇڭ تەزكىرىسى” نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ، بىر قوللۇق خىزمەت كۆرسەتكەن خىزمەتدىشىمىز جارۇللا يۈسۈپ ،“گۇچۇڭ تەزكىرىسى” نىڭ 2- قىسمىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ  . /qG?(3  
قىز : بەك ياخشى بوپتۇ ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە ، گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى جارۇللا يۈسۈپنىڭ نورۇزلۇق سوۋغىسىدىن ھوزۇرلىنايلى ! H]\H'r"  
(7) . گۇچۇڭنىڭ پەخىرلىك ناخشىچىسى سادىق ھەسەن ئەپەندىمنى بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز . EIAT*l:NW  
(8)رابىيە ئابلىتىپ ھاجىنىڭ « زاۋاللىق ئۇيقۇسى باسمىسۇن بىزنى » ناملىق شېئىرى Y&?]t  
ئوغۇل : ئارىمىزدا ئەۋلاتلار ئۈچۈن قان – تەر تۆكۈۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلىرىمىز ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن نۇرغۇنلىغان ئىزباسارلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ .   ]up:pddIh  
قىز  : ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش ماھىرى ، سانجى ئوبلاستلىق تايانچ ئوقۇتقۇچى ، سانجى ئوبلاستلىق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، گۇچۇڭ ناھىيىلىك 3- باشلانغۇچنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رابىيە ئابلىتىپ ھاجىممۇ ، ئەنە ئاشۇنداق جاپاكەشلىرىمىزنى بىرى . نۆۋەتتە دىققىتىمىز رابىيە ئابلىتىپ ھاجىنىڭ « زاۋاللىق ئۇيقۇسى باسمىسۇن بىزنى» ناملىق شېئىرىدا بولسۇن . قېنى مېھمانلار قىزغىن قارشى ئالايلى ! dc* #?G6^  
(9) . قېنى نورۇز ئەھلى، مەرىپەت باغچىسىدىكى گۈل- غۇنچىلارنىڭ ۋەكىلى ، گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىلنۇرەنىڭ “ سالام ئەل – يۇرت ” دېگەن ناخشىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنايلى ! )g-*fSa  
(10) . 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىلەكلىرى Hl]3F^{  
ئوغۇل : جەمىئەت تارىخى تەرەققىيات تارىخىدا ئەڭ مۇقەددەس ، ئەڭ شەرەپلىك شۇنداقلا ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان شۇنداق بىر توپ كىشىلەر باركى ئۇلار دەل ئوقۇتقۇچىلاردۇر ! iN_G|w[d  
قىز : مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىگە باھارلىق تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ ، ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىزگە يار بولغاي ! قېنى ، مەرھەمەت ! p9Ks=\yvL  
( 11 ) . كوللېكتىپ ناخشا : كۈنلەر بار  ( گۇچۇڭ ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى مىللى مۇزىكا ئەترىتى ) 8hGp?Ihu  
(12) . تۆۋەندە “ خەيرى – ساخاۋەت فوندى ” گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەت ئىمىن مۇئەللىم پائالىيەتنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ . AW1691Q  
(13 ) . كوللېكتىپ مەشرەپ B 
XX#YiG4|J  
Z[s{   
مەنبە ؛ گۇچۇڭ ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى رەخمىتۇللا مەخسۇت  

ozqan 2012-03-29 09:16
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پالىيەت بوپتۇ . كۆپنىڭ كۈچى كۆپ.  خىلمۇ-خىل ساھەدىكى ئادەملەر جەمگاھىدا  چوڭراق ئشىلارغا يول ئاچقىلى بولىدۇ . رەخمەت ئەجرىڭىزگە.

tawpek 2014-03-20 18:39
نىمىدىگەن ياخشى. : z*OAl"  
;" l>HL:^  
ياشار ئاكىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر سەھنە سۆزلىرى بولىدىغان .

مىېھرىما 2014-03-20 18:41
ياخشى سەھنە سۆزى ئىكەنغۇ!!!


查看完整版本: [-- نورۇزلۇق تەييارلانغان سەھنە سۆزى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled