查看完整版本: [-- تاۋۇش قۇشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> تاۋۇش قۇشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ozqan 2012-03-28 01:36

تاۋۇش قۇشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر

           ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر : Bt\z0*t=s  
y_Tc$g~  
1; "t8.*%e  
باھا-باھايىم ، پەلتۇ-پەلتۇيۇم ، پولۇ-پولۇيۇم ،تىللا-تىللايىم ،دۇئا –دۇئايىم ، سۇ-سۈيى ، سۇلۇ –سۇلۇيۇم ،   غىزا-غىزايىم ،  كولباسا-كولباسايىم ،   كىرا-كىرايىم ،  گاڭبى-گاڭبىيىم ،   ماتا-ماتايىم ،  مۇميا –مۇميايىم ،  مىسرا-مىسرايىڭ ،  ئوقيا-ئوقيايىم ، ئىشتاھا –ئىشتاھايىم ،   ئىلتىجا – ئىلتىجايىم ،  ئىمزا-ئىمزايىم ،  ئىملا –ئىملايىم ، ئىنشا –ئىنشايىم ،   ئىما-ئىمايىم ،   ئوقيا –ئوقيايىم ،   يامبۇ –يامبۇيۇم ، توخۇ -توخۇيۇم ،  ئارزۇ -ئارزۇيۇم ،  جازا -جازايىم  ،يەئىلدى - يېيىلدى . دەئىلىدى -دېيىلدى ، يۇئۇلدى -يۇيۇلدى ،  دە-دېيىش ،   يە -يېيىش ،  يۇ -يۇيۇش ،

saman22 2012-03-28 15:00
كۆپ رەھمەت ئۇستاز ، بىز ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىز . بۇ  بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆپ ئۇچىرايدىغان ، ھەر دوقمۇشتا پۇتلاشساقمۇ بىر كۆرۈپ قويۇپلا نەزەرگە ئالماي ، ئاخىردا كىتابتىز ئىزدەيدىغان  مەزمۇنلاركەن . بەك ياخشى بولدى .

saman22 2012-03-28 15:03
بۇ مەزمۇننى بۇرۇن يوللىغان ، كۆرمىگەنلەرگە لازىم بولۇر . jW G=k#WN  
ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قالىدىغان سۆزلەر j$K[QSn  
1.ئەجىر (ئەجرى)     2.ئەقىل (ئەقلى)     3.بۇرۇن (بۇرنۇڭ)    4.پەخىر (پەخرى)   5.پەسىل (پەسلى)   6.پىكىر (پىكرى)     7.جىسىم (جىسمى)     8. زېھىن (زېھنى)   9.شەكىل (شەكلى)   10.مېھىر (مېھرى)   11.مىكىر (مىكرى)    12.ئوغۇل (ئوغلى)   13.ئۆمۈر (ئۆمرى)   14.ۋاقىت (ۋاقتى)    15.ۋەسىل (ۋەسلى)    16.ئىلىم (ئىلمى)    17.ئىسىم (ئىسمى)     18.قىسىم (قىسمى)    19.قويۇن (قوينى)      20.سىڭىل (سىڭلى) 21.ھۆكۈم (ھۆكمى)   22.كۆڭۈل (كۆڭلى)    23.ئورۇن (ئورنۇم)   24.سېھىر (سېھرى) 26.قەدىر (قەدرى)    27.كەسىپ (كەسپى)    28.جەبىر (جەبرى) 29.زۇلۇم (زۇلمى)     30.ھەجىم (ھەجمى)     31.بويۇن (بوينى)   32.مۈلۈك (مۈلكى) 33.رەھىم (رەھمى)      34.رىزىق (رىزقى)         35.ۋەزىن (ۋەزنى)  36.نەسىل( نەسلى) =c>w  
تەييارلىغۇچى:   ھەزىرتىئۆمەر خالىق

saman22 2012-03-28 15:05
ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ~ } 
ئاست، ئانت، ئەپت، ئەرز، ئەرش، ئەرك، ئەكس، ئەمر، ئەھل، ئەۋج، ئەيش، بەخت، بەخش، بەرق، بەرگ، بەست، بەند، بەھر، بۇرج، بۇرچ، پارس، پەرت، پەرز، پەرق، پەزل، پەند، پەيت، پەيز، پەيل، پوست، پۇشت، تارت، تاكت، تەپت، تەخت، تەرك، تورت،تورق، تۈرك، جەلب، جىنس،چورت،چىرس، خارت، خەلق، خەۋپ، خەير، خۇلق، داڭق، دەرد، دەرس، دەشت، دەۋر، دوست، ،راست، رەخت، رەنج، زەرب، سەۋر، سەير، سورت، شارت، شەرت، شەرق، شەرم، شەرھ، شەيخ، شپات، شتاپ، شتات، غەرب، غەرق، غۇرت، قارت، قەتل، قەھر، قەيت، قەلب،قەنت، قەرز، قەست، قوۋم،قۇرب، گۇرس، گىرب، لەۋز، مارت، مارس، مەرد، مەست، مەڭز، مەۋج، مۇشت، نەپس، نەرخ، نەزم، نەسر، نەشر، نىسپ(تۇن نىسپى)، ھايت،ھەجۋ، ھەرپ، ھۆسن، ئشق، ھېيت، ئۆرپ-ئادەت، ئۈست، ئىرق (موڭغۇل ئىرقى )، يۇرت، كەنت، كۆكس، كۇرس،كۇرت، كەين، كران،كەيپ . }5)sS}C  
تەييارلىغۇچى : ھەزىرتىئۆمەر خالىق

koksangun 2012-03-28 15:43
بەك ياخشى بايلىق بوپتۇغۇ بۇ ؟

uzqak 2012-03-28 16:34
ئەجرىڭلارغا رەخمەت! ئوقۇغۇچىلارغا بىسىپ تارقىتىپ بەرسەم بولغۇدەك ... Z]I[?$y  
تەۋپىق ئوت يۈرەكلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ روناق تاپقۇسى!

gulhan 2012-03-28 21:36
ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئۇستازلار. سىلەرنىڭ روھىڭلاردىن ئوزۇق ئىلۋاتىمەن كۈندە.

سەرۋى 2012-03-30 13:26
رەھمەت  ئوزقان   ۋە باشقا ئەزىزلەر . مەنمۇ بۇ ھەقتە  ئىزدىنىۋاتاتتىم .    بەكمۇ ياخشى ماتېرىيال ccWz,[  
بوپتۇ .  كېيىنچە   بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمنى  سىلەرگە  سۇناي .   K#=)]qIk  
ھارمىغايسىلەر .

xamalkiz 2012-04-03 01:27
ھەقىقەتەن ياخشى ماتېرىياللار ئىكەن .بۇ ماتېرىياللارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققانلار ئەمدى ،ئىملادىكى بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىۋالالايدۇ.

arzu 2012-04-05 12:13
ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان تىرىشچان ئۇستازلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت  !!!!!!!!!!!!!!

tunyukuk 2012-04-08 09:10
       ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزلەرگە رەھمەت. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن.
       تىلىمىزدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى موھىم بىر ئىلمىي قائىدە.  كەسىپداشلارغا ئېنىقكى، تىلىمىزدا  «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى بار. ئەمما جانلىق تىلىمىزدا، ھەتتا تېلېۋىزورلاردىكى ئاۋازلاردا يېقىندىن بېرى قائىدىگە خىلاپ ھالدا  «ر» تاۋۇشىنى قوشۇۋېلىشتەك يامان ئادەت ساقلانماقتا. بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
        مەسىلەن:  «پولورۇم ئوخشاپتىمۇ؟».   «مېنىڭ جىققىدە ئالتۇن- تىللارىم يوق.»،  «مېنىڭ ئىملارىم ئانچە توغرا ئەمەس.»  «ئاغىينە، ئىمزارىڭنى قويىۋىتە.» ، «مال-دۇنيارىڭ بەك ئېشىپ-تېشىپ كەتتىمۇ؟»     ئىملارىڭ، مال-دۇنيارىڭ، مال-دۇنيارىم،  ئىشتىھارىم، ئىمزارىڭ، ئىمزارىم، ئوقيارىم، ئوقيارىڭ، ... دېگەندەك.

ozqan 2012-04-08 19:54
بۇ نۇقتىنى توغرا ئوتتۇرغا قويۇپسىز ، ھەقىقەتەنمۇ ئىملا قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا يۇقىرقىدەك سۆزلەش بىزدە ئەۋج ئېلىپ قاپتۇ ، بۇ خىل بۇزۇشقا سەگەك تۇرمىساق بولماپتۇ .

zulmakan 2012-04-09 16:50
بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،ئوزقانغا  ۋە باشقا ئىزدەنگۈچىلەرگە رەخمەت

kaqur 2012-04-13 23:40
سۇئالدىن بىرنى سورىۋالاي - ھە... ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر سۆز بارغۇ، «تېتىپ بېقىش»، «تېتىش» دېگەندەكچۇ (تەم تېتىماق، تاماقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىدىغان)... مۇشۇ پېئىلنىڭ ئەسلى تومۇرى «تات» بولامدۇ؟... («تارت» دەپقۇ ئاڭلاپ باققان «تات»دەپ ھېچ ئاڭلاپ باقماپتىمەن دەيمەن) 87zsV /  
بۇ سۆزلەردە ئاجىزلىشىش بار دەپ تەھلىل قىلىپ «تات» دېسەكقۇ خېلى قاملىشىدىغاندەك «تەت» دېسە پەقەت تىلىم قولاشمايۋاتىدۇ. ئاجىزلىشىش كۆرۈلمىدى دەپ «تېت» دېسەك.... بولدىلا، يېڭى سۆز ياسىۋەتمەي يەنە.

istami 2012-04-14 01:01
ئالدى بىلەن ئۆزقان مۇئەللىم ۋە سەمەننىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن! h >w4{u0  
‹‹تېتىش››، ‹‹تېتىماق››دېگەن سۆزلەرنىڭ تومۇرى ‹‹تېتى››دەپ قارىساق بولىدۇ.

kaqur 2012-04-14 20:14
دېمەك ئۇ سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، شۇنداقمۇ؟

koksangun 2012-04-14 21:19
ئىستەمىنىڭ تەھلىلى توغرا بوپتۇ ، « تېتىش » نىڭ سۆز تۇمۇرى « تېتى » . بۇ سۆزدە ئاجىزلىشىش كۆرۈلمىگەن .

aleltar 2012-05-01 18:39
يوللىغان تىمىڭىز بىزنى كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى قىلدى. رەھمەت سىزگە.

alkut 2012-05-01 18:59
ئۇستازلارغا رەھمەت، بۇ ماتېرىياللارنى مەنمۇ توپلاۋاتاتتىم، ئەمدى ئىشىم ئاسان بوپتۇ، كۆپ رەھمەت سىلەرگە!

arqa 2012-05-01 23:16
ئەجرىگە كۆپ رەھمەت  !!!!!!!!!!!!!!

arqa 2012-05-01 23:22
يا )=9\6zXS  
ياخشى بۇپتۇ، چاپا تارتپسز 8^p/?R^bu  
3nd02: GF  
Ts0.Ck  
wGd8q xa  
//Ioh (N  
W6&" .2  
Y1{6lhxgE  
vkE6e6,Qc  
            

مىېھرىما 2014-01-29 17:17
بۇ بەتتە نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەر باركەن ئەمەسمۇ؟ نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن .سىلەرگە رەھمەت ساقلىۋالدىم .

baburxah 2014-01-29 17:35
بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم ۋە قىيىن نوقتا ئىدى،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتىرىيال بوپتۇ•••••"ئوزقان نىمە دەيدۇ"نى يوللاپ تۇرارسىز•••••

قاراخان 2014-01-29 17:42
بۇ ماتىرىيالنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن، رەھمەت سىلەرگە!

گۈلنىھال 2014-01-29 19:39
‏ھەقىقەتەن تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۋاتىسلەر ، ھەممىڭلارغا رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-01-29 20:36
ئويغۇر تىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك مەزمونلار ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!

تەشنا005 2014-03-23 11:49
ھەقىقەتەن ياخشى ماتېرىياللار ئىكەن ئەجرىگە كۆپ رەھمەت  


查看完整版本: [-- تاۋۇش قۇشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled