查看完整版本: [-- نەزەرىيۋى بىلىملەر ۋە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> نەزەرىيۋى بىلىملەر ۋە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

saman22 2012-03-27 23:35

نەزەرىيۋى بىلىملەر ۋە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش

ئەسكەرتىش : بۇ يازمىنى بورۇنلا تەييارلاپ قويغان ئىدىم ، بىراق ئالدىراشچىلىقتا تولۇق پۈتكۈزەلمىگەن،قارىسام ئامىنە مۇئەللىم كۆپ قىسمىنى يوللاپتۇ ، مەنمۇ موشۇ باھانىدا ئۆزۈمنىڭ ماتېريالىنى بۇ ماتېرياللارغا قوشۇپ يوللىدىم.شۇڭا مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەگەر ئامىنە مۇئەللىم مۇنداق يوللىشىمنى  ( ئۆز تېمىسىغا قوشۇپ يوللاشنى ) لايىق كۆرمىسە باشقۇرغۇچىلار چىقىرىۋەتسە بولىدۇ . u= sZFr@m[  
خاتالىقلار بولسا تەڭ تۈزەتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن !!!                                 ,kE"M1W  
                                       زۆرۈر دەرىسلىكتىكى نەزەرىيۋى بىلىملەر {_X&{dZLX  
ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىرلار ھەققىدە: @%[ VegT  
شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كىلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقىنى بارلىققا كەلتۈردىغان شېئىرى سىستىما ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئارۇز – ئەرەپچە ئاتالغۇ بولۇپ لوغەت مەنىسى ‹‹ئەن ›› (بىر نەرسىنىڭ ئېنى ) ‹‹كەڭلىك››  دىگەنلىك بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىستىمال مەنىسى ‹‹ئۆلچەم ›› ياكى ‹‹قېلىپ››دىمەكتۇر. N"2P]Z r  
★ۋەزىن دىگىنىمىز شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم، قېلىپ دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە ۋەزىندىن مىسرالار ھاسىل بولىدۇ. ۋەزىنلەرنىڭ مەلۇم قانۇنيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھىرلەر ھاسىل بولۇدۇ. ۋەزىن مىسرا ۋە بەھىرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى بىرلىك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. KgEfhO$W  
1. پائىلاتۇن ( -  V - - ) ۋەزنى: 1-، 3-، 4- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2-بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلاتۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ.  2. پائىلۇن ( - V -) ۋەزنى 1-،3- بوغۇملىرى ئۇزۇن، 2- بوغۇمى قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر پائىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. F6-U{+KU$!  
★رەمەل بەھرى «رەمەل» نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئاۋۇن، كۆپ، قۇمدەك تۇلا» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە كۆپ قوللۇنۇلىدىغان، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەڭگىل بەھىرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. پائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى، ياكى پائىلاتۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەمەل بەھرىگە كىرىدۇ. -P=Hp/ELi  
بىر پۇراپ ئۆلسەم نە ئارمان ، بىغىم باھارى گۈلىنى، vaj-|&  
  ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇبۇلغا ئوخشاش زارىمەن. H?j!f$sw  
پائىلاتۇن    پائىلاتۇن    پائىلاتۇن     پائىلۇن $Z4IPs  
2. مەپائىيلۇن( V - - - ) ۋەزنى : 1- بوغۇمى قىسقا، 2-3-4- بوغۇملىرى ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كەلگەن سۆزلەر مەپائىيلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. ah0  
سەھەر سۈبھى | قۇياشىدەك | گۈزەل رۇخسا | رىغا باقسام، ^ot9Q  
نىمە ئارمان | ۋۇجۇدۇمنى | ئۇنىڭ پاك باغ | رىغا ياقسام. Fx'E"d  
★ھەزەج بەھرى : «ھەزەج» نىڭ لۇغەت مەنىسى «نەغمە، كۈي، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى. مەپائىيلۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار ھەزەج بەھرىەە كىرىدۇ. {Qj7?}xW  
3. مۇستەپئىلۇن (-- V -) ۋەزنى: 1-،2-،4-، بوغۇملىرى ئۇزۇن، 3- بوغۇمى  قىسقا بوغۇم بولغان سۆزلەر مۇستەپئىلۇن ۋەزنىگە كىرىدۇ. dE|luN~  
★ رەجەز بەھرى : «رەجەز» نىڭ لۇغەت مەنىسى «شېئىر ئېيتىش، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ قىسقا-قىسقا ئۇلاپ تېز ئوقۇلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى. مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەپئىلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەجەز بەھرىەە كىرىدۇ. مەسىلەن: 2x dN0S  
ئاتقاندا تاڭ | چىقتى قۇياش | كەلدى باھار | كۆكلەم مانا \h 1T/_4  
نۇر ئىلكىدە | كۈلدى زىمىن | نۇر ئىلكىدە | كۈلدى ساما 088"7 s  
m kHcGB!~  
4. ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ شەكىللىرى. ① مەسنەۋى- ئىككى مىسرالىق شېئىرلار قاپىيە شەكلى ...CC ,BB,AA DX%D8atrr  
②غەزەل- مەسنەۋىگە ئوخشاش ئىككى مىسرالىق شېئىر بولۇپ ئەمما قاپىيىلىنىش شەكلى ئوخشىمايدۇ،....AD,AC,AB,AA a #4 'X*  
③مۇرەببە- تۆت مىسرالىق كۇبلىتلاردىن تۈزۈلگەن شېئىر، Wx-vWWx*Q  
④مۇخەممەس- ھەربىر كۇبلىتى بەش مىسرادىن تەركىپ تاپقان شېئىر. JOm6Zc  
⑤رۇبائىي- تۆت مىسرادىن تۈزۈلۈپ مۇستەقىل پەلسەپىۋى پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر. ⑥مۇئەمما-شېئىرى تېپىشماق dT*8I0\+  
★نەسىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە CiSl  0  
نەسىر مەزمۇنى، شەكلى ، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ ئاز چەكلىمىلىككە ئۇچرايدىغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىردۇر. ئۇ كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە. xMAb=87_  
كەڭ مەنىدىكى نەسىر- شېئىرىي يول بىلەن يېزىلمىغان، يەنى قاپىيەسىز، كۇپلېت مىسرالاشتۇرۇلماي يېزىلغان ھەرقانداق ماقالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 81<0B @E  
تارمەنىدىكى نەسىر بولسا شېئىر ئەسەرلەر، ئېپىك ئەسەرلەر، سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ھەم لىرىك ھەم ئېپىك، درامماتىك ئەسەرلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ئومۇملاشتۇرغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىرنى كۆرسىتىدۇ. 'N?t=A  
نەسىرنىڭ تۈرلىرى- ئىپىك نەسىر، لىرىك نەسىر، مۇھاكىمىلىق نەسىر >&3ATH;&(  
★ لىرىك نەسىر-ئاپتورنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى لىرىك ھېسىيات بىلەن ئىپادە قىلىدىغان نەسىر لىرىك نەسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۇنىڭدا مەلۇم ۋەقەلىك، مەلۇم مەنزىرە كۆرنىشى ئارقىلىق ياكى شۇ ۋەقە، مەنزىرە، پېرسوناژلارغا بولغان سوبىيكتىپ ھېسىياتى بىۋاستە ئىزھار قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھېسىيات بىۋاستە ئىزھار قىلىنىدۇ. كۆركەم مەزمۇن مۇھىتى يارىتىلىدۇ. بىراق، لىرىك نەسىر ئېپىكىلىق بايانى ۋەقەنى چەتكە قاقمايدۇ. ھېس-تۇيغىنى ئاساس قىلىدۇ. {k}EWV  
★ ئىپىك نەسر- بۇ ئادەم ۋە ئىش ،ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ئاساس قىلىنغان نەسرىي ئەسەر بولۇپ،ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەخس ،ۋەقەلەرنىڭ ئۆزگىرىش،راۋاجلىنىش جەريانىنى نۇقتىلىق ھالدا ئىپادىلەيدىغان بىر خىل شەكلدۇر. L!]~ J?)  
★مۇھاكىمىلىق نەسر-مۇھاكىمە ۋە باياننى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان ھەم سىياسى خاراكتېرلىق ھەم ئەدەبىي خاراكتېرلىق نەسرلەرنى كۆرسىتىدۇ .بۇ خىل نەسرلەردە جانلىق ۋە ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر تىپىك شەخس ،ۋەقە ياكى مەلۇم كۆزقاراش ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،ئىدىيە ئالغا سۈرىلىدۇ .مۇھاكىمىلىق نەسر-فېلياتون،نەسرىي ئەدەبىيات،ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ,LHQ@/}A C  
★«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبى » : جاۋابى: ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبى-10-13-ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئادەتلىرى، سودا-سېتىق شەكلى ۋە مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. khW9n*  
★ ئەدەبىي ئوبزور ھەققىدە : بەدئىي ئەسەر ، ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى تەھلىل قىلش، مۇھاكىمە قىلىش، باھالاشنى ئاساس قىلغان ھەمدە، ئەدەبىي ئىجاادىيەتتىكى يۈزلىنىشلەر، مۇئەللىپلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانى ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئىجادىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى تەتقىق قىلىنىدىغان ماقالە. QF fKEMN  
.u_k?.8|  
&z\]A,=T c  
DJ9;{,gm  
<}E^r_NvD  
ikGH:{  
★« ئىزدەنمە ھېكايە» ھەققىدە : `FImi9%F  
«ئىزدەنمە ھېكايىلەر» دىگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا 90-يىللارنىڭ بېشىدا چەت ئەل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىچكى ئامىللىرىنىڭ تەسىرى بىلەن كىرگەن ۋە بىر مەھەل «گۇڭگا شېئىرلار» بىلەن بىر قاتاردا ياش ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلغان ۋە قىزىق تىمىغا ئايلانغان.بىرقىسىم ياش يازغۇچىلار مۇشۇ ئۇسلۇبدا ئەسەرلەرنى يازغان. مەسلەن:مۇھەممەدباغراش،ئەسئەت ئەمەت،پەرھات تۇرسۇن ،ھۈسيىن تاش ،غاپپار تەۋەككۇل ... !k&~|_$0@  
بۇنداق ھېكايىلەردە پىرسۇناژلارنىڭ روھىدۇنياسىنى ، ئىچكى تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ،شەكىل ئامىللىرىدىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ .بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىددىيۋى قىممىتى ئانچە ئۈستۈن بولمايدۇ ،بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ ،شەكىل ئامىللىرى بەكرەك مۇھىم دەپ قارىلىدۇ . %(-YOTDr  
★« ئىزدەنمە ھېكايە» ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى ھېكايە بولۇپ، بەدئىي شەكىل ئارقىلىق مەزمۇن ئىپادىلەشنى ئاساس قىلغان، شەكىل ئامىللىرى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىلدىغان ئەدەبىيات قارىشىنىڭ تەسىرى بىلەن يېزىلغان ھېكايىلەر. 2.2Z'$W  
★« ئىزدەنمە ھېكايە» لەرنىڭ ئالاھىدىلىكى : 1. قانداق يېزىشقا ئەمەس ، نېمىنى يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .2. ئەسەر ئىددىيسى ئابىستىراكىت بولىدۇ . 3. سىمۋول ئارقىلىق مەزمۇن ئىپادىلىنىدۇ . 4. غەلىتلەشتۈرۈش – غەلىتى تەركىب ھەم تەپسىلاتلار بولىدۇ . 5. ۋەقەسىزلەندۈرۈش 6. ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىلىدۇ . {/BEO=8q2  
★ دۇنيا مۇزىكا قامۇسى: ب دت تەرپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ مۇزىكا ساھاسىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكا شۇناسلىرى، كومپوزوتىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھەرقايسى ئەل خەلىقلىرىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيتى ھەم ئۇلارنىڭ چالغۇ ئەسۋاپلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەڭ چوڭ قامۇس.   xae rMr  
★ئەدەبىي ئاخبارات توغرىسىدا چۈشەنچە s9A'{F  
1. رېئال تۇرمۇشتا يۇز بەرگەن ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلارنى بەدئىي ۋاستىلار ئارقىلىق جانلىق، تەسىرلىك ھەم تېز ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىيلىككە، ئاخپاراتچىلىققا، دەۋىرچانلىققا ئىگە بىر خىل مۇستەقىل ئەدەبىي ژانىر ئەدەبىي ئاخبارات دەپ ئاتىلىدۇ. Q ;P~'  
2. ئەدەبىي ئاخبارات- ئەدەبىيات بىلەن ئاخباراتنىڭ ئۆز ئارا سىڭىششىدىن، ئاخباراتچىلىق بىلەن ئەدەبىيلىكنىڭ ۋە دەۋىرچانلىقنىڭ مۈكەممەل بىرلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئەدەبىي ئاخبارات «ئوچېرىك»،«دوكلات ئەدەبىياتى»، «ئاخپارات ئەدەبىياتى» دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.   ئەدەبىي ئاخبارات ئۆزگىرىشچان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. UBRMV s  
3. ئەدەبىي ئاخباراتنى ئۆزىنىڭ تەسۋىرلەش ئوبيىكتىغا ئاساسەن شەخىسلەرنى (ئادەملەرنى) تەسۋىرلەش ئاساسىي گەۋدە قىنىدىۈەن ئەدەبىي ئاخپارات، ۋەقەنى تەسۋىرلەش ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئاخپارات دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ,l<-*yMD  
4. ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئالاھىدىلىكى: (1)  چىنلىق- ئاخپارات ئەسەرلىرىنىڭ جېنى شۇنداقلا ئەدەبىي ئاخپاراتنىڭ ماۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئاساس. (2)   ئەدەبىي ئاخپاراتتا مۇھاكىمە تۇسى بولغان بولىدۇ. g]xZ^M+  
ئەدەبىي ئاخپارات يېزىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: (1) قۇيۇق دەۋىر روھىغا ئىگە تىمىلارنى تاللاپ يېزىش كىرەك. (2) تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە تىمىلارنى تاللاپ يېزىش كىرەك. (3) كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى كىرىشتۇرۇپ قوللىنىش كىرەك. i,")U)b  
5. ئەدەبىي خەۋەر بىلەن ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ پەرقى: ئەدەبىي ئاخباراتتا ئەدەبىي پۇراق كۈچلۈك بولىدۇ. ئەدەبىي خەۋەردە ئاخباراتچىلىق كۈچلۈك بولىدۇ. (2) ئەدەبىي ئاخپاراتتا پىرسۇناج، ۋەقە، مۇھىت ۋە كەيپىيات  قاتارلىقلارنى ئوبرازلىق تىل بىلەن تەسۋىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەدەبىي خەۋەردە بۇلارنىڭ بۇنچىۋالا مۈكەممەل بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. (3) تىزلىك جەھەتتىن ئاخپارات(خەۋەر) ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا، ئەدەبىي خەۋەر ئىككىنقى ئورۇندا، ئەدەبىي ئاخبارات ئۈچىنچى ئورۇندا.  
★«ئۆزلۈك» ئاتالغۇسى ھەققىدە : ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيتىنى ئىگەللەش، بارلىىق نەپسى خاھىشىنى يېڭىپ روھى جەھەتتىكى ئۇلۇغلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش. بىر مىللەتكە نىسپەتەن مىللىي ئۆزلۈك بولسا ـــ «بىز كىم، نەدىن كەلدۇق، قانداق بولدۇق، نەگە بارىمىز؟ » دېگەندىن ئىبارەت. H>XbqIkL@  
★ ئىپىك ئەسەرلەر ھەققىدە: مۇكەممەل سېستىمىلىق ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىش، كونكىرىتنى مۇھىتنى تەسۋىرلەش ۋە تىپىك پىرسۇناجلار ئوبرازىنى يارىتىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىر. ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ ئۈچ ئامىلى - ئادەم، ۋەقە، مۇھىت قاتارلىق ئۈچ ئامىل بولمىسا ئىپىك ئەسەر مەۋجۇت بولمايدۇ. ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى - ئۇ ھېكايە، پوۋىسىت، رومان دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ,.FTw,<  
1. ھېكايە : تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلىق بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجىمقگە قارىغاندا كەڭ ھەم مۇرەككەپ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئىپىك ئەسەر . Vd<= y  
★ دېكلىماتسىيە: دېكلىماتسىيە تىل-ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. iL 4SL}P  
دېكلىماتسىيەدە ئالدى بىلەن ئەسەردىكى سۆز جۈملىلەرنى چۈشەنگەن ئاساستا توغرا، ئۇرغۇلۇق ئوقۇش، قارىسىغىلا ئوقۇماسلىق لازىم. ئىككىنچىدىن، ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشى، مۇددىئاسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ھېسىيات تۈسىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىش كېرەك. UuT[UB=x5  
دېكلاماتسىيەدە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟ ~POeFZ  
1) دۇدۇقلىماي راۋان سۆزلەش، سۆزلەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، قوشۇپ قويماسلىق، مەزمۇننى توغرا تولۇق ئىپادىلەش g[M@  
2)دىكتور-رىياسەتچىلەرگە خاس ھېسىيات بىلەن ئوقۇش ياكى سۆزلەش، چىراي ئىپاىسىدە مۇبالىغە ياكى چۆكۈرۈش ئىپادىلىنىپ قالماسلىق 3X!~*_ i C  
3)سۆزلىگەندە سۆزلەرنىڭ ئېنىق، ئېغىز تىلىغا يېقىن بولۇشىغا، يۇمۇرلۇق، جانلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم. UiZ61lw  
دېكلاماتسىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئەدەبىياتچانلىقى، سەنئەتچانلىقى، ئورۇنداشچانلىقى o mjLQp[%  
★ نۇتۇق :  نۇتۇق بىلىم بېرىش ، كۆزقاراشنى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم يولى . پىكىرلىشىش قوللىغۇچىلارغا ئېرىشىشىتىكى ۋاستە ، شۇڭا ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەركىتىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . نۇتۇق تېكستى نۇتۇق سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدىغان ماقالە بولغانلىقتىن ئۇ نۇتۇقنىڭ ياخشى سۆزلىنىش ، سۆزلەنمەسلىكىنىڭ ئاساسى ھەم مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنىڭدا كۆز قاراشلىرى ئېنىق ، لوگىكىچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بار  بولغاندىن باشقا يەنە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى قوزغاپ ، ئۇلاردا ئورتاق سادا پەيدا قىلىش ئۈچۈن ، كۆپ خىل بەدئىي ۋاستىلەرمۇ قوللىنىلىدۇ .   5 N/ ]/  
JZXc1R| 9  
★ساياھەت ئەدەبىياتى :  ساياھەت ئەدەبىياتى ــ ئاپتور تارختىكى مەشھۇر شەھەر ، قەلئەلەر، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكى ساقلىنىپ قالغان تارىخىي ئورۇنلار ، ئالاھىدە تەرەققىيات پەللىسىنى ياراتقان سانائەت رايونلىرى ۋە مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ، ئۆزىنىڭ باھاسى ، كۆز قارىشى ، ۋە ھېس-تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ، مەلۇم ئىدىيەنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەمدە تەشەببۇس قىلىدىغان ئەدەبىي ئۇسۇلدا يېزىلىدىغان ئەسەر .   z>0"T2W y  
ساياھەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە نوقۇل ھالدا ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن- ئاڭلىغان مەنزىرە ، ئىشلار يېزىلىپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭغا ئاپتورنىڭ لىرىكى ھېسسىياتى ئىدىيەسى سىڭدۈرۋېتىلگەن بولىدۇ .   .~U9*5d  
★پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى : پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ ، تەسەۋۇرنى قاناتلاندۇرغىلى بولۇپلا قالماي ، ئۇ ئارقىلىق يەنە ئىلىم-پەن دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايمىز .  مۇنەۋەر پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئەسەرلىرى بىزگە پەننىي بىلىملەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي ، يەنە بىزنىڭ ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ ، ناتونۇش دۇنيا ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش ھەۋىسىمىزنى يېتىلدۈرىدۇ . f!J^vDl  
★ سەھنە ئەسەرلىرى : سەھنە ئەسەرلىرى تىياتىرنى سەھنىدە ئورۇنداشتىكى ئاساس ، نادىر سەھنە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئېستېتىكىلىق زوققا ئېرىشكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدا ئاپتور سۆزى ۋە دېئالوگلار ئۆزئار كىرىشتۈرلۈپ ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ .   =e;wEf%`  
★ ئەدەبىي تەرجىمىھال : ئەدەبىي تەرجىمىھال ــ مەلۇم تارىخىي ۋە رېئال شەخسلەرنىڭ ھاياتىدىكى تىپىك ئىش-پالىيەتلىرىنى پاكىت ئاساسىدا جانلىق ، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بەدئىيلىك ئارقىلىق تەرجىمىھال گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان ئەسەر . ئەدەبىي تەرجىمىھال گەرچە بەدئىي ئۇسۇلدا يېزىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا مۇبالىغە قىلىشقا ، توقۇلما قىلىشقا بولمايدۇ .   C#~MR+;  
★ تەپسىلىي خەۋەر  ئەدەبىي ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان ، ئۇنىڭدا چىنلىق تەكىتلەنسىمۇ لېكىن ، ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئەدەبىي ئاخباراتتا ۋەقە ھەم پېرسوناژلارغا مۇۋاپىق بەدئىي تۈس بېرىلسىمۇ ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى تولۇق ئىپادىلەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ .   @(cS8%wK  
★ تەبئىي پەنگە ئائىت ئاممىباپ ماقالىلەر : تەبئىي پەنگە ئائىت ئاممىباپ ماقالىلەر پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىدىكى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر خىل شەكىل بولۇپ ، ئاممىباپ ، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق تەبئىي پەننىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدىكى بىلىملەر تونۇشتۇرۇلۇپ ، مۇئەييەن بىر خىل ئىلمىي ئۇقۇم ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بايان قىلىنىدۇ ، پەننى بىلىملەر ، ئىلمىي روھ تەشەببۇس قىلىنىپ ، ئاممىنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى قوزغىتىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق پەننىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ .   jVINc=o  
★ شېئىردىك ئىماگ  : شائىرنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى ئۇنىڭ شېئىرىدا سېمۋولنى تۇغىدۇ . بۇ ئاۋال شائىرنىڭ شېئىرىدا ئەكس ئېتىدۇ ، ئۇنىڭ خىيالىدا ئەكس ئەتكەن سېمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئاشۇ سۈرەت ياكى مەنا مۇھىتلىرى شېئىرىيەتتە ئىماگ دېيىلدۇ .   n{t',r50  
★ ئىماگنىڭ تۈرلىرى : 1.  بىۋاستە ئىماگ :  ئۇ مەلۇم ھادىسىلەر تۈپەيلى شائىرنىڭ ئويىدا بىۋاستە نامايەن بولغان تەسەۋۇر بولۇپ ، شائىرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى كونكىرىت تەسەۋۇرىغا بىۋاستە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ . بىۋاستە ئىماگ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ، تۈپكى ئىماگدۇر .   5?L:8kHsH  
★ 2. ۋاستىلىك ئىماگ : بەزىدە شائىر ئۇچراتقان ھادىسىلەر بىر قەدەر مۇرەككەپ ، ئويلىنىدىغان مەسىلىمۇ بىر قەدەر ئابىستىراكىت ، تەلەپ قىلىنىۋاتقان ھېسسىياتمۇ بىر قەدەر نازۇك بولغاچقا بىۋاستە ئىماگ ئۇلارنى ئىپادىلەپ بولالمايدۇ-دە ۋاستىلىك ئىماگقا ھاجەت چۈشىدۇ . ۋاستىلىك ئىماگ بىۋاستە ئىماگنى ئاساس قىلىدۇ . بۇ خىل ئىماگنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولىدۇ .   k^5R f  
ۋاستىلىك ئىماگ مەجازىي ئىماگ ۋە سىمۋوللۇق ئىماگ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .   }r~l7 2 `  
★  بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بۇلۇڭى ۋە چەكلىك كۆرۈش بۇلۇڭى D 2:a  
  بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بۇلۇڭى: ئەنئەنىۋى پروزىچىلىقتا قوللىنىلغىنى مۇشۇ خىل بايان ئۇسۇلىدۇر . بۇ خىل باياندا بايانچى ھېكايىنىڭ يىپ ئۇچى ، راۋاجى ۋە يېشىملىرىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرىدۇ .ھەر بىر پېرسوناژنىڭ روھى ھالىتى ، ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى توغۇرلۇق ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە . ھەتتاكى پېرسوناژلارغا خالىغانچە باھا بېرەلەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئەخلاق ۋە ھېسسياتىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ .   gpK_0?%  
★ چەكلىك كۆرۈش بۇلۇڭى :  بايان جەھەتتە ئۆز مەقسىتىنى يوشۇرۇپ ،  بەزى تەپسىلاتلارنى قەستەن ئاشكارلىماي ، ئوقۇرمەننىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا ئېلىپ قويىدىغان ، ئەسەردىكى دۇنياغا پۈتۈنلەي پېرسوناژنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ ، ئوقۇرمەننىڭ ئاكىتىپلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرىدىغان ، نەتىجىدە ئوقۇرمەن نوقۇل ئەسەرنى ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، ئۆزىمۇ ھېكايە ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئۆزىنىڭ تەجىربە ۋە تەسەۋۇرىنى ئىشقا سالىدىغان  بايان ئۇسۇلىدۇر .   csX*XiDWm  
★يۇمىلاق ۋە چاسا پېرسوناژ :  ئەنگىلىيەلىك ياغۇچى فوستېر «پروزا ھەققىدىكى قاراشلىرىم » ناملىق كىتابىدا پروزىدىكى پېرسوناژلارنى « چاسا پېرسوناژ » ۋە « يۇمىلاق پېرسوناژ » دەپ ئىككىگە ئايرىغان . x";.gjI |g  
★چاسا پېرسوناژ دېگىنى تىپىك ياكى ھەجۋىي شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ .ئۇلار ئاددىي ئىدىيە ياكى ئۆزگىچە خاراكتىرغا ئاساسەن يارىتىلىدۇ .   #X@ 
★يۇمىلاق پېرسوناژلارنىڭ خاراكتىرى مۇرەككەپرەك بولۇپ ، كۆپۈنچە ئىككى بىسلىق ، ئۆزگۈرۈشچان شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ .يۇمىلاق پېرسوناژلارنىڭ خاراكتىرى چاسا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . بۇ خىل پېرسوناژ ئەمەلىيەتتە بىز تولۇقسىزدا ئۆگىنىپ ئۆتكەن مۇرەككەپ پېرسوناژلاردۇ . AzO3(1:  
★  سېمۋوللۇق رەك چۈشەنچىلىرى :  ئاق رەڭ :    بەخت-ئامەت ، ياخشىلىق ، پاكلىق ، ئالىيجاناپلىقنىڭ سېمۋولى .  كۆك رەڭ : ياخشىلىق ۋە ئامەتنىڭ سېمۋولى . قىزىل رەڭ : ياخشىلىق ، خوشاللىق ، بەخت-سائادەت ، گۈزەللىك ، جەڭگىۋارلىق ، غەلىبە قاتارلىقلارنىڭ سېمۋولى .  سېرىق رەڭ : قۇياشقا ، مول-ھوسۇلغا ، ئالىيجاناپلىققا سېمۋول قىلىنىدۇ .يەنە بەزىدە چۈشكۈنلۈككە ، روھسىزلىققا ، پەرىشانلىققىمۇ سېمۋول قىلىنىدۇ . 0?Tk* X  
★  تۆت ئىلمىنىت قارىشى :  ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت قارىشىنىڭ يادروسى قەدىمكى ئىپتىدائىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن «تۆت ئىلمىنت » قارىشىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ تۆت ئىلمىنت : تۇپراق ، ھاۋا ، ئوت ، سۇدىن ئىبارەت .   B,vHn2W  
★ ئەپسانە ــ تەبئەت ۋە جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى يۈكسەك خىيالىي تەسەۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلاھقا باغلاپ ئىنكاس قىلىدىغان ھېكايىلەردۇر. 'x,GI\;?  
★  رىۋايەت ــ تارىخىي شەخس ، تارىخىي ۋەقە ، جايلارنىڭ خاس مەنزىرىسى ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن ئاغزاكى ھېكايىلەردۇر .ئۇنى «ئاغزاكى تارىخ » دېيىشكە بولىدۇ . مەسىلەن: بۆكۆخان ، تۇمارىس، نەۋەئىي ھەققىدىكىلەر رىۋايەتلەردۇر . U~# ^ ^  
★  چۆچەكلەر :خەلق چۆچەكلىرى ــ ئىنسانلارنىڭ تەبئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەققىدىكى تونۇشى ، تەسىراتلىرى ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رېئالىستىك ياكى فانتازىيەلىك (خىيالىي )  ئۇسۇل بىلەن كۈلكىلىك ھەم قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان خەلق ئېغىز ئىجادىي ھېكايىلىرى بولۇپ ، ئۇ  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا خەلق قوشاقلىرىدىن قالسىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ . مەسىلەن :« ياغاچ ئات» ، «تۇغقانلىق رىشتى »  «تاۋۇس ئەللەيىن » . ?9zoQ[  
★ قوشاقلار: قوشاقلار خەلق ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي بىر تۈرى. قوشاقلارنىڭ تۈرلىرى : تارىخىي قوشاقلار ، ئەمگەك قوشاقلىرى ، تۇرمۇش قوشاقلىرى ، بالىلار قوشاقلىرى . ksOANLRN  
★ خەلق داستانلىرى :  خەلق داستانلىرى ــ نەسرىي بايان ۋە نەزمىي تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىملىك سۇژىتلىق ئەسەرلەردۇر . mWN1Q 
★داستانلارنىڭ تۈرلىرى :  قەھرىمانلىق داستانلىرى ، تارىخىي داستانلار ، تۇرمۇش داستانلىرى ، مۇھەببەت داستانلىرى دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ . DA4edFAuE  
★ لەتىپە ، چاخچاق ،  لاپ :   لەتىپە ــ كۈلكىلىك ۋەقە ، ھادىيسە ھەققىدىكى كىچىك ھېكايە .ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىش ، يامان ئىللەتلەر پاش قىلىندۇ، خەلقنىڭ دانالىقى ، سەزگۈلۈكى نامايەن قىلىنىدۇ . خەلقىمىز ئارىسىدىكى لەتىپىچىلەر : نەسىردىن ئەپەندى ، موللازەيدىن ، سەلەي چاققان ... قاتارلىقلار   Qor{1_h)+9  
★ چاقچاق: لەتىپە بىلەن قوشماق ژانىر بولسىمۇ ئۆزىگە خاس شەكىلگە ئىگە .لەتىپىلەر كۈلكە قوزغاشنىلا مەقسەت قىلمايدۇ ، چاقچاقنىڭ مەلۇم سورۇنلاردا بارلىققا كېلىدۇ ، شۇڭا ، لەتىپىنىڭ ئۆمرى چاخچاخنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ،  چاقچاق كۈچلۈك نەق مەيدانچىلىق خاراكتىرگە ئىگە . im4e!gRE  
★ لاپ:  ئەسلى چاقچاققا مەنسۇپ بولسىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىگە خاس شەكىلگە ئايلانغان.ئامىۋىلىقى كۈچلۈك بولغان ھەجۋىي ژانىردۇر. لاپلاردا كۆپۈنچە مۇبالىغە ، كۆپتۈرۈش ، بىمەنىلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ . `hK >bHj  
Z}LOy^TL  
*2" bG1`  
ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشكە ئائىت مەزمۇنلار "u Of~e"  
1. فامىلە ھەققىدە KB%j! ?  
فامىلە __ ئورتاق قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولغان پۈتۈن بىر جەمەت سىستىمىسىنىڭ ئومۇمىي نامى ياكى نەسەب بەلگىسى بولۇپ ، ئۇ « جەمەت ئىسمى » ياكى « ئائىلە ئىسمى » دۇر . كىلىپ چىقىش تارىخىدىن قارىغاندا ، فامىلە ئىسىمدىن كىيىنلا بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ ، ئۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئون مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئانىلىق ۋە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر . فامىلە ئىسىم  ، لەقەم ، تەخەللۇس ۋە ھۆرمەت _ ئاتاق ناملىرىغا قارىغاندا ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تىخىمۇ كەڭ بىشارەت بىرىدىغان ئومۇمىي نام بولۇپ ، ئۇ شەخىسلەرنى ئۇلارنىڭ دەرىجە _ تەبىقىلىرىنى ۋە ئىلمىي سەۋىيلىرىنى ئىپادىلەش ، ئائىلە _ جەمەتلەرنى باشقا ئائىلە _ جەمەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ، كىيىنكىلەرگە مىراس قىلىشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . دۇنيادا فامىلىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ئوخشاش بولمىغىنىدەك ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ فامىلە قوللىنىشقا باشلىغان ۋاقتىمۇ ئوخشاش ئەمەس . x^M5D+o  
   تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇرلار مىلادىيدىن ئىلگىرىلا فامىلە قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ ، ئوغۇزنامىدە تىلغا ئىلىنغان << قارلۇق >> ، << قىپچاق >> ، << قالئاچ >> ، << قانقا >> قاتارلىق قەبىلە ناملىرىمۇ كىيىنچە شۇ قەبىلىلەرنىڭ فامىلىسى بولۇپ قالغان . ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ھونلار ئىشلەتكەن << تەڭرىقۇت >> ، تۈركلەر ئىشلەتكەن << ئاشىنا >> قاتارلىقلارمۇ ، << تېكىن >> دىگەن دەرىجە _ ئۇنۋان نامىمۇ فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن . X ]pR,\B  
   ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئاساسەن دادىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى ، مەسىلەن ، ئەھمەتجان قاسىمى ، سەيپىدىن ئەزىزى . . . ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ، مەسىلەن ، ماھىنۇر قاسىم ، ئايىم ئەزىزى ، زۇمرەت ھۈسەنوف . . . فامىلە قىلىپ قولىنىش شەكىللىرى بار . E'&OOEMN-  
   ئۇيغۇرلاردا فامىلىگە ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە بىر نام بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ لەقەم . لەقەم كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ، ھەزىل قىلىپ بىرىلگەن قوشۇمچە نام . لەقەم بىرەر ئادەمنىڭ مىجەز _ خاراكتىرىنىڭ قانداقلىقى ، نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە ياردەم بىرىدۇ .ئۇ ھەتتا بەزىدە بىرەر جەمەتنىڭ تارىخى ئالاھىدىلىكنى چۈشەندۈرۈپ ، فامىلىنىڭ رولىنى ئۆتۈپ كەلگەن ئەھۋاللارمۇ بار . 9:9N)cNvfX  
   ئۇيغۇرلاردا لەقەم _ كەسپىي لەقەم ، مەسىلەن ، كىگىزچى ، باخشى . . . مىجەز _ خاراكتىرىگە مۇناسىۋەتلىك لەقەم ، مەسىلەن ، سەتەڭ ، سوغۇق ، شەيتان ، بوران ، قاشاڭ . . . فىزىئولوگىيلىك لەقەملەر ، مەسىلەن ، تۆگە ، قوتاز ، كاناي . . .   بۇنىڭدىن باشقا يۇرت _ مەھەللىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتايدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت . مەسىلەن ، روزى ئاتۇش ، مىجىت خوتەن . . .   شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ، ئۇيغۇرلاردا لەقەم بەكرەك ئومۇملاشقان بولۇپ ، كۆپىنچە ھاللاردا فامىلىنىڭ رولىنى ئۆتەپ جەمەت سۈرۈشتە قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلەكتە . >u9id>+  
2.ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيىت – بايرام ۋە مۇراسىم ئادەتلىرى (TT3(|v  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئالاھىدە مۇقىملاشقان ھېيىت – بايرام ۋە مۇراسىم ئادەتلىرى بار . بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراقلىرى نورۇز بايرىمى ، روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت ، مايسا ( كۆك ) بايرىمى ، قارلىق ئويۇنى ، ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ، قېيىن مەشرىپى ، كۆك مەشرىپى ، ئۇرۇق سېلىش مۇراسىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .  بۇ ھېيىت – بايرام ۋە مۇراسىم ئادەتلىرىنىڭ بەزىلىرى دىن بىلەن بىۋاستە مۇناسۋەتلىك . مەسلەن : روزا ھېيىت ، قۇربان ھېيىت . fs2m N1  
تەبىئەتنى ئولۇغلاش ۋە سېغىنىش ئاساسىدىكى بايراملىرى : نورۇز بايرىمى ، مايسا ( كۆك ) بايرىمى ،  كۆك مەشرىپى ، ئۇرۇق سېلىش مۇراسىمى . bDciZ7[b  
1. نورۇز بايرىمى ھەققىدە b34zhZ  
«نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى بولۇپ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە. «نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن. نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەردىن باشقا پارس تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاش بىر مەۋسۇم، ئوخشاش بىر كۈندە قۇتلۇقلايدىغان بايرىمى بۇلۇپ، تاجىكلار بىلەن پارىسلارنىڭ ئورتاق بايرىمىدۇر. شۇڭا بۇ بايرام مەيلى ئېتىمۇلوگىيە ياكى فولكلور نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، بەلگىلىك مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى مەنبەلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى، ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا، ئىران ۋە ئافغانىستاندا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئاخمانىيلار دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىر)دە كەڭ تارقالغان. *A~($ZtL  
3. نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى : نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «توققۇز مەرىكە-مۇراسىم» دېيىلىدۇ. ]%gp?9wy  
1) نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا، بارلىق-كەنت، قىر-يېزىلاردا، نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكى تەنتەنە قىلىنىپ، ناغرا سۇناي چېلىنىدۇ. ئەل-يۇرت نورۇزغا جابدۇنۇپ، ھەممە جاي تەنتەنىلىك بايرام كەيپىياتىغا چۆمىدۇ. 2). نورۇز تازىلىقى: نورۇزنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن يۇرت-مەھەللە بويىچە چوڭ تازىلىق ئېلىپ بېلىرىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۆي، تام-تورۇس، ھويلا-ئاراملىرىنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ، كىگىز-بىساتلىرىنى قېقىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ. كىشىلەر يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، چاچلىرىنى ئالدۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ، پاكىز كىيىنىدۇ. بولۇپمۇ ياش جۇۋان-چوكان، ئوغۇل-قىزلار مەخسۇس يېڭى ئۈستىباش ھازىرلايدۇ. كوچا-يوللار پاكىزە تازىلىنىپ گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىنىدۇ. 3) سوغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ، ياغلىق قاپاق كۆيدۈرگىنىچە مەھەللىمۇ-مەھەللە يۈرۈپ، سوغۇق قوغلايدۇ، سوغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ، نورۇزغا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىپ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتقاندا، سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىلىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ. 4) يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ، يەنى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر قەبرە، ئىگە-چاقىسىز قېرى-چۈرى، يىتىم-يېسىر، مېيىپلارنى يوقلايدۇ. 5) نورۇز ئېشى: نورزۇر كۈنى يەنە ئەنئەنە بويىچە نورۇز ئېشى ۋە نورۇز سۈيى تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئېشى بۇغداي، ئارپا، قوناق، نوقۇت، گۈرۈچ، ماش، تېرىقتىن ئىبارەت يەتتە خىل دان بىلەن جىگدە قوشۇپ ئېتىلىدۇ. نورۇز سۈيى بولسا چىلان، شاپتۇل قېقى، گۆش، قوينىڭ چوقىسى، سامساق، سىركە قاتارلىق يەتتە خىل نەرسىنىڭ چىلانمىسىدىن ھازىرلىنىدۇ. 6) نورۇز سەيلىسى: نورۇز سەيلىسى ھەر قايسى جايلاردا شاد-خۇراملىق ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شەكىللەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. كۆپىنچە جايلاردا بىر يۇرت ياكى بىرەر مەھەللە ئاسا قىلىنغان ھالدا شۇ جايدىكى سەيلىگاھ ياكى تاغ-دەريالار بويىدكى ھاۋالىق جايلاردا سورۇن تۈزۈلىدۇ. نورۇز پائالىيىتى ئەتىدىن كەچكىچە، بەزى جايلاردا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. 07.nq;/R  
2. مايسا بايرىمى Hnfvo*6d.e  
مايسا بايرىمى: بۇ بايرام ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن ئاۋۋال نىشانلىنىپ بىر قانچە خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىرى كۆجە (سۈمۈلەك) ئېشى مېھماندارچىلىقى، كۆجە ئېشى ئۈچۈن ھەر قايسى ئائىلىدىن ئۇرۇقلۇق بۇغدايغا ئېلىپ قويۇلغان دانلاردىن يىغىۋېلىنىدۇ. يىغىلغان بۇغداينى داشقازانغا سېلىپ ئۇزاق قاينىتىپ، ككجە ئېشى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقلۇق بۇغدايدىن كۆجە ئېشى تەييارلاش «ھوسۇلىمىز مول بولسۇن» دېگەن ئارزۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كۆجە ئېشىنى ئاساسەن ئاياللار تەييارلىغاچقا، ئۇلار ئوچاق بېشىغا يىغىلىپ ھېكايە، چۆچەك، لەتىپە ۋە تېپىشماق ئېيتىشىدۇ، كۈلكە-چاقچاق قىلىشىدۇ. كۆجە ئېشى تەييار بولغاندىن كېيىن مەھەللە ئاھالىسى يىغىلىپ ئاشقا ئېغىز تېگىدۇ ۋە دۇئا-تەكبىر قىلىدۇ. مايسا بايرىمىدىكى يەنە بىر پائالىيەت: توڭ ئېرىپ كۆكتاتلار ياشىرىشقا باشلىغاندا، بالىلار ئېرىق بويلىرى ۋە كۈزگى بۇغداي ئېتىزلىرىنى ئارىلاپ، تۇنجى قېتىم ياشارغان كۆكتاتنى تېرىۋېلىپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ، بۇ باھار كەلگەنلىكىدىن خۇشخەۋەر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلار بىلەن خۇشال قىلىدۇ. قۇمۇل خەلقى ئارىسىدىكى مايسا بايرىمى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، نورۇز بايرىمى ئالدىدا ھەر بىر ئائىلە پىيالىگە سۇ قۇيۇپ بۇغداي مايسىسى ئۆستۈرىدۇ. مايسا تەييار بولغاندا، بىر-بىرىنى مېھمانغا چاقىرىدۇ. مەشرەپتە چاي تۇتقانغا ئوخشاش مايسىنى بېيىت-قوشاقلار بىلەن قولمۇ-قول تۇتىشىپ ئوينايدۇ ۋە مايسا شەرىپىگە مەشرەپ ئويۇشتۇرىدۇ. بۇ باھار مايسىسىنى تەبرىكلەش ۋە مول ھوسۇل تىلەشنى مەقسەت قىلغان. #=X)Jx~  
3.ئۇرۇق سېلىش بايرىمى kR 
ئۇرۇق سېلىش بايرىمى: بۇ ئېتىزغا قوش چىقىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە قولۇم-قوشنىلار مەسلىھەتلىشىپ لاپقۇتلىشىش (ھەمكارلىق) گۇرۇپپىلىرىنى تۈزىدۇ.تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشقا باشلايدۇ، تېرىلغۇ سايمانلىرىنى رېمونت قىلىدۇ، بۇغداينى نەمدەپ تەييارلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مويسىپىت دېھقاننىڭ ئېتىزىغا يىغىلىپ، قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشنى باشلايدۇ. بۇنى تەجرىبىلىك، ئاق يوللۇق بىر دېھقان باشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەپ-تەرەپتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كېتىدۇ. ئېتىزلار قوش ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ، بۇ خىل باشلىنىش ياشلارغا تەجرىبە كۆرسىتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. AyE%0KmraK  
gb.f%rlZ`  
3. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى /yLzDCKn  
دىئالېكت تاۋۇش ۋە سۆزلۈك جەھەتتە ئورتاق ئەدەبىي تىلدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رايون خاراكتېرلىك يەرلىك تىلدۇر. «دىئالېكت سۆزى قەدىمكى گىركلەرنىڭ dialektos » سۆزدىن كەلگەن بولۇپ،«بىر مەھەللىلىكلەرنىڭ گېپى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. fp9rO}##  
دىئالېكت – ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ بىر تارمىقى يەنى ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ يەرلىك ۋارىيانتى. ئۇ مەلۇم جەمئىيەتنىڭ مەلۇم رايونىدا ياكى كىشىلەر ئورتاق قوللىنىدىغان، ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان يەرلىك تىل. ئۇ ئورتاق تىلغا ياكى باشقا دىئالېكتقا ئوخشىمىغان ۋارىيانت ۋە سۆز – ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى، ئورتاق تىلنىڭ لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىلىق سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ شۇ دىئالېكت رايونىدا ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، شۇ رايون خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىغان، بىر – بىرىنى چۈشىنىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاسىتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. dVvZu% DFp  
دىئالېكت تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە: K|`+C1!  
1)ئۇ بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى، بىر مىللەتنىڭ مەلۇم گۇرۇھ دائىرىسى ئىچىدە ئومۇمىي خەلقلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. شۇ دائىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن نىسبىي ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان ئالاقە ۋاسىتىلىك رولىنى ئوينايدۇ. 2) ئۇ ئۆزىگە خاس تىل تاۋۇشلىرى، ئۆزىگە خاس لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىلىق قۇرۇلۇش سىستېمىسىغا ئىگە. 3)ئۇ بىر خىل تارىخىي ھادىسە بولۇپ، مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ۋە جەريان ئىچىدە شەكىللىنىدۇ. ئۇ يەنە مۇئەييەن تارىخىي شارائىت ۋە جەريان ئىچىدە تەدرىجىي ئاجىزلاپ، ئومۇمىي خەلق تىلىغا قوشۇلۇپ، سىڭىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، دىئالېكتلار ئارا پەرق ئالدى بىلەن فونېتىكا جەھەتتە كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، لېكسىكا جەھەتتە كۆرۈلىدۇ. دىئالېكتتا ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە خاس سۆزلەر ئۆزئارا ئوخشاشمايلا قالماستىن، بەلكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى بەزى سۆزلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. u@AI&[Z  
4. يەر – جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ZH\0=l)  
يەر – جاي ناملىرى مەلۇم بىر رايونغا بەلگە سۈپىتىدە قويۇلۈان ئىسىم بولۇپ، شۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ رايوننى تارىخىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە چېتىشلىق قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. DP|TIt,Rl  
يەر ناملىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خىلمۇ – خىللىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە رەڭدار، قوللىنىشچانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆزى يەر نامىغا تەۋە بولغاچقا، ئادەم بىلەن يەر نامىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىگە خاس ئورگانىك مۇناسىۋەت بار، گەرچە ئادەم يەر نامىنى ياراتسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى ياراتقان يەر نامىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېڭىلىنىشى، ئۆزگىرىشى، كۆچۈشى، تەرەققىي قىلىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرجىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ھامان يەر نامىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ  قىلىدۇ. شۇڭا، يەر ناملىرىنىڭ ئاتىلىشى، تەرجىمىسى، ترانسكرىپىسىيىسىنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ مۇھىمى ئادمە ئۆزى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رايون (دۆلەت) غا تەۋە يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىشى كېرەك. بۇ، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەت كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇنىڭدەك كەلگۈسى تەرەققىيات ۋە ئەۋلاد نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ بىر تارىخىي ۋەزىپە. dAL0.>|`0  
يەر – جاي ناملىرى تىل، تارىخ، ئېتىنولوگىيە، ئېتنوگرافىيىگە بېرىپ تۇتىشىدىغان مۇرەككەپ ئىلمىي خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يەر – جاي ناملىرىنى تەكشۈرۈشتە كەڭ ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى، پۇختا ئىشلەش، چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش – ئىزاھلاش ئېلىپ بېرىش لازىم. p`\3if'  
پەيزاۋات نامى ھەققىدە + Dd"41  
پەيزاۋات شىنجاڭدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى، خەن، غەربىي خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا بۇ يەر غەربىي دىياردىكى « سۇلى دۆلىتى » گە تەۋە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلىتىمىزنىڭ غەرب ئەللىرىگە بارىدىغان «يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا تارمىقى بۇيىغا جايلاشقان مۇھىم بىر ئۆتەڭ ئىدى. «قاراخانىيلار » سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى خانلىرىدىن ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەخمۇت ئىبنى ھەسەن ھارۇنخان زامانلىرىغا كەلگەندە ئوردا شاھزادىلىرىدىن«پەيزۇللا بەگ» ئىسىملىك بىرەيلەن ھازىرقى موشۇ پەيزاۋات دائىرىسىگە « بەگ » بولغان شۇنىڭ بىلەن بۇيەرنىڭ نامى دەسلەپتە «پەيزۇللا بەگنىڭ ئاۋاتى » (يېڭىدىن گۈللەنگەن يۇرتلار ئاۋات دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى تىللاردا شەھەرمۇ ئاۋات دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئىسلام ئاۋات، ستالىن ئاۋات دېگەندەك) دەپ كېينچە «پەيزۇللا ئاۋات»،«پەيزۇ ئاۋات»دەپ ئۆزلەشكەن. ھەرخىل تىللاردىكى تارىخ ناملارغىمۇ ئۆز ئاھاڭى بويىچە «پەيزۇ ئاۋات» ياكى «پەيزى ئاۋات » دەپ خاتىرلەنگەن. ھەرقانداق غەيرى ناملىرى بولمىغان پەقەت 1902-يىلى ناھىيە قۇرۇلغاندىن كېينلا ئاندىن خەنزۇچە«جايشې» دېگەن قوشۇمچە يەر نامى پەيدا بولغان. بۇ ئىككى نام ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. kzMa+(fu  
oL#xDG  
5.توتېم ھەققىدە Og=[4?Kpk  
★ « توتېم »( TOTEM) ئاتالغۇسى ئەسى شىمالىي ئامېركا ئېندىئانلىرى تىلىنىڭ ئوجبىۋا دېئالېكتىدىكى (TOTEM) ۋە ototeman)  (( ئۇرۇق ، ئەجداد ) دېگەن سۆزىدىن كەلگەن . بۇ سۆز قەدىمىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنبەلەردە تۆز (   toz    ) ئۇران (   uran    ) دەپ ئاتىلاتتى .ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخسدا بۆرە تۇتىمى ھەققىدىكى مەلۇمات ئەڭ دەسلەپ « ئوغۇزنامە » داستانىدا تىلغا ئېلىنىدۇ . 9WOu 8Ia  
ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي دەۋردە ئۆزلىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋە مەلۇم مەنپەئەت ھايۋانات، دەل – دەرەخلەرنى توتېم ئوبيكتى قىلىپ تاللىغان. p 
1. دەل – دەرەخ توتېمى: قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى دەل – دەرەخلەردىن ئاپىرىدە بولغان دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان خاتىرىلەر بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «بۆكۈ خاقان ئەپسانىسى» (بۆكۈ خاقان رىۋايىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىرقەدەر گەۋدىلىكتۇر. _$8{;1$T?  
2.  قۇش توتېمى: قۇش توتېمى دەل – دەرەخ توتېمىغا قارىغاندا بىرقەدەر ئومۇملۇققا ئىگە ئېتىقاد، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەپەككۇر شەكلى ئىدى. !5&%\NSv  
3. ھايۋانات توتېمى: تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ھايۋانات توتېمى ئېتىقادىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى  توغرىسىدىكى مەنبەلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرقەدەر كۆپ. بۆرە شىر، بۇغا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۇلۇغلاش، ئۇلارغا چوقۇنۇش، بەزىلىرىنى توتېم سۈپىتىدە چۈشىنىش ئەجدادلىرىمىزدا بىرقەدەر ئومۇملۇققا ئىگە. بولۇپمۇ بۆرە توتېمى تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن، تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ بولغان ئىپتىدائىي ئېتىقاد تىپىدۇر. ئەجدادلىرىمىز بۆرىدىن ئىبارەت بۇ ۋەھشىي ھايۋاننى ئۆزلىرىنىڭ نەسلى، ئەجدادى، قوغدىغۇچى ئىلاھى، ھەتتا جەڭ ئىلاھى دەپ قاراپ ئىلاھلاشتۇرغان. te)n{K",  
`os8; `G  
★بۆرە توتېمى ھەققىدە C-Ig_Nc  
قەدىمكى جۇڭگو مەنبەلىرىدىن ھون، كۆك تۈرك، ئۇيسۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە بۆرە توتېمى مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۆرە توتېمى توغرىسىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، نوپۇزلۇقلىرى قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەر ۋە قەدىمكى تۈركىي تىلدىكى مەنبەلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. Q70bEHLA  
1. «ۋېي سۇلالىسى تارىخى. قاڭقىللار تەزكىرىسى»دە قاڭقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار)نىڭ ئەجدادى ھېسابلانغان ھونلارنىڭ مەلىكىسى بىلەن كۆك بۆرىنىڭ جۈپلەشكەنلىكى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «ھون تەڭرىقۇتىنىڭ خانىشى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا، ھونلار ئېلىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئىلاھ (پەرىزات) دېيىشىدىكەن. ھون تەڭرىقۇتى: <قىزلىرىم قانداق كىشىلەر بىلەن جورا بولسا بولاركىن؟> دەپ سوراپتۇ. باشقىلار: <ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھون تەڭرىقۇتى ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن بىر جايغا تاملىرى ئېگىز بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ ھەم قىزلىرىنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ: <قىزلىرىمنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كېلىپ قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن> دەپتۇ. ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئانىسى قىزلىرىنى سېغىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى كۆرمەكچى بوپتۇ. تەڭرىقۇت: <بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن> دەپتۇ. يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قورغان ئەتراپىغا بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولۇپ، قورغاننى ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ ۋە قورغان تېمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ ئۇۋا ياساپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ، بۆرە كەتمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى ئاچىسىغا: <دادام بىزنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا، تەڭرى بىلەن جورا بولۇشىمىزنى ئارزۇ قىلغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى. ئۇ بىر ئىلاھىي مەخلۇق ياكى بۆرە قىياپىتىدىكى تەڭرىنىڭ ئۆزىدۇر> دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ. ئاچىسى بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ: <بۆرە ھايۋان تۇرسا، ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دېيىش ئاتا – ئانىمىزغا ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟> دەپتۇ. سىڭلىسى بۆرىنى شۇ قىياپەتتە كەلگەن تەڭرى دەپ تونۇپ قورغاندىن چىقىپ، بۆرىگە جورا بوپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىيىپ بىر دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ ئەلنىڭ ئادەملىرى ناخشا ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ، بۆرىگە ئوخشاش ھەم ئۇزۇن، ھەم ياڭراق ئاۋاز چىقىرالايدىغان بوپتۇ. tfA}`*$s  
2. ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە توتېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قەدىمكى بۇ ئەپسانىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «قەدىمكى ھون ھۆكۈمدارلىرىنىڭ بىرىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزلار شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنكى، پەقەت تەڭرىلەر بىلەن جۈپ بولۇش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ئىكەن. ئۇ ھون ھۆكۈمدارى ئۇلارنى ئىنسانلاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن مەملىكىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ناھايىتى ئېگىز بىر راۋاق ياسىتىپتۇ – دە، ئۇلارنى شۇ راۋاققا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ قىزلار بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ چاقىرىلغان تەڭرى ئاخىردا كۆك بۆرىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارغا ئۆيلىنىپتۇ. بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز، ئون ئۇيغۇر تۇغۇلۇپتۇ. توققۇز ئوغۇز بىلەن ئون ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپتۇ. >ukQ, CE~  
6.لوگىكا ھەققىدە ` 5#h jLe  
«لوگىكا» سۆزى ئېنگلىزچە «logos» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ قەدىمكى يۇنان تىلىدىكى (لوگوس) سۆزىدىن كەلگەن. لوگىكا سۆزى بەزىدە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى دېگەن مەنىنى، بەزىدە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.يەنە بەزىدە تەپەككۇر شەكىللىرى ۋە تەپەككۇر قانىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. )&,K94  
ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە خۇلاسە بولسا ئەقلىي بىلىشنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى، شۇنىڭ بىلەن تەپەككۇرنىڭمۇ شەكىللىرى. f TO+ZTRqf  
ئۇقۇم _ شەيئىنىڭ ماھىيىتلىك بەلگىسى ياكى خاس بەلگىسىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى تەپەككۇر شەكلى.ھەر  &{ZSE^  
ئۇقۇمنىڭ تۈرلىرى: ئۇقۇملار ئەكس ئەتتۈرگەن ئوبېكتنىڭ سانىغا ئاساسەن،خاس ۋە تۈردەش ئۇقۇم دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. خاس ئۇقۇم _مەلۇم بىرلا شەيئىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى بىرلا يەككە ئوبېكتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: جۇڭگو، بېيجىڭ،     RLHYw@-j@  
   تۈردەش ئۇقۇم _بىردىن ئارتۇق ئوبيېكتنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇقۇم. ھەجمى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئوبيېكتنى كۆرسىتىدۇ. ئىشچى، دېھقان، دۆلەت، مىللەت، شەھەر، cIb4-TeV  
ئۇقۇملار ئوبيېكتلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئەكس ئەتتۈرگەن ياكى ئەتتۈرمىگەنلىكىگە ئاساسەن توپلام ۋە غەيرىي توپلامغا بۆلىنىدۇ. ! Mo`^ t  
ئوبيېكتلارنى بىر پۈتۈم گەۋدە قىلىپ ئەكس ئەتتۈرگەن ئۇقۇم توپلام ئۇقۇمىدۇر. ئىنسانىيەت، ئارمىيە،ئورمان، ئوبيېكتلارنىڭ توپىنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن ئۇقۇم غەيرىي توپلام ئۇقۇمىدۇر.غەيرىي توپلام ئۇقۇمى توپلام ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان.دەرەخ، كىتاب،ئىشچى،ئادەم،ھايۋان،سۆز،ھېكايە... qjAh6Q/E`  
ئۇقۇملار ھەجمى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت [7.agI@=  
ماس كېلىش مۇناسىۋىتىگە قاراپ تولۇق، بېقىندىلىق، قىسمەن ماس مۇناسىۋەتكە، ماس كەلمەسلىك مۇناسىۋىتىگە قاراپ قارىمۇقارشى، زىت مۇناسىۋەتكە بۆلىنىدۇ. 0x~`5h  
ئىككى ئۇقۇمنىڭ ھەجمى پۈتۈنلەي دەل كېلىدىغان مۇناسىۋەت تولۇق ماس مۇناسىۋەتتۇر. O%g\B8 ;  
تەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ   _ تەڭ تەرەپلىك ئۈچبۇلۇڭ YeyGN  
بىر ئۇقۇمنىڭ بىر قىسىم ھەجمى بىلەن يەنە بىر ئۇقۇمنىڭ بىر قىسىم ھەجمى ئۆزئارا ماس كېلىدىغان مۇناسىۋەت قىسمەن ماس مۇناسىۋەتتۇر. كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى _ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى *_"u) 
بېقىندىلىق مۇناسىۋەت _ بىر ئۇقۇمنىڭ ھەجمى يەنە بىر ئۇقۇمنىڭ ھەجمى ئىچىگە پۈتۈنلەي ئېلىنغان ھەمدە بىر ئۇقۇمنىڭ ھەجمى يەنە بىر ئۇقۇمنىڭ ھەجمىنىڭ بىر قىسمى بولغان مۇناسىۋەتتۇر. خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت _ ئىجتىمائىي زىددىيەت ]JMl|e  
ئەگەر ئىككى ئۇقۇمنىڭ ھەجمى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىسا ھەمدە ھەجىملىرىنىڭ يىغىندىسى جىنىس ئۇقۇمنىڭ ھەجمىگە تەو بولسا،بۇ زىت مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار _ ئۇمۇرتقىسىز ھايۋانلار ;#/0b{XFj  
ئەگەر ئىككى ئۇقۇمنىڭ ھەجىملىرى بىرلا ۋاقىتتا بىر جىنس ئۇقۇمغا تەۋە بولسا ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەجىملىرىنىڭ يىغىندىسى جىنس ئۇقۇمنىڭ ھەجمىگە تەڭ بولمىسا، مۇنداق ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قارىمۇقارشى مۇناسىرەت بولىدۇ. پۇرۇلتارېيات ئىدىيىسى _ بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسىياخشى _ يامان ئاق _ قارا  zF: j  
ھۆكۈم : ھۆكۈم شەيئى ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان تەپەككۇر شەكلى. #SnvV  
خۇلاسە: مەلۇم بولغان بىر ياكى بىرقانچە ھۆكۈمدىن يېڭى بىر ھۆكۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان تەپەككۇر شەكلى. A,#2^dR  
لوگىكىلىق قانۇنىيەتلەر: تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى ئەينىيەت، زىددىيەت، ئۈچىنچىسى يوق قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت. yZ3nRiuRT  
ئەينىيەت قانۇنىيىتى: ئەينى بىر تەپەككۇر جەريانىدا ھەر بىر ئىدىيە ئۆزىنىڭ ئەينەنلىكىنى ساقلىشى كېرەك. 4l @)K9F  
زىددىيەت قانۇنىيىتى: ئەينى بىر تەپەككۇر جەريانىدا بىر ئىدىيە ئكزىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىدىيە بىلەن بىر ۋاقىتتا بىردەك ھەقىقىي بولمايدۇ.ئۇلاردىن بىزى جەزمەن ساختابولىدۇ. W^3;F1  
ئۈچىنچىسى يوق قانۇنىيىتى: ئەينى بىر تەپەككۇر جەريانىدا، ئۆزئارا ئىككى پىكىر بىردەك ساختا بولمايدۇ. ئۇلاردىن بىرى جەزمەن ھەقىقىي بولىدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. `hrQw)5?r  
7.مەدداھلىق s 3r=mp{  
«مەدداھ» سۆزىنىڭ لوغەت مەنىسى «مەدىھىلىگۈچى» بولۇپ، ئىستېمال مەنىسىدە ھېكايە ئېيىتقۇچىلار ۋە داستانچىلار مەدداھ دەپ ئاتىلىدۇ.مەدداھلار ھېكايە سۆزلەش، ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا ۋە جانلىق ھەركەت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگە خاس سەنئەت شەكلىنى قوللىنىپ، چاققان ۋە چىۋەر ھەركىتى بىلەن بىر سورۇندىكى يۇزلىگەن- مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ھېكايە قىلۋاتقان داستان ئىچىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى كىشىلەر ئالدىدا ئوچۇق گەۋدىلەندۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق قەدىمكى زاماندا، ئوتتۇرا ئەسىردە ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا پەيدا بولغان خەلق داستانلىرىنى ئۇزاق تارىختىن بىرى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ بىرىشتە غايەت زور رول ئويناپ كەلمەكتە. PDP[5q r  
مەدداھلىق ــــ ئاغزاكى تىل ئادەتلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئوموملاشقان ئەنئەنۋى شەكىللەردىن بىرى. ئۇيغۇرلار ئارسىدا مەدداھلىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە، تەرەققىي قىلغان ئەل ئىچى سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ، مۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانغۇچى كىشى «مەدداھ» (ۋائىز) دەپ ئاتىلىدۇ. مەدداھلار خەلق ئارسىدىكى تالانتلىق ۋە ئىقتىدارلىق سۆز سەنئەتكارلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەلنەغمە سەنئىتى ئەنە ئاشۇ مەدداھلىق ئادىتىدىن پەيدا بولغان. (OmH~lSO.  
ئۇيغۇرلار ئارسىدا يۇقىرىقىدەك كەسىپلەشكەن مەدداھلىقتىن باشقا يەنە بەزى رايۇنلاردا ياشانغانلار بىر ئۆيگە يىغىلىپ ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە قىسسە ياكى ھېكايە ئېتىشىدىغان قىزقارلىق قەدىمكى كىتاب- رىسالىلەرنى ئوقۇپ ئاڭلايدىغان ئادەتمۇ بار. مەسىلەن: تۇرپان رايۇندا ياشانغانلار ئارسىدا قەرەرلىك ئۆتكۈزلۈپ تۇردىغان «دادۇر مەشرىپى» ئەنە شۇنداق خاراكتىرگە ئىگە. بۇمۇ مەزمۇن ماھايىتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا، مەدداھلىقنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 50~K,Jx6B  
مەدداھلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مۇراسىم ۋە ھەرخىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ناھايىتى قىزىپ كىتىدۇ. قەشقەردىكى «ھەزرەت سەيلىسى»، ئاتۇشتىكى «بۇغرام سەيلىسى»، ئوپالدىكى «نورۇز- بۇلاق سەيلىسى»، خوتەندىكى «كوھمارىم سەيلىسى» كۆلىمى چوڭ مۇراسىم پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرىدىن بىرى مەدداھلىق بولۇپ، مۇشۇ سەيلە مەزگىللىرىدە يۇرۇت- يۇرۇتلاردىن كەلگەن مەدداھلار تەرەپ- تەرەپتە سورۇن تۈزۈپ مىڭلىغان سەيلىچىلەرنى ئۆزگە جەلىپ قىلىدۇ. @i%YNI5*  
مەدداھلىق ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى ئىچىدە گەرچە ساغلام بولمىغان بەزى دىننىي تەركىپلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەللق سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تارقىتىش ۋە بېيىتىش، خەلقنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينىغان رولىنى تۆۋەن مولچەرلەشكە بولمايدۇ. N1x@-/xa|  
Y(6Sp'0  
g,kzQ}_  
8.كىنو – تېلىۋېزىيە مەدەنىيتى ھەققىدە ${hz e 
كىنو 1895-يىلى پارىژدىكى بىر قەھۋەخانىدا بارلىققا كەلگەن . 1903-يىلى تېلىۋېزىيە بارلىققا كەلگەن . m~`>` 4  
كىنو – تېلىۋېزىيە فىلىملىرىنىڭ تۈرلىرى: 1.رېئال تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىملەر2. چامباشچىلىق فىلىملىرى3. سەرگۈزەشىت فىلىملىرى4 . كومدېيلىك فىلىملەر5 . ئۇرۇش فىلىملىرى6 . جاسۇسلۇق ۋە ئوغرى قاراقچىلار تەسۋىرلەنگەن فىلىملەر 7. ناخشا – ئۇسسۇللۇق فىلىملەر 8. تارىخي فىلىملەر . b,^*mx=  
7;}l\VXHm  
9. فولكلور ھەققىدە ,|T7hTn=  
فولكلور ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى  : 6Y384  
»فولكلور (Folklove) «ئەسلىدە سافۇن تىلىدىكى  «Folk» ۋە «love» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «خەلق ئارىسىدىكى بىلىم» دېگەن مەنىنىبىلدۈرىدۈ. « فولكلور » دېگەن سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار. بىرى، ئۇ خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، ئەنە شۇ خەلقنىڭ ئۆرپ -ئادىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ.  f4('gl9  
فولكلور − بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى كەڭ ئامما تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، ئىشلىتىلگەن ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىنگەنتۇرمۇشمەدەنىيىتىدۇر.  فولكلورنى مۇنداق تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:   ANMg  
.1ماددىي فولكلور : بۇ كىشىلەرنىڭ ماددىي بايلىقنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەكرارلايدىغان ۋەقېلىپلاشقانپائالىيىتىنى، شۇنداقلا بۇ خىل پائالىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈركۈملەشكەن مەھسۇلاتشەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، كىيىم - كېچەك ئادىتى، ئولتۇراقلىشىش ئادىتى، قاتناش - ترانسپورت ئادىتى، كېسەل داۋالاش ئادىتى (كىشىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى داۋالاش ئادىتى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   2#5,MP~r  
9'~- U  
.2 ئىجتىمائىي فولكلور : بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە قائىدە - تۈزۈم ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي فولكلور كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئادىتىدۇر. ئۇ، ئائىلە، جەمەت، قەبىلە، مىللەت، دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئالاقىسى جەريانىدا قوللىنىلىدىغان كوللېكتىپ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئادىتى (قانداشلىق تەشكىلى، يۇرتداشلىق تەشكىلىۋەكەسىپداشلىق تەشكىلىنىڭ ئادەتلىرى)، ئىجتىمائىي قائىدە - يوسۇن، ئۆمۈر مۇراسىمى(تۇغۇلۇش مۇراسىمى، بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى، نىكاھ - توي مۇراسىمى، دەپنەمۇراسىمى قاتارلىقلار) ۋە ھەر خىل ھېيت - بايرام ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   H AB#pd9  
.3 مەنىۋى فولكلور: بۇ ماددىي فولكلور ۋە ئىجتىمائىي فولكلور ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئاڭ فورمىسى جەھەتتىكى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن پسىخىك تەجرىبىسى بولۇپ، بۇ خىل تەجرىبە پەيدا بولۇش بىلەنلا كوللېكتىپ پسىخىك ئادەت سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ، ئالاھىدە ھەرىكەت شەكلىدە ۋە ئەۋلادمۇئەۋلادۋارىسلىق قىلىپ كېلىش جەريانىدا ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئېتىقاد ئادەتلىرى(تەبىئەتكەچوقۇنۇش، ئەجدادقا چوقۇنۇش، توتېمغا چوقۇنۇش ۋە بۇ خىل ئېتىقادلار ئاساسىدا كېلىپ چىققان پالچىلىق، سېھىرگەرلىك، پەرھىزچىلىك، بېشارەتچىلىك ئادەتلىرى)، خەلق پەلسەپىسى ۋە ئەخلاق قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   #=,(JmQPt  
.4 ئەدەبىيات - سەنئەت فولكلورى  : ئۇ ئېغىز تىلى، مۇزىكا تىلى ۋە بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان، كوللېكتىپ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان سەنئەت شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلقنىڭ مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ۋە ئويۇن خاراكتېرىلىك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.   m7|RD]q&  
10.ئېتىمولوگىيە ":W%,`@$  
ئېتىمولوگىيە ( سۆز تېگى ، سۆز كۆكى ئىلمى ) قەدىمكى گىرىكچە سۆز بولۇپ ، سۆزلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەئىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ  تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى، مىللەت تەۋەلىكى قاتارلىقارنى تەتقىق قىلىدىغان خاس ساھە . ~6[*q~B  
ئېتىمولوگىيە ئاتالمىسى ئەسلىدە گىرىكچىدىكى « etymon» ( ئەسلى ، ھەقىقىي ) بىلەن logos ( بىلىم ، چۈشەنچە ) دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغاندۇر . تىلشۇناسلىق بۇپەننى«لېكسولوگىينىڭ بىر تارمىقى » دەپ قارايدۇ . تارىخىي تىلشۇناسلىق بۇ پەننى«سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى » دەپ قارايدۇ . L2z2}U=<  
ئېتىمولوگىيە ئىلمى مىلادىيدىن ئىلگىركى 5-6- ئەسىرلەردىلا قەدىمقىي گىرىتسىيدە بارلىققا كەلگەن . ئېتىمولوگىيە ئىلمىي ئېتىمولوگىيە ۋە خەلق ئېتىمولوگىيسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . 1(dj[3Mt  
★ئىلمىي ئېتىمولوگىيە : بىر تىل سىستىمىسدىكى تۇغقان تىللارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سۆزنىڭ ئەسلى شەكلىنى تاپىدۇ ياكى يازما تارىخىي مەنبەلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ ئەسلى شەكلىنى تېپىپ چىقىپ  ، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنى تەكشۈرىدۇ . i76 Yo5  
★خەلق ئېتىمولوگىيسى : خەلق ئىچىدە دەۋىردىن دەۋىرگە ، ئېغىزدىن ئېغىزغا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان رىۋايەت تۈسىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ، سۆزلەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىزدەيدۇ . QB{rVI>mI!  
) M 
pd@;b5T  
p9ZXbAJ{  
« ئۇيغۇر » نامى ھەققىدە ZU2laqa_  
« ئۇيغۇر » نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بەرىشكە تىرىشىمىز. 11 - ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ماھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۇرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۇزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند - بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ » دەپتۇ. 9h,u6e  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى « ئوغۇزنامە » مۇ بىزگە 106 - قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بەرىدۇ: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغا نىمەن ». « ئوغۇزنامە » رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخىي بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13 - ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ ۋاقىئەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ « ئۇيغۇر » سوزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، بىز بۇ تارىخىي داستاندىن « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 - ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن « ئۇتقۇچى ،كۇچلۇك، قۇدرەتلىك، » مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دولەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. .V'V:;BE%  
 t,%iL  

ozqan 2012-03-28 00:38
سەمەن ، نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تولۇقلاپ يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت . مەن ئەسلى ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان  ، سىز يوللاپ بولۇپسىز ، رەخمەت سىزگە . قايسىمىز يوللىساق ئوخشاش ، مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنشى ئۈچۈن شۇڭا ، مېنىڭ سىزنىڭ مەن تەييارلىغان ماتىريالنىمۇ قوشۇپ يوللىغانلىقىڭىزغا باشقا پىكرىم يوق . ئوقۇتقۇچىلارغا قايسى ماتىريال قانچىلىك دەرىجىدە لازىم بولسا ئۆزلىرى ئۈزۈپ ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ھارمىغايسىىز .. .

ziba101 2012-03-28 09:47
نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى تولۇقلاپ يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت    

akkax 2012-03-31 23:11
  لوگىكىغا دائىر كىچىككىنە تولۇقلىما، ئۇقۇم بىلەن سۆزنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى: ,"H?hF Q  
مۇناسىۋىتى: سۆز ئۇقۇمنىڭ شەكلى، ئۇقۇم سۆزنىڭ مەزمۇنى، ئۇقۇم سۆزدە ئىپادىلەنگەن مەنە. s`vSt* ]K  
  پەرقى: 1. ئۇقۇم ئىنسانىيەتكە ئورتاق. سۆز مىللەتكە ئورتاق. م: كىتاب( ئۇيغۇرچە) ، 书 ( خەنزۇچە ) book ( ئىنگىلىزچە ).  بۇلار سۆز. كىتاب:  تۈپلەنگەن ياكى مۇقاۋىلانغان باسما ياكى يازما ئەسەرلەر. بۇ كىتابنىڭ ئۇقۇمى. ئۇقۇم بولغاچقىلا باشقا تىللارنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان. @_O3&ZK  
2. بىر سۆز بىر ياكى بىر قانچە ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ. م: كۈل ( ئوچاقنىڭ كۈلى ). كۈل ( كۈلۈش ) ... Fwv\pJ}$  
3. بىر ئۇقۇمنى بىرقانچە سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن. م؛ چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل...... Wa, 7P2r  
4. ھەرقانداق ئۇقۇم سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ھەرقانداق سۆز ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. م: ئاھ، چۇھ، ۋاھ، ھەي،.........

tawpek 2012-04-01 01:26
سەمەنگە ئاپىرىن، ئاققاشنىڭ پىسخىكا ، لوگىكا بىلىملىرىگە تىخىمۇ ئاپىرىن.

zulmakan 2012-04-13 11:59
سەمەنگە ئاپىرىن

tawpek 2012-08-04 19:20
ئەدەبى ئاخباراتتا بىز كىرىشتۈرمە خەۋەر دەپ بىر ئەسەر ئوقويمىز. 2D_6  
pKYLAt+^>  
بۇ خەۋەرنىڭ تۈرلىرىدىن بىرىمۇ ياكى ئالاھىدە بىر شۇنداق شەكلىمۇ؟ Sy:K:Z|[U  
d(\1 } l  
خەۋەر شۇنداق بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنەمدۇ يا؟

tawpek 2012-12-05 12:56
ئىستىلىستىكىدىن تېما يوقمۇ نىمە؟

tawpek 2013-06-18 11:43
ئىپىك نەسىر توغرىسىدا تىخىمۇ تەپسىلى ماتىرىيال بولسىچۇ؟ P mC8 2"  
2-p8rGI_F  
يەنى مۇھاكىمىلىق نەسىر توغرىسىدا دىمەكچى.


查看完整版本: [-- نەزەرىيۋى بىلىملەر ۋە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled