查看完整版本: [-- QQ غا ئاشىق بولغان قىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> QQ غا ئاشىق بولغان قىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-23 11:28

QQ غا ئاشىق بولغان قىز

QQ غا ئاشىق بولغان قىز nocH~bAf2  
{DO9{96w4  
(ھېكايە) !c`1~a!  
نۇرئەلى ئەھەت  =UP)b9*h  
  
*:_hOOT+[  
   دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : @ 
   ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ ، كۈنلىرىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ . FxT [4  
   خۇدايا توۋۋا، بۇ كەمدىكى دوختۇرلارغا نېمە بولغاندۇ، گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرىدىكىنا بىمارنىڭ كۆڭلىگە كېلەرمۇ دەپمۇ قويماي. !%(B2J  
   قاياققا مېڭىشنى ئۇقمىدىم، ئىدارىگە بارايمۇ، بولدىلا ئۇ يەرگە بارغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى، ئەمدى ماڭا خىزمەتنىڭ نېمە كېرىكى. كاللام قۇپقۇرۇق، كۆڭلۈم بەكلا يېرىم. شۇ تاپتا كاللامنى پۈتۈنلەي قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە قاپلىغان ئىدى. ئۆز تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ، لېكىن چارىسىز ئىدىم. ئۇزۇندىن بىرى كۆرۈلۈۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزۈمنىمۇ ئىشەندۈرگەن ۋە ھاياتقا بولغان ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىمنى يوق قىلغان ئىدى. VEZ/-s/  
  Y+7v~/K=  
   ئۆيگە قايتايمۇ؟ ئاشۇ يىراق سەھرادا مەندىن خاتىرجەم يۈرۈۋاتقان ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا بارايمۇ؟ بولدى، كېسەللىك ئازابىمنى ئۇلارغا ئۇقتۇرماي. لېكىن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۇلارنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشىم كېرەكقۇ؟ U\z+{]<<  
   مانا ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم. لېكىن بوسۇغىدىن قانداق ئاتلاشنى بىلمىدىم، شۇ تاپتا يۈرۈكۈم تىترەپلا تۇراتتى. ئۆزۈمنى باسالمايلا قالدىم، بوغۇزۇم ئېچىشىپ ئۆپكەم كارنىيىمغا تىقىلىپلا قالدى. ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم: ‹‹بولدى يىغلىماي، چاندۇرماي بۇ يەردە بىر كۈننى ئۆتكۈزەي››. #,;k>2j0  
   ئۇنىڭغىچە ئانام مېنى كۆرۈپ خۇشال يۈگۈرۈپ چىقتى: +$'/!vN  
   ــــ ۋاي قىزىم، ياخشىمۇ سەن! چىقىدىغان ئادەم نېمىشقا بىزگە خەۋەرمۇ قىلىپ قويمىدىڭ؟ g<-cHF  
   شۇ تاپتا ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ قاتتىق بىر يىغلىۋالغۇم كەلدى. يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. بۇ يەردە بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ماڭىدىغان ۋاقىتتا ئەتراپتىكى جىمى نەرسىگە تويماي قاراپ چىقتىم. توغرا، بەكرەك كۆرۈۋالاي. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدا قايتا نامايان بولمايدۇ. كۆزلىرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرى بۇ يەردە قالسۇن. tpctz~ .  
   كەچ شەھەرگە قايتىپ كىردىم. قاياققا مېڭىشنىمۇ بىلمىدىم، ماڭا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاشۇ غېرىبانە ياتىقىمغا بارغۇم كەلمىدى، ئۇدۇللا مېھمانخانىغا چۈشتۈم. ياتاققا كىرىپ يۇيۇنغاندىن كېيىن، ئاستا دېرىزە قېشىغا كېلىپ، سىرتقا قارىدىم. سىرتتىكى ھەربىر شەيئىگە تويماي قارايتتىم. يولدا ئالدىراش يۈرۈۋاتقان ماشىنىلار، ئالدىراش كېتىۋاتقان كىشىلەر. ‹‹ھەي، شۇ كىشىلەرنىڭ قايسى بىرلىرى شادلىقتىن ئۆزىنى قويغىدەك جاي تاپالماي يۈرگەندۇ، قانچىلىرى كېچىنى ئەندىشە بىلەن ئۆتكۈزسە، يەنە قانچىسى تاڭ ئاتقۇزۇپ بولالماي تاقەتسىزلىنىدىغاندۇ. يەنە قانچىسى ماڭا ئوخشاش غەم - ئەندىشىدە يۈرۈۋاتقاندۇ. بەلكىم بۇ شەھەردە ئۆلۈم ئالدىدا ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن بىردىنبىر كىشى مەن بولۇشۇم مۇمكىن. نېمىشقىمۇ مېنىڭ ھاياتىم قىسقا بولۇپ قالغاندۇ››. ئاستا كارىۋاتقا كېلىپ ياتتىم، كۆزۈمنى يۇمساملا قورقۇنچ باساتتى. ھەي، بۇ كېچە نېمانداق ئۇزۇندۇ. sig_2;  
   ياتاقتىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. كومپيۇتېرغا كۆزۈم چۈشتى - دە، ئاستا بېرىپ ئاچتىم. تېخى تورلاشتۇرۇلغان ئىكەن. كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى QQ (مۇڭداشقۇ) غا كۆزۈم چۈشتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، دوستلىرىم بىلەن ئاندا - ساندا QQ غا چىقاتتۇق، شۇ ۋاقىتتا ئىشلەتكەن QQنومۇرۇمنى ئاران ئېسىمگە ئېلىپ ئاچتىم، لېكىن QQ دىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمىدىم، شۇ تاپتا ھېچ نەرسە دىققىتىمنى تارتالمايتتى. تۇيۇقسىز QQ رىمنىڭ يېنىپ - ئۆچۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بىرسىنىڭ ئۇچۇر يازغانلىقىنى بىلدىم. b +_E)4  
   ‹‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇيغۇر قىزى! قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ ھەر ۋاقىت سالامەت بولۇشىڭىزنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن››. ]9:G3vq  
   بۇ ئۇچۇرنى كۆردۈم - يۇ، لېكىن ئۇچۇر قايتۇرغۇم كەلمىدى. يەنە كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ، ‹‹ھە، رەھمەت. خۇداغا شۈكۈر›› دەپلا قايتۇرۇپ قويدۇم. /_|1,x-Kx  
   بىر ۋاقىتتا قارىسام نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يېزىۋېتىپتۇ. لېكىن مەن ھېچ بىرسىگە جاۋاب قايتۇرمىدىم. }R x%&29&  
   ‹‹كەچۈرۈڭ، ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن، سىزنى ئاۋارە قىپتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. بەلكىم سىز توردا بىرەر سىرداش دوستىڭىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، پارىڭىڭلار كۆڭۈللۈك داۋاملاشسۇن››. o5R\7}]GE  
   بۇ خەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىلمىي، ئەدەب - ئەخلاقلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر قايتۇردۇم: { 1+H\ (v  
   ـــــ كەچۈرۈڭ، بۈگۈن كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇچۇر قايتۇرغۇم كەلمىدى. N@$%0!  
   ــــ ئۇنداق بولسا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمىسىڭىز، سىز بىلەن بىر ئاز سىرداشسام بولامدۇ؟ m @%|Q;  
   ــــ بولىدۇ. Fqv5WoYVf  
  `dZ|}4[1  
   ــــ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز نېمە ئۈچۈن يېرىم؟ As`^Ku&  
   ــــ سىز مەندىن سالامەتلىك ئەھۋالىمنى سورىدىڭىز. سالامەتلىكىم تولىمۇ ناچار. ھازىر ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي، بۇ غېرىبخانىغا سولىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ماڭا ئامان - ئېسەنلىك تىلىدىڭىز، سىزگە كۆپ رەھمەت. 86g+c  
   ــــ ئادەمنى چۆچۈتمەڭ، قانداقسىگە ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولىدۇ. بىرەرسىدىن قاتتىق ئازار يېدىڭىزما؟ nmGHJb,$  
   ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئەينەن دەپ بېرىشنى توغرا تاپتىم، ھېچ بولمىسا ئۆلۈپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىرەر كىشى بىلىپ قالار، ئازراق بولسىمۇ يېنىكلەپ قالارمەن. EoeEg,'~F  
   ــــ ئەزىز تورداش، مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىناق بىر ئائىلە قۇرۇپ ئانا بولغۇم، پەرزەنتلىرىمنىڭ تاتلىق ئەركىلەشلىرىنى كۆرگۈم، شوخ، چۈچۈك گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشقۇم بار ئىدى. لېكىن مەن بۇ خۇشاللىقتىن ھۇزۇر ئالماي تۇرۇپلا نىجىس كېسەلنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدىم. مانا ئەمدى ھاياتلىق شامىمنىڭ ئۆچۈشىنى كۈتۈۋاتىمەن. *&]l  
   ــــ سىز بۇنداق ئويلىماڭ، ھاياتتىن بۇنداق ئاسانلا ئۈمىد ئۈزۈۋەتمەڭ. ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارىسىڭىزلا، ئەتىكى قۇياش نۇرى سىزگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. ھايات تولىمۇ گۈزەل، سىز ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ گۈزەللىكتىن ھۇزۇر ئالالايسىز... ماڭا كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز؟ ?s]`G'=>V`  
   ــــ بولدىلا... O@rb4(  
   ــــ كەچۈرۈڭ، چوقۇم دەپ بېرىڭ، مېنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە بىر دوختۇر دوستۇم بار، ئۇنىڭغا ئېيتىپ باقاي. بىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ باقايلى. ھاياتتىن بۇنداقلا ئۈمىد ئۈزمەڭ. KF)i66  
   مەن ئۇنىڭغا كېسەللىك ئەھۋالىمنى، ئالاقىلىشىش ئادرېسىمنى دەپ بەردىم. ئۇ ئەتە ئۇچۇرىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قاچانلاردا خوشلاشقانلىقىمنى ئۇقمايمەن. خۇددى بىر يېقىن دوستۇم بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندەك شۇنداق خۇشال بولدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئەتە تېلېفون قىلىدىغىنىغا ئىشەنمەيتتىم. z sPuLn9G  
  #8jd,I% L  
   ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇردۇم، قەيەردە، نېمە ئىش قىلىشنىمۇ بىلمىدىم. ھەي، ئادەمنىڭ بىرەر نىشانى بولمىسا، قاناتسىز قۇشقىلا ئوخشاپ قالىدىكەن. =jt_1L4  
   ئىختىيارسىز مېڭىۋاتىمەن، نىشانسىزلا كېتىپ بارىمەن. ئەتراپتىكى كىشىلەر، دەل - دەرەخلەرگە تويماي قاراۋاتمەن. لېكىن ھەممە نەرسە كۆزۈمگە قاراڭغۇ كۆرۈنۈۋاتاتتى. !%r`'|9y  
   قاچانلاردا كەچ بولغانلىقىنى تۇيمايلا قاپتىمەن، تۇيۇقسىز يانفونۇم سايراشقا باشلىدى. C 5 UDez  
   ــــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىزتوردىكى ‹‹ئۆچكەن يۇلتۇز›› شۇمۇ؟ F.D 1;,x  
   ــــ ھەئە مەن. 1 7oxD  
   ــــ سىزگە بىر خۇش خەۋەر: كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى ئىچكىرى ئۆلىكىدىكى دوستۇمغا ئېيتقان ئىدىم. بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى، داۋالاش خىراجىتىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، خاتىرجەم بولۇشىڭىزنى ئېيتتى. Y +54z/{  
   ــــ بولدى، قۇرۇق گەپ قىلماڭ. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. ;r"B?]JO  
   ــــ ئىشەنمەمسىز؟ ھازىر تېببىي ئىلىم ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىڭىزنى، ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى يىراق ئەمەس ئىكەن. سىز ئەتە يولغا چىقىڭ، مەن ئۇنىڭ ئادرېسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، سىز شۇ بويىچە دوستۇمنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. RfG$Px '  
   ـــــ بۇ راستمۇ؟ jqWvLBU!  
   ئۇنىڭدىن قايتا سورىدىم. ycD.:w p\'  
   ـــــ ماڭا ئىشىنىڭ، چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز. دوستۇم مېنى ھەرگىز ئالدىمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ. CJ   
   ـــــ ماقۇل. رەھمەت سىزگە. >:&p(eu)L0  
   كۆڭلۈم يورىغاندەك بولدى. قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. گەرچە ساقىيىدىغانلىقىمغا ئانچە بەك كۆزۈم يەتمىسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈم خېلىلا جايىغا چۈشۈپ قالدى. كەيپىياتىممۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. شۇ تاپتا ئىدارىدىن مېنى ئىزدەپ قانچىلىك تېلېفون قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. 98'XSL|  
   بۇرۇنقى ياتىقىمغا بېرىپ نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇردۇم، بانكا كارتامنى ئالدىم، تېزراق تاڭ ئېتىشىنى ئۈمىد قىلدىم. g}QTZT8  
   مانا، كۆز ئالدىمدا ناتونۇش شەھەر. قاياققا مېڭىشىمنى بىلمەي ئۇدۇللا تاكسىدا ئولتۇرۇپ شوپۇرغا ئادرېسنى ئېيتىپ بەردىم. بىر چوڭ دوختۇرخانا ئالدىدا توختىغاندىن كېيىن ھېلىقى تورداشقا تېلېفون قىلدىم. تورداش ماڭا دوستىنىڭ ھازىرلا ئالدىمغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. Fj t,  
   بىر كېلىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى ئالدىمدا چىقتى: Lu.tRZ`$38  
  %5?-g[  
   ـــــ ياخشىمۇسىز، ‹‹ئۆچكەن يۇلتۇز››. Z3>3&|&  
   ــــ كەچۈرۈڭ، ئىسمىم ‹‹ئۆچكەن يۇلتۇز›› ئەمەس، زۆھرە. 3MJWCo-[  
   ــــ ھە، ئۇنداقتا كەچۈرۈڭ. ئىلھام ‹‹ئۆچكەن يۇلتۇز›› دەپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا... _kX/LR"L+  
   ــــ ھە، ئۇ مېنىڭ توردىكى تەخەللۇسۇم .  
   ــــ ئىسمىم ئادىل. %&+R":Bw  
   ــــ مۇشۇنداق يەردىمۇ ئۇيغۇرلار بولىدىكەن - ھە. h=r< B\Pa  
   ئادىل ماڭا كۆزىنى قىسىپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ: J*KBG2+13  
    ــــ ھازىر سىزنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىمىز، تەكشۈرۈشىمىزگە ماسلىشىڭ. ئاندىن كېىسەللىك ئەھۋالىڭىزغا قارىتا يەكۈن چىقىرىپ داۋالاش ئېلىپ بارىمىز. _XNR um4  
    ــــ ئادىل، كېسەللىك ئەھۋالىم قانداقكەن؟ ئۈمىد يوق، شۇنداقمۇ؟ كۆڭلۈمنى ياسايدىغان گەپنى قىلماي ئۇدۇللا دەۋېرىڭ. ئىلگىرىمۇ دوختۇر ماڭا ئۇدۇللا دەۋەرگەن، ھازىر ئىدىيەمدە تەييارلىق بار. rRrW   
    ــــ خاتىرجەم بولۇڭ، كېسىلىڭىزنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ھېلىمۇ ئۈمىد يوق ئەمەس. بىر ئايدا چوقۇم ئەسلىڭىزگە كېلىسىز. Qwo9>ClC  
    ــــ بۇ راستما؟ lWw!+[<:q1  
    ــــ ئەلۋەتتە. ئەتە سىزنى ئوپېراتسىيە قىلىمىز، ئوپېراتسىيەدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقسىڭىزلا، ھاياتلىق سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ. p2DNbY\]  
    مانا ھازىر ھاياتىمنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە تۇرۇۋاتىمەن، مەن ئوپېراتىسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدىم... B "F`OS[  
    ئېسىمگە كېلىپ قارىسام، كارىۋىتىم يېنىدا بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىلھام تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق ئالامەتلىرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. 7a]Zws  
    ــــ سىزنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. مەن سىزگە ئېيتقانغۇ ساقىيىپ كېتىسىز، دەپ. CSqb)\8Oi*  
    ــــ رەھمەت، سىزگە! قانداقمۇ كەلگەنسىز بۇ يەرگە؟  
  AH 87UkNL  
    ــــ سىزدىن خاتىرجەم بولالمىدىم. سىزنىڭ بۇ يەردە يالغۇز ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ، ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ كەلدىم. Fp6[W5>(-  
    ــــ رەھمەت، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم. +9 p`D  
   مانا بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، ئادىل بىر دەستە گۈل بىلەن مېنى ئۇزۇتۇپ قويدى، ئۇنىڭغچە ئىلھاممۇ پەيدا بولدى. شۇ پەيتتە مەن ماڭا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بۇ نىجاتكارنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇ ماڭا سېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن چوڭقۇر تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن، قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن ھاياتتىن بۇنچە ئاسان ئۈمىد ئۈزمەڭ›› دەپ قۇلىقىمغا بوش پىچىرلىدى. ;n7|.O]*  
    ــــ رەھمەت سىزگە! مەن بەك خۇش بولۇۋاتىمەن. Pzm!`F^r}  
    ــــ سىزدىن بەكرەك مەن خۇشال بولۇۋاتىمەن. بۇ ھاياتقا ئۈمىد بىلەن باققانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى. BOiz ~h6  
    شۇ تاپتا دۇنيا ماڭا شۇنچىلىك ئىللىق تۇيۇلدىكى، خۇددى ھەممە نەرسە ماڭا يېقىنلىشىۋاتقاندەك، جىمى مەۋجۇدات شۇنچىلىك گۈزەل. ئىلگىرى مەن ھاياتتىن بۇنچىلىك ھۇزۇر ئېلىپ باقمىغان ئىدىم. {}J@+Zsi  
    مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئىلھامنى تولا ئويلايدىغان بولدىم. ئۇ خىيال ئېكرانىمدىن نېرى كەتمەيتتى. +b,31  
    بۈگۈن ئىدارىگە كەلدىم. ئىدارىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق نەزەرىدە قاراۋاتاتتى. BXK::M+  
    ــــ بىز سىزنىڭ ئارام ئېلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلغان، ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ، - دېدى بۆلۈم باشلىقى. l88a#zUQDN  
  h6T/0YhWLP  
    ــــ نېمىشقا ئارام ئالىمەن، سالامەتلىكىم ياخشى تۇرسا. ھېلىمۇ ئۇزاق بولدى ئىشقا كېلەلمىدىم. O *J_+6  
    ــــ سىز كېلەلمىدىڭىز، كېيىن بىر دوختۇر كېلىپ سىزنىڭ كېسەللىك ئارخپىڭىزنى ئەكىلىپ بېرىپ كەتتى، بىز ھەممە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولدۇق. كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، ياخشى بولۇپ قالغاندا ئاندىن كېلىپ ئىشلەرسىز. ~Ri u*<  
    ــــ رەھمەت سىزگە بۆلۈم باشلىقى، مەن داۋالىنىپ سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىم، ئىشلەۋەرسەم بولىدۇ. مەندىن ئەنسىرىمەڭ. w^' ?4M!  
    ــــ بۇ راستمۇ زۆھرە؟ ئۇنداقتا ناھايىتى ياخشى. سىزدىن ئايرىلىپ قالارمىزمۇ دەپ بەك ئەنسىرىگەنىدۇق، كۆڭلىمىز يېرىم بولغان ئىدى. ئەمىسە نورمال خىزمەت قىلىۋېرىڭ. [N95.aD  
    ئىلھامغا تېلېفون قىلدىم. BvZ^^IUb  
    ــــ ياخشىمۇسىز ئىلھام! نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ u_6BHsU  
    ــــ خىزمەت بىلەن ئالدىراش، سىزچۇ؟ v<7Gln  
    ــــ مەن بۈگۈن ئىشقا كەلگەن ئىدىم. سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى. 3b?OW7H  
    ــــ ھە، ياخشى بوپتۇ. مەن بىكار بولۇپ سىزگە تېلېفون قىلاي. (+gL#/u  
    ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفوننى ئالدىراپ قويۇۋەتتى. a:-)+sgHw  
    كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، ئادەتتە ئۇ ماڭا بۇنداق قوپاللىق قىلمايتتى. D-o7yc"K  
    ئىلھامنى ئويلىدىم، ئۇنىڭ ماڭا يېقىندىن ياردەم بىرىشى، ئىللىق مۇئامىلە قىلىشى ماڭا كۆيۈنۈشى، ھاياتىم قىل ئۈستىدە تۇرغاندا يېنىمدا پەيدا بولۇشى... ئۇنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. jI{~s]Q  
    ئۇنىڭدىن تېلېفون كۈتتۈم، ئەمما ئۇ تېلېفون قىلمىدى. hLyTUt~\L  
    توغرا، ئۇنىڭ تېلېفونىنى ساقلىغۇچە، كەچتە تورغا چىقاي! بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن توردا پاراڭلاشسام ياخشى بولار. 0 .FHdJ<  
    ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يازدىم: ‹‹ئىلھام، كەچتە QQ دا پاراڭلىشايلى››. K{ zCp6  
    ھەرنېمە بولسا ئۇ ئۇچۇر قايتۇردى: ‹‹بولىدۇ، كەچتە QQ دا پاراڭلىشايلى››. #j^('K|  
    QQ رىم ئوچۇق. ئۇنىڭ تېزراق پەيدا بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. Y[ iDX#  
    تۇيۇقسىز QQ رىم يېنىپ - ئۆچۈشكە باشلىدى. y7M:b Uh  
    ــــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئەمدى ‹‹ئۆچكەن يۇلتۇز›› دېمەي باشقىغا ئالماشتۇرۇڭ. %Le:wC  
    ئۇچۇرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. XdGpW   
    ــــ سىز دەپ بېرىڭە، نېمە دەپ ئالماشتۇرىمەن. /lS+J(I  
    ــــ ‹‹باھار›› دەپ ئالماشتۇرۇڭ، بۇ ئىسىمنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن. 2ec$xms  
    ــــ بولىدۇ. ^])e[RN7?n  
    بىز مانا مۇشۇنداق ھەر كۈنى QQ دا پاراڭلىشاتتۇق. سۆھبىتىمىز تۇرمۇش، جەمئىيەتكە بولغان ئىلمىي مۇلاھىزىلەر بىلەن باشلىنىپ، مىللەت، مەدەنىيەت، كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلار بىلەن ئاخىرلىشاتتى. k'[ S@+5  
    ئارىدا ئۇنى ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىزدەپ باردىم، ئۇ مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. o%Be0~n'  
    ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئاستا - ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كېچىلىرى ئۇخلىساممۇ ئۇنى چۈشەيتتىم. مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ تۇيۇقسىز توردىن يوقىدى، يانفونى ھامان تاقاق ئىدى. o~v_PD[S  
    ئۇنى ھەر كۈنى توردا ساقلىدىم، يوق. كېچىسى ئۇخلىماي ئۇنىڭ تورغا چىقىشىنى كۈتتۈم. ئۇ تۇرغان جايغا بېرىپ ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. خىزمەتداشلىرىدىن سورىسام، ئۇنىڭ ئىشقا كەلمىگىنىگە خېلى كۈنلەر بوپ قالغانلىقىنى، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىر ئاي شۇنداق ئۆتتى، كېيىن تۇيۇقسىز QQ رىمغا ئۇچۇر كەلدى: y:[BP4H?y  
    ‹‹ ئەسسالام باھار، ياخشىمۇسىز! ئۇزۇندىن بېرى سىز بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، لېكىن قانداق دېيىشنى بىلمىدىم. سىز بىلەن تونۇشقان شۇ ۋاقىتلار دەل ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى بىلىپ كۆڭلۈم يېرىم يۈرگەن چاغلار ئىدى، بىرەرسى بىلەن سىردىشاي دەپ تورغا چىققىنىمدا سىزنى ئۇچراتتىم، سىزنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قالغانلىقىڭىزنى بىلىپ ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم... شۇ ۋاقىتلاردا مەن كېسەللىك بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتىم. سىزنىڭ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بىر قىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم... سىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن... كېسىلىمنى ئويلاپ سىزدىن يىراقلاشماقچى بولدۇم، لېكىن كۆڭلۈم بۇنىڭغا يول قويمىدى. سىزگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدىم. سىز ئاخىرى ئۈمىد بىلەن ھاياتقا جەڭ ئېلان قىلدىڭىز. لېكىن مېنىڭ كېسىلىم بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى. سىز تېلېفونقىلغان ۋاقىتتا مەن دوختۇرخانىدا كېسەللىك بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتىم. ئاغرىق ئازابىمنى سىزگە بىلدۈرۈشنى خالىمىدىم. كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ سىزنى خىيال قىلدىم، سىزنىڭ شۇ ئىللىق چىرايىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. xl+DRPzl  
    ھاياتلىق نۇرۇم ئۆچۈشكە ئاز قالغان ۋاقىتتا سىزنى ئازابلاشنى خالىمىدىم، چۈنكى سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز، بۇ ماڭا ئايان. [ME}Cv`? 
    خەير، سىز بىلەن شۇنداق كۆرۈشكۈم بولسىمۇ، لېكىن تەقدىر بۇنىڭغا يول قويمىدى. ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ. سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئۆز ھاياتىمنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئويلىسام كۆزۈم ئوچۇق كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە خەت يازالمايمەن. بۇ QQ رىم يورىمايدۇ. QQ رىمنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ. خوش، ئەمدى مېنى ئەسلىمەڭ، مېنى ئويلىماڭ. مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. سىز بىلەن تونۇشقان ۋاقتىم ئاز بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمدە ئىگىلىگەن ئورنىڭىز ئەڭ يۇقىرى...›› ]ZzoJ7lr  
    خەتلەرنى ئوقۇۋېتىپ كۆزلىرىمنىڭ ياشلانغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. NXzU0  
    ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ ئۇچۇر يازدىم. ئۇنىڭ ماڭا ئۇچۇر قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن يەنىلا يېزىۋەردىم.  
  kCima/+_  
    نېمىشقا، نېمىشقا، شۇ ۋاقىتتا مەن ھەممە ئىشتىن خەۋەرسىز قالدىم؟ نېمىشقا شۇ ئىشلارنى ماڭا دېمەيسىز. مەنمۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولۇپ، غەم - قايغۇڭىزغا ئورتاقلىشىپ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسام، شۇ كېسەللىك بىلەن جەڭ قىلىۋاتقىنىڭىزدا يېنىڭىزدا بولۇپ، سىزگە ئىلھام - مەدەت بەرسەم بولماسمىدى. ئاھ ئىلھام، جېنىم ئىلھام، مېنى داغدا قويدىڭىزغۇ.... ! jbEm8bt  
    سىز ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدىڭىز، سىز مېنىڭ ھاياتىم بولۇپ قالغان ئىدىڭىز، سىز بۇ ھاياتلىقنى يەنە مەندىن ئېلىۋالدىڭىز، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مەن يەنىلا سىزنى كۈتىمەن... cQ8dc+ {  
    مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ، مەن QQ غا ئەسىر بولدۇم . مەيلى ئۇ توردا بولسۇن–بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازىمەن، كۆڭلۈمدىكى بارلىق سىرلىرىمنى، دەردىمنى شۇ QQ غا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىمەن. ھەر كۈنى تۈن كېچىلەردە كۆزۈم يەنىلا ئۇنىڭ QQ سىدا، شۇ QQ نىڭ تۇيۇقسىز يورۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، خۇددى ئۇ مېنى قايتىدىن ھاياتلىققا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۈندەۋاتقاندەك، بۇرۇن ماڭا يازغان ئۇچۇرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇيمەن، خۇددى ئۇ يېنىمدا تۇرۇپ قۇلاق تۈۋىمگە پىچىرلاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن... Xzl KP;r0  
   مېنىڭ ھاياتىم QQ غا چەمبەرچەس باغلاندى . ئۇنى يەنىلا ساقلاۋاتىمەن... <,jAk4  
   ئاھ، ئىلھام...
0o=!j3RjH  

natiwan 2012-03-24 19:54
ياخشى بىر ھېكايە بوپتۇ. . . . .

kamalat 2012-03-24 23:00
     جاھاندا باشقىلارغا ياردەم بىرىدىغان شۇنداق كىشىلەرمۇ بارمىدۇ؟ ياخشى ھىكايىكەن.

gulhan 2012-03-25 00:13
ئاق كۈڭۈل كىشىلەر ھەممە يەردە بار. خۇددى بۇ ھىكايىدىكىدەك...

tawpek 2012-03-26 02:45
قەيەردىن كۆچۆرگىنىڭىزنى نىمىشقا ئىيىتمايسىز؟  ئۆزىڭىز كومغا كىرگۈزگەنمۇ يا؟


查看完整版本: [-- QQ غا ئاشىق بولغان قىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled