بارماق ھەققىدە پاراڭ
بارماق ھەققىدە پاراڭ 9-يىللىق قوش تىل سىنىپ 2-قىسىم ئەخمەت ئىمىن
ئۇقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىم بىرىش نىشانى – تىكىست مەزمۇنىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش،يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۇشەندۇرۇش،ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالى . 2. ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش نىشانى – يىڭى سۆزلەرنى توغرا قوللىنىش ،تىكست مەزمۇنىنى تەھلىل قىلش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش . 3. ھىسيات ۋە قىممەت قاراش نىشانى – ئۇقۇغۇچىلارغا بەش بارماق مۇناسىۋىتىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھايات ھەقىقىتى ھەققىدە چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمىگە يىتەكلەپ ئۆملۈك ۋە ئىناقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش . مۇھىم نوقتا : نەسىرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىدىيىۋى پىكىرىنى تۇنۇپ يىتىش . قىيىن نوقتا : يىڭى سۆزلەرنى توغرا قوللىنىش ۋە نەسىردە يۇشۇرۇن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ھېكمەتنى تۇنۇپ يىتىش . ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى : كورسەتمىلىك ئۇقۇتۇش،يىتەكلەش،ئىزدەندۇرۇش ،مەشىقلەندۇرۇش ئۇسۇللىرى بىرلەشتۇرۇپ قوللىنىدۇ . كۆرسەتمىلىك قۇرال:ئاپتۇرنىڭ سۈرىتى، كىتابى، بارماقلارنىڭ سۈرەتلىرى، باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى : ئوقۇغۇچىلار ئۇرۇنلىغان ئىتوت ئارقىلىق باشلاپ كىرىلىدۇ . ئۇقۇتۇش جەريانى : (بەش ئوقۇغۇچى بەش بارماقنىڭ رۇلىنى ئېلىپ ھەربىرى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىپ بىرلىككە كىلەلمەي تۇرغاندا ئۇلارنى كىلىشتۇرۇش يۈزسىدىن تىكىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.) قېنى بىز ئۇنداق بولسا ئەخمەت ئىمىننىڭ ‹‹بارماق ھەققىدە پاراڭ ›› ناملىق نەسىرىنى ئۇقۇپ باقايلى ! (ئۇقۇغۇچىلار نەسىردىن ھۇزۇرلاندۇرلىدۇ،يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرلىدۇ.) *يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى : مەرتىۋىلىك : ــــ ھۆرمەتلىك ،ئىززەتلىك ،ھۆرمىتى ئۈستۈن. تىمسالى : ــــ مىسالى ، ئۈلگىسى . نىسپى :ــــ پۈتۈنلۈكنىڭ بىر قىسمى ،قىسمەن، قىسمەنلىك. پەيزى :ــــ ھۇزۇرى ،راھىتى ، خامرى :ــــ قارنى ،(خامارغا ئۇرماق ) *ساۋاقداشلار نەسىردە بەش بارماقنىڭ ئۆزىگە خاس مەنە ئاڭلىتىش ئالاھىدىلىكلىرىنى جانلىق ،چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئىخچام بايان قىلىنغان . سىزنىڭچە بەش بارماقنىڭ بۇنىڭدىنمۇ باشقا مەنە ،سۈپەت ۋەزىپىللىرى بارمۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە تۇرمۇش ئەمىلىيتىدىن كۈزەتكەنلىرىنىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ ؟ ( ئىكىراندا بەش بارماقنىڭ ھەرخىل ھالەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ .) *ساۋاقداشلار بەش بارماقنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ۋەزىپىللىرى بولغاندىن سىرت ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ قىلىدىغان ئىشلىرمۇ بارمۇ ؟مىسال كەلتۇرۇڭ ؟ ( بىر نەرسىنى يۇلۇپ ئېلىش،كەتمەن چېپىش،پىچاق،قېلىچ تۇتۇش،سازچېلىش،خەت يېزېش، مۇشت تۇگۇش.......) *سىزنىڭ بىرەر بارمىقىڭىز يارلىنىپ باققانمۇ ؟ بۇ چاغدا قانداق تەسچىلىك تارتقان ؟ بىرەر بارمىقى كەم ياكى ئارتۇق تۇغۇلغانلار بار، تەسەۋۇر قىلىپ بېقىڭ ؟مۇشۇنداق كىشىلەر تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرار ؟ *ئاپتۇر نەسىرنىڭ 2-باسقۇچىدا بارماقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قانداق ھايات ھەقىقىتىنى شەرھلەيدۇ ؟ (ھاياتتا ھەممە ئىنساننىڭ ئۆزىگە يارىشا رۇلى ۋە ۋەزىپىسى بار ،ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ھاجىتى چۈشىدۇ،ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىنىپ ياشايدۇ..... چۈنكى ئادەم- ئادەم بىلەن ئادەم .) *بىز بۇ تىكىست ئارقىلىق قانداق ھايات ھىكمىتىنى چۈشىنىۋالالايمىز؟ (تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكى بار.ئىنسان يالغۇز يىگانە ياشاش مۇمكىن ئەمەس . تۇرمۇشتا ھەر قانداق كىشى ئالغا ئىلگىرلەيمەن دەيدىكەن ئۆز-ئارا مەنمەنچىلىك قىلىشماي كەمسىتىشمەي ئىتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا ماھىر بۇلىشى كىرەك .) *ئاپتۇرنىڭ تەرجىمالى يازغۇچى داڭلىق نەسىرچى ئەخمەت ئىمىن 1952-يىلى ئۇرۇمچىدە تۇغۇلغان .ئۇنىڭ‹‹ باھارتىنىقى ››‹‹جۇلدۇر كىپەن خۇتۇننىڭ ساداسى›› قاتارلىق نەسىر توپلاملىرى بار. بۇ مۇھاكىمىلىق نەسىر ئۇنىڭ ‹‹جۇلدۇر كىپەن خۇتۇننىڭ ساداسى›› ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان . *ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ 1. تۈۋەندىكى سۆزلەرنى قوللىنىپ جۈملە تۈزۈڭ ؟ 1) مۇجەسسەم ـــ 2) نىسپى ــــ 3) مەرتىۋىلىك ــــ 2. ئاپتۇر نىمە ئۈچۈن نەسىرنىڭ ئاخىردا ئۆملۈكتە سۆزىنى تەكرارلاپ «!» بەلگىسى قۇيۇپ ئاخىرلاشتۇرىدۇ ؟
سوۋغا:
ئالقاننى ئاچساڭ ئېچىلغان گۈلدۇر. كىشى ئۆمرىگە چېچىلغان گۇلدۇر.
ئالقاننى يۇمساڭ دۈگىلەك مىۋىدۇر. ئەمگەك ئەجرىنىڭ جەۋھەر تۇپىدۇر. *تاپشۇرۇق 1. تىكىست مەزمۇنىغا ماس كىلىدىغان ماقال –تەمسىلدىن 10نى يېزىپ كىلىڭ ؟ ( دەپتەرگە يېزىپ كىلىنىدۇ ) 2.قانداق قىلغاندا ئەتىراپىمىزدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىناق ئۆتكىلى بۇلىدۇ ؟ (ئاغىزاكى نۇتۇق تەييارلاپ كىلىڭ )
|