nureli |
2010-10-15 18:54 |
ئۆرۇك مېغىزى يەپ بېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ
ئۆرۇك مېغىزى تەركىبىدە ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بولوپ ،بولۇپمۇ ۋىتامىن Eئىنتايىن مول.ئادەتتە ئادەم بەدىنى بىر كۇندە كېرەك قىلىدىغان ۋىتامىن Eمىقدارىنىڭ يېرىمىنى 20- 25تال ئۆرۇك مېغىزى تەمىنلىيەلەيدۇ .ۋىتامىن Eئوكسىدلاشقا قارشى تۇرىدىغان ماددا بولۇپ، يۇرەك كىسەللىكلىرى ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى، راك كېسىلى نۇرغۇن ئاستا ىاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشنى ياخشىلايدۇ،ۋىتامىن B12،ۋىتامىن Aقاتارلىق ھەر خىل ۋىتامىنلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ياخشىلاپ،نەملىكنى ساقلاپ ،تېرىگە داغ،سەپكۈن چۈشۈسنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۇرۈپ ، قېرىشنى كېچىكلىتىدۇ . كۇندە ئۆرۈك مېغىزى يەپ بەرگەندە ياغلارنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈرلىشنى چەكلىگىلى بولىدۇ.ھەر خىل ئاشقازان ،ئۈچەي كېسەللىكلىرى ،يۈرەك -قان تومۇر كرسەللىكلىرى،سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى |
|