查看完整版本: [-- نورۇز ھارپىسىدىكى ئېزگۈ ھېسلىرىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> نورۇز ھارپىسىدىكى ئېزگۈ ھېسلىرىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-03-20 01:36

نورۇز ھارپىسىدىكى ئېزگۈ ھېسلىرىم

زىمىستاندىن مۇزلىغان زىمىن نورۇز ئەلچىلىرىدىن سۈيۈنۈپ ۋۇجودى ئېرىپ، تۇمۇرلىرىدىكى قاتقان سۇلار يالتىراشقا ، ھىجراندىن ئاقارغان يۈزى قارىيىشقا باشلىغان شۇ پەيتلەردە ،جانان، سىنى ئەسلەپ قالدىم . br}.s@~  
  سەن ئۈچۈن بېغىشلانغان يۈرىكىمگە سۆيگىنىڭ نۇرلىرى چۈشمىگىلى نە زامان بولدى. ھىجراننىڭ قاتتىق شىۋىرغانلىق جۇدۇنلىرى شۇنچە يىللاردىن بېرى ۋۇجودىمنى ئۈشۈتۈپ،ياپراق كەبى تىترەتكەن بولسىمۇ ، كۆزلىرىمدە بىر ئۈمۈت يالتىرار ئۈچمەس  چوغدەك يىلىنجاپ. Tk9*@kqv  
  سەن بىلمەيسەن،ھەر باھاردىكى تۇنجى ئۈنۈپ چىققان گىياھتىكى قەيسەرلىك ، بەرگىسىز ئىچىلۋالغان ئۆرۈك چىچەكلىرىدىكى ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش،باھار جۇدۇنلىرىدىنمۇ ئىگىلىپ ئامان قالغان نوتىلاردىكى ئەۋرىشىملىك مەندىكى چوغنى گۈلخانغا ئايلاندۇرغان. نورۇز بىلەن تەڭ گۈلخانغا ئايلانغان سۆيگۈم ئەنە شۇنداق يىللاردىن بېرى شەپىسىز سۆيگۈڭ ئۈچۈن كۆيمەكتە. Q;{yIa$ $  
  بىلسەڭ جانان، سەن بولغاچقا مەن باھار شاماللىرىنىڭ سۆيىشلىرىنى ھېس قىلالىغان،چىچەكلەرنىڭ بەرگىلىرىنى تۈكۈپ مىۋە ھەدىيە قىلىشلىرىدىكى ھىكمەتنى چۈشەنگەن ،ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدىن سۈيۈنگەن. )$yqJ6y5  
  «سۆيگىسىز ئالەمنى تەسەۋور قىلغىلى بولمايدۇ» ،نورۇسسىز ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.سەن بولغاچقىلا، پەقەت سەن بولغاچقىلا مەن مۇھەببەتنى بىلگەن، مۇھەببەت بەختىگە ئېرىشكەن. \~Zj](#  
سىنى سۆيگەن بۇ يىللاردا ھىجران ئەزسىمۇ دىلىمنى، ھەسرەت تىلسىمۇ باغرىمىنى  بەخىتتىن كۈلەر يۈرۈكۈم.چۇنكى مىنىڭ ئالەمچە خوشلۇقۇم، مەڭگۈلۈك بەختىم سەن بار ئەمەسمۇ يۈرىكىمدە. -B$oq8)n*  
ئۈمۈتكە يار ، بەخىت ئەلچىسى ،نورۇز، مەنمۇ سىنىڭ يىشىللىق بەختى چاقناۋاتقان قوينىڭغا سىڭىشاي، جانانىمنى ئىزدەپ... E8=.TM]L  
fu9 y3`  
مەنبە _ ئىلھاملىرىم...

ozqan 2012-03-21 00:26
ياخشى يېزىپسىز ... ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز داۋاملىق ئوخچۇپ تۇرغاي .

nazperwer 2012-03-21 16:13
تىلى يەڭگىل ،يېقىشلىق نەسىركەن .ھوزۇرلاندىم .

ماھى 2012-03-22 16:58
بەك يېقىملىق نەسىر بوپتۇ،ئىلھام بۇلاقلىرىڭىز بۇلدۇقلاپ تۇرغاي!

akbarmuallim 2012-04-12 19:09
تاتلىق مىسرا شىرىن قۇرلانى ئۇقۇپ كۆڭلۇم باھارسەلكىنلىردە ئەللەيلىنىپ روھىم ئۇرغۇدى ياخشى بوپتۇ ،راستىنلا ياخشى بوپتۇ  .

tawpek 2014-03-20 18:22
ئاز بولسىمۇ ساز بوپتىكەنتۇق. /^DDU!=(<  
@YU}0&  
4NQS'*%D  
قەلەملىرىڭىز توختاپ قىلىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە.


查看完整版本: [-- نورۇز ھارپىسىدىكى ئېزگۈ ھېسلىرىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled