قەدىمىڭگە مۇبارەك، نورۇز
قەدىمىڭگە مۇبارەك، نورۇز
پەزىلەت ئىسرائىل مەن زېمىننىڭ يېنىككىنە پىچىرلىشىنى ئاڭلىدىم، خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ- يا؟ ياق، ياق ! خاتا ئەمەس، مانا يەنە پىچىرلىدى...قارا قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا مۇزلىغان زېمىن گويا بوۋاقنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگىنىدەك، ئويناقشىپ ئاققان زىلال سۇدەك تاتلىق پىچىرلىدى...مېھرىبان ئانىنىڭ يۇمشاق ئالىقانلىرىدەك، سەبىيلىكىمدە ئاڭلاپ قامنىغان قەدىمىي ئەللەيدەك يېقىملىق باھار سەلكىنى زېمىن باغرىنى سىيپار ئۆتتى. يەڭگىل پىچىرلاۋاتقان زېمىن كۆزلىرىنى لاپپىدە ئاچتى،كۆزىنىلا ئەمەس، تۈمەنمىڭ مەۋجۇداتنى سىغدۇرالايدىغان سېخىي قۇچاقلىرىنى كەڭ ئاچتى...بۇ سەلكىن ئەمەس،ئىنسانلار بۆشۈكى ئانا تەبىئەتنىڭ پەسىللەر ئەركىسى يېشىل باھاردىن دېرەك بېرىشى، جىمىكى ناباتاتنىڭ نورۇز تىنىقلىرىغا جور بولۇپ ئالغان نەپىسى...! YwZ
Z{+n
بەرنا قىزلاردىن ئەنداز ئالغان زىلۋاغىنە مەجنۇنتاللاردىن، بەردەم يىگىتلەردەك تۈپتۈز قامىتى كۆككە بوي سوزغان مەغرۇر سۇۋادانلاردىن باھار ھىدى كەلمەكتە؛ مەڭگۈلۈك ئاقباش چوققىلارغا يۆلەنگەن گىگانت تاغلار قۇچىقىدا مۈگدەۋاتقان قاپتاللاردىن، قەدىمىي ۋادىلاردىن باھار ھىدى كەلمەكتە؛ مېھنەتكەش دېھقان ئەجرىدىن ئوزۇقۇغا تويۇنۇپ سەمرىگەن چىلان تۇپراق نەمخۇش ھىدلىرىنى ئەتراپقا تارىتىپ، «مەن ئويغاندىم» دەپ پىچىرلىماقتا؛ پايانسىز تىنىق ئاسمان قۇچىقىدىكى ئاپئاق ئەركە بۇلۇتلار «بىز ئويغاندۇق» دېگەندەك كۆك باغرىدا لەرزان ئۈزمەكتە؛ كائىناتنى مەڭگۈلۈك سۆيگۈسى بىلەن باغاش ئەتكەن ئالتۇن قۇياشمۇ زېمىنغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىمەكتە... b0Kc^uj5
قاراڭ، ئېرىق بويلىرىدىك يۇمرانغىنە ئوت- چۆپلەر سۈزۈك يېشىل رەڭگى بىلەن دىللارنى مەھلىيا قىلسا، كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدا ياپراقلىرىدىن ئايرىلىپ، قىشنىڭ ئاچچىق جۇدۇنىدا شۈمشەيگەن دەرەخلەر جالا- جالا پوتلا چىقىرىپ، يېڭى ئىگىن كىيىشكە ئالدىراشماقتا؛ كەچكۈزدە ئىسسىق ئەللەرگە پاناھلىق ئىزدەپ كېتىشكەن نەغمىچى قۇشلارمۇ قايتىپ كېلىشكەن، ئۇلار يڭگىل دەسسسەەپ كېلىۋاتقان باھار قەدىمىگە زوقمەنلىك بىلەن مەدھىيە ناخشىسى ئوقۇشماقتا، نازۇك، ئاپئاققىنە ئۆرۈك چېچەكلىرىگە قونۇۋېلىشقان ئىشچان ھەرىلەرمۇ بۇ مىلودىيەدىن چەتتە ئەمەس... HA2k[F@3^
قەدىمىڭگە مۇبارەك، نورۇز!...سەن زېمىنغا سۆيگۈ ئېلىپ كەلدىڭ، ئەلمىساقتىن ھالال ئەجرى بىلەن بىزنى بېقىپ كېلىۋاتقان، لېكىن ھېچقانداق مىننەت قىلمايدىغان دېھقان ئاتانغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدىڭ، باغرىڭغا تەلپۈنگەن جان- جانىۋارلارغا ئىسسىق مېھىر ئېلىپ كەلدىڭ...يېشىللىققا ئاشىنا يۈرەكلەرگە ئۆزۈڭدەكلا يېشىل ئۈمىد ئېلىپ كەلدىڭ...سېنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىڭ بىلەن بىزنى باغرىدا ئۆستۈرىۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك تەبىئەت يېشىللىققا پۈركىنىدۇ! يېشىللىق _ ئاسايىشلىق، باياشادلىق؛ يېشىللىق _ تىلەك ۋە ئۈمىد؛ يېشىللىق _ سائادەت ۋە مۇھەببەت...! ئىنساننىڭ يۈرىكى يېشىل، چۈنكى ئۇ تەبىئەتتىن ئەنداز ئالغان؛ ئىنساننىڭ قەلبى بۈيۈك، چۈنكى ئۇ باھارنىڭ ئارامبەخش قۇچىقىدا شۇنچە بىغۇبار كۆرۈنۈدىغان ئاسماندەك يۈكسەك؛ ئىنساننىڭ قەلبى ئوتلۇق، چۈنكى ئۇ زېمىننى ئەبەدىي سۆيىدىغان قۇياشتەك مۇھەببەتلىك...! N(y\dL=v
ئەقىل- پاراسەتلىك ئاتا- بوۋىلىرىمىز ساڭا ئەجەپ خاسىيەتلىك ئىسىم قويۇپتىكەن، بەلكىم ئۇلار بىر يىللىق مېھنەتنى سەندىن باشلانسۇن دېگەندۇ، پايانسىز ۋادىلار، قەدىمىي قاپتاللار بۇ يېڭى كۈندە ياپيېشىل ئۈستىۋاش كىيسۇن دېگەندۇ...چاپچىپ تۇرغان ئارغىماقلارغا مىنگەن باھادىر ئەزىمەتلەر بۇ يېڭى كۈندە ئەرلىك جاسارىتىنى نامايىش قىلىپ تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتسۇن دېگەندۇ ۋە ياكى تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك دوقاللىرىدا تېنىگەن، تەمتىرىگەن، ئازار يېگەن كۆڭۈللەر بۇ خاسىيەتلىك كۈندە خۇددى ئۈمىدتەكلا كۈلۈپ تۇرغان يېشىللىققا تويۇنسۇن دېگەندۇ، باھارنىڭ ئىللىق تىنىقلىرىدا تېخىمۇ ئەركىن يايرىسۇن دېگەندۇ...! K)\M5id]
سەن خاسىيەتلىكسەن، نورۇز! مۇبارەك قەدەملىرىڭ تەبىئەتنى بېزەيدۇ، ئىللىق نەپەسلىرىڭ ئىنسان قەلبىگە يېشىللىق باشلايدۇ...سەن بولغاچقىلا ئىنسانىيەت شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەر قوينىدا تەبىئەتنى ئۈمىد بىلەن ياشناتتى، ئۆزىمۇ ئۈمىد ىلەن ياشاردى! ھايات چەكلىك، ئەمما ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدۇ! دۇنيادا مېھىرگە، مۇھەببەتكە تەلپۈنمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك، ئىنسانلارغا مېھىر ئاتا قىلىشنى، سۆيگۈ تەقدىم ئېتىشنى سەن ئۆگەتكەنمىدىڭ، نورۇز؟ سەن قۇتلۇق قەدەملىرىڭ بىلەن زېمىنغا مۇھەببەت ئېلىپ كېلىسەن، سائادەت ئېلىپ كېلىسەن...ناۋادا سەن بولمىغان بولساڭ تەبىئەت مەڭگۈلۈك زىمىستان زۇلمىتىدىن ئازاد بولالماس ئىدى، جىمىكى مەۋجۇدات قىشنىىڭ مۇدھىش قۇچىقىدا قىينىلىپ زارلاپ ئۆتەر ئىدى...!مۇبادا ئىنسان قەلبىدە بۈيۈك مېھىر بولمىسا، ئوتتەك يېلىنجپ تۇرغان سۆيگۈ بولمىسا ئىنسانىيەت دۇنياسى مەڭگۈلۈك زىمىستان قۇچىقىغا مەھكۈم بولمامدۇ؟! قەلبتىن قەلبكە ئاقىدىغان مېھىر بولغاچقىلا، يۈرەكتىن يۈرەككە تامىدىغان سۆيگۈ بولغاچقىلا ئىنسان باھارنى سېزەلەيدۇ، باھار سەلكىنىدەك يېقىملىق مېھىرنى باغاش ئېتەلەيدۇ...ياشاش شۇنچە مەنىلىك، شۇنچە قىممەتلىك بىلىنىدۇ! 't6V:X
مەن زېمىننىڭ پىچىرلىشىنى ئاڭلاۋاتىمەن، تەبىئەتنىڭ يېشىلغىنە تىنىقلىرىنى سېزىۋاتىمەن...بۇ يېقىملىق تىنىقلار بىزگە ياپيېشىل ئۈمىد دۇنياسى، ھارارەتلىك سۆيگۈ دۇنياسى، ئاڭلاپ- ئاڭلاپ قانمايدىغان مۇھەببەت قىسسىلىرىنى بەخش ئەتكۈسى! y
p66{o
مەنبە: < تۇرپان گېزىتى> نىڭ 2011- يىللىق 21- مارت سانى |