查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-14 11:27

ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر

ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر w+($= n~  
(ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى) ,!,tU7-H  
نۇرگۈل   ھېيت :V5 Co!/+  
( يەكەن ناھىيە كونا شەھەر مەكتەپ ) XJPIAN~l  
يېزىلىش شەكلى ئوخشاش ئەمما ئوقۇلۇشى ياكى تەلەپپۇزدا پەرق  قىلىدىغان، ئاڭلاتقان مەنىسىمۇ ئوخشاش بولمايدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىمىزدا شەكىلداش سۆزلەر بىر قەدەر كۆپ. شەكىلداش سۆزلەر ئۇيغۇر ئانا تىل بايلىقىمىزنىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كەڭ ئۇيغۇر ئانىلار،  ئانا تىل ئۆگەنگۈچىلەر،  ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدىبلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش، ئىشلىتىش جەريانىدا ئاز- تولا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن نىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكىلداش سۆزلەرنى توپلاپ چىقتىم. zeQ~'ao<  
XchD3p+uB  
ئۇيغۇر تىلىمىزدا شەكىلداش سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەممىسىنى تىزىپ كەلسەك توم بىر لۇغەت بولۇشى مومكىن. بۇ تىزىملىككە  ئىخچام بولۇش، ئەمىلى قوللىنىش ئۈنۈمىنى نەزەرگە ئىلىپ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ تىزدىم. شۇنداقلا كونىرىغان،ئىشلىتىشتىن قىپ قالغان بىر قىسىم سۆزلەرنى تىزىملىككە تىزمىدىم. شۇنداقلا يەرلىك شېۋە، تەقلىد سۆزلەر، يەر- جاي ناملىرى، ئادەم ئىسىملىرىنىمۇ شەكىلداش سۆزلەر قاتارىغا تىزمىدىم. بىر ئانا سۆزنى تۇتقا قىلىپ، ئۇنىڭ ھەر خىل ۋارىيانتلىرى، ھەرخىل شەخس، زامان تۈستە تۈرلىنىش شەكىللىرىنىمۇ كىرگۈزمىدىم. سۆز تومۇرىدىكى پەرقنى ئىگىلىۋالسا قالغانلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ دەپ قارىدىم.  بۇ تىزىملىكنى تۈزۈشتە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ئاساس قىلدىم. !K*3bY`#  
md{1Jn"  
بۇ تىزىملىك ئېلىپبە تەرتىپى  بويىچە تىزىلدى. ھەر بىر سۆز ئاۋۋال قىسقىچە ئىزاھلاندى، ئاندىن جۈملە ياكى سۆز بىرىكمىسى ئارقىلىق مىساللار بېرىلدى. كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىدىغان سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىم چەكلىك، ئىلمى ئەمگىكىم يىتەرسىز  بولۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خاتالىقلار سادىر بولغان بولۇشى مومكىن. ئۇستازلارنىڭ، كەڭ دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرىشىنى ، كەم قالغان جايلىرىنى بىرلىكتە تولۇقلاپ، بۇ ئەمگىكىمنىڭ مۇكەممەل لۇغەتتە ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن تەكلىپ، پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.  ;+f(1=x  
PL\4\dXB  
ئا kaf  j?F  
1 . ئات  توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت  ئەمگۈچى  يىرىك ئىش ھايۋىنى:   ئات مىنىش، ئات ھارۋىسى UUgc>   
oJ}$ /_  
ئات  ئادەم ياكى نەرسىلەرگە قويۇلغان مەخسۇس نام،ئىسىم: ئات قويۇش KA0_uty/T  
=dI2j@}c  
ئات  « ئېتىش» پېئىلىنىڭ  شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: ئاپتوماتنى ئات! M)CE% /P  
VM[Vh k[  
2 . ئاتا بالىلىق ياكى بالىسى بار ئەر كىشى: ئاتا بولماي ئاتا قەدرىنى بىلمەس.(ماقال ) wfxg@ 
Xr@]7: ,  
  }0P5~]S<5A  
9w Pc03a  
ئاتا «قىلماق» پېئىلى بىلەن قوشۇلۇپ «نېسىپ ئەتمەك، بەرمەك، بەخش ئەتمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: e[HP]$\   
DL5`A?/  
ۋەتەن ئۈچۈن بارىڭنى ئاتا قىل، ئوغلۇم! f-N:  
Y%v?ROql  
3 . ئاتلىق    ئاتقا مىنگەن، ئېتى بار كىشى: ئاتلىق ئەسكەر \$Xo5f<  
. :Q[Z  
ئاتلىق     ئىسىملىك، ناملىق، ....دەپ ئاتىلىدىغان؛ E/mp.f2!  
xc[Lb aBG  
 داۋانچىڭدا بىر يارىم بار قەمبەرخان ئاتلىق. QI*Y7R~<  
3*8m!gq7s  
4 . ئاچ    قورسىقىدا يېگەن نەرسىسى قالمىغان، تاماق يېمىگەن، ئېچىرقىغان:  ئاچ قورساق lZ'ZL*  
N"[r_!  
ئاچ    «ئىچىش» پېئىلىنىڭ   شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى:  ئىشىكنى ئاچ! bbG!Fg=qQ?  
/P[@o  
ئاچ    سۇس  مەنىسىدە :  ئاچ يېشىل، ئاچ سېرىق 91oAg[@4G  
+8 }p-  
5 . ئاچا   بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال قېرىنداش: ئۇ مېنىڭ ئاچام. gVN&?`k*?  
YnwP\Arfq  
ئاچا   بىر گەۋدىدىن ئاجرىلىپ چىققان، بۆلۈنگەن، پۇتاق: ئاچا ياغاچ، دەرەخنىڭ ئاچىسى PP!} w  
S#f}mb0,  
6 . ئارا    ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، ئارىلىق، ئوتتۇرىسىدا:  ئىككى ئارىدا،  ئۆز ئارا،  ئىككى شەھەر ئارىسى Z*M-PaU}  
\1AtB c&  
ئارا  دېھقانچىلىقلا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ياكى  ياغاچتىن ياسالغان سايمان:   ئۈچ چىشلىق ئارا، ياغاچ ئارا QJ|@Y(KV0  
c 1YDln  
7 . ئارتماق   كۆپەيمەك، ئاشماق، چەكتىن ئېشىپ كەتمەك: بىلىمى ئارتماق، خۇشاللىقى ئارتماق m:@y_:X0  
a3 }V/MY  
ئارتماق    يۈكنى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە ، ئىچىگە يۈكلىمەك: ئېشەككە يۈك ئارتماق، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويماق )K[\j?   
'vNju1sfk  
8 .ئارىچى   كىشىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان جېدەل ماجىراغا ئارىلاشقۇچى: ئارىچىغا ئالتە تاياق. (ماقال ) ] o!#]]   
&}Y_EHj}  
ئارىچى    ئارا ياسايدىغان ھەم ئۇنى ساتىدىغان كىشى: ئۇنىڭ بوۋىسى ئارىچى. fgxsC7P$  
K7Vr$,p  
9 . ئاسارەت    چەكلىمە، بويۇنتۇرۇق: ئۇنىڭ ئىدىيىسى تېخى كونا ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى. f5-={lUlIS  
O5?Eb  
ئاسارەت تېبابەتتە تەسىر، ئىز، بەلگە، ئاقىۋەت مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەللىك ئاسارىتى قالماپتۇ. w1b <>A?87  
_@;N<$&  
10 . ئاش   قازاندا پىشۇرۇلغان تاماق، غىزا، يېمەكلىك. ئىش بار يەردە ئاش بار.(ماقال) xTZ5q*Hqx  
QR'g*Bro  
ئاش   تېرىنى ئاشلاش ئۈچۈن ئۇن، تۇز ۋە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىپ تەييارلانغان ئۇماچ. gEsR-A!m  
y~jIA p  
ئاش  «ئېشىش» پېئىلىنىڭ  شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: داۋان ئاش. چوڭىيىش مەنىسىدە . ئۇنىڭ يېشى 40 تىن ئاشتى. UGt7iT<`8  
pQ{t< >  
11 . ئاقسىل  بىئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقان ، يۇقىرى مولېكۇلىلىق تەبىئىي ئورگانىك بىرىكمە. NG UGN~p  
8v 1%H8  
تۇخۇم تەركىبىدە ئاقسىل ئىنتايىن كۆپ. Y j\yO(o/  
D  .R  
ئاقسىل   زوئولوگىيىلىك ئاتالغۇ. ئاچا تۇياقلىق ھايۋانلاردا بولىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك: كالا ئاقسىل كېسىلى *+4iBpyiB  
bnu0*Zg>  
12 . ئالما مېۋىسى يۇمىلاق،تەمى تاتلىق، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى: ئالما كۆچىتى، قىزىل ئالما <# r.}T.l  
nvVsO>2{ o  
ئالما  «ئىلىش» پېئىلىنىڭ  شەخس بىرلىك، بولۇشسىز  بۇيرۇق رايى: خەقنىڭ نەرسىسىنى سورىماي ئالما! 6_K#,_oZ  
.r%|RWs6W  
13 . ئالماق   نەرسىنى ئوچۇملاپ،سىقىملاپ ياكى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن يۆتكىمەك: چېلەكتىن سۇ ئالماق dS_)ll.6z  
E(kb!Rz  
ئالماق   مال، تاۋارنى ھەق تۆلەپ ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك: گۆش ئالماق `Mp7 })  
2$W,R/CLh  
ئالماق  قانۇن بويىچە ئەر – خوتۇن بولۇپ، قىزنى ئەمرىگە ئالماق: خوتۇن ئالماق 7RC096 ?}  
rjQhU%zv  
ئالماق  بىرەر نەرسىنى ئۆز تەۋەلىكىگە، ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك؛ بانكىدىن پۇل ئالماق، مائاش ئالماق bd P,Zqd  
KW7? : x  
14 . ئاينىماق   تۈسى، رەڭگى ئۆزگىرىپ بۇرۇنقى ھالىتىنى، بۇرۇنقى رەڭگىنى، خىسلىتىنى يوقاتماق: ئەخلاقى ئاينىپ كەتكەن مىللەت، ئاينىپ كەتكەن دوست V52C,]qQH  
9C)3 b3  
ئاينىماق   كۆڭلى ئىلىشماق:  كۆڭلى ئاينىماق 1H,tP|s  
$FusDdCv3  
ئاينىماق   تۇتماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك: كۆچەتلەر تازا ئاينىپتۇ. ئالمىلار ئاينىدى. *zVLy^L_8  
|!?WQ[  
15 . ئاق    پاختا ياكى سۈت  رەڭگى: ئاق قەغەز  $S=~YzO  
rx6-~0!eI=  
ئاق   «ئېقىش» پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: سۇ ئاقتى. ئۆز ئېلىڭنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاق، بالام! (e8G (  
"\/^/vn?  
16 . ئارىلاشما   «ئارىلىشىش» پېئىلىنىڭ شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: سەن تولا مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما! V'"I9R'1  
S~k*r{?H})  
ئارىلاشما   ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان نەرسىدىن تۈزۈلگەن: ئارىلاشما ماددا، ئارىلاشما گاز |/;U)M  
kYxl1n v  
17 . ئاقلاش   ئەھدىسىدىن چىقماق: بىز ئاتا ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ^Ue0mC7m  
,{?q^"  
ئاقلاش  ئاق تۈسكە كىرگۈزمەك: ئۆي ئاقلاش F&QTL-pQW  
gEv->pc  
ئاقلاش  گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماق: جىنايەت گۇماندارىنى ئاقلاش \Z)#lF|^  
JbE?a[Eg?  
ئاقلاش دەرەخلەرنىڭ پوستى، قوۋزىقى، داننىڭ قاسىرىقىنى ئاجراتماق: شال ئاقلاش، دەرەخ ئاقلاش CQdBf3q  
F`!TV(,bY  
18. ئالدى  بىرەر نەرسىنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئىلىكىگە ئۆتكۈزمەك.«ئىلىش» پېئىلىنىڭ – شەخس بىرلىك، ئۆتكەن زامان تۈسى: ئۇ كىتابخانىغا بېرىپ ئىككى پارچە  كىتاب ئالدى.  K7IyCcdB  
fr+@HUOxsl  
ئالدى  بىرەر نەرسىنىڭ قارىغۇچىغا نىسبەتەن كۆرۈنۈپ تۇرغان قىسمى، ئىچىگە نىسبەتەن سىرتى : ئىشىك ئالدى، مەكتەپ ئالدى `f@{Vcr% i  
{  |s/]W  
19. ئايلىنىش  بىرەر دائىرە ئىچىدە ھەرىكەت قىلماق، سەيلە قىلىش: دوقمۇشتىن ئايلىنىش، بازار ئايلىنىش X E 9)c   
=f>HiF  
ئايلىنىش  ھوشىدىن كېتىش: ئۇ توساتتىنلا ئايلىنىپ كەتتى. O@s{ uZ|A6  
2B^~/T<\  
20 . ئالامەت   بەلگە، نىشان، ئىپادە، ئىشارەت: كۆپەيتىش ئالامىتى، بۇ نېمە ئالامەت؟ Rp0|zP,5  
a5a1'IVq  
ئالامەت  ناھايىتى، ئاجايىپ: ئالامەت كېلىشكەن، ئالامەت قىزىق H'EY)s Hi  
Z'Q*L?E8M  
21. ئاي    يەر شارىنى ئايلىنىدىغان سەييارە: ئاي شارى ئەڭ گۈزەل سەييارە. ئاي چىقتى. <c+K3P'3?  
%hc'dZ  
ئاي  ۋاقىت بىرلىكى. بىر يىلنىڭ 12 دىن بىرى: بىر ئاي، ماي ئېيى. ]dG\j^e|  
ئە DI,K(_@G  
1. ئەت  يېپىش، تاقاش مەنىسىدە. «ئېتىش» پېئىلىنىڭ  شەخس بىرلىك بۇيرۇق رايى: ئىشىكنى مەھكەم ئەت! h%TLD[[/jr  
/ZW&0 E  
ئەت   ھەر خىل خام يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىمەك: تاماق ئەت! "'a* [%  
pzhl*ss"6  
ئەت    مۇسكۇل، گۆش: ئەت قونماق، ئورۇق ئەت 7LCp7$Cp  
aXY -><  
2 . ئەسىر    ۋاقىت بىرلىكى، ھەر يۈز يىل بىر ئەسىر بولىدۇ: 21- ئەسىر 0 [8=c&F  
F[Q!d6  
ئەسىر  دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قىلىپ، ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان كىشى: ئەسىرلەرنى خارلاش ئىنسانپەرۋەرلىككە يات قىلمىش. iiG f'@/  
BqH]-'1G  
ئەسىر  بىرەر كىشى ياكى بىرەر ئىشقا شەيدا بولماق: دۇتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە ئەسىر بولماق A8DFm{})c  
bAwl:l\`  
ئەسىر  كۈن پېتىشتىن  بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىت: ئەسىر ۋاقتى بىلەن }uY!(4Rw  
o)Z=m:t,lK  
3 . ئەسەر   بەلگە، ئالامەت، دېرەك: ئۇنىڭغا بىر مۇنچە تەربىيە قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدا ئۆزگىرىشتىن ئەسەر يوق. en*d/>OVJ  
?rYT4vi  
ئەسەر   ئىجادى مېھنەت مەھسۇلى: ئەدەبىي ئەسەر، ئەسەر يازماق MXD4|r(  
o@bNpflb`  
4 . ئەمەل   ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇ. تۆت ئەمەل. قوشۇش ئەمىلى Gi2$B76<  
`D$Jv N  
ئەمەل    مەنسەپ، ھوقۇق: ئەمەل تۇتماق، ئەمىلى ئۆسمەك n(seNp%_  
e4>"92hX  
ئەمەل   كۈندىلىك پائالىيەت، ئەمەلىيەت: ئېغىزدا بار ، ئەمەلدە يوق.(ماقال) 7nq3S  
\b=Pj!^gwb  
5 . ئەن   بەلگە، نىشان؛ كالىغا ئەن سالماق eB> s=}|  
uj>WgU  
ئەن     رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى: بۇ رەختنىڭ ئېنى كەڭ ئىكەن. ئەن رەخت 7\]E~/g  
tGA :[SP  
ئەن   سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقىدىغان: ئەن ئېرىق m5mu:  
p G1WXbqW  
ئەن    ئۆزلەشكەن، كۆنگەن، ھوسۇللۇق: ئەن يەر، يېرى ئەن جاي q9w~A-Oh`1  
 |@NiW\O  
6 . ئەلەم    جىسمانىي ئازاب، غەم قايغۇ، دەرد، ھەسرەت: بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئەلەم بولدى. pym!U@$t  
SBA?^T  
ئەلەم      بايراق، تۇغ: جەڭ مەيدانىدا ئەلەملەر لەپىلدەپ، دۇمباقلار گۈمبۈرلەپ تۇراتتى. ODZ|bN0>  
\&U>LwZd?  
ئەلەم      شەرىئەت يولى بىلەن چىقىرىلغان پەتىۋالارنى تەستىقلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان دىننى زات: ئەلەم ئاخۇنۇم (vT+IZEI  
95el'K[R  
7 . ئەللىك    ئوننىڭ بەش قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان: ئەللىك ياش ;!( 
!47n[Zs  
ئەللىك     بىرەر دۆلەتكە مەنسۇپ: چەت ئەللىك مۇخبىر m*JaXa  
X&kp;W  
8 . ئەل   بىرەر جاينىڭ ئادەملىرى،ئاھالىسى، خەلقى: ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.(ماقال) KCs[/]  
!r 
ئەل      تەسلىم بولۇش، ئەل بولۇش: قورال تاپشۇرۇپ ئەل بولۇش 7 qS""f7  
v/_  
9 . ئەنسىز     ئەن سېلىنمىغان: ئەنسىز كالا 9- # R)4_  
w!XD/j N  
ئەنسىز         ئېنى تار، كەڭ ئەمەس: ئەنسىز رەخت r mOj  
SS2%q v  
ئەنسىز      ئەندىشىلىك، تەشۋىشلىك، خاتىرجەم ئەمەس: ئەنسىز يىللار، ئەنسىز كېچە R|Q?KCI&  
ب }GIt!PG  
1 . باپ  كىتاپ، ئەسەر، ماقالىلەرنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى: بىرىنجى باپ 2t,zLwBdnJ  
K,UMqAmk  
باپ  مۇناسىپ، توغرا، لايىق: باپ كەلمەك :gC#hmm^  
bPMhfK2 %  
2 . باچكا كەپتەرنىڭ ئۇچۇرۇم بولمىغان بالسى: باچكا كاۋىپى E\$W_Lmr  
g=I})s:CTp  
باچكا جۇۋازنىڭ يۈك يانچىپ، ماي چىقىرىدىغان ئىچى كاۋاك قاچىسى: جۇۋازنىڭ باچكسى }1xo-mUg,  
"w _aM7x_  
3 . باخشى دۇئا ئوقۇپ، دەم سىلىپ كىسەل داۋالىغۇچى ئادەم: تۈگمەن بىشىدا  غوجى  ئاتلىق  بىر باخىشى بار. 4.(4x&  
SY8C4vb'h  
باخشى بۈركۈت، قارچۇغا، لاچىن قاتارلىق قۇشلار بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان، ئۇلارنى كۆندۈرىدىغان ئادەم: قۇش باخشىسى 4/)k)gLI  
Np)lIGE  
4 . بارماق پۇت قول پەنجىلىرىنىڭ ھەر بىرى: بەش بارماق yppo6HGD  
d5l UGRg  
بارماق  بىرىش: بارماق ئىرادە، يانماق ئىجازەت.(ماقال) 8.~kK<)!  
bJ;'`sw1  
5 . باسماق ئۇششاق قۇشلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان: باسماق قۇرۇپ قۇچقاچ تۇتماق >" 
eGHaY4|  
باسماق قاچىلىماق، يۈكلىمەك: ماشىنىغا يۈك باسماق، بارماق باسماق E+w 
ox (%5c)b|  
6 . باشاق بۇغداي،ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىىڭ دان تۇتقان قىسمى: باشاق تىرىش w)Qp?k d  
NPe%F+X  
باشاق ئوقيا ئوقىنىڭ بېشى، ئۇچ قسىمى: ئوقيا باشىقى v-_e)m^  
1^(ad;BC y  
7 . باشقا  « بېشىغا» دىگەن مەنىدە. باشقا كەلگەندە باتۇر.(ماقال) $@"g^,n  
|2n4QBH!  
باشقا   ئايرىم:  مەن بۇ سىنىپتا ئوقۇمايمەن،  باشقا سىنىپتا ئوقۇيمەن. cP_.&!T  
ieCEo|b  
8 . باغ  مىۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن جاي: ئالمىلىق باغ YdC6k?tzS  
{|_M # w~&  
باغ  باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە: ئىشتان باغ zFw s:_ i  
j9 4=hJVKi  
باغ  مىقدار سۆز. بىر باغ بىدە، بىر باغ پالەك lC("y' ::  
#9}D4i.`}  
باغ  تۇتقۇچ، ساپ: چەينەكنىڭ بېغى، سومكىنىڭ بېغى ag#S6E^%S  
cAqLE\h  
9 . بال   ھەسەل: بال يىغىش، بال ھەرىسى c|B('3h  
UWJ8amA  
بال    يەر تەۋرەش ۋە شامال قاتارلىق تەبىئى ھادىسىلەرنىڭ كۈچىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى: بەش بال شامال، ئۈچ بال يەر تەۋرەش W"{N Bi  
YoFxW5by  
10 . بالا   ئاتا -ئانىنىڭ پەرزەنتى: قىز بالا، ئوغۇل بالا WcGS9`m/  
T)_hpt.  
بالا   باشقا كەلگەن ئاپەت، پالاكەت، خەۋپ خەتەر: بالا كەلسە قوش كەپتۇ.(ماقال ) COlaD"Y  
\~wMfP8  
11 . بەل  ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ نامى: بەل ئاغرىقى |y!A&d=xYn  
% & bY]w  
بەل  تامچىلىقتا ئىشلىتىلدىغان ئۇزۇن ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ. =2x^nW  
 9gZ$   
12 . بوز  كۆككە مايىل ئاق رەڭ: بوز ئات، بوز ئىشەك |wj?ed$ f  
0m ? )ROaJ  
بوز  ئىچىلمىغان، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن: بوز يەر، بوز توپا T[A 69O]v  
Y6d@h? ht  
13 . بۇرۇن  ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇراش، نەپەسلىنىش ئەزاسى. بۇرۇن ياللۇغى، n'w.; q  
GuL 
بۇرۇن  ئىلگىرى، ئىلگىرىكى چاغلار: بۇرۇن بۇرۇندىكەن، تىرىق تۇلۇمدىكەن. f y8Uk;  
WMg~Y" W  
14 . بۇلىماق زورلۇق كۈچى بىلەن تارتىۋالماق: ئاشلىق بولىماق Ecx 
7v_8_K  
بۇلىماق  بۇغداي ئۇنى بىلەن شىكەردە ئىتىلىدىغان بوۋاقلار يىمەكلىكى: بولىماق ئەتمەك، بولىماق يىمەك 5E_YEBO/  
dnuu&Rv  
بۇلىماق پاتۇرماق، تۈگۈرمەك، مىلىمەك: لازىغا بۇلىماق، توپىغا بۇلىماق Nl1D o:PY  
]jRfH(i  
15 .بەلگە   نىشان: بىز بۇ دەرەخنى بەلگە قىلايلى! q6X1P" %.  
Jqi%|,/]N  
بەلگە ئادەمنىڭ بېلىگە كىلىدىغان: دەريا سۈيى بەلگە كېلىدىكەن.  1ZB"EQ  
?#Q #u|~  
16 . بىلەكلىك   بىلېكى بار: ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇن '(jG[ry&T  
VTHH&$ZNq  
بىلەكلىك بىلەي بىلەن بىلەپ قويۇلغان: بىلەكلىك پىچاق، بىلەكلىك ئورغاق yyy|Pw4:Z  
Tc3yS(aq  
17 . بۇرغا   كالا، قوتازنىڭ مۇڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، جەڭ مەيدانىدا چىلىىنىدىغان بىر خىل ئەسۋاپ: بۇرغا چالماق l0i^uMS  
/fV;^=:8c  
بۇرغا    بۇرمىسىمان شەكىلدە تىشىدىغان ئەسۋاپ: بۇرغا بىلەن تەشمەك، نېفىت بۇرغىلاش ئەترىتى PXNh&N  
'K,:j 388  
18 . بېغىر  ئىچ ئەزا، جىگىرى: قوينىڭ بىغىرى q;)JISf.  
2x0<&Xy#P  
بېغىر   بىر خىل رەڭنىڭ ئىسمى: بېغىر رەڭ Q^txVUL  
)U{Qj5W+F  
19 . بېنا  بىر قانچە قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان ئۆي، ئىمارەت: بەش قەۋەتلىك بېنا f|aDTWF  
/=#~  
بېنا   بەرپا بولماق، مەۋجۇت: بېنا قىلدۇق چۆللەردە\ يېشىل بوستان باغلارنى EZ(^~k= I  
qG >DTKIU  
20 . بىلەي پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاپلارنى سۈركەپ  ئىتتىكلىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تاش: بىلەي تاش، قۇم بىلەي T "E(  F  
qq+MBW*  
بىلەي   «بىلىش» پىئىلىنىڭ 1 – شەخس بىرلىك كىلىدىغان زامان رايى: RyRqH:p)3  
:?r*p>0$  
- مەكتەپكە نىمە دەپ كەلدىڭ، بالام؟ It 2U fW  
wt7.oKbW  
- بىلمىگەننى بىلەي دەپ. 'rV2Bt,  
=O^7TrM  
I>m;G `  
@bQ!zCI  

kaqur 2012-04-14 23:07
باشقا  « بېشىغا» دىگەن مەنىدە. باشقا كەلگەندە باتۇر.(ماقال) k*9%8yi_ U  
باشقا   ئايرىم:  مەن بۇ سىنىپتا ئوقۇمايمەن،  باشقا سىنىپتا ئوقۇيمەن. }-@I#9  
`QAh5r"  
قوشۇمچە قوشۇلسا شەكىلداش سۆز بولمايدىغان بولمىغانمۇ؟

yar130 2012-04-19 19:40
شۇنداق ، قوشۇمچە قوشۇلسا شەكىلداش سۆز ياسالمايدىغان بولغان ئېسىمدە قېلىشىچە قايسى بىر يىغىندا شۇنداق دېيىلگەن .

mamatbay 2012-04-20 00:48
مېنىڭچە سىز شەكىلداش سۆز بىلەن ئاھاڭداش سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندەك تۇرىسىز.يۇقارقى مىساللاردكى پەقەت <ئارا>دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزىدا پەرق بار ئىكەن.قالغانلىرىدا بۇنداق پەرق يوق.تەلەپپۇز قىلىپ باقسىڭىزلا ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا يەنە ئاھاڭداش سۆزنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئۇئىككىسى پەرقلىنىدۇ،ئىشەنمىسىڭىز ئېنىقلىمىسىغا قاراپ بېقىڭ.

پاراسەت 2014-01-03 18:38
شەكىلداش سۆزلەرنى ئايرىشتا ئاۋۋال ئۇ سۆزنى مورفېمىغا ئاجرىتىمىز.مەسىلەن:يۇقىرىدا مېسال ئېلىنغان «بارماق››دېگەن سۆزنى مورفېمىغا ئاجراتساق مۇنداق بولىدۇ:بارماق(ئىسىم)-بۇ تۈپ سۆز بولغاچقا مورفېمىغا ئاجرالمايدۇ،»بارماق››(پېئىل)=بار+ماق دېگەن شەكىلدە مورفېمىغا ئايرىلىدۇ،«بارماق›› بىلەن  »بار›› سۆزلىرى شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككىسى شەكىلداش سۆز ئەمەس.

ياسىنجان510 2014-01-11 18:03
شەكىلداش سۆزلەر،كۆپ مەنىلىك سۆزلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىدىكى مېنىڭچە بىر قەدەر قىيىنراق  مەزمۇنلار دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ يازما ياخشى تەييارلىنىپ يوللىنىپتۇ،رەھمەت ئەجىر قىلىپسىز.

بابۇر0725 2014-02-18 23:53
ھەقىقەتەن ئىنچىكە تەتقىق قىلىپسىز


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلدىكى شەكىلداش سۆزلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled