tursun |
2012-03-14 11:20 |
شىئېرىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە يات تىل
مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئوقۇرمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيەتنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمانلا قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتە. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي. &$"i,~q^
b HOw-]JSP2 1. يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. چۈنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتىلىشىچە تىل ئىنساننىڭ سول مىڭىسىدىكى بروكا رايۇنى ۋە ۋېرنىكا رايۇنىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بروكا رايۇنى گرامماتىكىلىق ئۇچۇرلارنى (قوشۇمچە، باغلىغۇچى، ئۇلانما، يۈكلىمە، تىركەلمە)، ۋېرنىكا رايونى لېكسىكىلىق ئۇچۇرلارنى (سۆزلەر) بىر تەرەپ قىلىدۇ. يات تىلنى كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ مىڭىسىدىكى يۇقارقى ئىككى رايۇنغا شۇ تىللار يېقىن ئورۇنلاشقان بولىدۇ. ئوڭ مىڭە بىر تەرەپ قىلىدىغان رېتىم سول مىڭە يۈرگۈزىۋاتقان تەپەككۇرغا پەرلىشىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، كىچىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر شۇ تىللارنى تەڭلا قوللۇنۇپ تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە ئەسلى رېتىمدا سۆزلىيەلەيدۇ، قوللۇنۇلۇشتا بىر تىل يەنە بىرسىگە ۋاستە بولمايدۇ، ۋە ياكى بىرسى بىرسىگە تايىنىپ قالمايدۇ دېگەن سۆز . شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىمكانىيىتى بار. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ رېتىمىنى تەبىئى سىڭدۈرگەن بولىدۇ. بۇ رېتىمنى بىز گرامماتىكىدا ئنتوناتسىيە ياكى جۈملە ئۇرغۇسى دەيمىز. يات تىلنى مۇنداق كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مىڭىسىگە ئورۇنلاشقان تىلللاردىكى يۇقارقى ئەۋزەللىك سەۋەبىدىن يات تىلنىڭ ئىنتوناتسىيە ياكى رېتىمنى تەبىئى قوللىنالايدۇ. شىئېر رېتىم سەنئىتى بولغاچقا كىچىكىدىن يات تىل ئۆگەنگەنلەر شۇ تىل ياكى تىللاردىكى رېتىمنى ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش راۋانلىقتا ئىشلىتىپ شىئېىر يازالىشى مۇمكىن. u@~JiiC% hc~s"Atck 2. يات تىلنى ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگىلىگەنلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سول مىڭىسىنىڭ يۇقارقى ئىككى رايۇنىدا تىللار يىراقراق جايلاشقان، تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزدا بۇ ئىككى تىل بىر بىرىگە بېقىنىدۇ. يەنى ئانا تىل يات تىلنى بېقىندۇرۇپ ئۆز قېلىپىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ سۆزلۈك، گرامماتىكا قىسىمنى ھەر قانچە ئوبدان بىلسىمۇ ئانا تىلنىڭ بېقىندۇرۇشىدىن خالى بولالمايدۇ. سۆزلەرنى ئۆگەنگەن بىلەن ئۇرغۇ (تون) نى ئۆگىنەلمەيدۇ، سۆزدىكى ئۇرغۇنى بىلگەندەك قىلغان بىلەن شۇ سۆزلەر جۈملە ئىچىدە كەلگەندە يەنە ئېزىقىدۇ، چۈنكى جۈملە ئۇرغۇسىنى يەنى رېتىمىنى ئېگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭايات تىلدا شىئېر يازالىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىق مەزگىلدە چەت تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ كاللىسىدىكى ۋېرنىكا رايۇنى يات تىلنىڭ گرامماتىكىغا مەنسۇپ ئۇچۇرلىرىنىمۇ سۆزلۈك قاتارىدا ساقلىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆگەنگۈچى ئۇزاق مەشىق قىلىش ئارقىقىلا يات تىلدىكى بۇ گرامماتىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۆزلۈك رايۇنىدىن گرامماتىكا رايۇنىغا يۆتىكىيەلەيدۇ، ئەمما يۆتكەلگەن يات تىل گرامماتىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار يەنىلا ئاناتىل قېلىپىغا بېقىنىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يات تىل ئۆگەنگەندە قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەسلىكىمىزنىڭ ۋە "سۇدەك" سۆزلىيەلمەسىكىمىزنىڭ سىرى. چۈنكى كاللىمىز ئۇنى خاتا يارگە ساقلىۋالغان ۋە گرامماتىكىنى سۆزلۈك سۈپىتىدە بىر تەرپ قىلىۋەتكەن. تىلدىكى سۆزلەرنى قۇراشتۇرىدىغان گرامماتىكنى راۋان قوللىنالمايۋاتقان ئۆگەنگۈچى شۇ قۇراشتۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان رېتىمنى ئاڭقىرالمايدۇ، شۇڭا شىئېرنى ئەلۋەتتە توقىيالمايدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ ئۇقۇيالمايدۇ. Y3r%B9~ 3= xhoRX مەن يۇقاردا دېگەنلىرىمگە تاگۇرنى مىسال قىلىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئۇيغۇرغا ئەڭ تونۇش قوشنا ئەل شائىرى بېنگال تىللىق شائىر تاگۇر شىئېرنى ئاۋال بېنگالىچە يېزىپ ئاندىن ئىنگىلىزچىگە نەسىر شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇزغانىكەن. بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تاگۇرنىڭ مەشھۇر نەسىرلىرى دەل شۇ بېنگالچە شىئېرنىڭ ئېنگىلىزچە نەسىرلەشتۈرىلىشىدۇر، .شۇڭا يات تىلدا تىرىشسىلا نەسىرى ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، ھەم مۇنداق يازغانلارنىڭ مىسالى كۇرمىڭ، ئەمما ياشلىقىدا يات تىل ئۆگىنىپ شىئېر يازغانلارنىڭ مىسلى ئاز. بولۇپمۇ شۇ تىلدا شىئېر يېزىپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاز بولسا كېرەك. s4 6}s{6 يۇقارقى خۇلاسىگە قاراپ بەزىلەر، ئۇيغۇرلاردا تارىختا ۋە ھازىر يات تىلدا شىئېر يازغانلار جىققۇ دېيىشى مۇمكىن. بەرھەق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپ جىق، نەۋايى، لۇتفى، بابۇر... لېكىن شۇ يات تىل ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك، شۇ يات تىل ئەھلىنىڭ ئاغزىدا قالغىدەك يازغانلىرى ئاز. بىز پەقەت شۇلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغىنىنىلا بىلىمىز. لۇتفىنىڭ فارىسچە شىئېرلىرى ئەگەر راستىنلا ئېسىل بولۇپ فارىسلارنى قايىل قىلالىغان بولسا فارىس ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتلاردا، فارىس ئەدەبىيات تارىخىدا نامى قالغان بولاتتى. بەلكىم يازغىلى بولىدۇ، دېگەنگە فارابى مىسال قىلىنىشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى، بىز فارابىنىڭ زادى قايسى دەۋرىدە ئەرەبچە ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز، شۇنى بىلىمىزكى فارابىنىڭ نامى مەزكۇر زات قالدۇرغان تۈرلۈك پەنگە دائىر ئەسەرلەردە. بۇ زاتنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. بىزنىڭ ئەرەب-فارىسچە يازغان ئەدىپلىرىمىز بولغان بىلەن، ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى، فارىس ئەدەبىيات تارىخى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلاردا ياكى شۇ ئەدەبىياتلارغا دائىر تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمايمىز. Q>/C*@ بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىز دەۋرداشلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇئەيەنلەشتۈرۈلمىگەن، مەسىلەن، نەۋايىنىڭ فارىسچە شىئېرلىرىنى بۈيۈك ئەجداد بابۇر "تولىمۇ سۇس يېزىپتۇ" دەپ باھا بەرگەنىكەن. z74in8] ئەمەلىيەتتە شىئېر تەرجىمىسنىڭ تەرس بولۇشىدىكى سىرمۇ مەن يازمىدا يازغاندەك. تەرجىمىدە شىئېرنىڭ مەزمۇنىنى چىقارغىلى بولغان بىلەن رېتىمنى چىقارغىلى بولمايدۇ. مەزمۇننى مەزمۇن بىلەن چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما يات تىلدىكى رېتىمنى ئۆز تىلدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى بىر تىلدىكى ناخشىغا يەنە بىر تىلدا تېكىست سالسا چۈشمىگەندەكلا ئىش. `9)t[7 بۇ يازمىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي يات تىلغا قارىتىلغان، ئۇيغۇر قازاقچە، ئۆزبېك تاتارچە شىئېر يازسا گەپ يوق ئۇتۇق قازىنىدۇ، چۈنكى قېرىنداش تىللاردا رېتىم ئورتاقىلىقى بار. بۇ تىللاردىن شىېئىرلارنى تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس ئەمەس. Mr?Xp(.}G بەزىلەر تىرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەخمەتجان ئوسمان ئەرەب ئەدەبىياتىنى تاڭ قالدۇردى... دېدى. مەن ئۇلاردىن بۈگۈنكى ئەرەب شىئېرىيىتى دېگەندەك تەتقىقات كىتابلىرىغا قاراپ باقسىكەن دەيمەن. ئەگەر شۇنداق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلاردا شۇنداق دېيىلگەن بولسا بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باققساق بولىدۇ. شۇنداق ئىمكانىيەت بولسا تېخى ياخشى. بەزىلەر ھەممە ئىشنى تىرىشسا قىلغىلى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممە ئىشنى تىرىشسىلا قىلغىلى بولىدۇ دېگەنگە بۇرۇن مەنمۇ ئىشىنەتتىم، ئەمما يۇقارقىدەك رىياللىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەگەر ياشلىق دەۋرىمىزدە تىل ئۆگەنگەن بولساق، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ كالىمىزدىكى بىر ئورۇنغا پاراللىل ۋە يېقىن ئورۇنلاشمىغان ئىككى تىلنى ئوخشاش راۋانلىقتا قوزغىتالمايدىكەنمىز. تىلدىكى باشقا ئامىلنى ئۆگىنىۋالغىلى بولغان بىلەن رېتىمنى تولۇق سىڭدۈرىۋالماق ۋە ئۇنى سۆزلەۋاتقان تىلغا يۇغۇرماق مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ. q6_u@:3u توغرا ئۇيغۇر شائىرلىرى مىڭ يىلغا يېقىن ئەرەبچە شىئېر يېزىش ئەئەنىسىگە ئېگە.(فارابىدىن تەجەللى، ئابدۇقادىر دامۇللامغىچە) بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئوچۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ رېتىمى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇرئان ۋاستىسىدە تولىمۇ تونۇش، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب شىئېرىيىتىدىكى رېتىمنى ئۆزلەشتۈرىشىگە قولايلىق ياراتقان ئامىل. مەسىلەن، قىرائەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قارى ئەگەر ئەرەب تىلىنى بىلمىسە ئۇنىڭ ئوڭ مىڭىسىلا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ، چۈنكى ئوڭ مىڭە مۇزىكا، رەسىم، شەكىل ئاۋاز قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. قارىلار مۇنداق قارىسىغا يادىلاپ بەرسە تىلدىكى رېتىمنى ئېگىلەشكە پايدىلىق. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچىنى قۇرئاننى يادلىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆگەتكىنىمۇ خاتا ئەمەس، بەلكى ئىسپاتلىمىغان ئىلمىيلىك. بۇنداق بولغاندا تىلنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بۇ مىسالدا مىسالغا ئالغىنىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك بىزگە ئەرەبچىنىڭ رېتىمى قۇرئان ۋاستىسى بىلەن تونۇشلۇق، بىر قەدەر ئۆزلىشەرلىك شۇڭا بىزگە ئارۇز شىئېرىيىتى ئاسان سىڭگەن. ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەرەب-فارىسچە شىئېر يازالىغانلىقى رېتىم ئورتاقلىقىدىن بولغان. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار ئەرەبچىدىكى رېتىمنى تولۇق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن. پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېقىنلىشىدىغان رېتىمنى قوبۇل قىلالىغان. شۇڭا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەممە تۈرى بىزدە يوق، پەقەت بىر قىسىم تۈرىلا مەۋجۇد. ئۇيغۇرلارنىڭ فارىسچە شىئېر يازغانلىقمۇ ئارۇز سەۋەبلىك ئىككى تىلدا بارلىققا كەگەن رېتىم ئورتاقلىقى، مەدەنىيەتتىكى يېقىنلىق سەۋەبلىك كىچىكىدىن ئىككى تىلغا تەڭ پىشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، فارىس شىئېرىيىتىنىڭ ياراتقان پەللىسى قاتارلىق ئامىللار موھىم رول ئوينىغان. ئەمما بىز يۇقاردا توختالغاندەك ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى شۇ مىللەت شىئېرىيىتى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. ھازىر ئارىمىزدا بولۇۋاتقان ئادىل تۇنىيازنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىپ غالىپ بولغىنى ھەققىدىكى پاراڭلارنى توغرا چۈشنىمەن، مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن لېكىن، شىئېرىيەتتە بىر پارچىلا يات تىلدىكى شىئېر بىلەن يات تىلدا شىئېر يازالايدىغانلىقى بىلگىلى بولىدۇ، ئەمما مەشھۇر بولغانلىقىغا بىر پارچە يېتەرسىز . بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختالماي. Q2zjZC*'% ياشلىق دەۋرىدە يات تىل ئۆگەنگەن ئادەمگە يات تىلدىكى شىئېرنى يازماق تەرسلا ئەمەس، ئوقۇپ ھوزۇر ئالماقمۇ تەرس. سەۋەبىي يۇمتالدا ئەمەس قاتتالدا. ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرەلمىگەن رېتىمنى ئوقۇپ ھىس قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا يات تىلدا ئۇتۇقلۇق شىئېر يازماقمۇ، يات تىلدىكى شىئېردىن ھوزۇر ئالماقمۇ ۋە شۇنى رېتىمى بىلەن تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس، بۇنى بىزنىڭ مىڭىمىزدىكى تىلغا مەسئۇل بۆلەكنىڭ خىزمىتى بەلگىلىگەن. \"CZI<=TB 2WtRJi?b| مەنبە؛ گۈلەن |
|