ozqan |
2012-03-13 22:57 |
تەۋپىق ئىنىم : جاپا چېكىپسىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت ، سىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىڭىز نەتىجىسىدە توربەتنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيەسىمۇ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتىدۇ . ۋاقتى قىس ، ئىشىلىرى كۆپ بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن بۇ قانالنىڭ بارلىققا كەلگىنى تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بوپتۇ ، ئشىلارنىڭ ئاددىيلىشىشى ، قولايلىقلىشىىش ، ئاسانلىشىشى ، تېزلىشىشى ھەممىمىزنىڭ مىنەتدارلىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ ، ئەمما ، تور بەتمۇ مۇھىم ، تەرەقىياتمۇ تەخىرسىز . شۇنداقتىمۇ سالامەتلىك ئەڭ مۇھىم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . ناتىۋان ئىنىم ، سىزگىمۇ كۆپ رەخمەت ، سىزنىڭ تەۋپىق ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز . ياشلىق قىزغىنلىقىڭىزنىڭ ، تەۋپىق مۇنبىرىگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ لاۋۇلدىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن . ھارمىغايسىىز .. |
|