tursun |
2012-03-12 19:00 |
«قاپىيەۋى ھېكايە» توغرىسىدا
«قاپىيەۋى ھېكايە» توغرىسىدا L {6y]t7^ $z!o&3c'x ئۆمەرجان ئوبۇل تارام -'FzH?q: T-)Ur/qp
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئالدى بىلەن سىلەرگە سالام !!! N#-P}\Q9 @'.(62v شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى (پەيشەنبە) چىقىرىلغان سانىنى بەلكىم كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەگەر شۇ كۈنىدىكى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مەن تېلغا ئېلىۋاتقان بۇ ساننى كۆرگەن بولساڭلار، مېنىڭچە ئەدەبىياتتىن ئازراق خەۋىرى بار ھەم قىزىقىدىغان ئادەم بولسىلا، بۇ گېزىتنىڭ 4 - بېتىگە بېسىلغان «گۇناھ» ناملىق «قاپىيەۋى ھىكايە» نى كۆرۈشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنىم، بۇ سان گېزىتكە مۇشۇنداق ماۋزۇدا يېڭى بىر ژانىر نامى بىلەن بىر پارچە يازما بېسىلغان. Ux~rBv'' )1%l$W ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «ژانىر» مۇشۇنداق بىرەر پارچە باشقىچىرەك يازما بىلەنلا يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغان نەرسىمۇ؟ PpPg ~ix* pei-R ئەينى ۋاقىتتىكى «رومان» ژانىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن ئازراق خەۋىرى بارلار بەلكىم يېڭى ژانىر بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئىشمۇ ئەمەسلىكىنى ئاسانلا چۈشىنىشى مۇمكىن. ئەينى ۋاقىتتا «رومان» مۇ مۇشۇ خىل شەكىلدىكى خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلىپ، كىشىلەر بۇ خىل ئەسەرلەرنى يېڭى بىر خىل ژانىر سۈپتىدە ئىتراپ قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تالاش – تارتىشلار ئارقىسىدا ئاندىن ئىتراپ قىلىنغان. uFDJRQJ< yUF ئەمدى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھىكايىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىدا «ۋايىزلىق ئەدەبىياتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ژانىرمۇ بار، مانا بۇ ژانىرمۇ مۇشۇ خىل ژانىر شەكلى بىلەن يېزىلىدىغان ئەسەرلەردىكى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭدارلىقى، قاپىيەۋىلىكى قاتارلىقلاردا خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە «ئىپىك شېئىر» دەيدىغان بىرخىل شەكىلمۇ بار. لېكىن بۇ يازما بۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىغا ئوخشىمايدۇ، مانا بۇ جەھەتتىن ئۇ بىر ئاز يېڭىلىقتەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن يەنە ئازراق چوڭقۇرلاپ ئويلاپ باقىدىغان بولساق، ژانىر ــــ بارلىققا كەلمەكچى بولغان شۇ خىل شەكىلدە خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلىپ، بىر قەدەر زور تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە، ئاندىن شۇ خىل شەكىلدىكى ئەسەرلەرنى يېڭى ژانىر نامى بىلەن ئاتىسا بۇ بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. 3 8>?Z]V _&TA|Da بۇنداق بىرەر پارچە ئىپىك شېئىرغا ئوخشايدىغان يازمىنىڭ مىسرالىرىنى قۇرنىڭ توشمىغان يېرىگە ئۇلاپ يېزىپ قويغانغا يېڭىدىن ژانىر بارلىققا كەلتۈرگىلى تۇرساق، مەلۇم بىر شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى بىر خەت، ئىككىنچى مىسراسىنى ئىككى خەت، ئۈچىنچى مىسراسىنى ئۈچ خەت قىلىپ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە خەت سانىنى كۆپەيتىپ بىرەر پارچە شېئىر يېزىپ، بۇنى «مۇنارسىمان شېئىر» دەپ «يېڭى ژانىر» دا ئاتىغىلى تۇرىدىغان ئىشلار چىقارمىكىن. ئۇنداق ئەخلەت ژانىرلارنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەقىقىي ئالقىشىغا ئېرىشىدىغان بىرەر پارچە ئەسەر بولمىسا بۇ قانداق بولىدۇ؟ ) -+u8# XK[cbVu مېنىڭچە يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىدىغانلار بۇنداق يېڭىلىق بىلەن نام چىقىرىشنى ئويلايدىغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئاشۇنداق يېڭى ژانىر بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئىشلەتكەن كاللىسىنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ياراتقان ژانىرلاردا ئوقۇرمەنلەرگە تېتىغۇدەك بىرەر پارچە ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتسە ياخشىراق بولامدىكىن دەيمەن. L~_3BX ezRhSN? ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىم ۋە بىلىمىم ئۇنچە بەك ئالاھىدە چوڭقۇر بولمىسىمۇ، پەقەت شەخسىي كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم، بەلكىم بەزىلەر يۇقىرىقى يازمىرىلىمنى ئۇقۇپ، مېنى بۇ يېڭىلىقنى قوللىماقتا يۇق، قارشى تۇرۇشقا بولمايدۇ، ئۇنى قوللاش كېرەك، دەپ ئەيىپلىشى مۇمكىن. مېنىڭ مەقسىتىم ئۇنى تۇخمىدىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىش ئەمەس، بەلكى يېڭى ژانىر بارلىققا كەلتۈردۇق دەپ ئەدەبىيات ساھەسىنى ئەخلەت قىلىشتىن ساقلانساق بولامدۇ قانداق؟ دېمەكچى!!! !|hxr#q=4 BsV2Q`(gT ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ گېزىتىنىڭ رايونىمىزدىكى تەسىرى خېلى زور، شۇنداقلا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ يەرلىكتىكى باشقا تاراتقۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنى يىتەكلەش رولىمۇ بار، بۇ يازما تېخى شىنجاڭ گېزىتىدەك تەسىرى چوڭ نەشىرى ئەپكاردا تۇنجى قېتىم كۆرۈنسە، شىنجاڭ گېزىتىنى تۇترۇقسىز كۆرسىتىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئەخلەت ژانىر باشقا يەرلىك نەشىرى ئەپكارلارنىمۇ قالايمىقان قىلىۋەتمەمدۇ؟ 0d!1;jy,T T#'+w@Q9{9
|
|